< サムエル記Ⅰ 26 >

1 ジフ人ギベアにきたりサウルの許にいたりてひけるはダビデは曠野のまへなるハキラの山にかくれをるにあらずやと
ئەمدى زىفلىقلار گىبېئاھغا سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ داۋۇت يەشىمونغا يېقىن ھاقىلاھ ئېگىزلىكىگە يوشۇرۇنۇۋاپتۇ ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى.
2 サウルすなはち起ちジフの野にダビデを尋ねんとイスラエルの中より選みたる三千の人をしたがへてジフの野にくだる
سائۇل قوپۇپ ئىسرائىلدىن خىللانغان ئۈچ مىڭ ئادەمنى ئېلىپ، زىف چۆلىدە داۋۇتنى ئىزدىگىلى ئۇ يەرگە باردى.
3 サウルは曠野のまへなるハキラの山において路のほとりに陣を取るダビデは曠野に居てサウルのおのれをおふて曠野にきたるをさとりければ
سائۇل بولسا يول بويىدا، يەشىمونغا يېقىن ھاقىلاھ ئېگىزلىكىدە چېدىر تىكتى. داۋۇت چۆلدە تۇرۇۋاتاتتى؛ ئۇ سائۇلنىڭ چۆلگە ئۆز كەينىدىن چىققىنىدىن خەۋەر تاپقاندا
4 ダビデ斥候を出してサウルの誠に來しをしれり
داۋۇت پايلاقچىلارنى ماڭدۇرۇپ سائۇلنىڭ راستلا كەلگەنلىكىنى بىلدى.
5 ここにおいてダビデたちてサウルの陣をとれるところにいたりサウルおよび其軍の長ネルの子アブネルの寝たるところを見たりすなはちサウルは車營の中に寝ぬ民其まはりに陣をはれり
داۋۇت قوپۇپ سائۇل چېدىر تىككەن جايغا باردى؛ ئۇ سائۇل بىلەن قوشۇن سەردارى، نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر ياتقان يەرنى كۆردى. سائۇل بولسا قوشۇن ئىستىھكامى ئىچىدە ئۇخلاپ ياتقانىدى، ئادەملىرى چېدىرلىرىنى ئۇنىڭ ئەتراپىغا تىككەنىدى.
6 ダビデ答へてヘテ人アヒメレクおよびゼルヤの子にしてヨアブの兄弟なるアビシヤイにいひけるは誰か我とともにサウルの陣にくだらんかとアビシヤイいふ我汝とともに下らん
داۋۇت ئەمدى ھىتتىيلاردىن بولغان ئاخىمەلەك ۋە يوئابنىڭ ئىنىسى زەرۇئىيانىڭ ئوغلى ئابىشايغا: ــ كىم مەن بىلەن لەشكەرگاھغا چۈشۈپ، سائۇلنىڭ يېنىغا بارىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئابىشاي: ــ مەن سېنىڭ بىلەن باراي، دېدى.
7 ダビデとアビシヤイすなはち夜にいりて民の所にいたるに視よサウルは車營のうちに寝臥し其槍地にさして枕邊にありアブネルと民は其まはりに寝たり
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ۋە ئابىشاي كېچىدە قوشۇن بار يەرگە بېرىۋىدى، مانا سائۇل قوشۇن ئىستىھكامى ئىچىدە ئۇخلاپ ياتقانىدى؛ ئۇنىڭ نەيزىسى تەكىيىسىنىڭ يېنىدا يەرگە قاداقلىق تۇراتتى؛ ئابنەر بىلەن ئادەملىرى ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياتاتتى.
8 アビシヤイ、ダビデにいひけるは神今日爾の敵を爾の手にわたしたまふ請ふいま我に槍をもてかれを一度地にさしとほさしめよ再びするにおよばじ
ئابىشاي داۋۇتقا: ــ خۇدا بۈگۈن دۈشمىنىڭنى قولۇڭغا تاپشۇردى. سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، ماڭا نەيزە بىلەن بىرلا سانجىپ ئۇنى يەرگە قاداپ قويۇشقا ئىجازەت بەرگەيسەن! ئىككى قېتىم سانجىشىمنىڭ لازىمى يوقتۇر، دېدى.
9 ダビデ、アビシヤイにいふ彼をころすなかれ誰かヱホバの膏そそぎし者に敵して其手をのべて罪なからんや
داۋۇت ئابىشايغا: ــ ئۇنى يوقاتمىغىن. كىم پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنىغا قول ئۇزىتىپ گۇناھغا تارتىلمىغان؟ ــ دېدى.
