< Ezékiel 32 >

1 És lőn a tizenkettedik esztendőben, a tizenkettedik hónapban, a hónap elsején, lőn az Úr beszéde hozzám, mondván:
ئون ئىككىنچى يىلى، ئون ئىككىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ
2 Embernek fia! kezdj gyászéneket a Faraóról, Égyiptom királyáról, és mondjad néki: Nemzetek fiatal oroszlánja, elvesztél; hiszen te olyan valál, mint a krokodil a tengerekben, mert kijövél folyóidon és megháborítád lábaiddal a vizeket és felzavartad folyóikat.
ئى ئىنسان ئوغلى، مىسىر پادىشاھى پىرەۋن ئۈچۈن بىر مەرسىيەنى ئاغزىڭغا ئېلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ سەن ئۆزۈڭنى ئەللەر ئارىسىدا بىر شىرغا ئوخشاتقانسەن، بىراق سەن دېڭىز-ئوكيانلار ئارىسىدىكى بىر ئەجدىھاسەن، خالاس؛ سەن پالاقلىشىپ ئېرىقلىرىڭنى ئېشىپ تاشتۇرۇپ، سۇلىرىنى ئاياغلىرىڭ بىلەن چالغىتىپ، دەريالىرىنى لېيىتىپ قويدۇڭ.
3 Így szól az Úr Isten: Ezért kivetem rád hálómat sok nép serege által, és kihúznak téged varsámban.
ــ ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ كۆپ ئەللەرنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى ئالدىدا ئۆز تورۇمنى ئۈستۈڭگە يېيىپ تاشلايمەن؛ ئۇلار سېنى تورۇمدا تۇتۇپ تارتىشىدۇ.
4 És leterítlek a földre, a mezőség színére vetlek, és reád szállítom az ég minden madarát, s megelégítem belőled az egész föld vadait.
مەن سېنى قۇرۇقلۇقتا قالدۇرۇپ، دالاغا تاشلايمەن؛ ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلارنى ئۈستۈڭگە قوندۇرۇپ، يەر يۈزىدىكى جانىۋارلارنى سېنىڭدىن تويۇندۇرىمەن؛
5 S vetem húsodat a hegyekre, és betöltöm a völgyeket rothadásoddal.
گۆشۈڭنى تاغلار ئۈستىگە قويىمەن، جىلغىلارنى پۈتكۈل ئەزايىڭ بىلەن تولدۇرىمەن؛
6 És megitatom áradásod földjét véredből mind a hegyekig, s a mélységek megtelnek belőled.
مەن قېنىڭنىڭ ئېقىشلىرى بىلەن زېمىننى ھەتتا تاغلارغىچىمۇ سۇغىرىمەن؛ جىرالار سەن بىلەن توشۇپ كېتىدۇ.
7 És mikor eloltalak, beborítom az eget, s csillagait besötétítem, a napot felhőbe borítom, és a hold nem fényeskedik fényével.
نۇرۇڭنى ئۆچۈرگىنىمدە، مەن ئاسمانلارنى توسۇۋېتىمەن، يۇلتۇزلارنى قارا قىلىمەن؛ قۇياشنى بۇلۇت بىلەن قاپلايمەن، ئاي نۇر بەرمەيدۇ.
8 Minden világító testet megsötétítek miattad az égen, és bocsátok sötétséget földedre, ezt mondja az Úr Isten.
ئاسمانلاردىكى بارلىق پارلايدىغان نۇرلارنى ئۈستۈڭدە قارا قىلىپ، زېمىنىڭگە قاراڭغۇلۇقنى قاپلايمەن، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
9 És megszomorítom sok nép szívét, ha elhíresztelem romlásodat a nemzetek között, a földeken, a melyeket nem ismersz.
مەن ئەللەر ئارىسىغا، يەنى سەن تونۇمىغان مەملىكەتلەر ئارىسىغا سېنىڭ ھالاكتىن [قالغان ئادەملىرىڭنى] ئېلىپ كەتكىنىمدە، كۆپ ئەللەرنىڭ يۈرىكىنى بىئارام قىلىمەن؛
10 És cselekszem, hogy elborzadjanak miattad a sok népek, s királyaik rémüljenek el rémüléssel miattad, mikor villogtatom fegyveremet előttök, s remegni fognak minden szempillantásban, kiki az ő életéért, zuhanásod napján.
