ויהי כאשר תמו כל הגוי לעבור את הירדן ויאמר יהוה אל יהושע לאמר׃ | 1 |
پۈتكۈل خەلق ئىئوردان دەرياسىدىن تامامەن ئۆتۈپ بولغاندا، پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ: ــ |
קחו לכם מן העם שנים עשר אנשים איש אחד איש אחד משבט׃ | 2 |
خەلقنىڭ ئارىسىدىن ئون ئىككى ئادەمنى تاللىغىن، ھەر قەبىلىدىن بىردىن ئادەم بولسۇن، |
וצוו אותם לאמר שאו לכם מזה מתוך הירדן ממצב רגלי הכהנים הכין שתים עשרה אבנים והעברתם אותם עמכם והנחתם אותם במלון אשר תלינו בו הלילה׃ | 3 |
ئۇلارغا: ــ سىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن، كاھىنلارنىڭ پۇتلىرى مەزمۇت تۇرغان جايدىن ئون ئىككى تاشنى ئېلىپ، ئۇلارنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ئۆزۈڭلار بۈگۈن كېچە بارگاھ تىكىدىغان يەرگە قويۇڭلار، دېگىن، دېدى. |
ויקרא יהושע אל שנים העשר איש אשר הכין מבני ישראל איש אחד איש אחד משבט׃ | 4 |
شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ھەر قەبىلىدىن بىردىن ئادەمنى، يەنى ئىسرائىللار ئارىسىدىن تاللىغان ئون ئىككى كىشىنى چاقىردى؛ |
ויאמר להם יהושע עברו לפני ארון יהוה אלהיכם אל תוך הירדן והרימו לכם איש אבן אחת על שכמו למספר שבטי בני ישראל׃ | 5 |
ئاندىن يەشۇئا ئۇلارغا: ــ سىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشۈپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ سانىغا ماس ھالدا بىردىن تاشنى ئېلىپ مۈرەڭلەرگە قويۇڭلار. |
למען תהיה זאת אות בקרבכם כי ישאלון בניכם מחר לאמר מה האבנים האלה לכם׃ | 6 |
چۈنكى بۇ ئاراڭلاردا بىر ئەسلەتمە-بەلگە بولىدۇ؛ كەلگۈسىدە بالىلىرىڭلار: ــ بۇ تاشلارنىڭ سىلەرگە نېمە ئەھمىيىتى بار؟ ــ دەپ سوراپ قالسا، سىلەر ئۇلارغا: ــ |
ואמרתם להם אשר נכרתו מימי הירדן מפני ארון ברית יהוה בעברו בירדן נכרתו מי הירדן והיו האבנים האלה לזכרון לבני ישראל עד עולם׃ | 7 |
ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۇلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ئۈزۈپ قويۇلدى؛ [ئەھدە ساندۇقى] ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈلگەندە ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۇلىرى ئۈزۈپ قويۇلدى؛ شۇڭا بۇ تاشلار ئىسرائىللارغا مەڭگۈلۈك بىر ئەسلەتمە-بەلگە بولىدۇ، ــ دەپ جاۋاپ بېرىسىلەر. |
ויעשו כן בני ישראל כאשר צוה יהושע וישאו שתי עשרה אבנים מתוך הירדן כאשר דבר יהוה אל יהושע למספר שבטי בני ישראל ויעברום עמם אל המלון וינחום שם׃ | 8 |
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار يەشۇئا ئۇلارغا بۇيرۇغاندەك قىلدى. پەرۋەردىگارنىڭ يەشۇئاغا قىلغان ئەمرى بويىچە ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ سانىغا مۇۋاپىق ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئون ئىككى تاشنى ئېلىپ، قونىدىغان جايغا كۆتۈرۈپ بېرىپ، شۇ يەردە قويۇپ قويدى. |
ושתים עשרה אבנים הקים יהושע בתוך הירדן תחת מצב רגלי הכהנים נשאי ארון הברית ויהיו שם עד היום הזה׃ | 9 |
بۇنىڭدىن باشقا يەشۇئا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلارنىڭ پۇتلىرى مۇستەھكەم تۇرغان جايدا ئون ئىككى تاشنى تىكلەپ قويدى. بۇ تاشلار بولسا بۈگۈنگىچە شۇ يەردە تۇرىدۇ. |
והכהנים נשאי הארון עמדים בתוך הירדן עד תם כל הדבר אשר צוה יהוה את יהושע לדבר אל העם ככל אשר צוה משה את יהושע וימהרו העם ויעברו׃ | 10 |
پەرۋەردىگار يەشۇئاغا خەلققە ئېيتىشقا تاپىلىغان بارلىق ئىشلار ئورۇنلانغۇچىلىك، يەنى مۇسا ئەسلىدە يەشۇئاغا بۇيرۇغانلىرىنىڭ ھەممىسى بەجا كەلتۈرۈلگۈچە، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ تۇردى. خەلق شۇ يەردىن تېزدىن ئۆتۈۋاتاتتى. |
ויהי כאשר תם כל העם לעבור ויעבר ארון יהוה והכהנים לפני העם׃ | 11 |
