וישב אל הים ויחל ללמד ויקהלו אליו המון עם רב עד אשר ירד לשבת באניה בים וכל העם עומד על חוף הים ביבשה׃ | 1 |
ئۇ يەنە دېڭىز بويىدا [خەلققە] تەلىم بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا زور بىر توپ ئادەملەر ئولىشىۋالغاچقا، ئۇ بىر كېمىگە چىقىپ دېڭىزدا ئولتۇردى؛ پۈتكۈل خالايىق بولسا دېڭىز قىرغىقىدا تۇرۇشاتتى. |
וילמדם הרבה במשלים ויאמר אליהם בלמדו אתם׃ | 2 |
ئۇ ئۇلارغا تەمسىل بىلەن نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆگەتتى. ئۇ تەلىم بېرىپ مۇنداق دېدى: |
שמעו שמוע הנה הזרע יצא לזרע׃ | 3 |
ــ قۇلاق سېلىڭلار! ئۇرۇق چاچقۇچى ئۇرۇق چاچقىلى [ئېتىزغا] چىقىپتۇ. |
ויהי בזרעו ויפל מן הזרע על יד הדרך ויבא עוף השמים ויאכלהו׃ | 4 |
ئۇرۇق چاچقاندا ئۇرۇقلاردىن بەزىلىرى چىغىر يول بويىغا چۈشۈپتۇ، قۇشلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ. |
ויש אשר נפל על מקום הסלע אשר אין לו שם אדמה הרבה וימהר לצמח כי לא היה לו עמק אדמה׃ | 5 |
بەزىلىرى تۇپرىقى ئاز تاشلىق يەرگە چۈشۈپتۇ. توپىسى چوڭقۇر بولمىغانلىقتىن، تېزلا ئۈنۈپ چىقىپتۇ، |
ויהי כזרח השמש ויצרב וייבש כי אין לו שרש׃ | 6 |
لېكىن كۈن چىقىش بىلەنلا ئاپتاپتا كۆيۈپ، يىلتىزى بولمىغاچقا قۇرۇپ كېتىپتۇ. |
ויש אשר נפל בין הקצים ויעלו הקצים וימעכהו ולא נתן פרי׃ | 7 |
بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر ئۆسۈپ مايسىلارنى بوغۇۋېلىپ، ئۇلار ھېچ ھوسۇل بەرمەپتۇ. |
ויש אשר נפל על האדמה הטובה ויתן פרי עלה וגדל ויעש זה שלשים שערים וזה ששים וזה מאה׃ | 8 |
بەزىلىرى بولسا، ياخشى تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۇلار ئۆسۈپ ئاۋۇپ چوڭ بولغاندا ھوسۇل بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوتتۇز ھەسسە، بەزىلىرى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بەزىلىرى يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ. |
ויאמר אליהם מי אשר אזנים לו לשמע ישמע׃ | 9 |
ــ ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! ــ دېدى ئۇ. |
ויהי בהיותו לבדו וישאלוהו האנשים אשר סביביו עם שנים העשר על המשל׃ | 10 |
ئۇ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر ھەم ئون ئىككىيلەن بىلەن يالغۇز قالغاندا، ئۇلار ئۇنىڭدىن تەمسىللەر توغرۇلۇق سوراشتى. |
ויאמר אליהם לכם נתן לדעת סוד מלכות האלהים ואשר בחוץ להם הכל במשלים׃ | 11 |
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرىنى بىلىشكە سىلەر نېسىپ بولدۇڭلار. لېكىن سىرتتىكىلەرگە ھەممە ئىش تەمسىللەر بىلەن ئۇقتۇرۇلىدۇ؛ |
למען יראו ראו ולא ידעו ושמעו שמוע ולא יבינו פן ישובו ונסלח לחטאתם׃ | 12 |
بۇنىڭ بىلەن: «ئۇلار قاراشنى قارايدۇ، بىراق كۆرمەيدۇ؛ ئاڭلاشنى ئاڭلايدۇ، بىراق چۈشەنمەيدۇ؛ شۇنداق بولمىسىدى، ئۇلار يولىدىن ياندۇرۇلۇشى بىلەن، كەچۈرۈم قىلىناتتى» [دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ]. |
ויאמר להם הן לא ידעתם את המשל הזה ואיך תבינו את המשלים כלם׃ | 13 |
ئاندىن ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەر مۇشۇ تەمسىلنىمۇ چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ ئۇنداقتا، قانداقمۇ باشقا ھەرخىل تەمسىللەرنى چۈشىنەلەيسىلەر؟ ــ دېدى. |
הזרע הוא זרע את הדבר׃ | 14 |
ئۇرۇق چاچقۇچى سۆز-كالام چاچىدۇ. |
ואלה הם הנזרעים על יד הדרך אשר יזרע בם הדבר וכשמעם אותו מיד בא השטן וישא את הדבר הזרוע בלבבם׃ | 15 |
ئۈستىگە سۆز-كالام چېچىلغان چىغىر يول بويى شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان شەيتان دەرھال كېلىپ ئۇلارنىڭ قەلبىگە چېچىلغان سۆز-كالامنى ئېلىپ كېتىدۇ. |
