< 5 Mózes 22 >

1 Ne lásd testvéred ökrét vagy bárányát eltévedve és elfordulnál tőlük; vidd azokat vissza testvérednek.
سەن قېرىندىشىڭنىڭ كالىسى يا قويى ئېزىپ كەتكىنىنى كۆرسەڭ، چاتىقىڭ بولماي يۈرمە؛ قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنى قېرىندىشىڭنىڭ قېشىغا يەتكۈزۈپ بەر.
2 Ha pedig nincs közel hozzád a te testvéred, vagy nem ismered őt, akkor vidd be házadba és maradjon nálad, míg keresi azt a te testvéred, és akkor ad vissza neki.
ئەگەردە قېرىندىشىڭ ساڭا يېقىن ئولتۇرمىسا ۋە ياكى ئىگىسىنى تونۇمىساڭ، شۇ ھايۋاننى ئۆز ئۆيۈڭگە ئېلىپ كېلىپ، قېرىندىشىڭ ئۇنى ئىزدەپ كەلگۈچە ئۆزۈڭ ساقلاپ ئاندىن ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەرگىن.
3 Így tégy szamarával, így tégy ruhájával és így tégy testvéred minden elveszett dolgával, amely elveszik tőle és te megtalálod, nem szabad elfordulnod tőle.
سەن ئوخشاشلا ئۇنىڭ يىتكەن ئېشىكى ياكى كىيىملىرىنىمۇ شۇنداق قىل؛ شۇنداقلا قېرىندىشىڭنىڭ ھەرقانداق يىتكەن نەرسىسىنى تېپىۋالساڭ، ئۇنىمۇ شۇنداق قىلغىن؛ سەن ئۆزۈڭنى بۇ ئىشتىن قاچۇرمىغىن.
4 Ne lásd testvéred szamarát vagy ökrét kidőlve az úton és elfordulnál tőlük; föl kell segítened vele együtt.
ئەگەر قېرىندىشىڭنىڭ ئېشىكى ياكى كالىسىنىڭ يولدا يىقىلىپ چۈشكىنىنى كۆرسەڭ، سەن بۇ ئەھۋالدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغىن؛ قېرىندىشىڭغا ياردەملىشىپ ئۇلىغىنى تارتىپ تۇرغۇزغىن.
5 Ne legyen férfi ruhája asszonyon és ne öltsön férfi asszonyruhát, mert az Örökkévaló, a te Istened utálata mindaz, aki ezeket teszi.
ئايال كىشى بولسا ئەرلەرنىڭ كىيىمىنى كىيمىسۇن؛ شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ كىيىمىنى كىيمىسۇن؛ چۈنكى كىمكى شۇنداق قىلسا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك بولىدۇ.
6 Ha madárfészek kerül eléd az úton valamely fán vagy a földön, fiókák vagy tojások, és az anya ül a fiókákon vagy a tojásokon, ne vedd el az anyát a fiakkal együtt.
ئەگەر سەن يولدا كېتىۋېتىپ، بىر دەرەختە ياكى يەردە بالىلىرى ياكى تۇخۇملىرى بولغان قۇشنىڭ ئۇۋىسىغا ئۇچرىساڭ، ئانىسى تۇخۇم ياكى بالىلىرىنى بېسىپ ياتقان بولسا، ئانا-بالىلىرىنى بىراقلا ئالمىغىن؛
7 Bocsásd el az anyát és a fiakat elveheted, hogy jó dolgod legyen és hosszú életű légy.
ھېچ بولمىغاندا سەن ئانىسىنى قويۇۋېتىپ، بالىلىرىنىلا ئالساڭ بولىدۇ؛ شۇنداق قىلساڭ ساڭا ياخشى بولۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن.
8 Ha új házat építesz, csinálj korlátot tetődre, hogy ne hozz vérbűnt házadba, ha valaki leesik arról.
يېڭى بىر ئۆي سالساڭ، ئۆگزەڭگە بىر توسما تام ياسىغىن؛ بولمىسا بىرسى ئۇنىڭدىن يىقىلىپ چۈشسە، ئۆزۈڭگە قان تۆكۈلۈش گۇناھىنى كەلتۈرۈشۈڭ مۇمكىن.
