< 列王記Ⅰ 2 >

1 ダビデ死ぬる日近よりければ其子ソロモンに命じていふ
داۋۇتنىڭ ئۆلىدىغان ۋاقتى يېقىنلاشقاندا، ئوغلى سۇلايمانغا تاپىلاپ مۇنداق دېدى: ــ
2 我は世人の皆往く途に往んとす汝は強く丈夫のごとく爲れ
«ئەمدى يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بارىدىغان يول بىلەن كېتىمەن. يۈرەكلىك بولۇپ، ئەركەكتەك بولغىن!
3 汝の神ヱホバの職守を守り其道に歩行み其法憲と其誡命と其律例と其證言とをモーセの律法に録されたるごとく守るべし然らば汝凡て汝の爲ところと凡て汝の向ふところにて榮ゆべし
سەن بارلىق قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭدا ھەمدە بارلىق نىيەت قىلغان ئىشلىرىڭدا راۋاج تېپىشىڭ ئۈچۈن مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇندا پۈتۈلگەندەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرى، ئۇنىڭ ئەمرلىرى، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ۋە ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭ تاپشۇرۇقىنى چىڭ تۇتقىن.
4 又ヱホバは其甞に我の事に付て語りて若汝の子等其道を愼み心を盡し精神を盡して眞實をもて吾前に歩ばイスラエルの位に上る人汝に缺ることなかるべしと言たまひし言を堅したまはん
شۇنداق قىلغاندا پەرۋەردىگار ماڭا: «ئەگەر ئەۋلادلىرىڭ ئۆز يولىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، مېنىڭ ئالدىمدا پۈتۈن قەلبى ۋە پۈتۈن جېنى بىلەن ھەقىقەتتە ماڭسا، ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇشقا بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ ئېيتقان سۆزىگە ئەمەل قىلىدۇ.
5 又汝はゼルヤの子ヨアブが我に爲たる事即ち彼がイスラエルの二人の軍の長ネルの子アブネルとヱテルの子アマサに爲たる事を知る彼此二人を切殺し太平の時に戰の血を流し戰の血を己の腰の周圍の帶と其足の履に染たり
ئەمما زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ماڭا قىلغىنىنى، يەنى ئۇنىڭ ئۆزى قانداق قىلىپ ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىدىكى ئىككى سەردارنى، يەنى نېرىيانىڭ ئوغلى ئابنەر بىلەن يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، تىنچ مەزگىلدە جەڭدە تۆكۈلگەندەك قان تۆكۈپ، بېلىگە باغلىغان كەمەرگە ۋە پۇتىغا كىيگەن كەشىگە جەڭدە تۆكۈلگەندەك قان چېچىپ، داغ قىلغانلىقىنى بىلىسەن.
6 故に汝の智慧にしたがひて事を爲し其白髮を安然に墓に下らしむるなかれ (Sheol h7585)
سەن ئۇنى دانالىقىڭغا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنىڭ ئاق بېشىنىڭ گۆرگە سالامەت چۈشۈشىگە يول قويمىغايسەن. (Sheol h7585)
7 但しギレアデ人バルジライの子等には恩惠を施こし彼等をして汝の席にて食ふ者の中にあらしめよ彼等はわが汝の兄弟アブサロムの面を避て逃し時我に就たるなり
لېكىن گىلېئادلىق بارزىللاينىڭ ئوغۇللىرىغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ، داستىخىنىڭدىن نان يېگۈزگىن؛ چۈنكى مەن ئاكاڭ ئابشالومدىن قاچقىنىمدا، ئۇلار يېنىمغا كېلىپ ماڭا شۇنداق قىلغان.
8 視よ又バホリムのベニヤミン人ゲラの子シメイ汝とともに在り彼はわがマナハイムに往し時勵しき詛言をもて我を詛へり然ども彼ヨルダンに下りて我を迎へたれば我ヱホバを指て誓ひて我劍をもて汝を殺さじといへり
ۋە مانا باھۇرىمدىن كەلگەن بىنيامىن قەبىلىسىدىن گېرانىڭ ئوغلى شىمەي يېنىڭدا تۇرىدۇ. ئۇ مەن ماھانائىمغا بارىدىغاندا، ئەشەددىي لەنەت بىلەن مېنى قارغىدى. كېيىن ئۇ ئىئوردان دەرياسىغا بېرىپ مېنىڭ ئالدىمغا كەلگەندە، مەن پەرۋەردىگارنىڭ [نامى] بىلەن ئۇنىڭغا: «سېنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرمەيمەن» دەپ قەسەم قىلدىم.
