< Matteo 6 >

1 Guardatevi dal praticare le vostre buone opere davanti agli uomini per essere da loro ammirati, altrimenti non avrete ricompensa presso il Padre vostro che è nei cieli.
ھېزى بولۇڭلاركى، خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭلارنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۆز-كۆز قىلماڭلار. بۇنداق قىلساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشەلمەيسىلەر.
2 Quando dunque fai l'elemosina, non suonare la tromba davanti a te, come fanno gli ipocriti nelle sinagoghe e nelle strade per essere lodati dagli uomini. In verità vi dico: hanno gia ricevuto la loro ricompensa.
شۇڭا خەير-ساخاۋەت قىلغىنىڭدا، داۋراڭ سالما. ساختىپەزلەرلا سىناگوگلاردا ۋە كوچىلاردا ئادەملەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇلار كۆزلىگەن ئىنئامىغا ئېرىشكەن بولىدۇ.
3 Quando invece tu fai l'elemosina, non sappia la tua sinistra ciò che fa la tua destra,
لېكىن سەن، خەير-ساخاۋەت قىلغىنىڭدا ئوڭ قولۇڭنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى سول قولۇڭ بىلمىسۇن.
4 perché la tua elemosina resti segreta; e il Padre tuo, che vede nel segreto, ti ricompenserà.
شۇنىڭ بىلەن خەير-ساخاۋىتىڭ يوشۇرۇن بولىدۇ ۋە يوشۇرۇن ئىشلارنى كۆرگۈچى ئاتاڭ ساڭا بۇنى قايتۇرىدۇ.
5 Quando pregate, non siate simili agli ipocriti che amano pregare stando ritti nelle sinagoghe e negli angoli delle piazze, per essere visti dagli uomini. In verità vi dico: hanno gia ricevuto la loro ricompensa.
دۇئا قىلغان ۋاقتىڭدا، ساختىپەزلەردەك بولما؛ چۈنكى ئۇلار باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن سىناگوگلار ياكى تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋېلىپ دۇئا قىلىشقا ئامراقتۇر. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇلار كۆزلىگەن ئىنئامىغا ئېرىشكەن بولىدۇ.
6 Tu invece, quando preghi, entra nella tua camera e, chiusa la porta, prega il Padre tuo nel segreto; e il Padre tuo, che vede nel segreto, ti ricompenserà.
لېكىن سەن بولساڭ، دۇئا قىلغان ۋاقتىڭدا، ئىچكىرى ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى يېپىپ، يوشۇرۇن تۇرغۇچى ئاتاڭغا دۇئا قىلىڭلار؛ ۋە يوشۇرۇن كۆرگۈچى ئاتاڭ بۇنى ساڭا قايتۇرىدۇ.
7 Pregando poi, non sprecate parole come i pagani, i quali credono di venire ascoltati a forza di parole.
دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا، [بۇتپەرەس] يات ئەللىكلەردىكىدەك قۇرۇق گەپلەرنى تەكرارلاۋەرمەڭلار. چۈنكى ئۇلار دېگەنلىرىمىز كۆپ بولسا [خۇدا] تىلىگىنىمىزنى چوقۇم ئىجابەت قىلىدۇ، دەپ ئويلايدۇ.
8 Non siate dunque come loro, perché il Padre vostro sa di quali cose avete bisogno ancor prima che gliele chiediate.
شۇڭا، سىلەر ئۇلارنى دورىماڭلار. چۈنكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ ئېھتىياجىڭلارنى سىلەر تىلىمەستىن بۇرۇنلا بىلىدۇ.
9 Padre nostro che sei nei cieli, sia santificato il tuo nome; Voi dunque pregate così:
شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: ــ «ئى ئاسمانلاردا تۇرغۇچى ئاتىمىز، سېنىڭ نامىڭ مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلانغاي.
10 venga il tuo regno; sia fatta la tua volontà, come in cielo così in terra.
پادىشاھلىقىڭ كەلگەي، ئىرادەڭ ئەرشتە ئادا قىلىنغاندەك يەر يۈزىدىمۇ ئادا قىلىنغاي.
