< 創世記 40 >

1 これらの事の後エジプト王の酒人と膳夫その主エジプト王に罪ををかす
بۇ ئىشلاردىن كېيىن مىسىر پادىشاھىنىڭ ساقىيسى ۋە باش ناۋىيى مىسىر پادىشاھىنىڭ زىتىغا تېگىپ گۇناھكار بولۇپ قالدى.
2 パロその二人の臣すなはち酒人の長と膳夫の長を怒りて
شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن ئۇنىڭ بۇ ئىككى مەنسەپدارىغا، يەنى باش ساقىي ۋە باش ناۋايغا غەزەپلىنىپ،
3 之を侍衞の長の家の中なる獄に幽囚ふヨセフが繋れをる所なり
ئۇلارنى پاسىبان بېشىنىڭ سارىيىغا، يۈسۈپ سولاقلىق مۇنارلىق زىندانغا سولاپ قويدى.
4 侍衞の長ヨセフをして彼等の側に侍しめたればヨセフ之につかふ彼等幽囚れて日を經たり
پاسىبان بېشى يۈسۈپنى ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ئۇلارنى كۈتۈشكە تەيىنلىدى. ئۇلار سولاقتا بىرنەچچە كۈن يېتىپ قالدى.
5 茲に獄に繋れたるエジプト王の酒人と膳夫の二人ともに一夜の中に各夢を見たりその夢はおのおんおのその解明にかなふ
ئۇلار ئىككىسى ــ مىسىر پادىشاھىنىڭ ساقىيسى ۋە ناۋىيى گۇندىخانىدا سولاقلىق تۇرغان بىر كېچىدە چۈش كۆردى. ھەربىرىنىڭ چۈشىنىڭ ئۆزىگە خاس تەبىرى بار ئىدى.
6 ヨセフ朝に及びて彼等の所に入て視るに彼等物憂に見ゆ
ئەتىسى ئەتىگەندە، يۈسۈپ ئۇلارنىڭ قېشىغا كىرىۋىدى، ئۇلارنىڭ غەمكىن ئولتۇرغىنىنى كۆردى؛
7 是に於てヨセフその主人の家に己とともに幽囚をるパロの臣に問て汝等なにゆゑに今日は顏色あやしきやといふに
شۇڭا ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە خوجىسىنىڭ سارىيىدا سولاقلىق ياتقان پىرەۋننىڭ بۇ ئىككى مەنسەپدارىدىن: ــ نېمىشقا چىرايىڭلار بۈگۈن شۇنچە سولغۇن؟ ــ دەپ سورىدى.
8 彼等これにいふ我等夢を見たれど之を解く者なしとヨセフ彼等にいひけるは解く事は神によるにあらずや請ふ我に述よ
ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئىككىمىز بىر چۈش كۆردۇق؛ ئەمما چۈشىمىزنىڭ تەبىرىنى يېشىپ بېرىدىغان كىشى يوق، دېدى. يۈسۈپ ئۇلارغا: ــ چۈشكە تەبىر بېرىش خۇدادىن بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ چۈشۈڭلارنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار، ــ دېدى.
9 酒人の長その夢をヨセフに述て之にいふ我夢の中に見しにわが前に一の葡萄樹あり
بۇنىڭ بىلەن باش ساقىي يۈسۈپكە چۈشىنى ئېيتىپ: ــ چۈشۈمدە ئالدىمدا بىر ئۈزۈم تېلى تۇرغۇدەك؛
10 その樹に三の枝あり芽いで花ひらきて葡萄なり球をなして熟たるがごとくなりき
بۇ ئۈزۈم تېلىنىڭ ئۈچ شېخى بار ئىكەن. ئۇ بىخ ئۇرۇپ چېچەكلەپ، ساپلىرىدا ئۇزۇم پىشىپ كېتىپتۇدەك؛
11 時にパロの爵わが手にあり我葡萄を摘てこれをパロの爵に搾りその爵をパロの手に奉たり
پىرەۋننىڭ قەدەھى قولۇمدا ئىكەن؛ مەن ئۈزۈملەرنى ئېلىپ پىرەۋننىڭ قەدەھىگە سىقىپ، قەدەھنى ئۇنىڭ قولىغا سۇنۇپتىمەن، دېدى.
12 ヨセフ彼にいひけるはその解明は是のごとし三の枝は三日なり
يۈسۈپ ئۇنىڭغا جاۋابەن: چۈشنىڭ تەبىرى شۇدۇركى، بۇ ئۈچ شاخ ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ.