مەن كۆپ ئەللەرنى سەن بىلەن ئالاقزادە قىلىمەن، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى ساڭا قاراپ دەھشەتلىك قورقىشىدۇ؛ مەن قىلىچىمنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئويناتقىنىمدا، يەنى سېنىڭ يىقىلغان كۈنىڭدە ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز جان قايغۇسىدا ھەر دەقىقە تەۋرىنىدۇ.
11 Mert így szól az Úr Isten: A babiloni király fegyvere jön reád.
ــ چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «بابىل پادىشاھىنىڭ قىلىچى ئۈستۈڭگە چىقىدۇ.
12 Vitézeknek fegyvereivel hullatom el sokaságodat, ők a népek legkegyetlenebbjei mindnyájan; és elpusztítják Égyiptom kevélységét, és elvész minden sokasága.
پالۋانلارنىڭ قىلىچلىرى بىلەن مەن سېنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىڭنى يىقىتىمەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەللەر ئارىسىدىكى مۇستەبىتلەردۇر؛ ئۇلار مىسىرنىڭ پەخرىنى يوقىتىدۇ، ئۇنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى قۇرۇتۇۋېتىلىدۇ.
13 És elvesztem minden barmát a sok vizek mellől, és nem zavarja fel azokat többé ember lába, sem barmok körme azokat föl nem zavarja.
مەن زور سۇلار بويىدىن بارلىق ھايۋانلىرىنىمۇ ھالاك قىلىمەن؛ ئىنسان ئايىغى قايتىدىن ئۇلارنى چالغاتمايدۇ، ھايۋانلارنىڭ تۇياقلىرى قايتىدىن ئۇلارنى لېيىتمايدۇ.
14 Akkor meghiggasztom vizeiket, és folyóikat, olajként folyatom, ezt mondja az Úr Isten,
شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنىڭ سۇلىرىنى تىندۇرىمەن؛ ئۇلارنىڭ ئېرىقلىرىنى سۈپسۈزۈك مايدەك ئاقتۇرىمەن، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
15 Mikor Égyiptom földjét pusztasággá teszem, és kipusztul a föld teljességéből, mert megverek minden rajta lakót, hogy megtudják, hogy én vagyok az Úr.
ــ مەن مىسىر زېمىنىنى ۋەيرانە قىلغىنىمدا، زېمىن ئۆزىنىڭ بارلىقىدىن مەھرۇم بولغىنىدا، مەن ئۇنىڭدىكى بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى ئۇرۇۋەتكىنىمدە، ئەمدى ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ.
16 Gyászének ez és sírva énekeljék; a népek leányai énekeljék sírva; Égyiptomról és minden sokaságáról énekeljék sírva, ezt mondja az Úr Isten.
ــ بۇ بىر مەرسىيە؛ ئۇلار ئۇنى ئوقۇيدۇ ــ ئەللەرنىڭ قىزلىرى ماتەم قىلىپ ئۇنى ئوقۇيدۇ؛ مەرسىيەنى ئۇلار مىسىر ۋە ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرىگە ئوقۇيدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
17 És lőn a tizenkettedik esztendőben, a hónap tizenötödikén, lőn az Úr beszéde hozzám, mondván:
ئون ئىككىنچى يىلى، ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدە [يەنە] شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ
18 Embernek fia! sírj Égyiptom sokaságán, és szállítsd alá őt te és a hatalmas nemzetek leányai a mélységek országába azokhoz, kik sírgödörbe szálltak.
ئى ئىنسان ئوغلى، مىسىرنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى ئۈچۈن ئاھ-زار چەككىن؛ شۇنىڭدەك ئۇلارنى، يەنى ئۇنى كۈچلۈك ئەللەرنىڭ قىزلىرى بىلەن بىللە تۆۋەنگە، ھاڭغا چۈشىدىغانلارغا ھەمراھ بولۇشقا يەر تېگىلىرىگە چۈشۈرۈپ تاشلىۋەت؛
19 Kinél nem voltál volna kedvesebb? Szállj alá, hadd fektessenek a körülmetéletlenek mellé!
گۈزەللىكتە سەن كىمدىن ئارتۇق ئىدىڭ؟ ئەمدى چۈشۈپ، خەتنە قىلىنمىغان بىلەن بىللە يات!
