איש תוכחות מקשה ערף פתע ישבר ואין מרפא׃ | 1 |
قايتا-قايتا ئەيىبلىنىپ تۇرۇپ يەنە بوينى قاتتىقلىق قىلغان كىشى، تۇيۇقسىزدىن داۋالىغۇسىز يانجىلار. |
ברבות צדיקים ישמח העם ובמשל רשע יאנח עם׃ | 2 |
ھەققانىيلار گۈللەنسە، پۇقرالىرى شادلىنار، قەبىھلەر ھوقۇق تۇتسا پۇقرا نالە-پەرياد كۆتۈرەر. |
איש אהב חכמה ישמח אביו ורעה זונות יאבד הון׃ | 3 |
دانالىقنى سۆيگەن ئوغۇل ئاتىسىنى خۇش قىلار؛ بىراق پاھىشىلەرگە ھەمراھ بولغان ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى بۇزۇپ-چاچار. |
מלך במשפט יעמיד ארץ ואיש תרומות יהרסנה׃ | 4 |
پادىشاھ ئادالەت بىلەن يۇرتىنى تىنچ قىلار؛ بىراق باج-سېلىق سالغان بولسا، ئۇنى ۋەيران قىلار. |
גבר מחליק על רעהו רשת פורש על פעמיו׃ | 5 |
ئۆز يېقىنىغا خۇشامەت قىلغان كىشى، ئۇنىڭ پۇتلىرىغا تور تەييارلاپ قويغاندۇر. |
בפשע איש רע מוקש וצדיק ירון ושמח׃ | 6 |
رەزىل ئادەمنىڭ گۇناھى ئۆزىگە قاپقان ياساپ قۇرار؛ بىراق ھەققانىي كىشى ناخشىلار بىلەن شادلىنار. |
ידע צדיק דין דלים רשע לא יבין דעת׃ | 7 |
ھەققانىي كىشى مىسكىننىڭ دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈر؛ بىراق يامانلار بولسا بۇ ئىشنى چۈشەنمەس. |
אנשי לצון יפיחו קריה וחכמים ישיבו אף׃ | 8 |
ھاكاۋۇر كىشىلەر شەھەرنى قۇترىتىپ داۋالغۇتار؛ بىراق ئاقىلانىلەر ئاچچىق غەزەپلەرنى ياندۇرار. |
איש חכם נשפט את איש אויל ורגז ושחק ואין נחת׃ | 9 |
دانا كىشى ئەخمەق بىلەن دەۋالاشسا، ئەخمەق ھۈرپىيىدۇ ياكى كۈلىدۇ، نەتىجىسى ھامان تىنچلىق بولماس. |
אנשי דמים ישנאו תם וישרים יבקשו נפשו׃ | 10 |
قانخورلار پاك-دىيانەتلىكلەرگە نەپرەتلىنەر؛ دۇرۇسلارنىڭ جېنىنى بولسا، ئۇلار قەستلەر. |
כל רוחו יוציא כסיל וחכם באחור ישבחנה׃ | 11 |
ئەخمەق ھەردائىم ئىچىدىكى ھەممىنى ئاشكارا قىلار؛ بىراق دانا ئۆزىنى بېسىۋالار. |
משל מקשיב על דבר שקר כל משרתיו רשעים׃ | 12 |
ھۆكۈمدار يالغان سۆزلەرگە قۇلاق سالسا، ئۇنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى يامان ئۆگەنمەي قالماس. |
רש ואיש תככים נפגשו מאיר עיני שניהם יהוה׃ | 13 |
گاداي بىلەن ئۇنى ئەزگۈچى كىشى بىر زېمىندا ياشار؛ ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزىنى نۇرلاندۇرغۇچى پەرۋەردىگاردۇر. |
מלך שופט באמת דלים כסאו לעד יכון׃ | 14 |
يوقسۇللارنى دىيانەت بىلەن سورىغان پادىشاھنىڭ بولسا، تەختى مەڭگۈگە مەھكەم تۇرار. |
שבט ותוכחת יתן חכמה ונער משלח מביש אמו׃ | 15 |
