< गिनती 15 >

1 फिर यहोवा ने मूसा से कहा,
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
2 “इस्राएलियों से कह कि जब तुम अपने निवास के देश में पहुँचो, जो मैं तुम्हें देता हूँ,
سەن ئىسرائ‍ىللارغا مۇنداق دېگىن: — سىلەر ماكانلىشىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە تەقدىم قىلىپ بېرىدىغان زېمىنغا كىرگەن چېغىڭلاردا،
3 और यहोवा के लिये क्या होमबलि, क्या मेलबलि, कोई हव्य चढ़ाओं, चाहे वह विशेष मन्नत पूरी करने का हो चाहे स्वेच्छाबलि का हो, चाहे तुम्हारे नियत समयों में का हो, या वह चाहे गाय-बैल चाहे भेड़-बकरियों में का हो, जिससे यहोवा के लिये सुखदायक सुगन्ध हो;
ئەگەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، ئۇنىڭغا خۇشبۇي بولسۇن دەپ بىرەر ھەدىيە-قۇربانلىق قىلماقچى بولساڭلار، قۇربانلىق كالا ياكى قوي-ئۆچكە پادىسىدىن بولسۇن. ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولسۇن، قەسەمنى ئادا قىلىش قۇربانلىقى بولسۇن، ئىختىيارىي قۇربانلىق ياكى سىلەرگە بېكىتىلگەن ھېيتلاردىكى زۆرۈر قۇربانلىق بولسۇن،
4 तब उस होमबलि या मेलबलि के संग भेड़ के बच्चे यहोवा के लिये चौथाई हीन तेल से सना हुआ एपा का दसवाँ अंश मैदा अन्नबलि करके चढ़ाना,
قۇربانلىق سۇنغۇچى كىشى پەرۋەردىگارغا ئاتىغىنىغا بىر ئاشلىق ھەدىيەسىنى قوشۇپ كەلتۈرسۇن. كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىق قوزا بولسا، ئۇنداقتا ئاشلىق ھەدىيەسى زەيتۇن مېيىدىن بىر ھىننىڭ تۆتتىن بىرى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرى بولسۇن؛ ئۇنىڭغا يەنە شاراب ھەدىيەسى سۈپىتىدە تۆتتىن بىر ھىن شارابنى قۇشۇپ سۇنسۇن.
5 और चौथाई हीन दाखमधु अर्घ करके देना।
6 और मेढ़े के बलि के साथ तिहाई हीन तेल से सना हुआ एपा का दो दसवाँ अंश मैदा अन्नबलि करके चढ़ाना;
قۇربانلىقىڭ قوچقار بولسا، سەن ئۇنىڭغا ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە ئۈچتىن بىر ھىن زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى بولسۇن
7 और उसका अर्घ यहोवा को सुखदायक सुगन्ध देनेवाला तिहाई हीन दाखमधु देना।
ۋە شاراب ھەدىيەسى سۈپىتىدە تۆتتىن بىر ھىن شارابنى قۇشۇپ سۇنسۇن؛ بۇلار پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ سۇنۇلسۇن.
8 और जब तू यहोवा को होमबलि या किसी विशेष मन्नत पूरी करने के लिये बलि या मेलबलि करके बछड़ा चढ़ाए,
ئەگەر سەن پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ياكى قەسەم ئادا قىلىش قۇربانلىقى ياكى ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە تورپاق ئاتىغان بولساڭ،
9 तब बछड़े का चढ़ानेवाला उसके संग आधा हीन तेल से सना हुआ एपा का तीन दसवाँ अंश मैदा अन्नबलि करके चढ़ाए।
ئۇنداقتا تورپاققا ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە يېرىم ھىن زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچىنى،
10 १० और उसका अर्घ आधा हीन दाखमधु चढ़ाए, वह यहोवा को सुखदायक सुगन्ध देनेवाला हव्य होगा।
شاراب ھەدىيە سۈپىتىدە يېرىم ھىن شارابنى قوشۇپ سۇنغىن؛ بۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ ئوتتا سۇنۇلۇپ، خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ كەلتۈرۈلسۇن.
11 ११ “एक-एक बछड़े, या मेढ़े, या भेड़ के बच्चे, या बकरी के बच्चे के साथ इसी रीति चढ़ावा चढ़ाया जाए।
ھەربىر سۇنۇلغان تورپاق، قوچقار، قوزا ياكى ئوغلاققا نىسبەتەن مۇشۇنداق قىلىنسۇن.
