< イザヤ書 36 >

1 ヒゼキヤ王の十四年にアツスリヤの王セナケリブ上りきたりてユダのもろもろの堅固なる邑をせめとれり
ھەزەكىيانىڭ ئون تۆتىنچى يىلى شۇنداق بولدىكى، ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب يەھۇدانىڭ بارلىق قەلئە-قورغانلىق شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلدى.
2 アツスリヤ王ラキシよりラブシヤケをヱルサレムに遣はし大軍をひきゐてヒゼキヤ王のもとに往しむ ラブシヤケ漂工の野のおほぢの傍なる上の池の樋にそひてたてり
ئاندىن ئاسۇرىيە پادىشاھى «راب-شاكەھ» [دېگەن سەردارنى] چوڭ بىر قوشۇن بىلەن لاقىش شەھىرىدىن يېرۇسالېمغا ئەۋەتتى. ئۇ كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولدا، يۇقىرى كۆلچەكنىڭ نورىنىڭ بېشىغا كېلىپ تۇردى.
3 この時ヒゼキヤの子なる家司エリアキム 書記セブナ、アサフの子なる史官ヨア出てこれを迎ふ
شۇنىڭ بىلەن ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردىنىڭ دىۋانبېگى بولغان شەبنا ۋە ئاسافنىڭ ئوغلى، ئوردا مىرزىبېگى بولغان يوئاھلار ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى
4 ラブシヤケかれらにいひけるは なんぢら今ヒゼキヤにいへ大王アツスリヤの王かくいへり なんぢの恃とするその恃むところは何なるか
ۋە راب-شاكەھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ سىلەر ھەزەكىياغا: ــ «ئۇلۇغ پادىشاھ، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھى ساڭا مۇنداق دېدى، دەڭلار: ــ «سېنىڭ مۇشۇ ئىشەنگەن تايانچىڭ زادى نېمىتى؟ سەن: (ئۇ پەقەت گەپلا، خالاس!) ــ «ئۇرۇش قىلىش تەدبىر-مەسلىھىتىمىز ھەم كۈچىمىز بار» ــ دەيسەن؛ سەن زادى كىمگە تايىنىپ ماڭا قارشى ئۆكتە قوپىسەن؟
5 我いふ なんぢが説ところの軍のはかりごととその能力とはただ口唇のことばのみ 今なんぢ誰によりたのみて我にさかふことをなすや
6 視よなんぢエジプトに依賴めり これ傷める葦の杖によりたのめるがごとし もし人これに倚もたれなばその手をつきさされん エジプト王パロがすべて己によりたのむものに對するは斯のごとし
مانا، سەن يېرىقى بار ئاشۇ قومۇش ھاسا، يەنى مىسىرغا تايىنىسەن! بىرسى ئۇنىڭغا يۆلەنسە، ئۇنىڭ قولىغا سانجىپ كىرىدۇ؛ مانا مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولىدۇ!
7 汝われらはわれらの神ヱホバに依賴めりと我にいはんかそは曩にヒゼキヤが高きところと祭壇とをみな取去てユダとヱルサレムとにむかひ汝等ここなる一つの祭壇のまへにて拜すべしといへる夫ならずや
ئەگەر سەن ماڭا: «بىز خۇدايىمىز بولغان پەرۋەردىگارغا تايىنىمىز» ــ دېسەڭ، ھەزەكىيا ئۆزى يەھۇدادىكىلەرگە ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە: «سىلەر پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتگاھ ئالدىدىلا پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشىڭلار كېرەك» دەپ، شۇ [پەرۋەردىگارغا] ئاتالغان «يۇقىرى جايلار»نى ھەم قۇربانگاھلارنى يوق قىلىۋەتتىغۇ؟ ئۇلار ئاشۇ پەرۋەردىگارنىڭ يۇقىرى جايلىرى ئەمەسمىدى؟
8 いま請わが君アツスリヤ王に賭をせよ われ汝に二千の馬を與ふべければ汝よりこれに乗ものをいだせ 果して出しうべしや
ئەمدى خوجام ئاسۇرىيە پادىشاھى بىلەن بىر توختامغا كەل: ــ «ئەگەر سەندە ئاتقا مىنەلىگۈدەك ئەسكەرلىرىڭ بولسا، مەن ساڭا ئىككى مىڭ ئاتنى بىكارغا بېرەي!»
9 然ばいかで我君のいとちひさき僕の長一人をだに退くることを得んや なんぞエジプトによりたのみて戰車と騎兵とをえんとするや
سەندە ئۇنداقلار بولمىسا، خوجامنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغان بىر لەشكەر بېشىنى قانداقمۇ چېكىندۈرەلەيسىلەر؟! سەن جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلارنى ئېلىش ئۈچۈن مىسىرغا تايىنىسەن تېخى!
10 いま我のぼりきたりてこの國をせめほろぼすはヱホバの旨にあらざるべけんや ヱホバわれにいひたまはく のぼりゆきてこの國をせめぼろぼせと
مەن ئەمدى مۇشۇ زېمىننى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارسىز كەلدىممۇ؟ پەرۋەردىگار دەرۋەقە ماڭا: «مۇشۇ زېمىننى ھالاك قىلىشقا چىققىن!» ــ دېدى!»»