9 然りといへども彼を辜なき者とする勿れ汝は智慧ある人なれば彼に爲べき事を知るなり血を流して其白髮を墓に下すべしと (Sheol h7585)
ئەمما ھازىر ئۇنى گۇناھسىز دەپ سانىمىغىن. ئۆزۈڭ دانا كىشى بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قانداق قىلىشنى بىلىسەن؛ ھەرھالدا ئۇنىڭ ئاق بېشىنى قانىتىپ گۆرگە چۈشۈرگىن». (Sheol h7585)
10 斯てダビデは其父祖と偕に寝りてダビデの城に葬らる
داۋۇت ئۆز ئاتا-بوۋلىرى بىلەن بىر يەردە ئۇخلىدى. ئۇ «داۋۇتنىڭ شەھىرى» [دېگەن جايدا] دەپنە قىلىندى.
11 ダビデのイスラエルに王たりし日は四十年なりき即ちヘブロンにて王たりし事七年エルサレムにて王たりし事三十三年
داۋۇتنىڭ ئىسرائىلغا سەلتەنەت قىلغان ۋاقتى قىرىق يىل ئىدى؛ ئۇ ھېبروندا يەتتە يىل سەلتەنەت قىلىپ، يېرۇسالېمدا ئوتتۇز ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى.
12 ソロモン其父ダビデの位に坐し其國は堅固く定まりぬ
سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇردى؛ ئۇنىڭ سەلتەنىتى خېلى مۇستەھكەملەندى.
13 爰にハギテの子アドニヤ、ソロモンの母バテシバの所に來りければバテシバいひけるは汝は平穩なる事のために來るや彼いふ平穩たる事のためなり
ئەمما ھاگگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا سۇلايماننىڭ ئانىسى بات-شېبانىڭ قېشىغا باردى. ئۇ ئۇنىڭدىن: ــ تىنچلىق مەقسىتىدە كەلدىڭمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ شۇنداق، تىنچلىق مەقسىتىدە، دېدى.
14 彼又いふ我は汝に言さんとする事ありとバテシバいふ言されよ
ئۇ يەنە: ــ ساڭا بىر سۆزۈم بار ئىدى، دېدى. ئۇ: ــ سۆزۈڭنى ئېيتقىن، دېدى.
15 かれいひけるは汝の知ごとく國は我の有にしてイスラエル皆其面を我に向て王となさんと爲りしかるに國は轉てわが兄弟の有となれり其彼の有となれるはヱホバより出たるなり
ئۇ: ــ بىلىسەنكى، پادىشاھلىق ئەسلىدە مېنىڭكى ئىدى، ۋە پۈتۈن ئىسرائىل مېنى پادىشاھ بولىدۇ دەپ، ماڭا قارايتتى. لېكىن پادىشاھلىق مەندىن كېتىپ، ئىنىمنىڭ ئىلكىگە ئۆتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇ ئۇنىڭكى بولدى.
16 今我一の願を汝に求む請ふわが面を黜くるなかれバテシバかれにいひけるは言されよ
ئەمدى ساڭا بىر ئىلتىماسىم بار. مېنى ياندۇرمىغىن، دېدى. ئۇ: ــ ئېيتقىن، دېدى.
17 彼いひけるは請ふソロモン王に言て彼をしてシエナミ人アビシヤグを我に與て妻となさしめよ彼は汝の面を黜けざるべければなり
ئۇ: ــ سەندىن ئۆتۈنىمەن، سۇلايمان پادىشاھقا مەن ئۈچۈن ئېيتقىنكى ــ چۈنكى ئۇ ساڭا ياق دېمەيدۇ! ــ ئۇ شۇناملىق ئابىشاگنى ماڭا خوتۇنلۇققا بەرسۇن، دېدى.
18 バテシバいふ善し我汝のために王に言んと
بات-شېبا: ــ ماقۇل؛ سەن ئۈچۈن پادىشاھقا سۆز قىلاي، دېدى.
