< Józsué 15 >

1 És jutott a sors Jehúda fiai törzsének családjaik szerint; Edóm határa felé, Cín pusztája felé délről, a déli tájék szélén.
يەھۇدالار قەبىلىسىنىڭ مىراسى بولسا جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە چەك تاشلىنىپ ئېرىشكەن زېمىن بولۇپ، جەنۇبىي تەرەپنىڭ ئۇچى ئېدومنىڭ چېگرىسىغا ۋە زىن چۆلىگە تۇتاشتى؛
2 S volt nekik déli határul a Sóstenger szélétől, a nyelvtől, mely délnek fordul;
جەنۇبىي چېگرىسى «شور دېڭىزى»نىڭ ئايىغىدىن، يەنى جەنۇبىي تەرەپكە چوقچىيىپ چىققان قولتۇقتىن باشلىنىپ،
3 s kifut Akrabbím hágójától délre, átvonul Cínig, fölmegy Kádés-Barnéától délre, átvonul Checrónig, fölmegy Addárig és átkerül Karká felé;
«سېرىق ئېشەك داۋىنى»نىڭ جەنۇب تەرىپىدىن ئۆتۈپ، زىنغا تۇتاشتى؛ ئاندىن قادەش-بارنېئانىڭ جەنۇبىنى ياقىلاپ ھەزرونغا ئۆتۈپ، ئاددارغا بېرىپ، كاركائاھقا بۇرۇلۇپ،
4 átmegy Acmónba s kifut Egyiptom patakjáig és lesznek a határ végezetei a tengernél: ez legyen nektek déli határul.
ئازمونغا ئۆتۈپ مىسىر ئېقىنى بىلەن چىقىپ، ئۇچى دېڭىزغا تاقىشاتتى. بۇ ئۇلارنىڭ جەنۇبىي چېگرىسى ئىدى.
5 A keleti határ pedig: a Sós tenger a Jordán széléig; s a határ az északi szélen: a tenger nyelvétől a Jordán szélétől.
شەرقىي چېگرىسى بولسا شور دېڭىزىدىن ئىئوردان دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزىغىچە ئىدى؛ شىمالىي چېگرىسى بولسا دېڭىزنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزىدىن باشلىنىپ،
6 És fölmegy a határ Bét-Chogláig, átvonul Bét-Arábától északra, s fölmegy a határ Bóhan, Reúbén fia, kövéig;
ئاندىن بەيت-ھوگلاھغا بېرىپ، بەيت-ئاراباھنىڭ شىمالىدىن ئۆتۈپ، رۇبەننىڭ ئوغلى بوھاننىڭ تېشىنىڭ قېشىغىچە ئىدى؛
7 fölmegy a határ Debírnek, Ákhór völgye felől, meg északnak fordulva, Gilgál felé, mely szemben van Adummím hágójával, a mely a pataktól délre van; s átvonul a határ Én-Sémes vizéig és lesznek végezetei Én-Rógélnél.
ئاندىن چېگرا ئاقور جىلغىسىدىن دەبىرگە قاراپ ئۆتۈپ، ئۇ يەردىن شىمال تەرىپىگە بۇرۇلۇپ، جىلغىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى ئادۇممىمغا چىقىدىغان داۋاننىڭ ئۇدۇلىدىكى گىلگالغا يېتىپ بېرىپ، ئاندىن ئەن-شەمەش سۇلىرىدىن ئۆتۈپ، ئەن-روگەل بۇلىقىغا تۇتىشاتتى؛
8 Erre fölmegy a határ Ben-Hinnóm völgyén délre a Jebúszi oldalától – az Jeruzsálem, s fölmegy a határ azon hegy csúcsára, mely a Hinnóm völgye előtt van nyugatról, mely a Refáim völgyének szélén van északról.
ئۇ يەردىن «بەن-ھىننومنىڭ جىلغىسى»غا چىقىپ، يەبۇسىيلار ئېگىزلىكىدىن، يەنى يېرۇسالېمنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى داۋاندىن ئۆتۈپ، ئاندىن ھىننوم جىلغىسىنىڭ ئالدىغا، يەنى غەرب تەرەپكە، رەفايىيلارنىڭ جىلغىسىنىڭ شىمالىي بېشىدىكى تاغنىڭ چوققىسىغا چىقتى؛
9 És húzódik a határ a hegy csúcsától Neftóach vize forrásáig és kifut Efrón hegysége városa felé és húzódik a határ Báaláig – az Kirjat-Jeárim.
