ھەر قېتىملىق باش كاھىن ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللىنىپ، خەلققە ۋاكالىتەن خۇداغا خىزمەت قىلىشقا، يەنى خەلقنىڭ ئاتىغان ھەدىيەلىرىنى ۋە گۇناھلار ئۈچۈن قىلغان قۇربانلىقلىرىنى خۇداغا سۇنۇشقا تەيىنلىنىدۇ. |
ئۇنىڭ ھەرتەرەپلەپ ئاجىزلىقلىرى بولغاچقا، بىلىمسىزلەر ۋە يولدىن چەتنىگەنلەرگە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلالايدۇ. |
شۇ ئاجىزلىقى ئۈچۈن ئۇ خەلقنىڭ گۇناھلىرى ھېسابىغا قۇربانلىق سۇنغاندەك، ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈنمۇ قۇربانلىق سۇنۇشقا توغرا كېلىدۇ. |
ھېچبىر كىشى بۇ شەرەپلىك مەرتىۋىنى ئۆزلۈكىدىن ئالمايدۇ، پەقەت ھارۇنغا ئوخشاش، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندىلا ئۇنى ئالىدۇ. |
خۇددى شۇنىڭدەك مەسىھمۇ باش كاھىن مەرتىۋىسىگە ئۆزىنى ئۇلۇغلاپ ئۆزلۈكىدىن ئېرىشكەن ئەمەس، بەلكى ئۇنى [ئۇلۇغلىغۇچى خۇدا] ئۆزى ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا: ــ «سەن مېنىڭ ئوغلۇمدۇرسەن، بۈگۈن مەن سېنى تۇغدۇردۇم» دېگەن. |
ئۇ [مۇقەددەس يازمىلارنىڭ] يەنە بىر يېرىدە ئۇنىڭغا: ــ «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن» دېگەن. (aiōn g165) |
[مەسىھ] يەر يۈزىدىكى كۈنلەردە، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇۋېلىشقا قادىر بولغۇچىغا قاتتىق نىدالار ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا-تىلاۋەتلەر ۋە يىلىنىشلارنى كۆتۈردى. ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىدىن دۇئالىرى ئىجابەت قىلىندى. |
گەرچە ئۇ [خۇدانىڭ] ئوغلى بولسىمۇ، ئازاب چېكىشلىرى ئارقىلىق ئىتائەتمەن بولۇشنى ئۆگەندى. |
ئۇ مانا مۇشۇنداق مۇكەممەل قىلىنغان بولغاچقا، بارلىق ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا مەڭگۈلۈك نىجاتنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى بولۇپ، (aiōnios g166) |
خۇدا تەرىپىدىن «مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى تەرتىپىدە باش كاھىن» دەپ جاكارلاندى. |
بۇ ئىش توغرۇلۇق ئېيتىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىمىز بار، لېكىن قۇلاقلىرىڭلار پاڭ بولۇپ كەتكەچكە، بۇلارنى سىلەرگە ئېنىق چۈشەندۈرۈش تەس. |
چۈنكى سىلەر ئاللىبۇرۇن تەلىم بەرگۈچى بولۇشقا تېگىشلىك بولغان چاغدىمۇ، ئەمەلىيەتتە سىلەر يەنىلا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ئاساسىي ھەقىقەتلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى باشقىلارنىڭ يېڭىۋاشتىن ئۆگىتىشىگە موھتاجسىلەر؛ سىلەرگە يىرىك يېمەكلىك ئەمەس، بەلكى يەنىلا سۈت كېرەكتۇر. |
چۈنكى پەقەت سۈت بىلەنلا ئوزۇقلىنىدىغانلارنىڭ بوۋاقتىن پەرقى يوقتۇر، ئۇلار ھەققانىيەت كالامىغا پىششىق بولمىغان غورىدۇر، خالاس. |
بىراق يېمەكلىك بولسا يېتىلگەنلەر، يەنى ئۆز ئاڭ-زېھىنلىرىنى ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشكە يېتىلدۇرگەنلەر ئۈچۈندۇر. |