12 १२ तुम्हारे बलिपशुओं की जितनी गिनती हो, उसी गिनती के अनुसार एक-एक के साथ ऐसा ही किया करना।
سىلەر سۇنىدىغىنىڭلارنىڭ سانى بويىچە، ھەرخىل قۇربانلىقنىڭ سانىغا قاراپ شۇنداق قىلىسىلەر.
13 १३ जितने देशी हों वे यहोवा को सुखदायक सुगन्ध देनेवाला हव्य चढ़ाते समय ये काम इसी रीति से किया करें।
شۇ زېمىندا تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ، ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق قىلماقچى بولسا ئەنە شۇنداق قىلسۇن.
14 १४ “और यदि कोई परदेशी तुम्हारे संग रहता हो, या तुम्हारी किसी पीढ़ी में तुम्हारे बीच कोई रहनेवाला हो, और वह यहोवा को सुखदायक सुगन्ध देनेवाला हव्य चढ़ाना चाहे, तो जिस प्रकार तुम करोगे उसी प्रकार वह भी करे।
شۇنىڭدەك سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر ياكى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقانلار بولسا، خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، سىلەر قانداق قىلغان بولساڭلار، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلسۇن.
15 १५ मण्डली के लिये, अर्थात् तुम्हारे और तुम्हारे संग रहनेवाले परदेशी दोनों के लिये एक ही विधि हो; तुम्हारी पीढ़ी-पीढ़ी में यह सदा की विधि ठहरे, कि जैसे तुम हो वैसे ही परदेशी भी यहोवा के लिये ठहरता है।
پۈتكۈل جامائەتكە، مەيلى سىلەر بولۇڭلار ياكى سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، ھەممىڭلار ئۈچۈن ئوخشاش بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ سىلەر ئۈچۈن دەۋرمۇ-دەۋر ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئالدىدا سىلەر قانداق بولساڭلار، مۇساپىرلارمۇ شۇنداقتۇر.
16 १६ तुम्हारे और तुम्हारे संग रहनेवाले परदेशियों के लिये एक ही व्यवस्था और एक ही नियम है।”
سىلەرگىمۇ، ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغىمۇ ئوخشاش بىر قانۇن-بەلگىلىمە، ئوخشاش بىر ھۆكۈم بولسۇن.
17 १७ फिर यहोवा ने मूसा से कहा,
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
18 १८ “इस्राएलियों को मेरा यह वचन सुना, कि जब तुम उस देश में पहुँचो जहाँ मैं तुम को लिये जाता हूँ,
سەن ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: — «سىلەر مەن سىلەرنى ئەكىرىدىغان زېمىنغا يېتىپ بارغاندا،
19 १९ और उस देश की उपज का अन्न खाओ, तब यहोवा के लिये उठाई हुई भेंट चढ़ाया करो।
شۇ يەردىن چىققان ئاشلىقنى يەيدىغان چېغىڭلاردا، پەرۋەردىگارغا بىر «كۆتۈرمە ھەدىيە» تەقدىم قىلىڭلار.
20 २० अपने पहले गुँधे हुए आटे की एक पपड़ी उठाई हुई भेंट करके यहोवा के लिये चढ़ाना; जैसे तुम खलिहान में से उठाई हुई भेंट चढ़ाओगे वैसे ही उसको भी उठाया करना।
سىلەر ھەربىر يېڭى خېمىردىن پىشقان نانلاردىن بىرىنى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ تەقدىم قىلىڭلار؛ سىلەر ئۇنى تەقدىم قىلغاندا خۇددى خاماننىڭ «كۆتۈرمە ھەدىيە»سىگە ئوخشاش بولسۇن.
21 २१ अपनी पीढ़ी-पीढ़ी में अपने पहले गुँधे हुए आटे में से यहोवा को उठाई हुई भेंट दिया करना।
دەۋردىن-دەۋرگە سىلەر دەسلەپكى ھوسۇلدىن چىققان خېمىردىن بىر ناننى «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا سۇنۇڭلار.
