ויצא הגורל לבני יוסף מירדן יריחו למי יריחו מזרחה המדבר עלה מיריחו בהר בית אל׃ | 1 |
يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا چەك تاشلىنىپ چىققان مىراس زېمىن بولسا يېرىخوغا تۇتاش بولغان ئىئوردان دەرياسىدىن تارتىپ، يېرىخونىڭ شەرق تەرىپىدىكى كۆللەرگىچە بولغان يۇرتلار ۋە يېرىخودىن چىقىپ، چۆلدىن ئۆتۈپ بەيت-ئەلنىڭ تاغلىق رايونىغا سوزۇلغان يۇرتلار ئىدى. |
ויצא מבית אל לוזה ועבר אל גבול הארכי עטרות׃ | 2 |
چېگرىسى بەيت-ئەلدىن تارتىپ لۇزغا، ئاندىن ئاركىيلارنىڭ چېگرىسىدىكى ئاتاروتقا يېتىپ، |
וירד ימה אל גבול היפלטי עד גבול בית חורן תחתון ועד גזר והיו תצאתו ימה׃ | 3 |
ئاندىن غەرب تەرىپىگە بېرىپ، يافلەتىيلەرنىڭ چېگرىسىغا تۇتىشۇپ، ئاستىن بەيت-ھوروننىڭ چېتىگە چۈشۈپ، گەزەرگە بېرىپ دېڭىزدا ئاخىرلىشاتتى. |
וינחלו בני יוסף מנשה ואפרים׃ | 4 |
يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى ماناسسەھ بىلەن ئەفرائىملار ئېرىشكەن مىراس ئۈلۈشى مانا شۇ ئىدى. |
ויהי גבול בני אפרים למשפחתם ויהי גבול נחלתם מזרחה עטרות אדר עד בית חורן עליון׃ | 5 |
ئەفرائىملارنىڭ جەمەت-ئائىلىرى بويىچە ئالغان زېمىنىنىڭ چېگرىسى تۆۋەندىكىدەك: ــ مىراس زېمىننىڭ شەرق تەرەپتىكى چېگرىسى ئاتاروت-ئادداردىن تارتىپ ئۈستۈن بەيت-ھورونغىچە يېتىپ، |
ויצא הגבול הימה המכמתת מצפון ונסב הגבול מזרחה תאנת שלה ועבר אותו ממזרח ינוחה׃ | 6 |
ئاندىن دېڭىزغا بېرىپ شىمالغا قاراپ مىكمىتاتقا چىقتى؛ ئاندىن يەنە شەرق تەرىپىدىكى تائانات-شىلوھقا قايرىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ شەرق تەرەپكە قاراپ يانوئاھقا، |
וירד מינוחה עטרות ונערתה ופגע ביריחו ויצא הירדן׃ | 7 |
يانوئاھدىن چۈشۈپ ئاتاروت بىلەن نائاراتقا يېتىپ، يېرىخوغا تۇتىشىپ ئىئوردان دەرياسىغا چىقتى. |
מתפוח ילך הגבול ימה נחל קנה והיו תצאתיו הימה זאת נחלת מטה בני אפרים למשפחתם׃ | 8 |
چېگرا تاپپۇئاھدىن غەرب تەرەپكە چىقىپ كاناھ ئېقىنىغىچە بېرىپ، دېڭىزغا يېتىپ ئاياغلاشتى. ئەفرائىمنىڭ قەبىلىسىگە، يەنى ئۇلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرىگە تەگكەن مىراس ئۈلۈشى شۇ ئىدى. |
והערים המבדלות לבני אפרים בתוך נחלת בני מנשה כל הערים וחצריהן׃ | 9 |
بۇنىڭدىن باشقا ئەفرائىملار ئۈچۈن ماناسسەھنىڭ مىراسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرنەچچە شەھەرلەر ئايرىلغانىدى؛ بۇ ئايرىلغان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى قاراشلىق كەنت-قىشلاقلىرى بىلەن قوشۇلغانىدى. |
ולא הורישו את הכנעני היושב בגזר וישב הכנעני בקרב אפרים עד היום הזה ויהי למס עבד׃ | 10 |
ئەمما [ئەفرائىملار] گەزەردە ئولتۇرۇشلۇق قانائانىيلارنى قوغلىۋەتمىگەنىدى؛ شۇڭا قانائانىيلار تا بۈگۈنگىچە ئەفرائىمنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ، مەخسۇس ھاشارچى مەدىكارلار بولۇپ تۇرماقتا. |