ובעז עלה השער וישב שם והנה הגאל עבר אשר דבר בעז ויאמר סורה שבה פה פלני אלמני ויסר וישב׃ | 1 |
بوئاز شەھەر دەرۋازىسىغا چىقىپ، شۇ يەردە ئولتۇردى. مانا، ئۇ ۋاقىتتا بوئاز ئېيتقان ھېلىقى ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىغا ئىگە كىشى كېلىۋاتاتتى. بوئاز ئۇنىڭغا: ــ ئەي بۇرادەر، كېلىپ بۇ يەردە ئولتۇرغىن، دېۋىدى، ئۇ كېلىپ ئولتۇردى. |
ויקח עשרה אנשים מזקני העיר ויאמר שבו פה וישבו׃ | 2 |
ئاندىن بوئاز شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىدىن ئون ئادەمنى چاقىرىپ، ئۇلارغىمۇ: ــ بۇ يەردە ئولتۇرۇڭلار، دېدى. ئۇلار ئولتۇرغاندا |
ויאמר לגאל חלקת השדה אשר לאחינו לאלימלך מכרה נעמי השבה משדה מואב׃ | 3 |
ئۇ ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىغا ئىگە كىشىگە: ــ موئابنىڭ سەھراسىدىن يېنىپ كەلگەن نائومى قېرىندىشىمىز ئەلىمەلەككە تەۋە شۇ زېمىننى ساتماقچى بولۇۋاتىدۇ. |
ואני אמרתי אגלה אזנך לאמר קנה נגד הישבים ונגד זקני עמי אם תגאל גאל ואם לא יגאל הגידה לי ואדע כי אין זולתך לגאול ואנכי אחריך ויאמר אנכי אגאל׃ | 4 |
سس شۇڭا مەن مۇشۇ ئىشنى ساڭا خەۋەرلەندۈرمەكچى ئىدىم، شۇنداقلا مۇشۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ ئالدىدا ۋە خەلقىمنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىدا «بۇنى سېتىۋالغىن» دېمەكچىمەن. سەن ئەگەر ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىغا ئاساسەن ئالاي دېسەڭ، ئالغىن؛ ھەمجەمەتلىك قىلماي، ئالمايمەن دېسەڭ، ماڭا ئېيتقىن، مەن بۇنى بىلەي؛ چۈنكى سەندىن [ئاۋۋال] باشقىسىنىڭ ھەمجەمەتلىك ھوقۇقى بولمايدۇ؛ ئاندىن سەندىن كېيىن مېنىڭ ھوقۇقۇم بار، دېدى. ئۇ كىشى: ــ ھەمجەمەتلىك قىلىپ ئۇنى ئالىمەن، دېدى. |
ויאמר בעז ביום קנותך השדה מיד נעמי ומאת רות המואביה אשת המת קניתי להקים שם המת על נחלתו׃ | 5 |
بوئاز ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداقتا يەرنى نائومىنىڭ قولىدىن ئالغان كۈنىدە مەرھۇمنىڭ مىراسىغا ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بىرەر ئەۋلادى قالدۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەرھۇمنىڭ ئايالى، موئاب قىزى رۇتنىمۇ ئېلىشىڭ كېرەك، ــ دېدى. |
ויאמר הגאל לא אוכל לגאול לי פן אשחית את נחלתי גאל לך אתה את גאלתי כי לא אוכל לגאל׃ | 6 |
ھەمجەمەت كىشى: ــ ئۇنداق بولسا ھەمجەمەتلىك ھوقۇقۇمنى ئىشلىتىپ [ئېتىزنى] ئالسام بولمىغۇدەك؛ ئالسام ئۆز مىراسىمغا زىيان يەتكۈزگۈدەكمەن. ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىنى سەن ئۆزۈڭ ئىشلىتىپ، يەرنى سېتىۋالغىن؛ مەن ئىشلىتەلمەيمەن دېدى. |
וזאת לפנים בישראל על הגאולה ועל התמורה לקים כל דבר שלף איש נעלו ונתן לרעהו וזאת התעודה בישראל׃ | 7 |
قەدىمكى ۋاقىتلاردا ئىسرائىلدا ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىغا ياكى ئالماشتۇرۇش-تېگىشىش ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر رەسىم-قائىدە بار ئىدى: ــ ئىشنى كەسمەك ئۈچۈن بىر تەرەپ ئۆز كەشىنى سېلىپ، ئىككىنچى تەرەپكە بېرەتتى. ئىسرائىلدا سودا-سېتىقنى بېكىتىشتە مانا مۇشۇنداق بىر ئۇسۇل بار ئىدى. |
ויאמר הגאל לבעז קנה לך וישלף נעלו׃ | 8 |
شۇڭا ھەمجەمەت ھوقۇقىغا ئىگە كىشى بوئازغا: ــ سەن ئۇنى ئالغىن، دەپ، ئۆز كەشىنى سېلىۋەتتى. |
ויאמר בעז לזקנים וכל העם עדים אתם היום כי קניתי את כל אשר לאלימלך ואת כל אשר לכליון ומחלון מיד נעמי׃ | 9 |
