על משכבי בלילות בקשתי את שאהבה נפשי בקשתיו ולא מצאתיו׃ | 1 |
«ئورۇن-كۆرپەمدە يېتىپ، كېچە-كېچىلەردە، جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى ئىزدەپ تەلمۈرۈپ ياتتىم؛ ئىزدىدىم، بىراق تاپالمايتتىم؛ |
אקומה נא ואסובבה בעיר בשוקים וברחבות אבקשה את שאהבה נפשי בקשתיו ולא מצאתיו׃ | 2 |
مەن ھازىر تۇرۇپ، شەھەرنى ئايلىناي؛ كوچىلاردا، مەيدانلاردا، جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى ئىزدەيمەن» ــ دېدىم؛ ئىزدىدىم، بىراق تاپالمايتتىم؛ |
מצאוני השמרים הסבבים בעיר את שאהבה נפשי ראיתם׃ | 3 |
شەھەرنى چارلىغۇچى جېسەكچىلەر ماڭا ئۇچرىدى، مەن ئۇلاردىن: ــ «جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى كۆردۈڭلارمۇ؟» ــ دەپ سورىدىم. |
כמעט שעברתי מהם עד שמצאתי את שאהבה נפשי אחזתיו ולא ארפנו עד שהביאתיו אל בית אמי ואל חדר הורתי׃ | 4 |
ــ ئۇلاردىن ئايرىلىپلا جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى تاپتىم؛ ئۇنى ئانامنىڭ ئۆيىگە، ئۆز قورسىقىدا مېنى ھامىلىدار بولغاننىڭ ھۇجرىسىغا ئېلىپ كىرمىگۈچە، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ قەتئىي قويۇپ بەرمەيتتىم». |
השבעתי אתכם בנות ירושלם בצבאות או באילות השדה אם תעירו ואם תעוררו את האהבה עד שתחפץ׃ | 5 |
«ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، جەرەنلەر ۋە دالادىكى ماراللارنىڭ ھۆرمىتى بىلەن، سىلەرگە تاپىلايمەنكى، مۇھەببەتنىڭ ۋاقىت-سائىتى بولمىغۇچە، ئۇنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار». |
מי זאת עלה מן המדבר כתימרות עשן מקטרת מור ולבונה מכל אבקת רוכל׃ | 6 |
«بۇ زادى كىم، چۆل-باياۋاندىن كېلىۋاتقان؟ ئىس-تۈتەك تۈۋرۈكلىرىدەك، مۈرمەككى ھەم مەستىكى بىلەن پۇرىتىلغان، ئەتىرپۇرۇشنىڭ ھەرخىل ئىپار-ئەنبەرلىرى بىلەن پۇرىتىلغان؟» |
הנה מטתו שלשלמה ששים גברים סביב לה מגברי ישראל׃ | 7 |
«مانا، ئۇنىڭ تەختىراۋانى، ئۇ سۇلايماننىڭ ئۆزىنىڭدۇر؛ ئەتراپىدا ئاتمىش پالۋان يۈرىدۇ، ئۇلار ئىسرائىلدىكى باتۇرلاردىندۇر. |
כלם אחזי חרב מלמדי מלחמה איש חרבו על ירכו מפחד בלילות׃ | 8 |
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز قىلىچى تۇتۇقلۇق، جەڭ قىلىشقا تەربىيىلەنگەنلەردۇر؛ تۈنلەردىكى ۋەسۋەسىلەرگە تەييار تۇرۇپ، ھەممىسى ئۆز قىلىچىنى يانپىشىغا ئاسىدۇ». |
אפריון עשה לו המלך שלמה מעצי הלבנון׃ | 9 |
«سۇلايمان پادىشاھ ئۆزى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر شاھانە سايىۋەنلىك كارىۋات ياسىغان؛ لىۋاندىكى ياغاچلاردىن ياسىغان. |
עמודיו עשה כסף רפידתו זהב מרכבו ארגמן תוכו רצוף אהבה מבנות ירושלם׃ | 10 |
ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى كۈمۈشتىن، يۆلەنچۈكى ئالتۇندىن، سېلىنچىسى بولسا سۆسۈن رەختتىن؛ ئىچى مۇھەببەت بىلەن بېزەلگەن، يېرۇسالېم قىزلىرى تەرىپىدىن. |
צאינה וראינה בנות ציון במלך שלמה בעטרה שעטרה לו אמו ביום חתנתו וביום שמחת לבו׃ | 11 |
چىقىڭلار، ئى زىئون قىزلىرى، سۇلايمان پادىشاھقا قاراپ بېقىڭلار، توي بولغان كۈنىدە، كۆڭلى خۇشال بولغان كۈنىدە، ئانىسى ئۇنىڭغا تاجنى كىيگۈزگەن قىياپەتتە ئۇنىڭغا قاراپ بېقىڭلار!» |