شۇنداق بولدىكى، بارلىق خەلق تامامەن ئۆتۈپ بولغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ [ئەھدە] ساندۇقى بىلەن كاھىنلار خەلقنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى. |
ויעברו בני ראובן ובני גד וחצי שבט המנשה חמשים לפני בני ישראל כאשר דבר אליהם משה׃ | 12 |
رۇبەنلەر بىلەن گادلار ۋە ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىدىكىلەرمۇ مۇسانىڭ ئۇلارغا بۇيرۇغىنىدەك سەپتە تۈزۈپ ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتتى. |
כארבעים אלף חלוצי הצבא עברו לפני יהוה למלחמה אל ערבות יריחו׃ | 13 |
جەمئىي بولۇپ قىرىق مىڭچە قوراللانغان كىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ، يېرىخو تۈزلەڭلىكلىرىگە كېلىپ، جەڭ قىلىشقا تەييار تۇردى. |
ביום ההוא גדל יהוה את יהושע בעיני כל ישראל ויראו אתו כאשר יראו את משה כל ימי חייו׃ | 14 |
ئۇ كۈنى پەرۋەردىگار يەشۇئانى پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ نەزىرىدە چوڭ قىلدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە مۇسادىن قورققاندەك ئۇنىڭدىنمۇ قورقتى. |
ויאמר יהוה אל יהושע לאמר׃ | 15 |
پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ: ــ |
צוה את הכהנים נשאי ארון העדות ויעלו מן הירדן׃ | 16 |
ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلارغا: ــ ئىئوردان دەرياسىدىن چىقىڭلار، دەپ بۇيرۇغىن، دېدى. |
ויצו יהושע את הכהנים לאמר עלו מן הירדן׃ | 17 |
شۇڭا يەشۇئا كاھىنلارغا: ــ ئىئوردان دەرياسىدىن چىقىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. |
ויהי בעלות הכהנים נשאי ארון ברית יהוה מתוך הירדן נתקו כפות רגלי הכהנים אל החרבה וישבו מי הירדן למקומם וילכו כתמול שלשום על כל גדותיו׃ | 18 |
شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ، پۇتلىرىنىڭ تاپىنى قۇرۇقلۇقنى دەسسىشى بىلەنلا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيى يەنە ئۆز جايىغا قايتىپ كېلىپ، ئاۋۋالقىدەك ئىككى قىرغىقىغىچە تېشىپ ئېقىشقا باشلىدى. |
והעם עלו מן הירדן בעשור לחדש הראשון ויחנו בגלגל בקצה מזרח יריחו׃ | 19 |
خەلق بولسا بىرىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يېرىخونىڭ شەرقىنىڭ ئەڭ چەت تەرىپىدىكى گىلگالغا كېلىپ چېدىرگاھ تىكتى. |
ואת שתים עשרה האבנים האלה אשר לקחו מן הירדן הקים יהושע בגלגל׃ | 20 |
ئۇلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئالغاچ كەلگەن ئون ئىككى تاشنى بولسا، يەشۇئا ئۇلارنى گىلگالدا تىكلەپ قويدى؛ |
ויאמר אל בני ישראל לאמר אשר ישאלון בניכם מחר את אבותם לאמר מה האבנים האלה׃ | 21 |
ئاندىن ئىسرائىللارغا: ــ كېيىن بالىلىرىڭلار ئۆز ئاتىلىرىدىن: ــ بۇ تاشلارنىڭ ئەھمىيىتى نېمە، دەپ سورىسا، |
והודעתם את בניכם לאמר ביבשה עבר ישראל את הירדן הזה׃ | 22 |
سىلەر بالىلىرىڭلارغا مۇنداق ئۇقتۇرۇپ قويۇڭلار: ــ «ئىسرائىل ئىلگىرى قۇرۇق يەرنى دەسسەپ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەنىدى؛ |
אשר הוביש יהוה אלהיכם את מי הירדן מפניכם עד עברכם כאשר עשה יהוה אלהיכם לים סוף אשר הוביש מפנינו עד עברנו׃ | 23 |
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بىز قىزىل دېڭىزدىن ئۆتكۈچە ئالدىمىزدا ئۇنىڭ سۇلىرىنى قۇرۇتۇپ بەرگەندەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەر ئۆتكۈچە ئالدىڭلاردا ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيىنى قۇرۇتۇپ بەردى؛ |
למען דעת כל עמי הארץ את יד יהוה כי חזקה היא למען יראתם את יהוה אלהיכם כל הימים׃ | 24 |
يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر پەرۋەردىگارنىڭ قولىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈكلۈكىنى بىلسۇن، شۇنداقلا سىلەرنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن ھەمىشە قورقۇشۇڭلار ئۈچۈن ئۇ شۇنداق قىلدى» ــ دېدى. |