11 Dacci oggi il nostro pane quotidiano,
بۈگۈنكى نېنىمىزنى بۈگۈن بىزگە بەرگەيسەن.
12 e rimetti a noi i nostri debiti come noi li rimettiamo ai nostri debitori,
بىزگە قەرزدار بولغانلارنى كەچۈرگىنىمىزدەك، سەنمۇ قەرزلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن.
13 e non ci indurre in tentazione, ma liberaci dal male.
بىزنى ئازدۇرۇلۇشلارغا ئۇچراتقۇزمىغايسەن، بەلكى بىزنى رەزىل بولغۇچىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن».
14 Se voi infatti perdonerete agli uomini le loro colpe, il Padre vostro celeste perdonerà anche a voi;
چۈنكى سىلەر باشقىلارنىڭ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرىدۇ.
15 ma se voi non perdonerete agli uomini, neppure il Padre vostro perdonerà le vostre colpe.
بىراق باشقىلارنىڭ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرمىسەڭلەر، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىڭلارنى كەچۈرمەيدۇ.
16 E quando digiunate, non assumete aria malinconica come gli ipocriti, che si sfigurano la faccia per far vedere agli uomini che digiunano. In verità vi dico: hanno gia ricevuto la loro ricompensa.
روزا تۇتقان ۋاقتىڭلاردا، ساختىپەزلەردەك تاتىراڭغۇ قىياپەتكە كىرىۋالماڭلار. ئۇلار روزا تۇتقىنىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن چىرايلىرىنى سولغۇن قىياپەتتە كۆرسىتىدۇ. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇلار كۆزلىگەن ئىنئامىغا ئېرىشكەن بولىدۇ.
17 Tu invece, quando digiuni, profumati la testa e lavati il volto,
ئەمدى سەن، روزا تۇتقىنىڭدا، چاچلىرىڭنى مايلاپ، يۈزۈڭنى يۇيۇپ يۈر.
18 perché la gente non veda che tu digiuni, ma solo tuo Padre che è nel segreto; e il Padre tuo, che vede nel segreto, ti ricompenserà.
شۇ چاغدا، روزا تۇتقىنىڭ ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى پەقەت يوشۇرۇن تۇرغۇچى ئاتاڭغىلا كۆرۈنىدۇ؛ ۋە يوشۇرۇن كۆرگۈچى ئاتاڭ ئۇنى ساڭا قايتۇرىدۇ.
19 Non accumulatevi tesori sulla terra, dove tignola e ruggine consumano e dove ladri scassinano e rubano;
يەر يۈزىدە ئۆزۈڭلارغا بايلىقلارنى توپلىماڭلار. چۈنكى بۇ يەردە يا كۈيە يەپ كېتىدۇ، يا دات باسىدۇ ياكى ئوغرىلار تام تېشىپ ئوغرىلاپ كېتىدۇ.
20 accumulatevi invece tesori nel cielo, dove né tignola né ruggine consumano, e dove ladri non scassinano e non rubano.
ئەكسىچە، ئەرشتە ئۆزۈڭلارغا بايلىقلار توپلاڭلار. ئۇ يەردە كۈيە يېمەيدۇ، دات باسمايدۇ، ئوغرىمۇ تام تېشىپ ئوغرىلىمايدۇ.
21 Perché là dov'è il tuo tesoro, sarà anche il tuo cuore.
چۈنكى بايلىقىڭ قەيەردە بولسا، قەلبىڭمۇ شۇ يەردە بولىدۇ.
22 La lucerna del corpo è l'occhio; se dunque il tuo occhio è chiaro, tutto il tuo corpo sarà nella luce;
تەننىڭ چىرىغى كۆزدۇر. شۇڭا ئەگەر كۆزۈڭ ساپ بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ يورۇتۇلىدۇ.
23 ma se il tuo occhio è malato, tutto il tuo corpo sarà tenebroso. Se dunque la luce che è in te è tenebra, quanto grande sarà la tenebra!