9 Ne vesd be szőlődet kétfélével, hogy szentséggé ne váljék az egész, a mag, melyet vetsz és a szőlő termése.
ئۆز ئۈزۈمزارلىقىڭغا ئىككى خىل ئۇرۇق چاچمىغىن؛ بولمىسا تېرىغىنىڭنىڭ ھەممىسى ۋە ئۈزۈمزارلىقنىڭ مەھسۇلاتلىرى بۇلغانغان ھېسابلىنىدۇ.
10 Ne szánts ökrön és szamáron együtt.
سەن كالا بىلەن ئېشەكنى بىرگە قوشۇپ يەر ھەيدىمىگىن.
11 Ne ölts fel vegyes szövetet, gyapjút és lent együtt.
يۇڭ ۋە كاناپتىن ئىبارەت ئىككى خىل يىپتىن توقولغان كىيىمنى كىيمىگىن.
12 Bojtokat készíts ruhád négy szögletére, amellyel befödöd magadat.
سەن يېپىنغان تونۇڭنىڭ تۆت بۇرجىكىگە پۆپۈك قويغىن.
13 Ha valaki feleséget vesz magának, bemegy hozzá, azután meggyűlöli;
ئەگەر بىرى خوتۇن ئېلىپ ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ،
14 és ráfog hamis vádakat és kelt róla rossz hírt és azt mondja: Ezt a nőt elvettem, közeledtem hozzá és nem találtam szűziességét
ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا بەتنام چاپلاپ، ئەرز قىلىپ: «مەن بۇ خوتۇننى ئالدىم، لېكىن ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلسام ئۇنىڭ قىز ئەمەسلىكىنى بىلدىم» دېسە،
15 Akkor vegye a leány apja és anyja és vigye ki a leány szűziessége jeleit a város véneihez, a kapuba.
ئۇنداقتا قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزنىڭ پاكلىق ئىسپاتىنى ئېلىپ شەھەر دەرۋازىسىدا ئولتۇرغان شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا كەلتۈرسۇن،
16 És mondja a leány atyja a véneknek: Leányomat odaadtam ennek a férfiúnak feleségül, de ez gyűlöli őt.
ئاندىن قىزنىڭ ئاتىسى ئاقساقاللارغا سۆز قىلىپ: «مەن قىزىمنى بۇ كىشىگە خوتۇنلۇققا بەردىم، لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ قالدى؛
17 És íme ráfog hamis vádakat, mondván: Nem találtam leányod szűziességét, és ezek leányom szűziességének jelei; és terjesszék ki a ruhát a város vénei előtt.
ۋە مانا، ئۇ ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، بەتنام چاپلاپ ئەرز قىلىپ: «قىزىڭنىڭ قىز ئەمەسلىكىنى بىلدىم» دەيدۇ. بىراق مانا قىزىمنىڭ پاكلىق ئىسپاتى!» دەپ، ئىسپات رەختنى ئاقساقاللارنىڭ ئالدىدا يېيىپ قويسۇن.
18 És vegyék a város vénei a férfiút és fenyítsék meg;
ئۇ ۋاقىتتا شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى ئېرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا تاياق-تەربىيە بېرىپ،
19 bírságolják meg őt száz ezüstre és adják azt a leány atyjának, mert rossz hírt keltett Izrael szüzére, neki pedig legyen feleségül, nem bocsáthatja el egész életén át.
ئىسرائىلدىكى بىر پاك قىزنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا بەتنام چاپلىدىڭ دەپ، يۈز شەكەل كۈمۈش تۆلەتسۇن؛ ئاندىن ئۇلار پۇلنى قىزنىڭ ئاتىسىغا بەرسۇن دەپ بېكىتسۇن. ئەمما قىز بولسا شۇ كىشىنىڭ خوتۇنى بولۇپ تۇرىۋېرىشى كېرەك؛ ئەر پۈتۈن ئۆمرىدە ئۇنى قويۇپ بەرسە بولمايدۇ.
20 Ha pedig igaz volt az a dolog és nem találtatott a leánynak szűziessége,
لېكىن بۇ سۆز راست چىقىپ، قىزنىڭ پاكلىق ئىسپاتى بولمىسا،
21 akkor vezessék a leányt atyja házának bejáratához és kövezzék meg városának emberei kövekkel, hogy meghaljon, mert aljasságot követett el Izraelben, paráználkodván atyja házában. Így irtsd ki a gonoszt közepedből.
قىزنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئاپارسۇن ۋە ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە بۇزۇقلۇق قىلىپ ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە شەرمەندىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئادەملىرى شۇ يەردە ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. شۇنداق قىلغىنىڭلاردا سىلەر ئۆزۈڭلاردىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر.
22 Ha rajta érnek valakit, hogy hál férjes nővel, haljanak meg mindketten; a férfi, aki hált a nővel, meg a nő. Így irtsd ki a gonoszt Izraelből.
ئەگەر بىرسى ئېرى بار خوتۇن بىلەن زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالسا، زىنا قىلىشقان ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن. شۇنداق قىلغاندا ئىسرائىلنىڭ ئىچىدىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر.
23 Ha szűz leány eljegyeztetett egy férfiúnak és valaki éri őt a városban és vele hál,
ئەگەر بىرسى شەھەردە بىراۋ بىلەن ۋەدىلىشىپ قويغان بىر قىزنى ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولسا،
24 akkor vezessétek ki mindkettőt ama város kapujába és kövezzétek meg őket kővel, hogy megfialjanak; a leányt, mivelhogy nem kiabált a városban és a férfiút, mert meggyalázta felebarátja feleségét. Így irtsd ki a gonoszt közepedből.
ئىككىلىسىنى شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا ئېلىپ چىقىپ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار؛ قىز بولسا شەھەردە تۇرۇپ ۋارقىرىمىغىنى ئۈچۈن، ئەر بولسا باشقىسىنىڭ ۋەدىلەشكەن قىزى بىلەن ياتقىنى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلسۇن. شۇنداق قىلىپ، سىلەر ئۆزۈڭلاردىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر.
25 De ha a mezőn éri a férfiú az eljegyzett leányt, és megragadja őt a férfiú és hál vele; akkor haljon meg a férfi, aki vele hált, egyedül.
ئەگەر ئەر كىشى باشقىسى بىلەن ۋەدىلەشكەن قىزنى دالادا تۇتۇۋېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ياتسا، پەقەت قىز بىلەن ياتقان ئەر كىشى ئۆلتۈرۈلسۇن.
26 A leánynak azonban ne tégy semmit, a leánynak nincs halálos vétke, mert mintha rátámad, valaki felebarátjára és megöli, olyan ez a dolog;
قىزغا بولسا، ھېچنېمە قىلماڭلار، چۈنكى قىزنىڭ ئۆزىدە ئۆلۈمگە لايىق ھېچ گۇناھ يوق. بۇ ئىش بولسا بىرسى قوشنىسىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۋەتكەنگە ئوخشاش ئىشتۇر.
27 mert a mezőn érte őt, kiálthatott az eljegyzett leány, nem volt semmi, aki segített neki.
چۈنكى ئۇ باشقىسىغا ۋەدىلەشكەن قىزنى دالادا تۇتۇۋالغاندا، قىز توۋلىغان بولسىمۇ ئۇنى قۇتقۇزغۇدەك كىشى تېپىلمىغان.
28 Ha valaki ér szűzleányt, aki nem eljegyzett, megragadja és hál vele és rajta érik őket,
ئەگەر بىرسى بىرەر ئەر بىلەن ۋەدىلەشمىگەن قىزنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېتىپ ھەر ئىككىسى تۇتۇلسا،
29 akkor adjon a férfiú, aki, vele hált, a leány atyjának ötven ezüstöt és az legyen az ő felesége, mivelhogy meggyalázta; nem bocsáthatja el egész életén át.
قىز بىلەن ياتقان ئادەم قىزغا يېقىنچىلىق قىلىپ خار قىلغىنى ئۈچۈن قىزنىڭ ئاتىسىغا ئەللىك شەكەل كۈمۈش بېرىشى كېرەك؛ ئاندىن قىزنى ئۆزىگە خوتۇن قىلىپ ئېلىشى كېرەك؛ ئۇ پۈتكۈل ئۆمرىدە ئۇنى قويۇپ بەرسە بولمايدۇ.
30 Ne vegye el senki az atyja feleségét és ne födje föl atyja leplét.
ھېچكىم ئاتىسىنىڭ خوتۇنىنى ئالماسلىقى كېرەك، ئاتىسىنىڭ يوتقىنىنى ئاچماسلىقى كېرەك.

< 5 Mózes 22 >