< Uyuhana 17 >

1 Tize tigino me sa Yeso ma buki ma yeze aje asesere magu, ugomo Asere, uganiya wa aye; Nonziko vana uwe me, barki vana me ma nonzikowe.
ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، كۆزلىرىنى ئەرشكە تىكىپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئى ئاتا، ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى؛ سەن ئوغلۇڭنى ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن؛ بۇنىڭ بىلەن ئوغلۇڭمۇ سېنى ئۇلۇغلاتقۇزىدۇ؛
2 Barki wa nyame timumum unu hem iriba ibinani ande sa wa nyame, ma nyawe urai uhana umara unee. (aiōnios g166)
يەنى، ئۇنىڭ سەن ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پۈتكۈل ئەت ئىگىلىرىدىن ئۈستۈن ھوقۇق ئاتا قىلغىنىڭدەك، ئۇنى ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن. (aiōnios g166)
3 Urai uhana umara unee uni, wa rusiwe ugomo Asere isiswe, una kadure nan desa ma tumam Yeso. (aiōnios g166)
مەڭگۈلۈك ھايات شۇكى، بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدا ــ سېنى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتىن ئىبارەتتۇر. (aiōnios g166)
4 Ma nonzowe unee, uganiya sa ma myinca katuma sa nyam uwuzame.
مەن سېنىڭ ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن تاپشۇرغان ئىشىڭنى ئورۇندىشىم بىلەن سېنى يەر يۈزىدە ئۇلۇغلاتقۇزدۇم.
5 Ana me aco, nonziko inice nuwe me nan nurusa sa izin nan huu unee uda sarki uwuna.
ئى ئاتا، سېنىڭ ئالەم ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن مەن ئۆزۈڭنىڭ يېنىڭدا ئىگە بولغان شان-شەرەپ بىلەن مېنى ئۆزۈڭنىڭ يېنىڭدا ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن.
6 Ma bezi niza nuwe me ahira anu age sa wa nyam anyimo unee; anu awe wani wanyam we; wa tarsi tize tuwe me.
سەن بۇ دۇنيادىن ماڭا تاللاپ بەرگەن ئادەملەرگە سېنىڭ نامىڭنى ئايان قىلدىم. ئۇلار سېنىڭكى ئىدى، سەن ئۇلارنى ماڭا بەردىڭ ۋە ئۇلار سېنىڭ سۆز-كالامىڭنى تۇتۇپ كەلدى.
7 Ana wa rusa ibinani imum vat sa wa nya ya suru ahira awe ani.
ئۇلار ھازىر سەن ماڭا بەرگەن ھەممە نەرسىلەرنىڭ سېنىڭدىن كەلگەنلىكىنى بىلدى.
8 Ibinani itize sa wa nyam, ma nya we, wa kaba wa rusa unu guna ma suro anyimo awe ani, wa kuru wa hem hamani wa tumam.
چۈنكى سەن ماڭا تاپشۇرغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدۈم؛ ئۇلارمۇ بۇلارنى قوبۇل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن سەندىن چىققىنىمنى ھەقىقەتەن بىلىپ يەتتى ھەمدە سېنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگىمۇ ئىشەندى.
9 Ingi ma wuna we birigara, azo ma wuna unee ini biringara ba, barki ande sa wa nyami awe wano.
بۇلارغا دۇئا قىلىمەن؛ بۇ دۇنيادىكى ئادەملەرگە ئەمەس، بەلكى سەن ماڭا بەرگەن ئادەملەرگە دۇئا قىلىمەن؛ چۈنكى ئۇلار سېنىڭكىدۇر.
10 Ibinani imum besa izi im iwe ini, imum iwe im ini anozikom anyimo ini.
مېنىڭ بارلىقىم سېنىڭكىدۇر ۋە سېنىڭ بارلىقىڭ بولسا مېنىڭكىدۇر ۋە مەن ئۇلاردا شەرەپ تاپتىم.
11 Uhana aje indaka zom anyimo unee ba, mi in haza ahira aweme. Ugomo Asere ulau, rusan we anyimo aniza nuwe me sa nyam, barki wa cukuno a inde kasi haru.
مەن ئەمدى بۇ دۇنيادا تۇرىۋەرمەيمەن؛ لېكىن ئۇلار بۇ دۇنيادا قالدى ۋە مەن سېنىڭ يېنىڭغا كېتىۋاتىمەن. ئى مۇقەددەس ئاتا، سەن ماڭا بەرگەن نامىڭ ئارقىلىق ئۇلارنى ساقلىغىنكى، بىز ئىككىمىز بىر بولغىنىمىزدەك، ئۇلارمۇ بىر بولغاي.
12 Uganiya sa inze nan we, ma nonzowe anyimo aniza nuwe me sa wa nyam; Ma tarsi unwe, ko unu inde anyimo awe dama hune me ba, se de sa ma curnome, barki tize ta Asere ta myinca.
مەن ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا، سەن ماڭا بەرگەن نامىڭ بىلەن ئۇلارنى ساقلىدىم ھەم قوغدىدىم؛ ۋە مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى يولىدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھالاكەتكە خاس بولغان كىشىدىن باشقا بىرىمۇ يوقالمىدى.
