< エゼキエル書 7 >

1 ヱホバの言また我にのぞみて言ふ
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
2 汝人の子よ主ヱホバかくいふイスラエルの地の末期いたる此國の四方の境の末期來れり
«سەن ئاڭلا، ئى ئىنسان ئوغلى، رەب پەرۋەردىگار ئىسرائىل زېمىنىغا مۇنداق دېدى: خاتىمە! زېمىننىڭ تۆت بۇلۇڭىغا خاتىمە بېرىلىدۇ!
3 今汝の末期いたる我わが忿怒を汝に洩らし汝の行にしたがひて汝を鞫き汝の諸の憎むべき物のために汝を罰せん
ساڭا ھازىر خاتىمە بېرىلىدۇ! ئۆز غەزىپىمنى بېشىڭغا چۈشۈرىمەن، ئۆز يوللىرىڭ بويىچە ئۈستۈڭگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالاپ، ئۆزۈڭنىڭ بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭنى ئۆز بېشىڭغا ياندۇرىمەن.
4 わが目は汝を惜み見ず我なんぢを憫まず汝の行の爲に汝を罰せん汝のなせし憎むべき事の報汝の中にあるべし是によりて汝等はわがヱホバなるを知らん
مېنىڭ كۆزۈم ساڭا رەھىم قىلمايدۇ ھەم ئىچىمنىمۇ ساڭا ئاغرىتمايمەن؛ ئەكسىچە ئۆز يوللىرىڭنى بېشىڭغا ياندۇرىمەن، ئۆز يىرگىنچلىكلىرىڭ ئۆز ئاراڭدا بولىدۇ؛ ئاندىن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر».
5 主ヱホバかくいひ給ふ視よ災禍あり非常災禍きたる
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «بالايىئاپەت! ھېچ بولۇپ باقمىغان بالايىئاپەت كېلىدۇ! مانا، ئۇ كەلدى!
6 末期きたる其末期きたる是起りて汝に臨む視よ來る
خاتىمە، خاتىمە! ئۇ ساڭا قارشى قوزغالدى! مانا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ!
7 此地の人よ汝の命數いたる時いたる日ちかし山々には擾亂のみありて喜樂の聲なし
ھالاكەت يېنىڭغا كەلدى، ئى زېمىندا تۇرغۇچى؛ ۋاقىت-سائىتى توشتى، ئاشۇ كۈن يېقىنلاشتى؛ خۇشاللىق ۋارقىراشلىرى ئەمەس، بەلكى داۋالغۇلۇق بىر قىيقاس-سۈرەن تاغلاردا ئاڭلىنىدۇ.
8 今我すみやかに吾憤恨を汝に蒙らせわが怒氣を汝に洩しつくし汝の行爲にしたがひて汝を鞫き汝の諸の憎むべきところの事のために汝を罰せん
مەن تېزلا قەھرىمنى ئۈستۈڭگە تۆكۈپ، ساڭا قاراتقان غەزىپىم بىلەن پىغاندىن چىقىمەن؛ مەن ئۆز يوللىرىڭ بويىچە ئۈستۈڭگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالاپ، ئۆزۈڭنىڭ بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭنى بېشىڭغا قايتۇرۇپ چۈشۈرىمەن.
9 わが目は汝を惜み見ず我汝をあはれまず汝の行のために汝を罰せん汝の爲し憎むべき事の果報汝の中にあるべし是によりて汝等は我ヱホバの汝を撃なるを知ん
مېنىڭ كۆزۈم ساڭا رەھىم قىلمايدۇ ھەم ئىچىمنىمۇ ساڭا ئاغرىتمايمەن؛ مەن ئۆز يوللىرىڭنى بېشىڭغا ياندۇرىمەن، ۋە ئۆز يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭ ئۆز ئاراڭغا چۈشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۇرغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر.
10 視よ日きたる視よ來れり命數いたりのぞむ杖花咲き驕傲茁す
مانا، ئاشۇ كۈن! مانا ئۇ كەلدى! ھالاكەت چىقىپ يۈرىۋاتىدۇ! ــ تاياق بىخلاندى، ھاكاۋۇرلۇق چېچەكلىدى!