13 今より三日の中にパロなんぢの首を擧げ汝を故の所にかへさん汝は曩に酒人たりし時になせし如くパロの爵をその手に奉ぐるにいたらん
ئۈچ كۈن ئىچىدە پىرەۋن قەددىڭنى رۇسلىتىپ، سېنى مەنسىپىڭگە قايتىدىن تەيىنلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن سەن بۇرۇن ئۇنىڭغا ساقىي بولغاندەك پىرەۋننىڭ قەدەھىنى ئۇنىڭ قولىغا سۇنىدىغان بولىسەن.
14 然ば請ふ汝善ならん時に我をおもひて我に恩惠をほどこし吾事をパロにのべてこの家よりわれを出せ
لېكىن ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولغاندا مېنى يادىڭغا يەتكۈزۈپ، ماڭا شاپائەت كۆرسىتىپ پىرەۋننىڭ ئالدىدا مېنىڭ توغرامدا گەپ قىلىپ، مېنى بۇ ئۆيدىن چىقارتقايسەن.
15 我はまことにヘブル人の地より掠れ來しものなればなりまた此にても我は牢にいれらるるがごとき事はなさざりしなり
چۈنكى مەن ھەقىقەتەن ئىبرانىيلارنىڭ زېمىنىدىن ناھەق تۇتۇپ ئېلىپ كېلىندىم؛ بۇ يەردىمۇ مېنى زىندانغا سالغۇدەك بىر ئىش قىلمىدىم، ــ دېدى.
16 茲に膳夫の長その解明の善りしを見てヨセフにいふ我も夢を得て見たるに白きパン三筐わが首にありて
باش ناۋاي يۈسۈپنىڭ شۇنداق ياخشى تەبىر بەرگىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ مەنمۇ ئۆزۈمنى چۈشۈمدە كۆردۈم؛ مانا، بېشىمدا ئاق نان بار ئۈچ سېۋەت بار ئىكەن.
17 その上の筐には膳夫がパロのために作りたる各種の饌ありしが鳥わが首の筐の中より之をくらへり
ئەڭ ئۈستۈنكى سېۋەتتە ناۋايلار پىرەۋنگە پىشۇرغان ھەرخىل نازۇنېمەتلەر بار ئىكەن؛ لېكىن قۇشلار بېشىمدىكى ئۇ سېۋەتتىكى نەرسىلەرنى يەپ كېتىپتۇدەك، ــ دېدى.
18 ヨセフこたへていひけるはその解明はかくのごとし三の筐は三日なり
يۈسۈپ جاۋابەن: ــ چۈشنىڭ تەبىرى شۇدۇركى: ــ بۇ ئۈچ سېۋەت ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ.
19 今より三日の中にパロ汝の首を擧はなして汝を木に懸んしかして鳥汝の肉をくらひとるべしと
ئۈچ كۈن ئىچىدە پىرەۋن سېنىڭ بېشىڭنى كېسىپ، جەسىتىڭنى دەرەخكە ئاسىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇچارقاناتلار كېلىپ گۆشۈڭنى يەيدىكەن، ــ دېدى.
20 第三日はパロの誕辰なればパロその諸の臣僕に筵席をなし酒人の長と膳夫の長をして首をその臣僕の中に擧しむ
ئۈچىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، پىرەۋننىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاچقا، ئۇ ھەممە خىزمەتكارلىرى ئۈچۈن بىر زىياپەت قىلىپ بەردى، شۇنداقلا دەرۋەقە خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدا باش ساقىينىڭ بېشىنى كۆتۈردى ۋە باش ناۋاينىڭ بېشىنى ئالدى؛
21 即ちパロ酒人の長をその職にかへしければ彼爵をパロの手に奉たり
ئۇ باش ساقىينى قايتىدىن ئۆز مەنسىپىگە تەيىنلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ پىرەۋننىڭ قەدەھىنى ئۇنىڭ قولىغا قايتىدىن سۇنىدىغان بولدى.
22 されど膳夫の長は木に懸らるヨセフの彼等に解明せるがごとし
لېكىن باش ناۋاينى بولسا يۈسۈپ ئۇلارغا تەبىر بەرگەندەك ئېسىۋەتتى.
23 然るに酒人の長ヨセフをおぼえずして之を忘れたり
ئەمما باش ساقىي يۈسۈپنى ھېچ ئەسلىمەي، ئەكسىچە ئۇنى ئۇنتۇپ قالدى.

< 創世記 40 >