چېگرا بۇ تاغنىڭ چوققىسىدىن نەفتوئاھ سۈيىنىڭ بۇلىقىغا بېرىپ، ئاندىن ئەفرون تېغىدىكى شەھەرلىرىنىڭ يېنى بىلەن چىقىپ، ئۇ يەردىن بائالاھ (يەنى كىرىئات-يېئارىم)غا يېتىپ بېرىپ،
10 S átkerül a határ Báalától nyugatnak a Szeir hegyig és átvonul északra Har-Jeárimtól – az Keszálón – lemegy Bét-Sémesnek és átvonul Timnáig.
ئاندىن بائالاھتىن ئۆتۈپ، غەرب تەرىپىگە قايرىلىپ سېئىر تېغىغا بېرىپ، يېئارىم تېغى (يەنى كېسالون)نىڭ شىمالىي باغرىدىن ئۆتۈپ، بەيت-شەمەشكە چۈشۈپ، تىمناھتىن ئۆتتى؛
11 És kifut a határ Ekrón oldalától északról s húzódik a határ Sikrónnak, átvonul Báala hegyéig és kifut Jabneélig; és lesznek a határ végezetei a tengernél.
ئاندىن شىمالغا قاراپ ئەكروننىڭ داۋىنى بىلەن چىقىپ شىكرونغا ئۆتۈپ، بائالاھ تېغىنىڭ يېنىغا تۇتىشىپ، يابنەئەلگە يېتىپ، ئاندىن ئۇچى دېڭىزغا تاقاشقانىدى.
12 A nyugati határ pedig: a nagy tenger határul. Ez Jehúda fiainak határa, köröskörül családjaik szerint.
غەرب تەرىپىدىكى چېگرىسى بولسا دېڭىز بويلىرى ئىدى. يەھۇدالارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا توختىتىلغان تۆت تەرىپىدىكى چېگرا مانا شۇ ئىدى.
13 Kálébnek, Jefunne fiának pedig adta osztályrészül Jehúda fiai között, az Örökkévaló parancsa szerint Józsuának: Kirjat-Arbát – ez volt Anák atyja – azaz Chebrónt.
يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبگە بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ يەشۇئاغا بەرگەن ئەمرى بويىچە، ئۇنىڭغا يەھۇدالارنىڭ ئارىسىدا بىر ئۈلۈش، يەنى ئاناكنىڭ ئاتىسى ئاربانىڭ شەھىرى بولغان ھېبرون ئاتا قىلىندى.
14 És kiűzte onnan Káléb Anák három fiát: Sésajt, Achímánt és Talmajt, Anák szülöttjeit.
كالەب شۇ يەردىن شېشاي، ئاھىمان ۋە تالماي دېگەن ئۈچ ئاناكىينى قوغلىۋەتتى؛ ئۇلار ئۈچى ئاناكنىڭ ئەۋلادى ئىدى.
15 S fölment onnan Debír lakói ellen; Debír neve pedig azelőtt Kirjat-Széfer.
ئاندىن شۇ يەردىن چىقىپ، دەبىردە تۇرۇۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلدى (ئىلگىرى دەبىرنىڭ نامى كىرىئات-سەفەر ئىدى).
16 S mondta Káléb: aki megveri Kirjat-Széfert és beveszi, annak oda adom leányomat, Akhszát nőül.
كالەب: ــ كىمكى كىرىئات-سەفەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالسا، ئۇنىڭغا قىزىم ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بېرىمەن، دېگەنىدى.
17 És bevette Otníél, Kenáz fia, Káléb testvére: és oda adta neki leányát, Akhszát nőül.
كالەبنىڭ ئۇكىسى كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئۇنى ئىشغال قىلدى، كالەب ئۇنىڭغا قىزى ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بەردى.
18 S történt, mikor oda jött, rábeszélte, hogy kérjen atyjától mezőt; és lesiklott a szamárról. És mondta neki Káléb: Mi lelt?
شۇنداق بولدىكى، قىز ياتلىق بولۇپ ئۇنىڭ قېشىغا بارار چاغدا، ئېرىنى ئاتىسىدىن بىر پارچە يەر سوراشقا ئۈندىدى. ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشىگە كالەب ئۇنىڭدىن: ــ سېنىڭ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى.