10 ダビデまたいひけるはヱホバは生くヱホバかれを撃たまはんあるひはその死ぬる日來らんあるひは戰ひにくだりて死うせん
داۋۇت يەنە: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن [قەسەم قىلىمەنكى]، پەرۋەردىگار جەزمەن ئۇنى ئۇرىدۇ؛ يا ئۇنىڭ ئۆلىدىغان كۈنى كېلىدۇ يا ئۇ جەڭگە چۈشۈپ ھالاك بولىدۇ.
11 わがヱホバのあぶらそそぎしものに敵して手をのぶることはきはめて善らずヱホバ禁じたまふされどいま請ふ爾そのまくらもとの槍と水の瓶をとれしかして我らさりゆかんと
پەرۋەردىگار مېنى پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنىگە قول ئۇزىتىشىدىن ساقلىغاي! ئەمما ئۇنىڭ بېشىدىكى نەيزە بىلەن سۇ ئىدىشىنى ئالغىن، ئاندىن كېتەيلى، دېدى.
12 ダビデ、サウルの枕邊より槍と水の瓶を取りてかれらさりゆきしが誰も見ず誰もしらず誰も目を醒さざりき其はかれら皆眠り居たればなり即ちヱホバかれらをふかく睡らしめたまふ
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت نەيزە بىلەن ئىدىشنى سائۇلنىڭ بېشىنىڭ يېنىدىن ئېلىپ، ئىككىسى چىقىپ كەتتى. ئەمما ھېچكىم كۆرمىدى، تۇيۇپمۇ قالمىدى ھەم ئويغىنىپ كەتمىدى، بەلكى ھەممىسى ئۇخلاۋەردى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار بىر قاتتىق ئۇيقۇنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرگەنىدى.
13 かくてダビデは彼旁にわたりて遥に山の頂にたてり彼と此とのへだたり大なり
داۋۇت ئۇدۇلدىكى تەرەپكە ئۆتۈپ يىراقراق بىر دۆڭنىڭ تۆپىسىدە تۇردى؛ ئۇلارنىڭ ئارىلىقى يىراق ئىدى.
14 ダビデ民とネルの子アブネルによばはりいひけるはアブネルよ爾こたへざるかアブネルこたへていふ王をよぶ爾はたれなるや
داۋۇت قوشۇن بىلەن نەرنىڭ ئوغلى ئابنەرگە توۋلاپ: ــ جاۋاب بەرمەمسەن، ئى ئابنەر! ــ دېدى. ئابنەر: ــ پادىشاھقا توۋلىغۇچى كىم سەن؟ ــ دېدى.
15 ダビデ、アブネルにいひけるは爾は勇士ならずやイスラエルの中にて誰か爾に如ものあらんしかるに爾なんぞ爾の主なる王をまもらざるや民のひとり爾の主なる王を殺さんとていりぬ
داۋۇت ئابنەرگە: ــ سەن باتۇر ئەمەسمۇ؟ ئىسرائىلدا ساڭا كىم تەڭ كېلەلەيدۇ؟ نېمىشقا غوجاڭ پادىشاھنى قوغدىمىدىڭ؟ چۈنكى خەلقتىن بىر كىشى غوجاڭ پادىشاھنى ھالاك قىلغىلى كىرىپتۇ.
16 爾がなせる此事よからずヱホバは生くなんぢらの罪死にあたれり爾らヱホバの膏そそぎし爾らの主をまもらざればなり今王の槍と王の枕邊にありし水の瓶はいづくにあるかを見よ
سېنىڭ بۇنداق قىلغىنىڭ ياخشى ئەمەس! پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن [قەسەم قىلىمەنكى]، پەرۋەردىگار مەسىھ قىلغان غوجاڭلارنى قوغدىمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆلۈمگە لايىق بولدۇڭلار. ئەمدى پادىشاھنىڭ نەيزىسى ۋە بېشىنىڭ يېنىدىكى سۇ ئىدىشىنىڭ قەيەردىلىكىگە قاراپ بېقىڭلار، دېدى.
17 サウル、ダビデの聲をしりていひけるはわが子ダビデよ是は爾の聲なるかダビデいひけるは王わが主よわが聲なり
سائۇل داۋۇتنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ: ــ بۇ سېنىڭ ئاۋازىڭمۇ، ئى ئوغلۇم داۋۇت! ــ دېدى. داۋۇت: ــ ئى غوجام پادىشاھ، بۇ مېنىڭ ئاۋازىمدۇر، دېدى.