تاياق بىلەن تەنبىھ-نەسىھەت بالىلارغا دانالىق يەتكۈزەر؛ بىراق ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلگەن بالا ئانىسىنى خىجالەتكە قالدۇرار. |
ברבות רשעים ירבה פשע וצדיקים במפלתם יראו׃ | 16 |
يامانلار گۈللىنىپ كەتسە، ناھەقلىك كۆپىيەر؛ لېكىن ھەققانىيلار ئۇلارنىڭ يىقىلغىنىنى كۆرەر. |
יסר בנך ויניחך ויתן מעדנים לנפשך׃ | 17 |
ئوغلۇڭنى تەربىيەلىسەڭ، ئۇ سېنى ئارام تاپقۇزار؛ ئۇ كۆڭلۈڭنى سۆيۈندۈرەر. |
באין חזון יפרע עם ושמר תורה אשרהו׃ | 18 |
[پەرۋەردىگارنىڭ] ۋەھىيسى بولمىغان ئەلنىڭ پۇقرالىرى يولدىن چىقىپ باشپاناھسىز قالار؛ لېكىن تەۋرات-قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان كىشى بەختلىكتۇر. |
בדברים לא יוסר עבד כי יבין ואין מענה׃ | 19 |
قۇلنى سۆز بىلەنلا تۈزەتكىلى بولماس؛ ئۇ سۆزۈڭنى چۈشەنگەن بولسىمۇ، ئېتىبار قىلماس. |
חזית איש אץ בדבריו תקוה לכסיל ממנו׃ | 20 |
ئاغزىنى باسالمايدىغان كىشىنى كۆرگەنمۇ؟ ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكەندىن، ئەخمەقتىن ئۈمىد كۈتۈش ئەۋزەلدۇر. |
מפנק מנער עבדו ואחריתו יהיה מנון׃ | 21 |
كىمكى ئۆز قۇلىنى كىچىكىدىن تارتىپ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرسە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ بېشىغا چىقار. |
איש אף יגרה מדון ובעל חמה רב פשע׃ | 22 |
تېرىككەك كىشى جېدەل-ماجىرا قوزغاپ تۇرار؛ ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرى كۆپتۇر. |
גאות אדם תשפילנו ושפל רוח יתמך כבוד׃ | 23 |
مەغرۇرلۇق كىشىنى پەس قىلار، بىراق كەمتەرلىك كىشىنى ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرەر. |
חולק עם גנב שונא נפשו אלה ישמע ולא יגיד׃ | 24 |
ئوغرى بىلەن شېرىك بولغان كىشى ئۆز جېنىغا دۈشمەندۇر؛ ئۇ سوراقچىنىڭ [گۇۋاھ بېرىشكە] ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئاڭلىسىمۇ، لېكىن راست گەپ قىلىشقا پېتىنالماس. |
חרדת אדם יתן מוקש ובוטח ביהוה ישגב׃ | 25 |
ئىنسان بالىسىدىن قورقۇش ئادەمنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ؛ بىراق كىمكى پەرۋەردىگارغا تايانغان بولسا، ئۇ بىخەتەر كۆتۈرۈلەر. |
רבים מבקשים פני מושל ומיהוה משפט איש׃ | 26 |
كۆپ كىشىلەر ھۆكۈمداردىن ئىلتىپات ئىزدەپ يۈرەر؛ بىراق ئادەمنىڭ ھەق-رىزقى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭلا قولىدىدۇر. |
תועבת צדיקים איש עול ותועבת רשע ישר דרך׃ | 27 |
ناھەقلەر ھەققانىيلارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ دۇرۇس يولدا ماڭغان كىشىلەر يامانلارغا يىرگىنچلىكتۇر. |