19 Mondta: Adj nekem áldást, mert a délvidéki földre adtál engem, adjál hát vízkútfőket. Erre adta neki a felső kútfőket és az alsó kútfőket.
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مېنى ئالاھىدە بىر بەرىكەتلىگەيسەن؛ سەن ماڭا نەگەۋدىن [قاغجىراق] يەر بەرگەنىكەنسەن، ماڭا بىرنەچچە بۇلاقنىمۇ بەرگەيسەن، ــ دېدى. شۇنى دېۋىدى، كالەب ئۇنىڭغا ئۈستۈن بۇلاقلار بىلەن ئاستىن بۇلاقلارنى بەردى.
20 Ez Jehúda fiai törzsének birtoka családjaik szerint.
تۆۋەندىكىلەر يەھۇدا قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تەگكەن مىراس ئۈلۈشلەردۇر: ــ
21 És voltak a városok Jehúda fiai törzsének szélén Edóm határánál a Délvidéken: Kabceél, Éder és Jágúr.
يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ئېدوم چېگرىسى تەرەپتىكى شەھەرلەر: ــ كابزەئەل، ئېدەر، ياگۇر،
22 Kína, Dímóna és Adeáda.
كىناھ، دىموناھ، ئاداداھ،
23 Kédes, Chácór és Jitnán.
كەدەش، ھازور، يىتنان،
24 Zíf, Télem és Beálót.
زىف، تەلەم، بېئالوت،
25 Chácór-Chadatta, Keríjót, Checrón, az Chácór.
ھازور-ھاداتتاھ، كېرىئوت-ھەزرون (يەنى ھازور)،
26 Amám, Semá és Móláda.
ئامام، سېما، مولاداھ،
27 Chacár-Gadda, Chesmón és Bét-Pélet.
ھازار-گادداھ، ھەشمون، بەيت-پەلەت،
28 Chacár-Súál, Beér-Séba és Bizjóteja.
ھازار-شۇئال، بەئەر-شېبا، بىزىئوتىيا،
29 Báala, Ijjím és Écem.
بائالاھ، ئىجىم، ئېزەم،
30 Eltólad, Keszíl és Chorma.
ئەلتولاد، كېسىل، خورماھ،
31 Ciklag, Madmanna és Szanszanna.
زىكلاگ، مادمانناھ، سانسانناھ،
32 Lebáót, Silchím, Ájin és Rimmón – mind a városok huszonkilenc és tanyáik.
لىبائوت، شىلھىم، ئايىن ۋە رىممون قاتارلىقلار جەمئىي يىگىرمە توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى.
33 Az alföldön: Estáól, Corea és Asna.
شەفەلاھ ئويمانلىقىدىكى شەھەرلەر بولسا ئەشتائول، زورېئاھ، ئاشناھ،
34 Zánóach, Én-Gannim, Tappúach és Énám.
زانوئاھ، ئەن-گاننىم، تاپپۇئاھ، ئەنام،
35 Jarmút, Adullám, Szókhó és Azéka.
يارمۇت، ئادۇللام، سوكوھ، ئازىكاھ،
36 Sáarájím, Adítájim, Gedéra és Gedérótájim. Tizennégy város és tanyáik.
شائارايىم، ئادىتائىم، گەدەراھ ۋە گەدەروتائىم بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى.
37 Cenán, Chadása és Migdal-Gád.
بۇلاردىن باشقا يەنە زىنان، ھاداشاھ، مىگدال-گاد،
38 Dileán, Micpé és Jokteél.
دىلېئان، مىزپاھ، يوقتەئەل،
39 Lákhís, Bockát és Eglón.
لاقىش، بوزكات، ئەگلون،
40 Kabbón, Lachmász és Kitlís.
كاببون، لاھماس، قىتلىش،
41 Gedérót, Bét-Dágón, Náama és Makkéda. Tizenhat város és tanyáik.
گەدەروت، بەيت-داگون، نائاماھ ۋە ماككەداھ بولۇپ، جەمئىي ئون ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى.
