< Zsoltárok 33 >

1 Örvendezzetek ti igazak, az Úrban; a hívekhez illik a dícséret.
ئەي ھەققانىيلار، پەرۋەردىگار ئۈچۈن تەنتەنە قىلىڭلار! مەدھىيىلەش دۇرۇسلار ئۈچۈن گۈزەل ئىشتۇر.
2 Dicsérjétek az Urat cziterával; tízhúrú hárfával zengjetek néki.
راۋاب بىلەن پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەڭلار؛ ئونتارغا تەڭكەش بولۇپ، ئۇنىڭغا كۈيلەرنى ئېيتىڭلار.
3 Énekeljetek néki új éneket, lantoljatok lelkesen, harsogón.
ئۇنىڭغا ئاتاپ يېڭى بىر مۇناجات-ناخشىنى ئېيتىڭلار؛ ماھىرلىق بىلەن چېلىپ، ئاۋازىڭلارنى يۇقىرى ياڭرىتىڭلار.
4 Mert az Úr szava igaz, és minden cselekedete hűséges.
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بەرھەقتۇر؛ ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى ۋەدىلىرىگە ساداقەتلىكتۇر.
5 Szereti az igazságot és törvényt; az Úr kegyelmével telve a föld.
ئۇ ھەققانىيەت ھەم ئادالەتنى ياخشى كۆرگۈچىدۇر؛ يەر-زېمىن پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقى بىلەن تولغاندۇر.
6 Az Úr szavára lettek az egek, és szájának leheletére minden seregök.
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بىلەن ئاسمانلار يارىتىلغان، ئۇنىڭ ئاغزىدىكى نەپەس بىلەن ئۇلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىمۇيارىتىلغاندۇر؛
7 Összegyűjti a tenger vizeit, mintegy tömlőbe; tárházakba rakja a hullámokat.
ئۇ دېڭىزدىكى سۇلارنى بىر يەرگە يىغىپ دۆۋىلەيدۇ؛ ئۇ ئوكيانلارنى ئامبارلار ئىچىدە ساقلاپ تۇرىدۇ؛
8 Féljen az Úrtól mind az egész föld, rettegjen tőle minden földi lakó.
پۈتكۈل يەر يۈزىدىكىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسۇن؛ دۇنيادىكى پۈتۈن جان ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ھۆرمەتلىسۇن؛
9 Mert ő szólt és meglett, ő parancsolt és előállott.
چۈنكى ئۇنىڭ بىر سۆزى بىلەنلا ئىش پۈتتۈرۈلگەنىدى؛ ئۇنىڭ بىر ئەمرى بىلەنلا دېگەنلىرى بەرپا قىلىنغانىدى.
10 Az Úr elforgatja a nemzetek tanácsát, meghiúsítja a népek gondolatait.
پەرۋەردىگار ئەللەرنىڭ پىلانىنى توسىۋېتىدۇ؛ ئۇ قوۋملارنىڭ خىياللىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ.
11 Az Úr tanácsa megáll mindörökké, szívének gondolatai nemzedékről-nemzedékre.
پەرۋەردىگارنىڭ نەسىھەتى مەڭگۈگە تۇرىدۇ؛ قەلبىدىكى ئويلىرى دەۋردىن-دەۋرگە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
12 Boldog nép az, a melynek Istene az Úr, az a nép, a melyet örökségül választott magának.
«پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر» دەيدىغان قوۋم بەختلىكتۇر! يەنى ئۆز مىراسى بولۇشقا تاللىغان خەلق بەختلىكتۇر!
13 Az égből letekint az Úr, látja az emberek minden fiát.
پەرۋەردىگار ئەرشتىن يەرگە نەزەر سالىدۇ، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.
14 Székhelyéről lenéz a föld minden lakosára.
تۇرالغۇسىدىن يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارايدۇ؛
15 Ő alkotta mindnyájok szivét, és jól tudja minden tettöket.
ئۇ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ قەلبلىرىنى ياسىغۇچىدۇر؛ ئۇلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى دەڭسەپ چىققۇچىدۇر.
16 Nem szabadul meg a király nagy sereggel; a hős sem menekül meg nagy erejével;
پادىشاھ بولسا قوشۇنلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن غالىب بولالمايدۇ؛ پالۋان ئۆزىنىڭ زور كۈچى بىلەن ئۆزىنى قۇتقۇزالمايدۇ؛
17 Megcsal a ló a szabadításban, nagy erejével sem ment meg.
تولپارغا تايىنىپ خەۋپ-خەتەردىن قۇتقۇزۇلۇش بىھۇدىلىكتۇر، ئۇ زور كۈچى بىلەن ھېچكىمنى قۇتقۇزالمايدۇ؛
18 Ámde az Úr szemmel tartja az őt félőket, az ő kegyelmében bízókat,
مانا، ئۇلارنىڭ جېنىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، قەھەتچىلىكتە ئۇلارنى ھايات ساقلاش ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئۆزىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ.
19 Hogy kimentse lelköket a halálból, és az éhségben is eltartsa őket.
20 Lelkünk az Urat várja, segítségünk és paizsunk ő.
بىزنىڭ جېنىمىز پەرۋەردىگارغا تەلمۈرىدۇ؛ بىزنىڭ ياردەمچىمىز، بىزنىڭ قالقىنىمىز ئۇ بولىدۇ.
21 Csak ő benne vigad a mi szívünk, csak az ő szent nevében bízunk!
شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن قەلبىمىز شادلىنىپ كېتىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا تايىنىپ ئىشەندۇق.
22 Legyen, Uram, a te kegyelmed rajtunk, a miképen bíztunk te benned.
ئى پەرۋەردىگار، بىز ساڭىلا ئۈمىد باغلىغىنىمىزدەك، سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭمۇ ئۈستىمىزدە بولغاي!

< Zsoltárok 33 >