20 A fegyverrel megölettek közt essenek el! A fegyver átadatott; húzzátok lefelé őt és minden sokaságát!
ئۇلار قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىغا يىقىلىدۇ؛ قىلىچ سۇغۇرۇلدى؛ ئۇ ۋە ئۇنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى سۆرەپ ئاپىرىۋېتىلسۇن!
21 Szólni fognak felőle a vitézek hatalmasai a sír közepéből együtt az ő segítőivel: alászállottak, hogy itt feküdjenek a körülmetéletlenek, mint fegyverrel megöltek! (Sheol h7585)
ئەمدى پالۋانلارنىڭ ئارىسىدىكى باتۇر-ئەزىمەتلەر تەھتىسارانىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ [مىسىر] ۋە ئۇنى قوللىغانلارغا سۆز قىلىدۇ: ــ«مانا، ئۇلار چۈشتى، ئۇلار جىم ياتىدۇ ــ خەتنە قىلىنمىغانلار، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر!». (Sheol h7585)
22 Itt van Assúr és egész sokasága, körülte sírjai, mindnyájan megölettek, kik fegyver miatt hulltak el,
ــ مانا، شۇ يەردىدۇر ئاسۇرىيە ۋە ئۇنىڭ يىغىلغان قوشۇنى؛ ئۇنىڭ گۆرلىرى ئۆز ئەتراپىدىدۇر؛ مانا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلگەن، قىلىچلانغان.
23 A kinek sírjai a sírgödör legmélyén vannak és sokasága az ő sírja körül van, mindnyájan megölettek, fegyver miatt elestek, kik félelmére valának az élők földjének.
ئۇلارنىڭ گۆرلىرى چوڭقۇر ھاڭنىڭ تېگىدىدۇر؛ ئۇنىڭ يىغىلغان قوشۇنى ئۆز گۆرى ئەتراپىدا تۇرىدۇ؛ ئۇلار تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا ئادەملەرگە ۋەھشەت سالغانلار ــ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلگەن، قىلىچلانغان.
24 Itt van Elám és egész sokasága az ő sírja körül, mindnyájan megölettek, kik fegyver miatt hulltak el, kik alászálltak körülmetéletlenül a mélységek országába, kik félelmére valának az élők földjének, és viselik gyalázatukat azok mellett, kik sírgödörbe szálltak.
مانا ئېلام ۋە ئۇنىڭ گۆرىنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلگەن، قىلىچلانغان، ئۇلار خەتنە قىلىنمىغان پېتى يەر تېگىلىرىگە چۈشكەنلەر ــ يەنى تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا ئادەملەرگە ئۆز ۋەھشىتىنى سالغانلار! بىراق ھازىر ئۇلار ھاڭغا چۈشكەنلەر بىلەن بىللە ئىزا-ئاھانەتكە چۆمىدۇ.
25 A megölettek között vetettek néki ágyat minden sokaságával, körülte vannak ennek sírjai, mindnyájan körülmetéletlenek, fegyverrel megölettek, mert félelmére valának az élők földjének, és viselik gyalázatukat azok mellett, kik sírgödörbe szálltak; a megölettek közé vetették őket!
كىشىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا، توپ-توپ ئادەملىرى ئارىسىدا بىر ئورۇن راسلىغان؛ خەلقىنىڭ گۆرلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىدىدۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنمىغانلار، قىلىچلانغانلار؛ شۇڭا ئۇلار ھاڭغا چۈشكەنلەر بىلەن بىللە ئىزا-ئاھانەتكە قالىدۇ؛ ئۇلار ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىغا ياتقۇزۇلىدۇ ــ گەرچە تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا ئۇلارنىڭ ۋەھشىتى ئادەملەرگە سېلىنغان بولسىمۇ!
26 Itt van Mések-Tubál és minden sokasága, körülte vannak ennek sírjai, mindnyájan körülmetéletlenek, fegyverrel megölettek, mert félelmére valának az élők földjének.
