< Ezékiel 45 >

1 És midőn birtokul juttatjátok az országot, vegyetek el adományt az Örökkévaló számára, szentrésznek az országból: hossza huszonötezernyi hosszú, szélessége pedig tízezer; szent rész az, egész határában köröskörül.
سىلەر زېمىننى مىراس قىلىپ بۆلۈش ئۈچۈن چەك تاشلاپ تەقسىم قىلغىنىڭلاردا، سىلەر «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە زېمىندىكى مۇقەددەس بىر ئۈلۈشنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنىسىلەر. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، كەڭلىكى يىگىرمە مىڭ [خادا] بولىدۇ. بۇ پارچە يەر ھەر تەرەپتىكى چىگرىسىغىچە مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ.
2 Legyen ebből a szentélynek ötszáz ötszázra: négyzetesen köröskörül, és ötven könyöknyi területe köröskörül.
ئۇ يەردىن بەش مىڭ [خادا] ئۇزۇنلۇقتىكى، بەش مىڭ [خادا] كەڭلىكتىكى تۆت چاسىلىق يەر مۇقەددەس جايغا ئايرىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەتراپىدا بوش يەر بولۇش ئۈچۈن ئەللىك گەزلىك كەڭلىكتىكى يەر بۆلۈنىدۇ.
3 És e mértékből mérj hosszában huszonötezret és szélességben tizezret; és abban legyen a szentély, szentek szentje.
بۇ ئۈلۈشتىن سەن ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، كەڭلىكى ئون مىڭ [خادا] بولغان يەرنى ئۆلچەپ بۆلىسەن؛ بۇنىڭ ئىچى مۇقەددەس جاي، ئەڭ مۇقەددەس جاي بولىدۇ.
4 Szentrész az az országból, a papoké, a szentély szolgálattevőié legyen, a kik közelednek, hogy szolgálják az Örökkévalót; és legyen nekik helyül házak számára és szenthelyül a szentély számára.
بۇ يەر زېمىننىڭ مۇقەددەس ئۈلۈشى بولىدۇ؛ ئۇ مۇقەددەس جاينىڭ خىزمىتىدە بولغان، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا يېنىغا يېقىن كېلىدىغان كاھىنلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۈچۈن، شۇنداقلا مۇقەددەس جاينىڭ ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن مۇقەددەس ئورۇن بولىدۇ.
5 És huszonötezernyi hosszú és tízezernyi széles tér a levitáké legyen, a ház szolgálattevőié birokul nekik: húsz kamara.
ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ گەز، كەڭلىكى ئون مىڭ گەز بولغان يەر، ئۆينىڭ خىزمىتىدە بولىدىغان لاۋىيلارنىڭ ئىگىلىكى، يەنى ئۆزلىرى تۇرىدىغان شەھەرلىرى ئۈچۈن بولىدۇ.
6 És a város tulajdonául adjatok ötezernyi széles és huszonötezernyi hosszú tért a szentrész adományának mentén; Izraél egész házáé legyen.
سىلەر بۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان مۇقەددەس ئۈلۈشنىڭ يېنىدىن شەھەر ئۈچۈن كەڭلىكى بەش مىڭ [خادا]، ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا] يەرنى بۆلۈپ بېكىتىسىلەر. بۇ پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن بولىدۇ.
7 A fejedelemé pedig erről és arról a szentrész adománya előtt és a város tulajdona előtt a nyugati oldalról nyugatra és a keleti oldalról keletre; és hossza a részek egyikének mentében a nyugati határtól a keleti határig.
شاھزادىنىڭ ئۈلۈشى بولسا، بۇ مۇقەددەس ئۈلۈشنىڭ ئىككى تەرىپىگە تۇتىشىدۇ، شۇنداقلا شەھەرگە تەۋە جاينىڭ ئىككى تەرىپىگە تۇتىشىدۇ، يەنى غەربىي تەرىپى غەربكە قارايدىغان، شەرق تەرىپى شەرققە قارايدىغان ئىككى پارچە يەر بولىدۇ؛ بۇ پارچە يەرلەرنىڭ جەمئىي ئۇزۇنلۇقى قەبىلىلەرنىڭ ئۈلۈشىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن پاراللېل بولىدۇ.
8 Az országból legyen neki tulajdonul izraélben, hogy fejedelmeim ne zaklassák többé az én népemet, az országot pedig Izraél házának adják törzseik szerint.