13 Ana me in ahira ashi me; Tize tigeme izinu boo me anyimo unee, bzrki wa kem iriba irum im imyinca muruba muwe me.
مانا ئەمدى سېنىڭ يېنىڭغا بارىمەن. مېنىڭ شادلىقىم ئۇلاردا تولۇپ تاشسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى دۇنيادىكى ۋاقتىمدا سۆزلىدىم.
14 Ma nya we tize tuwe me; Unee wa g we barki we azo anu nee waniba, aneni mi azo unu nee mani ba.
مەن ئۇلارغا سۆز-كالامىڭنى تاپشۇردۇم. مەن بۇ دۇنيادىن بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنيادىن بولمىغىنى ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ.
15 Inda wuzam biringara uziki we anyimo unee ba, biringara bum uhari we nan imum ibur.
ئۇلارنى بۇ دۇنيادىن ئايرىۋەتكەيسەن دەپ تىلىمەيمەن، بەلكى ئۇلارنى رەزىل بولغۇچىدىن ساقلىغايسەن، دەپ تىلەيمەن.
16 Azo we anu unee wani ba, ane ani me azo unu nee mani ba.
مەن بۇ دۇنيادىن بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنيادىن ئەمەستۇر.
17 Kpicuwe anyimo akadure; Tize tuwe me tine tini kadure.
ئۇلارنى ھەقىقەت ئارقىلىق ئۆزۈڭگە مۇقەددەس قىلىپ ئاتىغۇزغايسەن، چۈنكى سۆز-كالامىڭ ھەقىقەتتۇر.
18 Kasi sa wa tumum anyimo unee, ane ani ma tumu we anyimo unee.
سەن مېنى دۇنياغا ئەۋەتكىنىڭدەك، مەنمۇ ئۇلارنى دۇنياغا ئەۋەتتىم.
19 Barki we wani izinu kpico unice num, barki we wa kpici ace awe me in kadure.
ئۇلارمۇ ھەقىقەتتە مۇقەددەس قىلىنىپ ئۆزۈڭگە ئاتالسۇن دەپ، ئۆزۈمنى ساڭا خاس ئاتايمەن.
20 Azo barki agino ana cas inzi biringara ba, barki anagino sa wa nya kadure ahira am ahira boo utize tuwe me.
مەن يالغۇز ئۇلار ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە ئۇلارنىڭ سۆزى ئارقىلىق ماڭا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىمەن.
21 Barki we vat wa cukuno a inde; Kasi huu aco, ura anyimo am, me anyimo awe, barki we wa cukuno anyimo aru; Barki unee u hem hamani wa tumam.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر بولغاي؛ ئى ئاتا، سەن مەندە، مەن سەندە بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىزدە بىر بولغاي؛ شۇنداق بولغاندا، بۇ دۇنيادىكىلەر مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشىنىدۇ.
22 Ni nonzo sa wa nyam, ma nya we; Barki wa cukuno a inde kasi haruna inde wani.
سەن ماڭا ئاتا قىلغان شان-شەرەپنى ئۇلارغا ئاتا قىلدىمكى، بىز ئىككىمىز بىر بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىر بولغاي؛
23 Mi anyimo awe, huu anyimo am, bark wa cukuno a inde kan, barki unee urusi wa tumam, wa wuna usu uwe wa kuru wa hem in mi.
يەنى مەن ئۇلاردا، سەن مەندە بولۇپ، ئۇلار بىرلىكتە كامىل قىلىنغاي. شۇ ئارقىلىق بۇ دۇنيادىكىلەر مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭنى ھەم مېنى سۆيگىنىڭدەك ئۇلارنىمۇ سۆيگەنلىكىڭنى بىلىدۇ.
24 Aco, ande sa wa nyam, in nyara wa cukuno ahira sa irani, nigome nan mi; Barki wa iri ninonzo num, sa wa nyam wa wu usu um ada amu tuba unee ba.
ئى ئاتا، سەن ماڭا بەرگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسىنىڭ مەن بولغان يەردە مەن بىلەن بىرگە بولۇشىنى، شۇنداقلا مېنىڭ شان-شەرىپىمنى، يەنى سەن ئالەم ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن مېنى سۆيگەنلىكىڭ ئۈچۈن، ماڭا بەرگەن شان-شەرەپنى ئۇلارنىڭ كۆرۈشىنى خالايمەن.
25 Aco unu bursa, unee urusa we ba; Mi in rusa we, ana geme wa rusa wa tumam.
ئى ھەققانىي ئاتا، بۇ دۇنيادىكىلەر سېنى تونۇمىغان، ئەمما مەن سېنى تونۇيمەن ۋە بۇلارمۇ مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭنى بىلدى.
26 Ma bezi we niza nuwe me, idi bizizi nini, barki usu uge besa wa bezum ucukuno anyimo awe me, mi anyimo awe.
ۋە مەن سېنىڭ نامىڭنى ئۇلارغا ئايان قىلدىم ۋە يەنە داۋاملىق ئايان قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن، سېنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭ ئۇلاردا بولىدۇ ۋە مەنمۇ ئۇلاردا بولاي.

< Uyuhana 17 >