22 २२ “फिर जब तुम इन सब आज्ञाओं में से जिन्हें यहोवा ने मूसा को दिया है किसी का उल्लंघन भूल से करो,
ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلار بىلمەي ئېزىپ گۇناھ قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغان بۇ بارلىق ئەمىرلىرىگە ئەمەل قىلمىغان بولساڭلار،
23 २३ अर्थात् जिस दिन से यहोवा आज्ञा देने लगा, और आगे की तुम्हारी पीढ़ी-पीढ़ी में उस दिन से उसने जितनी आज्ञाएँ मूसा के द्वारा दी हैं,
يەنى پەرۋەردىگار بۇيرۇغان كۈندىن ئېتىبارەن بارلىق ئەۋلادلىرىڭلارغىچە پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئىشلىرىغا ئەمەل قىلمىغان بولساڭلار،
24 २४ उसमें यदि भूल से किया हुआ पाप मण्डली के बिना जाने हुआ हो, तो सारी मण्डली यहोवा को सुखदायक सुगन्ध देनेवाला होमबलि करके एक बछड़ा, और उसके संग नियम के अनुसार उसका अन्नबलि और अर्घ चढ़ाए, और पापबलि करके एक बकरा चढ़ाए।
جامائەت شۇنداق بىرەر گۇناھنىڭ بىلمەي ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن خەۋەرسىز بولسا، ئۇنداقتا پۈتكۈل جامائەت پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ ياش بىر تورپاقنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنسۇن ھەمدە قائىدە-نىزام بويىچە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاشلىق ھەدىيە بىلەن شاراب ھەدىيەنى قوشۇپ سۇنسۇن، ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر تېكىنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن.
25 २५ तब याजक इस्राएलियों की सारी मण्डली के लिये प्रायश्चित करे, और उनकी क्षमा की जाएगी; क्योंकि उनका पाप भूल से हुआ, और उन्होंने अपनी भूल के लिये अपना चढ़ावा, अर्थात् यहोवा के लिये हव्य और अपना पापबलि उसके सामने चढ़ाया।
شۇ يول بىلەن كاھىن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ، بۇ گۇناھ ئۇلاردىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ چۈنكى بۇ بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھ ۋە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق، يەنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ۋە گۇناھ قۇربانلىقىنى بىرلىكتە پەرۋەردىگار ئالدىغا سۇنغان.
26 २६ इसलिए इस्राएलियों की सारी मण्डली का, और उसके बीच रहनेवाले परदेशी का भी, वह पाप क्षमा किया जाएगा, क्योंकि वह सब लोगों के अनजाने में हुआ।
بۇ گۇناھ پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ ھەممىسىدىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، چۈنكى بۇ پۈتكۈل خەلق بىلمەي تۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھتۇر.
27 २७ फिर यदि कोई मनुष्य भूल से पाप करे, तो वह एक वर्ष की एक बकरी पापबलि करके चढ़ाए।
ئەگەر بىر كىشى بىلمەستىن گۇناھ قىلىپ قويغان بولسا، ئۇ بىر ياشلىق بىر چىشى ئوغلاقنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن.
28 २८ और याजक भूल से पाप करनेवाले मनुष्य के लिये यहोवा के सामने प्रायश्चित करे; अतः इस प्रायश्चित के कारण उसका वह पाप क्षमा किया जाएगा।
كاھىن شۇ يول بىلەن بىلمەي گۇناھ قىلىپ قويغان ئادەم ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرسە ئۇنىڭ پەرۋەردىگار ئالدىدا بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
29 २९ जो कोई भूल से कुछ करे, चाहे वह इस्राएलियों में देशी हो, चाहे तुम्हारे बीच परदेशी होकर रहता हो, सब के लिये तुम्हारी एक ही व्यवस्था हो।
بىلمەي بىرەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويغان بارلىق كىشىلەرگە، مەيلى شۇ زېمىندا تۇغۇلغان ئىسرائ‍ىللار بولسۇن ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا بولسۇن، — سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئوخشاش بىر قانۇن-بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
30 ३० “परन्तु क्या देशी क्या परदेशी, जो मनुष्य ढिठाई से कुछ करे, वह यहोवा का अनादर करनेवाला ठहरेगा, और वह प्राणी अपने लोगों में से नाश किया जाए।
لېكىن يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ ئىش كۆرگەن كىشى، مەيلى ئۇ زېمىندا تۇغۇلغان بولسۇن ياكى مۇساپىر بولسۇن، پەرۋەردىگارغا ھاقارەت كەلتۈرگەن بولىدۇ؛ ئۇ ھامان ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
31 ३१ वह जो यहोवा का वचन तुच्छ जानता है, और उसकी आज्ञा का टालनेवाला है, इसलिए वह मनुष्य निश्चय नाश किया जाए; उसका अधर्म उसी के सिर पड़ेगा।”
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى مەنسىتمىگەنىكەن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانىكەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ چوقۇم ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ گۇناھى ئۆزىنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.