بۇ يەر شاھزادىنىڭ ئىسرائىل زېمىنىدىكى ئىگىلىكى بولىدۇ؛ ۋە مېنىڭ شاھزادىلىرىم خەلقىمنى يەنە ھېچ ئەزمەيدۇ؛ زېمىن ئىسرائىل جەمەتىگە، قەبىلىلىرى بويىچە بۆلۈپ تەقسىم قىلىنىدۇ.
9 Így szól az Úr, az Örökkévaló: Elég nektek, Izraél fejedelmei; erőszakot és pusztítást távolítsatok el, jogot és igazságot cselekedjetek, vegyétek el zsarolástokat népemről, úgymond az Úr, az örökkévaló.
رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ بولدى بەس، ئى ئىسرائىل شاھزادىلىرى! جەبىر-زۇلۇم ۋە بۇلاڭ-تالاڭنى ئۆزۈڭلاردىن نېرى قىلىپ، توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ ئادالەت يۈرگۈزۈڭلار؛ مېنىڭ خەلقىمنى قايتا يېرىدىن ھەيدىۋەتكۈچى بولماڭلار، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
10 Igaz mérleg igaz éfa és igaz legyen nálatok.
سىلەردە توغرا مىزان، توغرا ئەفاھ، توغرا «بات» بولسۇن.
11 Az éfa és bát egy arányban legyen, hogy a chómer tizedét fogadja be a bát, a chómer tizedrésze pedig az éfa: a chómer szerint legyen az aránya
«ئەفاھ» ۋە «بات» بولسا بىر ئۆلچەم بولسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن بات خومىرنىڭ ئوندىن بىرىگە، ئەفاھ خومىرنىڭ ئوندىن بىرىگە باراۋەر بولسۇن؛ خومىر بولسا ئۇلار ئىككىسى ئۈچۈن ئۆلچەم بولسۇن.
12 És a sékel húsz géra, húsz sékel, huszonöt sékel, tíz és öt sékel legyen nálatok a máné.
بىر شەكەل بولسا يىگىرمە «گەراھ» بولسۇن. يىگىرمە شەكەل، يىگىرمە بەش شەكەل، ئون بەش شەكەل قوشۇلۇپ سىلەرگە «مىنا» بولىدۇ.
13 Ez az adomány, melyet levegyetek: az éfa hatodrésze egy chómer búzából, és hatodrészét vegyétek az éfának egy chómer árából.
بۇ سىلەرنىڭ [شاھزادە ئۈچۈن] «كۆتۈرمە ھەدىيە»ڭلار بولىدۇ؛ بىر «خومىر» بۇغدايدىن ئالتىدىن بىر ئەفاھ بۇغداي، بىر «خومىر» ئارپىدىن ئالتىدىن بىر ئەفاھ ئارپا سۇنىسىلەر؛
14 És az olaj illetménye egy bát olaj után a bát tizede, egy kór, azaz tíz bát vagyis egy chómer után, mert tíz bát a chómer.
زەيتۇن مېيى بولسا، «بات» بىلەن ئۆلچىنىدۇ، ھەربىر «كور»دىن ئوندىن بىر بات سۇنىسىلەر (بىر «كور» ئون «بات» ياكى بىر «خومىر» بولىدۇ، چۈنكى ئون بات بىر خومىر بولىدۇ).
15 És egy bárány a juhokból, kétszáz után Izraél kövér legelőjéből, lisztáldozatra, égőáldozatra és békeáldozalra, engesztelésül számukra, úgymond az Úr, az Örökkévaló.
ئىسرائىلنىڭ سۈيى مول يايلاقلىرىدىن، ھەر ئىككى يۈز تۇياق پادىغا بىردىن پاخلان سۇنىسىلەر ــ بۇلار بولسا، «ئاشلىق ھەدىيە»، «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»، «ئىناقلىق قۇربانلىق»لار بولۇپ، ئىسرائىللار ئۈچۈن كافارەت قىلىش ئۈچۈن بولىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
16 Az ország egész népe járuljon ez adományhoz, a fejedelem szármára Izraélben.
زېمىندىكى خەلقنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسرائىلنىڭ شاھزادىسىگە سۇنغان بۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»گە تۆھپىسى بولىدۇ.
