בני תורתי אל תשכח ומצותי יצר לבך׃ | 1 |
ئى ئوغلۇم، تەلىمىمنى ئۇنتۇما، دېگەنلىرىمنى ھەمىشە كۆڭلۈڭدە چىڭ تۇت. |
כי ארך ימים ושנות חיים ושלום יוסיפו לך׃ | 2 |
چۈنكى ئۇ ساڭا بەرىكەتلىك كۈنلەر، ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە خاتىرجەملىك قوشۇپ بېرىدۇ. |
חסד ואמת אל יעזבך קשרם על גרגרותיך כתבם על לוח לבך׃ | 3 |
مېھرىبان ۋە ھەق-سەمىمىي بولۇشتىن ۋاز كەچمە، بۇلارنى بوينۇڭغا ئېسىۋال، قەلبىڭگە پۈتىۋال. |
ומצא חן ושכל טוב בעיני אלהים ואדם׃ | 4 |
شۇنداق قىلغاندا خۇدا ۋە بەندىلەرنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپاتقا لايىق بولىسەن، دانىشمەن ھېسابلىنىسەن. |
בטח אל יהוה בכל לבך ואל בינתך אל תשען׃ | 5 |
ئۆز ئەقلىڭگە تايانماي، پەرۋەردىگارغا چىن قەلبىڭ بىلەن تايانغىن؛ |
בכל דרכיך דעהו והוא יישר ארחתיך׃ | 6 |
قانداقلا ئىش قىلساڭ، پەرۋەردىگارنى تونۇشقا ئىنتىل؛ ئۇ ساڭا توغرا يوللارنى كۆرسىتىدۇ. |
אל תהי חכם בעיניך ירא את יהוה וסור מרע׃ | 7 |
ئۆزۈڭنى ئەقىللىق سانىما؛ پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، يامانلىقتىن يىراق بول. |
רפאות תהי לשרך ושקוי לעצמותיך׃ | 8 |
شۇنداق قىلغىنىڭدا، بۇ ئىشلار دەردىڭگە دەرمان، ئۇستىخانلىرىڭغا يىلىك بولىدۇ. |
כבד את יהוה מהונך ומראשית כל תבואתך׃ | 9 |
پەرۋەردىگارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ مال-دۇنيايىڭدىن ھەدىيەلەرنى سۇنغىن، ئېتىزىڭدىن تۇنجى چىققان مەھسۇلاتلىرىڭدىن ئۇنىڭغا ئاتىغىن؛ |
וימלאו אסמיך שבע ותירוש יקביך יפרצו׃ | 10 |
شۇنداق قىلغىنىڭدا، ئامبارلىرىڭ ئاشلىققا تولۇپ تاشىدۇ، شاراب كۆلچەكلىرىڭدە يېڭى شاراب ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدۇ. |
מוסר יהוה בני אל תמאס ואל תקץ בתוכחתו׃ | 11 |
ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە بىپەرۋالىق قىلما، ئۇنىڭ تەنبىھىدىن بەزمە. |
כי את אשר יאהב יהוה יוכיח וכאב את בן ירצה׃ | 12 |
چۈنكى، ئاتا ئەزىز كۆرگەن ئوغلىغا تەنبىھ-تەربىيە بەرگەندەك، پەرۋەردىگار كىمنى سۆيگەن بولسا ئۇنىڭغا تەنبىھ-تەربىيە بېرىدۇ. |
אשרי אדם מצא חכמה ואדם יפיק תבונה׃ | 13 |
دانالىققا مۇيەسسەر بولغان كىشى، يورۇقلۇققا ئىگە بولغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! |
כי טוב סחרה מסחר כסף ומחרוץ תבואתה׃ | 14 |
چۈنكى دانالىقنىڭ پايدىسى كۈمۈشنىڭ پايدىسىدىن كۆپتۇر، قىممىتى ساپ ئالتۇننىڭكىدىنمۇ زىيادىدۇر. |
יקרה היא מפניים וכל חפציך לא ישוו בה׃ | 15 |
ئۇ لەئەل-ياقۇتلاردىن قىممەتلىكتۇر، ئىنتىزار بولغان ھەرقانداق نەرسەڭدىن ھېچبىرىمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كەلمەستۇر. |
ארך ימים בימינה בשמאולה עשר וכבוד׃ | 16 |
دانالىقنىڭ ئوڭ قولىدا ئۇزۇن ئۆمۈر، سول قولىدا بايلىق ۋە شۆھرەت باردۇر. |
דרכיה דרכי נעם וכל נתיבותיה שלום׃ | 17 |
ئۇنىڭ يوللىرى ساڭا خۇش پۇراق تۇيۇلۇر، ئۇنىڭ بارلىق تەرىقىلىرى سېنى ئارام تاپقۇزۇر. |