וכן הנזרעים על מקמות הסלע הם השמעים את הדבר ומהר בשמחה יקחהו׃ | 16 |
بۇنىڭغا ئوخشاش، تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا، سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ. |
אך אין להם שרש בקרבם ורק לשעה יעמדו ואחר כן בהיות צרה ורדיפה על אדות הדבר מהרה יכשלו׃ | 17 |
ھالبۇكى، قەلبىدە ھېچ يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت ۋاقىتلىق تۇرىدۇ؛ سۆز-كالامنىڭ ۋەجىدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، ئۇلار شۇئان يولدىن چەتنەپ كېتىدۇ. |
והאחרים הנזרעים בין הקצים הם השמעים את הדבר׃ | 18 |
تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىلغىنى شۇنداق بەزى ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، بۇ ئادەملەر سۆز-كالامنى ئاڭلىغىنى بىلەن، |
ודאגות העולם הזה ומרמת העשר ותאות שאר הדברים באות וממעכות את הדבר ופרי לא יהיה לו׃ (aiōn g165) | 19 |
لېكىن كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى، بايلىقلارنىڭ ئېزىقتۇرۇشى ۋە باشقا نەرسىلەرگە بولغان ھەۋەسلەر كىرىۋېلىپ، سۆز-كالامنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇ ھېچ ھوسۇل چىقارمايدۇ. (aiōn g165) |
ואלה המזרעים על האדמה הטובה הם השמעים את הדבר ומקבלים אתו ועשים פרי לשלשים שערים ולששים ולמאה׃ | 20 |
لېكىن ياخشى تۇپراققا چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا ــ سۆز-كالامنى ئاڭلىشى بىلەن ئۇنى قوبۇل قىلغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ھوسۇل بېرىدۇ، بىرسى ئوتتۇز ھەسسە، بىرسى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بىرسى يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىدۇ. |
ויאמר אליהם הכי יביאו הנר למען יושם תחת האיפה ותחת המטה ולא למען יעלהו על המנורה׃ | 21 |
ئۇ ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: ــ چىراغ سېۋەت ياكى كارىۋات ئاستىغا قويۇلۇش ئۈچۈن كەلتۈرۈلەمدۇ؟ ئۇ چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويۇلۇش ئۈچۈن كەلتۈرۈلمەمدۇ؟ |
כי אין דבר סתום אשר לא יגלה ולא נעלם דבר כי אם למען יבא לגלוי׃ | 22 |
چۈنكى يوشۇرۇلغان ھېچقانداق ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، شۇنىڭدەك ھەرقانداق مەخپىي ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئايان بولماي قالمايدۇ. |
כל אשר אזנים לו לשמע ישמע׃ | 23 |
ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! |
ויאמר אליהם ראו מה אתם שמעים במדה אשר אתם מודדים בה ימד לכם ועוד יוסף לכם השמעים׃ | 24 |
ئاڭلىغانلىرىڭلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭلار! چۈنكى سىلەر [باشقىلارغا] قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىسەڭلار، سىلەرگىمۇ شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىلىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قوشۇپ بېرىلىدۇ. |
כי מי שיש לו נתון ינתן לו ומי שאין לו גם את אשר יש לו יקח ממנו׃ | 25 |
چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. |
ויאמר מלכות האלהים היא כאשר ישליך איש זרע על האדמה׃ | 26 |
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يەنە بىرسىنىڭ تۇپراققا ئۇرۇق چاچقىنىغا ئوخشايدۇ: |
וישן וקם לילה ויום והזרע יצמח וגדל והוא לא ידע׃ | 27 |
ئۇ ئۇخلايدۇ، ئورۇندىن تۇرىدۇ، كېچە-كۈندۈزلەر ئۆتۈۋېرىپ، ئۇرۇق بىخ ئۇرۇپ ئۆسىدۇ. لېكىن چاچقۇچى قانداق يول بىلەن ئۆسىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. |