17 S a fejedelemre tartozik: az égőáldozatok és a lisztáldozat és az öntő áldozat az ünnepeken és az újholdakon és a szombatokon, lzraél házának minden ünnepnapjain; ő készítse a vétekáldozatot, a lisztáldozatot, az égőáldozatot és a béke áldozatokat, engesztelésül Izraél házáért.
شاھزادىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا، ھېيتلەرگە، «يېڭى ئاي»لارغا، «شابات كۈن»لەرگە، جۈملىدىن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ بارلىق «ئىبادەت سورۇن»لىرىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلەر ۋە شاراب ھەدىيەلەرنى تەمىنلەشتىن ئىبارەت؛ ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن كافارەت ئېلىپ كېلىدىغان گۇناھ قۇربانلىقى، ئاشلىق ھەدىيە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى تەمىنلىگۈچى دەل شۇ بولىدۇ.
18 Így szól az Úr, az Örökkévaló: Az első hóban, a hónap elsején végy ép fiatal tulkot, hogy megtisztítsd a szentélyt:
رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە سەن بېجىرىم ياش بىر تورپاقنى ئالىسەن، ئۇنىڭ بىلەن سەن مۇقەددەس جاينى پاكلايسەن.
19 vegyen: a pap a vétekáldozat véréből és tegyen a ház ajtómellékére és az oltár párkányzatának négy sarkára, és a belső udvar kapujának ajtófélfájára.
كاھىن بۇ گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئېلىپ ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىك كېشەكلىرىگە، قۇربانگاھنىڭ يۇقىرى تەكچىسىدىكى تۆت بۇرجەككە ۋە ئىچكى ھويلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ كىرىش يولىنىڭ كېشەكلىرىگە سۈرىدۇ؛
20 És így cselekedjél a hónap hetedikén, tévedő vagy meggondolatlan ember miatt; és engesztelést szerezzetek a háznak.
شۇنىڭدەك يولدىن ئازغانلار ياكى نادانلار ئۈچۈن سەن شۇ ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىدە ئوخشاش ئىش قىلىشىڭ كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئىبادەتخانا ئۈچۈن كافارەت قىلىسەن.
21 Az első hóban, a hónap tizennegyedik napján legyen nálatok a pészach, ünnep hét napon át; kovásztalan kenyeret egyenek.
بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنىدە سىلەر «ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتى، يەتتە كۈنلۈك بىر ھېيتنى ئۆتكۈزىسىلەر؛ پېتىر ناننى يېيىش كېرەك.
22 És készítsen a fejedelem azon napon önmagáért és az ország egész népéért vétekáldozatra való tulkot.
شۇ كۈنى شاھزادە ئۆزى ۋە زېمىندىكى بارلىق خەلق ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تورپاقنى سۇنىدۇ.
23 És az, ünnep hét napján készítsen égőáldozatot az Örökkévalónak; hét tulkot és hét kost, épeket naponként, hét napon át, és vétekáldozatul egy kecskebakot naponként.
ھېيتنىڭ يەتتە كۈنىنىڭ ھەربىرىدە ئۇ پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى، يەنى يەتتە كۈننىڭ ھەربىرىدە يەتتە تورپاق ۋە يەتتە قوچقارنى، ھەممىسىنى بېجىرىم ھالدا سۇنىدۇ؛ ھەر كۈنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكىنى سۇنىدۇ.
24 És lisztáldozatot: egy éfát a tulokhoz és egy éfát a koshoz készítsen, meg egy hín olajat az éfához.
ئۇ ھەربىر تورپاققا بىر ئەفاھ ئاشلىق ھەدىيەنى، ھەربىر قوچقارغا بىر ئەفاھ ئاشلىق ھەدىيەنى قوشۇپ سۇنىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا ئۇ بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ.
25 A hetedik hóban, a hónap tizenötödik napján, az ünnepen, készítse ezek szerint hét napon át, úgy a vétekáldozatot, mint az égőáldozatot, mint a lisztáldozatot s mint az olajat.
يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدە باشلانغان ھېيتتا، ھېيتنىڭ يەتتە كۈنىنىڭ ھەربىرىدە ئۇ مۇشۇنداق گۇناھ قۇربانلىقلىرى، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلەرنى ۋە زەيتۇن مېيى قاتارلىقلارنى ئوخشاش سۇنۇشى كېرەك.

< Ezékiel 45 >