עץ חיים היא למחזיקים בה ותמכיה מאשר׃ | 18 |
ئۇ ئۆزىنى تاپقان ئادەمگە «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر، ئۇنى چىڭ تۇتقان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك! |
יהוה בחכמה יסד ארץ כונן שמים בתבונה׃ | 19 |
پەرۋەردىگار دانالىق بىلەن يەر-زېمىننى بەرپا قىلدى، ھېكمەت بىلەن ئاسماننى ئورناتتى. |
בדעתו תהומות נבקעו ושחקים ירעפו טל׃ | 20 |
ئۇنىڭ بىلىمى بىلەن يەرنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرى يېرىلدى، ھەمدە بۇلۇتلاردىن شەبنەم چۈشتى. |
בני אל ילזו מעיניך נצר תשיה ומזמה׃ | 21 |
ئى ئوغلۇم! [دانالىق بىلەن بىلىمنى] كۆزۈڭدىن چىقارما، پىشقان ھېكمەت ۋە پەم-پاراسەتنى چىڭ تۇت. |
ויהיו חיים לנפשך וחן לגרגרתיך׃ | 22 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جېنىڭغا جان قوشىدۇ، بوينۇڭغا ئېسىلغان ئېسىل مارجاندەك ساڭا گۈزەللىك قوشىدۇ. |
אז תלך לבטח דרכך ורגלך לא תגוף׃ | 23 |
شۇ چاغدا يولۇڭدا ئامان-ئېسەن ماڭالايسەن، يولدا پۇتلاشمايسەن. |
אם תשכב לא תפחד ושכבת וערבה שנתך׃ | 24 |
ياتقاندا ھېچ نېمىدىن قورقمايسەن، يېتىشىڭ بىلەنلا تاتلىق ئۇخلايسەن. |
אל תירא מפחד פתאם ומשאת רשעים כי תבא׃ | 25 |
بېشىڭغا دەھشەتلىك ۋەھىمە چۈشكەندە قورقمىغىن، رەزىللەرنىڭ ۋەيرانچىلىقىدىن غەم قىلمىغىن! |
כי יהוה יהיה בכסלך ושמר רגלך מלכד׃ | 26 |
چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ تايانچىڭدۇر، ئۇ پۇتۇڭنى قاپقانلاردىن نېرى قىلىدۇ. |
אל תמנע טוב מבעליו בהיות לאל ידיך לעשות׃ | 27 |
پەقەت قولۇڭدىن كەلسىلا، ھاجەتمەنلەردىن ياخشىلىقنى ئايىمىغىن. |
אל תאמר לרעיך לך ושוב ומחר אתן ויש אתך׃ | 28 |
قولۇم-قوشنىلىرىڭ سېنىڭدىن ئۆتنە سوراپ كىرسە، «قايتىپ كېتىپ، ئەتە كەلگىن، ئەتە بېرەي» ــ دېمىگىن. |
אל תחרש על רעך רעה והוא יושב לבטח אתך׃ | 29 |
قوشناڭغا زىيانكەشلىك نىيىتىدە بولما، چۈنكى ئۇ ساڭا ئىشىنىپ يېنىڭدا خاتىرجەم ياشايدۇ. |
אל תרוב עם אדם חנם אם לא גמלך רעה׃ | 30 |
بىرسى ساڭا زىيان يەتكۈزمىگەن بولسا، ئۇنىڭ بىلەن سەۋەبسىز ماجىرالاشما. |
אל תקנא באיש חמס ואל תבחר בכל דרכיו׃ | 31 |
زۇلۇمخور كىشىگە ھەسەت قىلما، ئۇنىڭ يول-تەدبىرلىرىدىن ھېچنېمىنى تاللىما. |
כי תועבת יהוה נלוז ואת ישרים סודו׃ | 32 |
چۈنكى قىڭغىر يوللارنى ماڭىدىغانلار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىكتۇر، لېكىن ئۇنىڭ سىرداش دوستلۇقى دۇرۇس ياشاۋاتقان ئادەمگە تەئەللۇقتۇر. |
מארת יהוה בבית רשע ונוה צדיקים יברך׃ | 33 |
پەرۋەردىگارنىڭ لەنىتى رەزىللىك قىلغۇچىنىڭ ئۆيىدىدۇر، لېكىن ئۇ ھەققانىي ئادەمنىڭ ئۆيىگە بەخت ئاتا قىلۇر. |
אם ללצים הוא יליץ ולעניים יתן חן׃ | 34 |
بەرھەق، مەسخىرە قىلغۇچىلارنى ئۇ مەسخىرە قىلىدۇ، لېكىن كىچىك پېئىل كىشىلەرگە شەپقەت كۆرسىتىدۇ. |
כבוד חכמים ינחלו וכסילים מרים קלון׃ | 35 |
دانالار شۆھرەتكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، لېكىن ھاماقەتلەر رەسۋا قىلىنىدۇ. |