32 ३२ जब इस्राएली जंगल में रहते थे, उन दिनों एक मनुष्य विश्राम के दिन लकड़ी बीनता हुआ मिला।
ئىسرائ‍ىللار چۆل-جەزىرىدىكى ۋاقىتلىرىدا، بىر كىشىنىڭ شابات كۈنىدە ئوتۇن تەرگەنلىكى بايقالدى.
33 ३३ और जिनको वह लकड़ी बीनता हुआ मिला, वे उसको मूसा और हारून, और सारी मण्डली के पास ले गए।
ئوتۇن تېرىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالغانلار ئۇنى مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتكۈل جامائەتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.
34 ३४ उन्होंने उसको हवालात में रखा, क्योंकि ऐसे मनुष्य से क्या करना चाहिये वह प्रगट नहीं किया गया था।
ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكى تېخى كۆرسىتىلمىگەچكە، ئۇلار ئۇنى قاماپ قويدى.
35 ३५ तब यहोवा ने मूसा से कहा, “वह मनुष्य निश्चय मार डाला जाए; सारी मण्डली के लोग छावनी के बाहर उस पर पथरवाह करें।”
پەرۋەردىگار مۇساغا: — ئۇ ئادەم ئۆلتۈرۈلمىسە بولمايدۇ؛ پۈتۈن جامائەت ئۇنى بارگاھنىڭ تېشىغا ئەپچىقىپ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن، — دېدى.
36 ३६ इस प्रकार जैसा यहोवा ने मूसा को आज्ञा दी थी उसी के अनुसार सारी मण्डली के लोगों ने उसको छावनी से बाहर ले जाकर पथरवाह किया, और वह मर गया।
ئاندىن پۈتۈن جامائەت ئۇ ئادەمنى بارگاھ سىرتىغا ئەپچىقىپ، خۇددى پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاندەك، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى.
37 ३७ फिर यहोवा ने मूसा से कहा,
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
38 ३८ “इस्राएलियों से कह, कि अपनी पीढ़ी-पीढ़ी में अपने वस्त्रों के छोर पर झालर लगाया करना, और एक-एक छोर की झालर पर एक नीला फीता लगाया करना;
سەن ئىسرائ‍ىللارغا مۇنداق دېگىن، ئۇلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ چۆرىسىگە چۇچىلارنى تۇتسۇن ھەم بۇرجىكىدىكى چۇچىلىرىنىڭ ھەربىرىگە كۆك شوينا تىكىپ قويسۇن؛
39 ३९ और वह तुम्हारे लिये ऐसी झालर ठहरे, जिससे जब जब तुम उसे देखो तब-तब यहोवा की सारी आज्ञाएँ तुम को स्मरण आ जाएँ; और तुम उनका पालन करो, और तुम अपने-अपने मन और अपनी-अपनी दृष्टि के वश में होकर व्यभिचार न करते फिरो जैसे करते आए हो।
بۇ خىل چۇچىلار سىلەرنىڭ ئۇنى تىكىپ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ ئۇنى كۆرگەندە پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ سىلەرگە بىر ئەسلەتمە بولىدۇ؛ شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ھازىرقىدەك ئۆزۈڭلارنىڭ كۆڭلۈڭلار ۋە كۆزۈڭلارنىڭ كەينىگە كىرىپ، قاتىراپ بۇزۇقلۇق قىلىپ كەتمەسلىكىڭلار،
40 ४० परन्तु तुम यहोवा की सब आज्ञाओं को स्मरण करके उनका पालन करो, और अपने परमेश्वर के लिये पवित्र बनो।
مېنىڭ بارلىق ئەمرلىرىمنى ئەستە تۇتۇشۇڭلار ھەم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، خۇدايىڭلارغا ئاتاپ پاك-مۇقەددەس بولۇشۇڭلار ئۈچۈن بولسۇن.
41 ४१ मैं यहोवा तुम्हारा परमेश्वर हूँ, जो तुम्हें मिस्र देश से निकाल ले आया कि तुम्हारा परमेश्वर ठहरूँ; मैं तुम्हारा परमेश्वर यहोवा हूँ।”
مەن خۇدايىڭلار بولۇش ئۈچۈن سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردۇرمەن.

< गिनती 15 >