42 Libna, Éter és Ásán.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە لىبناھ، ئېتەر، ئاشان،
43 Jiftách, Asna és Necíb.
يەفتاھ، ئاشناھ، نەزىب،
44 Keíla, Akhzib és Márésa. Kilenc város és tanyáik.
كېئىلاھ، ئاقزىب ۋە مارەشاھ بولۇپ، جەمئىي توققۇز شەھەر ۋە يەنە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلارمۇ بار ئىدى؛
45 Ekrón meg leányvárosai és tanyái.
يەنە ئەكرون بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-كەنتلەر،
46 Ekróntól nyugatra, mind az, ami Asdód mellett van és tanyáik.
شۇنداقلا ئەكروننىڭ غەرب تەرىپىدىن تارتىپ ئاشدودنىڭ يېنىدىكى ھەممە شەھەرلەر بىلەن ئۇلارنىڭ كەنت-قىشلاقلىرى قوشۇلۇپ،
47 Asdód, leányvárosai és tanyái; Azza, leányvárosai és tanyái Egyiptom patakjáig, és a nagy tenger határul.
ئاشدود ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار ۋە كەنت-قىشلاقلار، گازا شەھىرى ۋە شۇنداقلا مىسىر ئېقىنىغىچە ۋە ئۇلۇغ دېڭىزنىڭ قىرغىقىغىچە، ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار ۋە كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى.
48 A hegységben pedig: Sámír, Jattír és Szókhó.
تاغلىق رايوندىكى شەھەرلەر: ــ شامىر، ياتتىر، سوكوھ،
49 Danna és Kirjat-Szanna, az Debír.
دانناھ، كىرىئات-سانناھ (يەنى دەبىر)،
50 Anáb, Estemó és Áním.
ئاناب، ئەشتەموھ، ئانىم،
51 Gósen, Chólón és Gíló. Tizenegy város és tanyáik.
گوشەن، ھولون ۋە گىلوھ بولۇپ، جەمئىي ئون بىر شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى.
52 Aráb, Dúma és Eseán,
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاراب، دۇماھ، ئېشان،
53 Jánúm, Bét-Tappúach és Aféka.
يانىم، بەيت-تاپپۇئاھ، ئافىكاھ،
54 Chumta, Kirjat-Arbá – az Chebrón – és Cíór. Kilenc város és tanyáik.
ھۇمتاھ، كىرىئات-ئاربا (يەنى ھېبرون) ۋە زىئور بولۇپ، جەمئىي توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى.
55 Máón, Karmel, Zíf és Júta.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە مائون، كارمەل، زىف، يۇتتاھ،
56 Jizreél, Jokdeám és Zánóach.
يىزرەئەل، يوكدېئام، زانوئاھ،
57 Hakkájin, Gibea és Timna. Tíz város és tanyáik.
كايىن، گىبېئاھ ۋە تىمناھ بولۇپ، جەمئىي ئون شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى.
58 Chalchúl, Bét-Cúr és Gedór.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھالھۇل، بەيت-زۇر، گەدور،
59 Máarát, Bét-Anót és Eltekón. Hat város és tanyáik.
مائارات، بەيت-ئانوت ۋە ئەلتەكون بولۇپ، جەمئىي ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى.
60 Kirjat-Báal – Kirjat-Jeárim az – és Hárabba. Két város és tanyáik.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە كىرىئات-بائال (يەنى كىرىئات-يېئارىم) ۋە رابباھ دېگەن ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى.
61 A pusztában: Bét-Arába, Middín és Szekhákha.
چۆلدىكى شەھەرلەر بولسا: ــ بەيت-ئاراباھ، مىددىن، سەكاكاھ،
62 Hannibsán, Ir-Mélach és Én-Gédi. Hat város és tanyáik.
نىبشان، «شور شەھىرى» ۋە ئەن-گەدى، جەمئىي ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى.
63 A jebúszít azonban, Jeruzsálem lakóit, nem birták kiűzni Jehúda fiai; így maradt a jebúszí Jehúda fiaival Jeruzsálemben mind e mai napig.
لېكىن يېرۇسالېمدا ئولتۇرۇقلۇق يەبۇسىيلارنى بولسا يەھۇدالار قوغلىۋېتەلمىگەن؛ شۇڭا تا بۈگۈنگىچە يەبۇسىيلار يەھۇدالار بىلەن يېرۇسالېمدا بىللە تۇرماقتا.

< Józsué 15 >