11 爰にエリアキムとセブナとヨアと共にラブシヤケにいひけるは請スリアの方言にて僕輩にかたれ我儕これをさとりうるなり石垣のうへなる民のきくところにてはユダヤの方言をもてわれらに語るなかれ
ئېلىئاكىم، شەبنا ۋە يوئاھ راب-شاكەھگە: ــ «پېقىرلىرىغا ئارامىي تىلىدا سۆزلىسىلە؛ بىز بۇنى چۈشىنىمىز. بىزگە ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىمىسىلە، گەپلىرى سېپىلدا تۇرغانلارنىڭ قۇلىقىغا كىرمىسۇن!» ــ دېدى.
12 ラブシヤケいひけるは わが君はこれらのことをなんぢの君となんぢとにのみ語らんために我をつかはししならんや なんぢらと共におのが糞をくらひおのが溺をのまんとする石垣のうへに坐する人々にも我をつかはししならずや
بىراق راب-شاكەھ: ــ «خوجام مېنى مۇشۇ گەپنى خوجاڭلارغا ۋە سىلەرگىلا ئېيتىشقا ئەۋەتكەنمۇ؟ مۇشۇ گەپنى سىلەر بىلەن بىرلىكتە سېپىلدا ئولتۇرغانلارغا دېيىشكە ئەۋەتكەن ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇلار سىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆز پوقىنى يېگۈچى ھەم ئۆز سۈيدۈكىنى ئىچكۈچى بولىدۇ!» ــ دېدى.
13 斯てラブシヤケたちてユダヤの方言もて大聲によばはりいひけるは なんぢら大王アツスリヤ王のことばをきくべし
ئاندىن راب-شاكەھ ئىبرانىي تىلىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ «ئۇلۇغ پادىشاھ، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار!» ــ دەپ ۋارقىرىدى.
14 王かくのたまへり なんぢらヒゼキヤに惑はさるるなかれ 彼なんぢらを救ふことあたはず
«پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھەزەكىيا سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن! چۈنكى ئۇ سىلەرنى قۇتقۇزالمايدۇ.
15 ヒゼキヤがなんぢらをヱホバに賴しめんとする言にしたがふなかれ 彼いへらく ヱホバかならず我儕をすくひこの邑はアツスリヤ王の手にわたさるることなしと
ئۇنىڭ سىلەرنى: ــ «پەرۋەردىگار بىزنى جەزمەن قۇتقۇزىدۇ؛ مۇشۇ شەھەر ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەيدۇ» دەپ پەرۋەردىگارغا تاياندۇرۇشىغا يول قويماڭلار!».
16 ヒゼキヤに聽從ふなかれ アツスリヤ王かくのたまへり なんぢらわれと親和をなし出できたりて我にくだれ おのおのその葡萄とその無花果とをくらひ かのおのその井の水をのむことを得べし
ھەزەكىياغا قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئاسۇرىيە پادىشاھى مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن بىلەن سۈلھىلىشىپ، مەن تەرەپكە ئۆتۈڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئۈزۈم بارىڭىدىن ھەم ئۆزۈڭلارنىڭ ئەنجۈر دەرىخىدىن مېۋە يەيسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۆز سۇ كۆلچىكىڭلاردىن سۇ ئىچىسىلەر؛
17 遂には我きたりて汝等をほかの國にたづさへゆかん その國はなんぢの國のごとき國にして 穀物 ぶだう酒 パンおよび葡萄園あり
تا مەن كېلىپ سىلەرنى بۇغدايلىق ھەم شارابلىق بىر زېمىنغا، نېنى بار ھەم ئۈزۈمزارلىرى بار بىر زېمىنغا، ــ زېمىنىڭلارغا ئوخشاش بىر زېمىنغا ئاپىرىپ قويغۇچە يەپ-ئىچىۋېرىڭلار!
18 おそらくはをヒゼキヤなんぢらに説てヱホバわれらを救ふべしといはん 然どももろもろの國の神等のなかにその國をアツスリヤ王の手より救へる者ありしや
ھەزەكىيانىڭ سىلەرگە: ــ «پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ» دەپ ئىشەندۈرۈشىگە يول قويماڭلار! ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىنىڭ بىرى ئۆز زېمىنىنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانمۇ؟
19 ハマテ、アルバデの神等いづこにありや セバルワイムの神等いづこにありや 又わが手よりサマリヤを救出しし神ありや
خامات ۋە ئارپاد دېگەن يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قېنى؟ سەفارۋائىم شەھىرىنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قېنى؟ ئۇلار سامارىيەنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزغانمۇ؟!
20 これらの國のもろもろの神のなかに誰かその國をわが手よりすくひいだしし者ありや さればヱホバも何でわが手よりヱルサレムを救ひいだし得んと
مۇشۇ ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىدىن ئۆز زېمىنىنى قۇتقۇزغان زادى كىم بار؟ شۇنداق ئىكەن، پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟»».
21 如此ありければ民は默して一言をもこたへざりき そは之にこたふるなかれとの王のおほせありつればなり
ئاڭلىغۇچىلار سۈكۈت قىلىپ ئۇنىڭغا جاۋابەن ھېچقانداق بىر سۆز قىلمىدى؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى شۇكى: ــ «ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەڭلار».
22 そのときヒルキヤの子なる家司エリアキム書記セブナおよびアサフの子なる史官ヨアころもを裂てヒゼキヤにゆき之にラブシヤケの言をつげたり
ئاندىن ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردا دىۋانبېگى شەبنا ۋە ئاسافنىڭ ئوغلى، ئوردا مىرزىبېگى يوئاھلار كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتىشىپ، ھەزەكىيانىڭ يېنىغا كېلىپ، راب-شاكەھنىڭ گەپلىرىنى ئۇنىڭغا ئۇقتۇردى.

< イザヤ書 36 >