19 かくてバテシバ、アドニヤのために言とてソロモン王の許に至りければ王起てかれを迎へ彼を拝して其位に坐なほり王母のために座を設けしむ乃ち其右に坐せり
بات-شېبا ئادونىيا ئۈچۈن سۆز قىلغىلى سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئالدىغا باردى. پادىشاھ قوپۇپ ئالدىغا بېرىپ، ئانىسىغا تەزىم قىلدى. ئاندىن تەختىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ پادىشاھنىڭ ئانىسىغا بىر تەختنى كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا: ــ
20 しかしてバテシバいひけるは我一の細小き願を汝に求むわが面を黜くるなかれ王かれにいひけるは母上よ求めたまへ我汝の面を黜けざるなり
ساڭا كىچىككىنە بىر ئىلتىماسىم بار. مېنى ياندۇرمىغىن، دېدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ ئى ئانا، سوراۋەرگىن، مەن سېنى ياندۇرمايمەن، دېدى.
21 彼いひけるは請ふシユナミ人アビシヤグをアドニヤに與て妻となさしめよ
ئۇ: ــ ئاكاڭ ئادونىياغا شۇناملىق ئابىشاگنى خوتۇنلۇققا بەرگۈزگىن، دېدى.
22 ソロモン王答て其母にいひけるは何ぞアドニヤのためにシユナミ人アビシヤグを求めらるるや彼のために國をも求められよ彼は我の兄なればなり彼と祭司アビヤタルとゼルヤの子ヨアブのために求められよと
سۇلايمان پادىشاھ جاۋاب بېرىپ ئانىسىغا: ــ نېمىشقا ئادونىيا ئۈچۈن شۇناملىق ئابىشاگنى سورايسەن؟ ئۇ ئاكام بولغانىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئابىياتار كاھىن ئۈچۈن ۋە زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب ئۈچۈن پادىشاھلىقنىمۇ سورىمامسەن! ــ دېدى.
23 ソロモン王乃ちヱホバを指て誓ひていふ神我に斯なし又重ねて斯なしたまへアドニヤは其身の生命を喪はんとて此言を言いだせり
سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگار بىلەن قەسەم قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ ئادونىيا شۇ سۆزنى قىلغىنى ئۈچۈن ئۆلمىسە، خۇدا مېنى ئۇرسۇن ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق جازالىسۇن!
24 我を立てわが父ダビデの位に上しめ其約せしごとく我に家を建たまひしヱホバは生くアドニヤは今日戮さるべしと
مېنىڭ ئورنۇمنى مۇستەھكەم قىلغان، ئاتامنىڭ تەختىدە ئولتۇرغۇزغان، ئۆز ۋەدىسى بويىچە ماڭا بىر ئۆينى قۇرغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئادونىيا بۈگۈن ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىنىدۇ، دېدى.
25 ソロモン王ヱホヤダの子ベナヤを遣はしければ彼アドニヤを撃て死しめたり
شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان پادىشاھ يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى بۇ ئىشقا ئەۋەتتى؛ ئۇ ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى.
26 王また祭司アビヤタルにいひけるは汝の故田アナトテにいたれ汝は死に當る者なれども嚮にわが父ダビデのまへに神ヱホバの櫃を舁き又凡てわが父の艱難を受たる處にて汝も艱難を受たれば我今日は汝を戮さじと
پادىشاھ ئابىياتار كاھىنغا: ــ ماڭ، ئاناتوتتىكى ئۆز ئېتىزلىقىڭغا بارغىن. سەن ئۆلۈمگە لايىقسەن، لېكىن سەن رەب پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئاتام داۋۇتنىڭ ئالدىدا كۆتۈرگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، ۋە ئاتامنىڭ تارتقان ھەممە ئازاب-ئوقۇبەتلىرىدە ئۇنىڭغا ھەمدەرد بولغىنىڭ ئۈچۈن، مەن ھازىر سېنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايمەن، دېدى.
27 ソロモン、アビヤタルを逐いだしてヱホバの祭司たらしめざりき斯ヱホバがシロにてエリの家につきて言たまひし言應たり
ئاندىن سۇلايمان ئابىياتارنى پەرۋەردىگارغا كاھىن بولۇشتىن جۇدا قىلىپ ھەيدىدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەلىنىڭ جەمەتى توغرۇلۇق شىلوھدا ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
28 爰に其風聞ヨアブに達りければヨアブ、ヱホバの幕屋に遁れて壇の角を執たり其はヨアブは轉てアブサロムには隨はざりしかどもアドニヤに隨ひたればなり
بۇنىڭ خەۋىرى يوئابقا يەتكەندە (چۈنكى يوئاب ئابشالومغا ئەگەشمىگەن بولسىمۇ، ئادونىياغا ئەگەشكەنىدى) يوئاب پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا قېچىپ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىنى تۇتتى.