11 暴逆おこりて惡の杖と成る彼等もその群衆もその驕奢も皆失んかれらの中には何も殘る者なきにいたるべし
زوراۋانلىق يېتىلىپ رەزىللىك تايىقى بولۇپ چىقتى؛ ئۇلارنىڭكىدىن ھېچنەرسە قالمايدۇ ــ ئۇلارنىڭ ئادەملەر توپىدىن، دۆلەت-بايلىقلىرىدىن ياكى ھەيۋىسىدىن ھېچنېمە قالمايدۇ.
12 時きたる日ちかづけり買者は喜ぶなかれ賣者は思ひわづらふなかれ怒その群衆におよぶべければなり
ۋاقىت-سائىتى كەلدى، كۈنى يېقىنلاشتى؛ ئالغۇچى خۇشال بولۇپ كەتمىسۇن، ساتقۇچى ماتەم تۇتمىسۇن؛ چۈنكى قاتتىق غەزەپ مۇشۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ.
13 賣者は假令その生命ながらふるともその賣たる者に歸ることあたはじ此地の全の群衆をさすところの預言は廢らざるべければなり其惡の中にありて生命を全うする者なかるべし
چۈنكى گەرچە ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى تىرىك قالسىمۇ، ساتقۇچى ئۆزى سېتىۋەتكىنىگە قايتىدىن ئىگە بولمايدۇ؛ چۈنكى بۇ توپ كىشىلەر توغرۇلۇق كۆرۈنگەن بېشارەت ئىناۋەتسىز بولمايدۇ؛ ئۇلاردىن ھېچقايسىسى قەبىھلىكى بىلەن ئۆز ھاياتىنى ساقلىيالمايدۇ.
14 人衆ラツパを吹て凡て預備をなせども戰にいづる者なし其はわが怒その全の群衆におよべばなり
ئۇلار كاناينى چېلىپ ھەممىنى تەييارلىدى، بىراق ھېچكىم جەڭگە چىقمايدۇ؛ چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم مۇشۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارىتىلغان.
15 外には劍あり内には疫病と饑饉あり田野にをる者は劍に死なん邑の中にをる者は饑饉と疫病これをほろぼすべし
تالادا قىلىچ، ئىچىدە ۋابا ۋە ئاچارچىلىق تۇرىدۇ؛ دالادا بولغان كىشىنى قىلىچ، شەھەردە بولغان كىشىنى بولسا، ۋابا ۋە ئاچارچىلىق ئۇنى يۇتۇۋېتىدۇ.
16 その中の逃るる者は逃れて谷の鴿のごとくに山の上にをりて皆その罪のために悲しまん
ۋە ئۇلاردىن قۇتۇلۇپ قېلىپ بۇلاردىن قاچقانلار تاغلاردا يۈرۈپ ھەربىرى ئۆز قەبىھلىكى ئۈچۈن جىلغىدىكى پاختەكلەردەك بۇقۇلداپ ماتەم تۇتىدۇ.
17 手みな弱くなり膝みな水となるべし
ھەربىرىنىڭ قولى دەرمانسىزلىنىدۇ، تىزلىرى سۈيدۈك بىلەن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كېتىدۇ؛
18 彼等は麻の衣を身にまとはん恐懼かれらを蒙まん諸の面には羞あらはれ諸の首は髮をそりおとされん
ئۇلار ئۆزىگە بۆز كىيىمىنى باغلايدۇ، ۋەھشەت ئۇلارنى باسىدۇ؛ ھەرقايسىنىڭ يۈزىدە خىجالەت، باشلىرى تاقىر كۆرۈنىدۇ.
19 彼等その銀を街にすてん其金はかれらに塵芥のごとくなるべしヱホバの怒の日にはその金銀もかれらを救ふことあたはざるなり是等はその心魂を滿足せしめず其腹を充さず唯彼等をつまづかせて惡におとしいるる者なり
ئۇلار ئۆز كۈمۈشلىرىنى كوچىلارغا تاشلايدۇ، ئۇلارنىڭ ئالتۇنلىرى بۇلغانغان نەرسىدەك بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرى پەرۋەردىگار غەزىپىنى كۆرسەتكەن كۈنىدە ئۇلارنى قۇتقۇزمايدۇ؛ ئۇلار بۇلاردىن ئاچلىقىنى قاندۇرالمايدۇ، قورسىقىنى تولدۇرالمايدۇ، چۈنكى بۇ نەرسىلەر ئۇلارغا ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرىدىغان قەبىھلىك بولدى.
