< 伝道者の書 7 >

1 名は美膏に愈り 死る日は生るる日に愈る
ياخشى نام-ئابروي قىممەتلىك تۇتىيادىن ئەۋزەل؛ ئادەمنىڭ ئۆلۈش كۈنى تۇغۇلۇش كۈنىدىن ئەۋزەلدۇر.
2 哀傷の家に入は宴樂の家に入に愈る 其は一切の人の終かくのごとくなればなり 生る者またこれをその心にとむるあらん
ماتەم تۇتۇش ئۆيىگە بېرىش زىياپەت-توي ئۆيىگە بېرىشتىن ئەۋزەل؛ چۈنكى ئاشۇ يەردە ئىنساننىڭ ئاقىۋىتى ئايان قىلىنىدۇ؛ تىرىك بولغانلار بۇنى كۆڭلىگە پۈكۈشى كېرەك.
3 悲哀は嬉笑に愈る 其は面に憂色を帶るなれば心も善にむかへばなり
غەشلىك كۈلكىدىن ئەۋزەلدۇر؛ چۈنكى چىراينىڭ پەرىشانلىقى بىلەن قەلب ياخشىلىنىدۇ.
4 賢き者の心は哀傷の家にあり 愚なる者の心は喜樂の家にあり
دانا كىشىنىڭ قەلبى ماتەم تۇتۇش ئۆيىدە، بىراق ئەخمەقنىڭ قەلبى تاماشىنىڭ ئۆيىدىدۇر.
5 賢き者の勸責を聽は愚なる者の歌詠を聽に愈るなり
ئەخمەقلەرنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغاندىن كۆرە، دانا كىشىنىڭ تەنبىھىنى ئاڭلىغىن؛
6 愚なる者の笑は釜の下に焚る荊棘の聲のごとし是また空なり
چۈنكى ئەخمەقنىڭ كۈلكىسى قازان ئاستىدىكى يانتاقلارنىڭ پاراسلىشىدەك، خالاس؛ بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر.
7 賢き人も虐待る事によりて狂するに至るあり賄賂は人の心を壞なふ
جەبىر-زۇلۇم دانا ئادەمنى نادانغا ئايلاندۇرىدۇ، پارا بولسا قەلبنى ھالاك قىلىدۇ.
8 事の終はその始よりも善し 容忍心ある者は傲慢心ある者に勝る
ئىشنىڭ ئايىغى بېشىدىن ئەۋزەل؛ سەۋر-تاقەتلىك روھ تەكەببۇر روھتىن ئەۋزەلدۇر.
9 汝氣を急くして怒るなかれ 怒は愚なる者の胸にやどるなり
روھىڭدا خاپا بولۇشقا ئالدىرىما؛ چۈنكى خاپىلىق ئەخمەقلەرنىڭ باغرىدا قونۇپ ياتىدۇ.
10 昔の今にまさるは何故ぞやと汝言なかれ 汝の斯る問をなすは是智慧よりいづる者にあらざるなり
«نېمىشقا بۇرۇنقى كۈنلەر ھازىرقى كۈنلەردىن ئەۋزەل؟» ــ دېمە؛ چۈنكى سېنىڭ بۇنداق سورىغىنىڭ دانالىقتىن ئەمەس.
11 智慧の上に財產をかぬれば善し 然れば日を見る者等に利益おほかるべし
دانالىق مىراسقا ئوخشاش ياخشى ئىش، قۇياش نۇرى كۆرگۈچىلەرگە پايدىلىقتۇر.
12 智慧も身の護庇となり銀子も身の護庇となる 然ど智惠はまたこれを有る者に生命を保しむ 是知識の殊勝たるところなり
چۈنكى دانالىق پۇل پاناھ بولغاندەك، پاناھ بولىدۇ؛ بىراق دانالىقنىڭ ئەۋزەللىكى شۇكى، ئۇ ئۆز ئىگىلىرىنى ھاياتقا ئېرىشتۈرىدۇ.
13 汝神の作爲を考ふべし 神の曲たまひし者は誰かこれを直くすることを得ん
خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى ئويلاپ كۆر؛ چۈنكى ئۇ ئەگرى قىلغاننى كىم تۈز قىلالىسۇن؟
14 幸福ある日には樂め 禍患ある日には考へよ 神はこの二者をあひ交錯て降したまふ 是は人をしてその後の事を知ることなからしめんためなり
ئاۋات كۈنىدە ھۇزۇر ئال؛ ۋە يامان كۈنىدىمۇ شۇنى ئويلاپ كۆر: ــ خۇدا ئۇلارنىڭ بىرىنى، شۇنداقلا يەنە بىرىنىمۇ تەڭ ياراتقاندۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئىنسان ئۆزى كەتكەندىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى بىلىپ يېتەلمەيدۇ.
15 我この空の世にありて各樣の事を見たり 義人の義をおこなひて亡ぶるあり 惡人の惡をおこなひて長壽あり
مەن بۇنىڭ ھەممىسىنى بىمەنە كۈنلىرىمدە كۆرۈپ يەتتىم؛ ھەققانىي بىر ئادەمنىڭ ئۆز ھەققانىيلىقى بىلەن يوقىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، شۇنىڭدەك رەزىل بىر ئادەمنىڭ ئۆز رەزىللىكى بىلەن ئۆمرىنى ئۇزاراتقانلىقىنى كۆردۈم.