29 ヨアブがヱホバの幕屋に遁れて壇の傍に居ることソロモンに聞えければソロモン、ヱホヤダの子ベナヤを遣はしいひけるは往て彼を撃てと
سۇلايمان پادىشاھقا: «مانا، يوئاب پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا قېچىپ بېرىپ، قۇربانگاھنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ» دېگەن خەۋەر يەتكۈزۈلدى. سۇلايمان يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى شۇ يەرگە ئەۋەتىپ: ــ ماڭ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن، دېدى.
30 ベナヤ乃ちヱホバの幕屋にいたり彼にいひけるは王斯言ふ出來れ彼いひけるは否我は此に死んとベナヤ反て王に告てヨアブ斯言ひ斯我に答へたりと言ふ
بىنايا پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ «پادىشاھ سېنى بۇياققا چىقسۇن!» دېدى، دېدى. ئۇ: ــ ياق، مۇشۇ يەردە ئۆلىمەن، دېدى. بىنايا پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇنىڭغا خەۋەر بېرىپ: ــ يوئاب مۇنداق-مۇنداق دېدى، ماڭا شۇنداق جاۋاب بەردى، دېدى.
31 王ベナヤにいひけるは彼が言ふごとく爲し彼を撃て葬りヨアブが故なくして流したる血を我とわが父の家より除去べし
پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ ئۇ ئۆزى دېگەندەك قىلىپ، ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈرگىن ۋە ئۇنى دەپنە قىلغىن. شۇنىڭ بىلەن يوئاب تۆككەن ناھەق قان مەندىن ۋە ئاتامنىڭ جەمەتىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەي.
32 又ヱホバはヨアブの血を其身の首に歸したまふべし其は彼は己よりも義く且善りし二の人を撃ち劍をもてこれを殺したればなり即ちイスラエルの軍の長ネルの子アブネルとユダの軍の長ヱテルの子アマサを殺せり然るに吾父ダビデは與り知ざりき
شۇنداق قىلىپ ئاتام داۋۇت بىخەۋەر ئەھۋالدا ئۇ ئۆزىدىن ئادىل ۋە ئېسىل ئىككى ئادەمنى، يەنى ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر بىلەن يەھۇدانىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى قىلىچلىغىنى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇ تۆككەن قاننى ئۆز بېشىغا ياندۇرىدۇ.
33 されば彼等の血は長久にヨアブの首と其苗裔の首に皈すべし然どダビデと其苗裔と其家と其位にはヱホバよりの平安永久にあるべし
ئۇلارنىڭ قېنى يوئابنىڭ بېشى ۋە نەسلىنىڭ بېشىغا مەڭگۈ يانغاي؛ لېكىن داۋۇت، ئۇنىڭ نەسلى، جەمەتى ۋە تەختىگە ئەبەدىلئەبەدگىچە پەرۋەردىگاردىن تىنچ-خاتىرجەملىك بولغاي، دېدى.
34 ヱホヤダの子ベナヤすなはち上りて彼を撃ち彼を殺せり彼は野にある己の家に葬らる
يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا چىقىپ ئۇنى چېپىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدى. ئاندىن ئۇ چۆلدىكى ئۆز ئۆيىدە دەپنە قىلىندى.
35 王乃ちヱホヤダの子ベナヤをヨアブに代て軍の長となせり王また祭司ザドクをしてアビヤタルに代しめたり
پادىشاھ يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ئۇنىڭ ئورنىغا قوشۇننىڭ سەردارى قىلدى؛ پادىشاھ ئابىياتارنىڭ ئورنىغا زادوكنى كاھىن قىلىپ تەيىنلىدى.
36 又王人を遣てシメイを召て之に曰けるはエルサレムに於て汝の爲に家を建て其處に住み其處より此にも彼にも出るなかれ
ئاندىن كېيىن پادىشاھ شىمەينى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ يېرۇسالېمدا ئۆزۈڭگە بىر ئۆي سېلىپ ئۇ يەردە ئولتۇرغىن. باشقا ھېچ يەرگە چىقما.
37 汝が出てキデロン川を濟る日には汝確に知れ汝必ず戮さるべし汝の血は汝の首に歸せん
ئەگەر سەن چىقىپ كىدرون جىلغىسىدىن ئۆتسەڭ، شۇنى ئېنىق بىلىپ قويكى، شۇ كۈندە سەن شەكسىز ئۆلىسەن. سېنىڭ قېنىڭ ئۆز بېشىڭغا چۈشىدۇ، دېدى.