مانا شۇ يەردە مەشەك بىلەن تۇبال بارلىق توپ-توپ ئادەملىرى بىلەن تۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ گۆرلىرى ئۆز ئەتراپىدىدۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنمىغانلار، قىلىچلانغانلار ــ گەرچە ئۇلار تىرىك تۇرۇۋاتقانلارنىڭ زېمىنىدا ئۆز ۋەھشىتىنى ئادەملەرگە سالغان بولسىمۇ!
27 És nem feküsznek együtt az erősekkel, kik elestek a körülmetéletlenek közül, kik hadiszerszámaikkal szálltak alá a sírba s kiknek az ő fegyvereiket fejük alá tették; mert lőn az ő vétkök csontjaikon, mivelhogy félelmére valának a vitézeknek az élők földjén. (Sheol h7585)
ئۇلار جەڭ قوراللىرى بىلەن تەھتىساراغا چۈشكەن، قىلىچلىرى ئۆز بېشى ئاستىغا قويۇلغان، خەتنە قىلىنماي تۇرۇپ يىقىلغان پالۋانلار ئارىسىدا ياتمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرى ئۆز ئۇستىخانلىرى ئۈستىدە بولىدۇ ــ گەرچە ئۇلار تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا باتۇرلارغىمۇ ۋەھشەت سالغان بولسىمۇ! (Sheol h7585)
28 Te is a körülmetéletlenek közt rontatol meg, és fekszel a fegyverrel megölettek mellett.
سەن [پىرەۋنمۇ] خەتنە قىلىنمىغانلار ئارىسىدا تارمار بولۇپ، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا ياتىسەن.
29 Itt van Edom királyaival és minden fejedelmével, kik vettettek erősségökben a fegyverrel megöltekhez, ők a körülmetéletlenekkel feküsznek s azokkal, a kik sírgödörbe szálltak.
مانا شۇ يەردە ئېدوم، ئۇنىڭ پادىشاھلىرى، بارلىق شاھزادىلىرىمۇ؛ ئۇلار كۈچلۈك بولسىمۇ، قىلىچلانغانلار بىلەن بىللە ياتقۇزۇلىدۇ؛ ئۇلار خەتنە قىلىنمىغانلار ئارىسىدا، ھاڭغا چۈشىدىغانلار بىلەن بىللە ياتىدۇ.
30 Ott vannak észak uralkodói mindnyájan, és minden sidoni, a kik alászálltak a megölettekkel, rettenetes voltukban, erősségökben megszégyenülve; és feküsznek körülmetéletlenül a fegyverrel megölettek mellett, és viselik gyalázatukat a sírgödörbe szálltak között.
مانا شىمالدىكى شاھزادىلەر، ھەممىسى؛ مانا بارلىق زىدوندىكىلەر، ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىللە چۈشكەن؛ گەرچە ئۆز كۈچى بىلەن ۋەھشەت سالغان بولسىمۇ، ئۇلار ھازىر خىجالەتتە قالدى؛ ئۇلار خەتنە قىلىنمىغان بولۇپ، قىلىچلانغانلار ئارىسىدا يېتىپ، ھاڭغا چۈشىدىغانلار بىلەن بىللە خىجالەتكە قالىدۇ.
31 Ezeket látni fogja a Faraó, és megvígasztalódik minden sokasága felől; fegyverrel ölettek meg a Faraó és minden ő serege, ezt mondja az Úr Isten,
پىرەۋن بۇلارنى كۆرىدۇ، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ قىلىچلانغان توپ-توپ ئادەملىرى توغرۇلۇق، يەنى ئۆزى ۋە قوشۇنى توغرۇلۇق ئۇلاردىن تەسەللى ئالىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
32 Mert félelmére adtam őt az élők földjének; ezért ott vetnek ágyat néki a körülmetéletlenek között, a fegyverrel megölettek mellett, a Faraónak és minden sokaságának, ezt mondja az Úr Isten.
ــ گەرچە مەن ئۇنىڭ ۋەھشىتىنى تىرىك تۇرۇۋاتقانلارنىڭ زېمىنىغا سالدۇرغان بولساممۇ، بىراق ئۇ خەتنە قىلىنمىغانلار ئارىسىغا، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىغا ياتقۇزۇلىدۇ، ــ يەنى پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.

< Ezékiel 32 >