16 汝義に過るなかれまた賢に過るなかれ 汝なんぞ身を滅すべけんや
ئۆزۈڭنى دەپ ھەددىدىن زىيادە ھەققانىي بولما؛ ۋە ئۆزۈڭنى دەپ ھەددىدىن زىيادە دانا بولما؛ سەن ئۆز-ئۆزۈڭنى ئالاقزادە قىلماقچىمۇسەن؟
17 汝惡に過るなかれまた愚なる勿れ 汝なんぞ時いたらざるに死べけんや
ئۆزۈڭنى دەپ ھەددىدىن زىيادە رەزىل بولما، ياكى ئەخمەق بولما؛ ئۆز ئەجىلىڭ توشماي تۇرۇپ ئۆلمەكچىمۇسەن؟
18 汝此を執は善しまた彼にも手を放すなかれ 神を畏む者はこの一切の者の中より逃れ出るなり
شۇڭا، بۇ [ئاگاھنى] چىڭ تۇت، شۇنىڭدىن ئۇ [ئاگاھنىمۇ] قولۇڭدىن بەرمىگىنىڭ ياخشى؛ چۈنكى خۇدادىن قورقىدىغان كىشى ھەر ئىككىسى بىلەن ئۇتۇقلۇق بولىدۇ.
19 智慧の智者を幇くることは邑の豪雄者十人にまさるなり
دانالىق دانا كىشىنى بىر شەھەرنى باشقۇرىدىغان ئون ھۆكۈمراندىن زىيادە كۈچلۈك قىلىدۇ.
20 正義して善をおこなひ罪を犯すことなき人は世にあることなし
بەرھەق، يەر يۈزىدە دائىم مېھرىبانلىق يۈرگۈزىدىغان، گۇناھ سادىر قىلمايدىغان ھەققانىي ئادەم يوقتۇر.
21 人の言出す言詞には凡て心をとむる勿れ 恐くは汝の僕の汝を詛ふを聞こともあらん
يەنە، خەقلەرنىڭ ھەممىلا گەپ-سۆزلىرىگە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمە؛ بولمىسا، ئۆز خىزمەتكارىڭنىڭ ساڭا لەنەت ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىشىڭ مۇمكىن.
22 汝も屡人を詛ふことあるは汝の心に知ところなり
چۈنكى كۆڭلۈڭدە، ئۆزۈڭنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش باشقىلارغا كۆپ قېتىم لەنەت قىلغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىسەن.
23 我智慧をもてこの一切の事を試み我は智者とならんと謂たりしが遠くおよばざるなり
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دانالىق بىلەن سىناپ باقتىم؛ مەن: «دانا بولىمەن» دېسەممۇ، ئەمما ئۇ مەندىن يىراق ئىدى.
24 事物の理は遠くして甚だ深し 誰かこれを究むることを得ん
بارلىق يۈز بەرگەن ئىشلار بولسا ئەقلىمىزدىن يىراق، شۇنىڭدەك ئىنتايىن سىرلىقتۇر؛ كىم ئۇنى ئىزدەپ بىلىپ يېتەلىسۇن؟
25 我は身をめぐらし心をもちひて物を知り事を探り 智慧と道理を索めんとし 又惡の愚たると愚癡の狂妄たるを知んとせり
مەن چىن كۆڭلۈمدىن دانالىق ۋە ئەقلىي بىلىمنى بىلىشكە، سۈرۈشتۈرۈشكە ۋە ئىزدەشكە، شۇنداقلا رەزىللىكنىڭ ئەخمەقلىقىنى، ئەخمەقلىقنىڭ تەلۋىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىشكە زېھنىمنى يىغدىم.
26 我了れり 婦人のその心羅と網のごとくその手縲絏のごとくなる者は是死よりも苦き者なり 神の悦びたまふ者は之を避ることを得ん罪人は之に執らるべし
شۇنىڭ بىلەن كۆڭلى تور ۋە قىلتاق، قوللىرى ئاسارەت بولغان ئايالنىڭ ئۆلۈمدىن ئاچچىق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم؛ خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان كىشى ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، بىراق گۇناھكار ئادەم ئۇنىڭغا تۇتۇلۇپ قالىدۇ.
27 傳道者言ふ 視よ我その數を知んとして一々に算へてつひに此事を了る
بۇ بايقىغانلىرىمغا قارا، ــ دەيدۇ ھېكمەت توپلىغۇچى ــ پاكىتلارنى بىر-بىرىگە باغلاپ سېلىشتۇرۇپ، ئەقىل ئىزدىدىم؛
28 我なほ尋ねて得ざる者は是なり 我千人の中には一箇の男子を得たれども その數の中には一箇の女子をも得ざるなり
مېنىڭ قەلبىم ئۇنى يەنىلا ئىزدىمەكتە، بىراق تېخى تاپالمىدىم! ــ مىڭ كىشى ئارىسىدا بىر دۇرۇس ئەركەكنى تاپتىم ــ بىراق شۇ مىڭ كىشى ئارىسىدىن بىرمۇ دۇرۇس ئايالنى تاپالمىدىم.
29 我了れるところは唯是のみ 即ち神は人を正直者に造りたまひしに人衆多の計略を案出せしなり
مانا كۆرگىن، مېنىڭ بايقىغانلىرىم پەقەت مۇشۇ بىرلا ــ خۇدا ئادەمنى ئەسلى دۇرۇس ياراتقان؛ بىراق ئادەملەر بولسا نۇرغۇنلىغان ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىزدەيدۇ.

< 伝道者の書 7 >