20 彼の美しき飾物を彼等驕傲のために用ひ又これをもてその憎べき偶像その憎むべき物をつくれり是をもて我これを彼らに芥とならしむ
ئۇ ئۇنىڭ گۈزەل بېزەكىنى ھەيۋە بىلەن تىكلىدى؛ بىراق ئۇلار ئۇنىڭ ئىچىدە يىرگىنچلىك مەبۇدلارنى ھەمدە لەنەتلىك نەرسىلىرىنى ياسىدى؛ شۇڭا مەن ئۇنى ئۇلار ئۈچۈن پاسكىنچىلىققا ئايلاندۇرىمەن.
21 我これを外國人にわたして奪はしめ地の惡人にわたして掠めしめん彼等すなはちこれを汚すべし
مەن ئۇنى ئولجا سۈپىتىدە يات ئادەملەرنىڭ قولىغا، غەنىمەت قىلىپ يەر يۈزىدىكى رەزىللەرگە تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار بۇنى بۇلغايدۇ.
22 我かれらにわが面を背くべければ彼等わが密たる所を汚さん強暴人其處にいりてこれを汚すべし
مەن يۈزۈمنى ئۇلاردىن ئۆرۈيمەن، ۋە كىشىلەر مېنىڭ ئەزىز جايىمنى بۇلغايدۇ؛ زوراۋانلار كىرىپ ئۇ يەرنى بۇلغايدۇ.
23 汝鏈索を作れよ死にあたる罪國に滿ち暴逆邑に充たり
زەنجىرنى تەييارلاڭلار؛ چۈنكى زېمىن قانلىق جىنايەتلەرگە، شەھەر زوراۋانلىققا تولغان.
24 我國々の中の惡き者等を招きて彼らの家を奪しめん我強者の驕傲を止めんその聖所は汚さるべし
شۇڭا مەن ئەللەر ئىچىدىكى ئەڭ رەزىلىنى كەلتۈرىمەن، ئۇلار ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئىگە بولىدۇ؛ مەن زومىگەرلەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى يوقىتىمەن؛ ئۇلارنىڭ «مۇقەددەس جايلىرى» بۇلغىنىدۇ.
25 滅亡きたれり彼等平安を求むれども得ざるなり
ۋەھشەت كېلىۋاتىدۇ! ئۇلار تىنچ-ئامانلىقنى ئىزدەيدىغان بولىدۇ، بىراق ھېچ تاپالمايدۇ.
26 災害に災害くははり注進に注進くははる彼等預言者に默示を求めん律法は祭司の中に絕え謀略は長老の中に絕べし
ئاپەت ئۈستىگە ئاپەت، شۇم خەۋەر ئۈستىگە شۇم خەۋەر كېلىدۇ؛ ئۇلار پەيغەمبەردىن بېشارەت سورايدۇ، بىراق كاھىنلاردىن تەۋراتنىڭ بىلىمى، ئاقساقاللاردىن، مويسىپىتلەردىن نەسىھەت يوقاپ كېتىدۇ.
27 王は哀き牧伯は驚惶を身に纏ひ國の民の手は慄へん我その行爲に循ひて彼らを處置ひその審判に循ひて彼らを罰せん彼等は我ヱホバなるを知にいたるべし
پادىشاھ ماتەم تۇتىدۇ، شاھزادە ئۈمىدسىزلىككە چۆمۈلىدۇ، زېمىندىكى خەلقلەرنىڭ قوللىرى تىترەپ كېتىدۇ؛ مەن ئۇلارنى ئۆز يوللىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىمەن، ئۆز ھۆكۈملىرى بويىچە ئۇلارغا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ.

< エゼキエル書 7 >