18 ダビデまたいひけるはわが主なにゆゑに斯くその僕をおふや我なにをなせしや何の惡き事わが手にあるや
ئۇ يەنە: ــ نېمىشقا غوجام ئۆز قۇلىنى مۇنداق قوغلايدۇ؟ مەن نېمە قىلىپتىمەن؟ قولۇمدا نېمە يامانلىق بار؟
19 王わが主よ請ふいま僕の言を聽きたまへ若しヱホバ爾を我に敵せしめたまふならばねがはくはヱホバ禮物をうけたまへされど若し人ならばねがはくは其人々ヱホバのまへにのろはれよ其は彼等爾ゆきて他の神につかへよといひて今日我を追ひヱホバの產業に連なることをえざらしむるが故なり
ئەمدى غوجام پادىشاھ ئۆز قۇلىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغاي. پەرۋەردىگار سىلىنى ماڭا قارشى قوزغاتقان بولسا بىر ھەدىيە-قۇربانلىق ئۇنىڭ كۆڭلىنى رازى قىلغاي؛ لېكىن ئىنسان بالىلىرى بولسا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا لەنەتكە قالسۇن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمدى مېنى پەرۋەردىگارنىڭ مىراسىدىن بەھرىمەن بولۇشتىن مەھرۇم قىلىپ، مېنى باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىل، دېگىنى بولىدۇ.
20 ねがはくは我血をしてヱホバのまへをはなれて地におちしむるなかれそは人の山にて鷓鴣をおふがごとくイスラエルの王一の蚤をたづねにいでたればなり
ئەمدى مېنىڭ قېنىم پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق يەرگە تۆكۈلمىسۇن؛ چۈنكى تاغلاردا بىر كەكلىكنى ئوۋلىغاندەك ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىر يالغۇز بۈرگىنى ئىزدىگىلى چىقىپتۇ، دېدى.
21 サウルいひけるは我罪ををかせりわが子ダビデよ歸れわが生命今日爾の目に寶と見なされたる故により我々かさねて爾に害を加へざるべし嗚呼われ愚なることをなして甚だしく過てり
سائۇل: ــ مەن گۇناھ قىلدىم؛ يېنىپ كەلگىن ئى ئوغلۇم داۋۇت؛ مېنىڭ جېنىم بۈگۈن كۆزلىرىڭدە ئەزىز سانالغىنى ئۈچۈن مەن ساڭا بۇندىن كېيىن ھېچ زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمەن؛ مانا، ئەخمەقلىق قىلدىم، بەك ئېزىپتىمەن، دېدى.
22 ダビデこたへていひけるは王よ槍を視よ請ひとりの少者をしてわたりてこれを取しめよ
داۋۇت جاۋاب بېرىپ: ــ مانا پادىشاھنىڭ نەيزىسى، غۇلاملاردىن بىرى كېلىپ ئۇنى ياندۇرۇپ ئالسۇن.
23 ねがはくはヱホバおのおのに其義と眞實とにしたがひて報いたまへ共はヱホバ今日爾をわが手にわたしたまひしに我ヱホバの受膏者に敵してわが手をのぶることをせざればなり
پەرۋەردىگار ھەر ئادەمنىڭ ھەققانىيلىقى بىلەن سادىقلىقىغا قاراپ ياندۇرغاي. چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار سىلىنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇردى، لېكىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنىگە قول ئۇزىتىشنى خالىمىدىم.
24 爾の生命を今日わがおもんぜしごとくねがはくはヱホバわが生命をおもんじて諸の艱難のうちより我をすくひいだしたまへ
مانا، بۈگۈن سىلىنىڭ جانلىرى مېنىڭ كۆزلىرىمدە ئەزىز بولغاندەك مېنىڭ جېنىم پەرۋەردىگارنىڭ كۆزىدە ئەزىز بولغاي، ئۇ مېنى ھەممە ئاۋارىچىلىكتىن قۇتقۇزغاي، دېدى.
25 サウル、ダビデにいひけるはわが子ダビデよ爾はほむべきかな爾大なる事を爲さん亦かならず勝をえんとしかしてダビデは其道にさりサウルはおのれの所にかへれり
سائۇل داۋۇتقا: ــ ئەي ئوغلۇم داۋۇت، بەرىكەتلەنگەيسەن. سەن جەزمەن ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىسەن، ئىشلىرىڭ جەزمەن راۋاجلىق بولىدۇ، دېدى. ئاندىن داۋۇت ئۆز يولىغا كەتتى، سائۇلمۇ ئۆز جايىغا يېنىپ باردى.

< サムエル記Ⅰ 26 >