لېكىن ئەگەر كۆزۈڭ يامان بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ قاراڭغۇ بولىدۇ. ئەگەر ۋۇجۇدۇڭدىكى «يورۇقلۇق» ئەمەلىيەتتە قاراڭغۇلۇق بولسا، ئۇ قاراڭغۇلۇق نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق-ھە!
24 Nessuno può servire a due padroni: o odierà l'uno e amerà l'altro, o preferirà l'uno e disprezzerà l'altro: non potete servire a Dio e a mammona.
ھېچكىم [بىرلا ۋاقىتتا] ئىككى خوجايىننىڭ قۇللۇقىدا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا باغلىنىپ، ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارايدۇ. [شۇنىڭغا ئوخشاش]، سىلەرنىڭ ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇللۇقىدا بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس.
25 Perciò vi dico: per la vostra vita non affannatevi di quello che mangerete o berrete, e neanche per il vostro corpo, di quello che indosserete; la vita forse non vale più del cibo e il corpo più del vestito?
شۇڭا مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھاياتىڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكنىڭ غېمىنى قىلماڭلار. ھاياتلىق ئوزۇقتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟
26 Guardate gli uccelli del cielo: non seminano, né mietono, né ammassano nei granai; eppure il Padre vostro celeste li nutre. Non contate voi forse più di loro?
ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، ئورمايدۇ، ئامبارلارغا يىغمايدۇ، لېكىن ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۇلارنىمۇ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. سىلەر ئاشۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟
27 E chi di voi, per quanto si dia da fare, può aggiungere un'ora sola alla sua vita?
ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى بىرەر سائەت ئۇزارتالايسىلەر؟
28 E perché vi affannate per il vestito? Osservate come crescono i gigli del campo: non lavorano e non filano.
سىلەرنىڭ كىيىم-كېچەكنىڭ غېمىنى قىلىشىڭلارنىڭ نېمە ھاجىتى؟! دالادىكى نېلۇپەرلەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئەمگەكمۇ قىلمايدۇ، چاق ئېگىرمەيدۇ؛
29 Eppure io vi dico che neanche Salomone, con tutta la sua gloria, vestiva come uno di loro.
لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا سۇلايمان تولۇق شان-شەرەپتە تۇرغاندىمۇ ئۇنىڭ كىيىنىشى نىلۇپەرلەرنىڭ بىر گۈلىچىلىكمۇ يوق ئىدى.
30 Ora se Dio veste così l'erba del campo, che oggi c'è e domani verrà gettata nel forno, non farà assai più per voi, gente di poca fede?
ئەمدى خۇدا دالادىكى بۈگۈن ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا سېلىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى شۇنچە بېزىگەن يەردە، سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ، ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار!
31 Non affannatevi dunque dicendo: Che cosa mangeremo? Che cosa berremo? Che cosa indosseremo?
شۇڭا «نېمە يەيمىز»، «نېمە ئىچىمىز»، «نېمە كىيىمىز؟» دەپ غەم قىلماڭلار.
32 Di tutte queste cose si preoccupano i pagani; il Padre vostro celeste infatti sa che ne avete bisogno.
چۈنكى يات ئەلدىكىلەر مانا شۇنداق ھەممە نەرسىگە ئىنتىلىدۇ، ئەمما ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ ھەممە نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ؛
33 Cercate prima il regno di Dio e la sua giustizia, e tutte queste cose vi saranno date in aggiunta.
شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن ئاۋۋال خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقىغا ئىنتىلىڭلار. ئۇ چاغدا، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە قوشۇلۇپ نېسىپ بولىدۇ.
34 Non affannatevi dunque per il domani, perché il domani avrà gia le sue inquietudini. A ciascun giorno basta la sua pena.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەتىنىڭ غېمىنى قىلماڭلار. ئەتىنىڭ غېمى ئەتىگە قالسۇن. ھەر كۈننىڭ دەردى شۇ كۈنگە تۇشلۇق بولىدۇ.

< Matteo 6 >