بوئاز ئاقساقاللارغا ۋە كۆپچىلىككە: ــ سىلەر بۈگۈن مېنىڭ ئەلىمەلەككە تەۋە بولغان ھەممىنى، شۇنداقلا كىليون بىلەن ماھلونغا تەۋە بولغان ھەممىنى نائومىنىڭ قولىدىن ئالغىنىمغا گۇۋاھتۇرسىلەر. |
וגם את רות המאביה אשת מחלון קניתי לי לאשה להקים שם המת על נחלתו ולא יכרת שם המת מעם אחיו ומשער מקומו עדים אתם היום׃ | 10 |
ئۇنىڭ ئۈستىگە مەرھۇمنىڭ نامى قېرىنداشلىرى ئارىسىدىن ۋە شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئۆچۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن مەرھۇمنىڭ مىراسىغا ئۇنىڭ نامى بولغان [بىرەر ئەۋلادى] قالدۇرۇلسۇن ئۈچۈن ماھلوننىڭ ئايالى، موئاب قىزى رۇتنى خوتۇنلۇققا ئالدىم. سىلەر بۈگۈن بۇنىڭغا گۇۋاھتۇرسىلەر، دېدى. |
ויאמרו כל העם אשר בשער והזקנים עדים יתן יהוה את האשה הבאה אל ביתך כרחל וכלאה אשר בנו שתיהם את בית ישראל ועשה חיל באפרתה וקרא שם בבית לחם׃ | 11 |
دەرۋازىدا تۇرغان ھەممە خەلق بىلەن ئاقساقاللار: ــ بىز گۇۋاھتۇرمىز. پەرۋەردىگار سېنىڭ ئۆيۈڭگە كىرگەن ئايالنى ئىسرائىلنىڭ جەمەتىنى بەرپا قىلغان راھىلە بىلەن لېياھ ئىككىسىدەك قىلغاي؛ سەن ئۆزۈڭ ئەفراتاھ جەمەتى ئىچىدە باياشات بولۇپ، بەيت-لەھەمدە نام-ئىززىتىڭ زىيادە بولغاي؛ |
ויהי ביתך כבית פרץ אשר ילדה תמר ליהודה מן הזרע אשר יתן יהוה לך מן הנערה הזאת׃ | 12 |
پەرۋەردىگار ساڭا بۇ ياش چوكاندىن تاپقۇزىدىغان نەسلىڭ تۈپەيلىدىن سېنىڭ جەمەتىڭ تامار يەھۇداغا تۇغۇپ بەرگەن پەرەزنىڭ جەمەتىدەك بولغاي! ــ دېدى. |
ויקח בעז את רות ותהי לו לאשה ויבא אליה ויתן יהוה לה הריון ותלד בן׃ | 13 |
ئاندىن بوئاز رۇتنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا يېقىنلىق قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا شاپائەت قىلىپ، ئۇ ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى. |
ותאמרנה הנשים אל נעמי ברוך יהוה אשר לא השבית לך גאל היום ויקרא שמו בישראל׃ | 14 |
قىز-ئاياللار نائومىغا: ــ ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا ساڭا ھەمجەمەت-نىجاتكار نەسلىنى ئۈزۈپ قويمىغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! شۇ نەسلىڭنىڭ نامى ئىسرائىلدا ئىززەت-ئابرۇيلۇق بولغاي! |
והיה לך למשיב נפש ולכלכל את שיבתך כי כלתך אשר אהבתך ילדתו אשר היא טובה לך משבעה בנים׃ | 15 |
ئۇ ساڭا جېنىڭنى يېڭىلىغۇچى ھەم قېرىغىنىڭدا سېنى ئەزىزلىغۇچى بولىدۇ؛ چۈنكى سېنى سۆيىدىغان، ساڭا يەتتە ئوغۇلدىن ئەۋزەل بولغان كېلىنىڭ ئۇنى تۇغدى، ــ دېدى. |
ותקח נעמי את הילד ותשתהו בחיקה ותהי לו לאמנת׃ | 16 |
نائومى بالىنى ئېلىپ، باغرىغا باستى ۋە ئۇنىڭغا باققۇچى ئانا بولدى. |
ותקראנה לו השכנות שם לאמר ילד בן לנעמי ותקראנה שמו עובד הוא אבי ישי אבי דוד׃ | 17 |
ئۇنىڭغا قوشنا بولغان ئاياللار «نائومىغا بىر بالا تۇغۇلدى» دەپ، ئۇنىڭغا ئىسىم قويدى. ئۇلار ئۇنىڭغا «ئوبەد» دەپ ئات قويدى. ئۇ يەسسەنىڭ ئاتىسى بولدى، يەسسە داۋۇتنىڭ ئاتىسى بولدى. |
ואלה תולדות פרץ פרץ הוליד את חצרון׃ | 18 |
پەرەزنىڭ نەسەبنامىسى تۆۋەندىكىدەكتۇر: ــ پەرەزدىن ھەزرون تۆرەلدى، |
וחצרון הוליד את רם ורם הוליד את עמינדב׃ | 19 |
ھەزروندىن رام تۆرەلدى، رامدىن ئاممىناداب تۆرەلدى، ئاممىنادابتىن ناھشون تۆرەلدى، ناھشوندىن سالمون تۆرەلدى، |
ועמינדב הוליד את נחשון ונחשון הוליד את שלמה׃ | 20 |
ئاممىنادابتىن ناھشون تۆرەلدى، ناھشوندىن سالمون تۆرەلدى، |
ושלמון הוליד את בעז ובעז הוליד את עובד׃ | 21 |
سالموندىن بوئاز تۆرەلدى، بوئازدىن ئوبەد تۆرەلدى، |
ועבד הוליד את ישי וישי הוליד את דוד׃ | 22 |
ئوبەدتىن يەسسە تۆرەلدى ۋە يەسسەدىن داۋۇت تۆرەلدى. |