כי הארץ מאליה מוציאה פריה את הדשא ראשונה ואחריו את השבלת ואחרי כן את החטה המלאה בשבלת׃ | 28 |
تۇپراق ئۆزلۈكىدىن ھوسۇل بېرىدۇ؛ ئۇرۇق ئاۋۋال بىخ ئۇرىدۇ، كېيىن باش چىقىرىدۇ، ئاخىردا باشاقلار تولۇق دان تۇتىدۇ. |
וכאשר גמל הפרי ימהר לשלח את המגל כי בשל הקציר׃ | 29 |
دان پىشقاندا، [چاچقۇچى] دەرھال ئورغاق سالىدۇ، چۈنكى ھوسۇل ۋاقتى كەلگەن بولىدۇ. |
ויאמר אל מה נדמה את מלכות האלהים ובאי זה משל נמשילנה׃ | 30 |
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى نېمىگە ئوخشىتىمىز؟ ياكى قانداق بىر تەمسىل بىلەن سۈرەتلەپ بېرەلەيمىز؟ |
כגרגר של חרדל אשר יזרע באדמה והוא קטן מכל הזרעים אשר על הארץ׃ | 31 |
ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. ئۇ يەرگە تېرىلغاندا، گەرچە يەر يۈزىدىكى بارلىق ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكى بولسىمۇ، |
ואחרי הזרעו יעלה ויגדל על כל הירקות ועשה ענפים גדולים עד אשר יוכלו עוף השמים לקנן בצלו׃ | 32 |
تېرىلغاندىن كېيىن، ھەرقانداق زىرائەتتىن ئېگىز ئۆسۈپ شۇنداق چوڭ شاخلايدۇكى، ئاسماندىكى قۇشلارمۇ ئۇنىڭ سايىسىگە قونىدۇ. |
ובמשלים רבים כאלה דבר אליהם את הדבר כפי אשר יכלו לשמע׃ | 33 |
ئۇ شۇنىڭغا ئوخشاش خالايىق ئاڭلاپ چۈشىنەلىگۈدەك نۇرغۇن تەمسىللەر بىلەن سۆز-كالامنى يەتكۈزدى. |
ובבלי משל לא דבר אליהם והיה בהיותו עם תלמידיו לבדם יבאר להם את הכל׃ | 34 |
لېكىن تەمسىل كەلتۈرمەي تۇرۇپ ئۇلارغا ھېچقانداق سۆز قىلمايتتى. لېكىن ئۆز مۇخلىسلىرى بىلەن يالغۇز قالغىنىدا، ئۇلارغا ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى. |
ויאמר אליהם ביום ההוא לפנות ערב נעברה העבר׃ | 35 |
شۇ كۈنى كەچ كىرگەندە، ئۇ ئۇلارغا: ــ دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتەيلى، ــ دېدى. |
ויעזבו את המון העם ויקחו אתו כאשר הוא באניה וגם אניות אחרות הלכו עמו׃ | 36 |
خالايىقنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئۇنى كېمىدە ئولتۇرغان پېتى ئېلىپ يۈرۈپ كېتىشتى. ئۇلار بىلەن بىللە ماڭغان باشقا كېمىلەرمۇ بار ئىدى. |
ותקם רוח סערה גדולה וישטפו הגלים אל תוך האניה עד אשר כמעט נמלאה׃ | 37 |
ۋە مانا، ئەشەددىي قارا قۇيۇن چىقىپ كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن دولقۇنلار كېمىنى ئۇرۇپ، سۇ ھالقىپ كىرىپ، كېمىگە توشاي دەپ قالغانىدى. |
והוא ישן על הכסת באחרי האניה ויעירו אותו ויאמרו אליו רבי האינך דאג לנו כי נאבד׃ | 38 |
لېكىن ئۇ كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ياستۇققا باش قويۇپ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. ئۇلار ئۇنى ئويغىتىپ: ــ ئى ئۇستاز، ھالاك بولۇۋاتقىنىمىزغا كارىڭ يوقمۇ؟ ــ دېدى. |
ויעור ויגער ברוח ויאמר אל הים הס ודם ותשך הרוח ותהי דממה גדולה׃ | 39 |
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، بورانغا تەنبىھ بېرىپ، دېڭىزغا: «تىنچلان! جىم بول!» دېۋىدى، بوران توختاپ، چوڭقۇر بىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. |
ויאמר אליהם למה ככה אתם חרדים איך אין לכם אמונה׃ | 40 |
ــ نېمىشقا شۇنچە قورقىسىلەر؟ سىلەردە قانداقسىگە تېخىچە ئىشەنچ بولمايدۇ؟ ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا. |
וייראו יראה גדולה ויאמרו איש אל רעהו מי אפוא הוא אשר גם הרוח והים שמעים לו׃ | 41 |
ئۇلارنى ئىنتايىن زور بىر قورقۇنچ باستى، ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟ ھەتتا شامال ۋە دېڭىزمۇ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىكەن-ھە! ــ دەپ كېتىشتى. |