38 シメイ王にいひけるは此言は善し王わが主の言たまへるごとく僕然なすべしと斯シメイ日久しくエルサレムに住り
شىمەي پادىشاھقا: ــ غوجامنىڭ سۆزى بەرھەقتۇر. غوجام پادىشاھ ئېيتقاندەك قۇللىرى شۇنداق قىلىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن شىمەي ئۇزۇن ۋاقىتقىچە يېرۇسالېمدا تۇردى.
39 三年の後シメイの二人の僕ガテの王マアカの子アキシの所に逃されり人々シメイに告ていふ視よ汝の僕はガテにありと
ئۈچ يىلدىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، شىمەينىڭ قۇللىرىدىن ئىككىسى قېچىپ مائاكاھنىڭ ئوغلى، گاتنىڭ پادىشاھى ئاقىشنىڭ قېشىغا باردى. شىمەيگە: ــ مانا قۇللىرىڭ گات شەھىرىدە تۇرىدۇ، دېگەن خەۋەر يەتكۈزۈلدى.
40 シメイ乃ち起て其驢馬に鞍置きガテに往てアキシに至り其僕を尋ねたり即ちシメイ往て其僕をガテより携來りしが
شىمەي ئېشىكىنى توقۇپ قۇللىرىنى ئىزدىگىلى گاتقا، ئاقىشنىڭ يېنىغا باردى. ئاندىن ئۇ يېنىپ ئۆز قۇللىرىنى گاتتىن ئېلىپ كەلدى.
41 シメイのエルサレムよりガテにゆきて歸しことソロモンに聞えければ
سۇلايمانغا: ــ شىمەي يېرۇسالېمدىن گاتقا بېرىپ كەلدى، دەپ خەۋەر يەتكۈزۈلدى.
42 王人を遣てシメイを召て之にいひけるは我汝をしてヱホバを指て誓しめ且汝を戒めて汝確に知れ汝が出て此彼に歩く日には汝必ず戮さるべしと言しにあらずや又汝は我に我聞る言葉は善しといへり
پادىشاھ شىمەينى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا: ــ مەن سېنى پەرۋەردىگار بىلەن قەسەم قىلدۇرۇپ: ــ شۇنى ئېنىق بىلىپ قويكى، سەن قايسى كۈنى چىقىپ بىرەر يەرگە بارغان بولساڭ، سەن شۇ كۈنىدە شەكسىز ئۆلىسەن، دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتمىغانمىدىم؟ ئۆزۈڭمۇ، مەن ئاڭلىغان سۆز بەرھەق، دېگەنىدىڭغۇ؟
43 しかるに汝なんぞヱホバの誓とわが汝に命じたる命令を守ざりしや
شۇنداق بولغانىكەن، نېمىشقا ئۆزۈڭ پەرۋەردىگار ئالدىدا قىلغان قەسىمىڭنى بۇزۇپ، مەن ساڭا بۇيرۇغان بۇيرۇقۇمنىمۇ تۇتمىدىڭ؟ ــ دېدى.
44 王又シメイにいひけるは汝は凡て汝の心の知る諸の惡即ち汝がわが父ダビデに爲たる所を知るヱホバ汝の惡を汝の首に歸したまふ
پادىشاھ شىمەيگە يەنە: سەن ئاتام داۋۇتقا قىلغان ھەممە رەزىللىكنى ئوبدان بىلىسەن، ئۇ كۆڭلۈڭگە ئاياندۇر. مانا پەرۋەردىگار رەزىللىكىڭنى ئۆز بېشىڭغا ياندۇرىدۇ.
45 されどソロモン王は福祉を蒙らんまたダビデの位は永久にヱホバのまへに固く立べしと
لېكىن سۇلايمان پادىشاھ بولسا بەرىكەتلىنىپ، داۋۇتنىڭ تەختى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئەبەدىلئەبەد مۇستەھكەم قىلىنىدۇ، دېدى.
46 王ヱホヤダの子ベナヤに命じければ彼出てシメイを撃ちて死しめたりしかして國はソロモンの手に固く立り
ئاندىن پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا چىقىپ ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى. پادىشاھلىق بولسا سۇلايماننىڭ قولىدا مۇستەھكەم قىلىندى.

< 列王記Ⅰ 2 >