< איוב 11 >

ויען צפר הנעמתי ויאמר׃ 1
ئاندىن نائاماتلىق زوفار جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
הרב דברים לא יענה ואם איש שפתים יצדק׃ 2
«گەپ مۇنداق كۆپ تۇرسا، ئۇنى جاۋابسىز قالدۇرغىلى بولماس؟ سۆزمەن كىشى ئۆزىنى ئاقلىسا بولامدۇ؟
בדיך מתים יחרישו ותלעג ואין מכלם׃ 3
سېنىڭ سەپسەتەلىرىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىسا بولامدۇ؟ سەن مازاق قىلىپ سۆزلىگەندىن كېيىن، ھېچكىم بۇ ئىشنى يۈزۈڭگە سالمىسۇنمۇ؟
ותאמר זך לקחי ובר הייתי בעיניך׃ 4
چۈنكى سەن: «مېنىڭ ئەقىدىلىرىم ساپتۇر، مەن سەن [خۇدانىڭ] ئالدىدا پاكمەن» ــ دېدىڭ.
ואולם מי יתן אלוה דבר ויפתח שפתיו עמך׃ 5
ئاھ، تەڭرى گەپ قىلسىدى! ئاغزىنى ئېچىپ سېنى ئەيىبلىسىدى!
ויגד לך תעלמות חכמה כי כפלים לתושיה ודע כי ישה לך אלוה מעונך׃ 6
شۇنداق قىلىپ ئۇ دانالىقنىڭ سىرلىرىنى ساڭا ئېچىپ بەرسىدى! چۈنكى دانالىق ئىككى تەرەپلىكتۇر! تەڭرىنىڭ گۇناھىڭنىڭ خېلى بىر قىسمىنى كۆتۈرىۋېتىپ، ئۇلاردىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىپ قوي!
החקר אלוה תמצא אם עד תכלית שדי תמצא׃ 7
سەن تەڭرىنى ئىزدىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى تۈپتىن تونۇيالامسەن؟! ھەممىگە قادىرنىڭ چەكسىزلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەمسەن؟
גבהי שמים מה תפעל עמקה משאול מה תדע׃ (Sheol h7585) 8
[بۇنداق دانالىق] ئاسماندىن ئېگىزدۇر، [ئۇنىڭغا ئېرىشىشكە] نېمە ئامالىڭ بار؟ ئۇ تەھتىسارادىن چوڭقۇردۇر، سەن نېمىنى بىلەلەيسەن؟ (Sheol h7585)
ארכה מארץ מדה ורחבה מני ים׃ 9
ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يەر-زېمىندىن ئۇزۇندۇر، كەڭلىكى دېڭىز-ئوكيانلاردىن كەڭدۇر.
אם יחלף ויסגיר ויקהיל ומי ישיבנו׃ 10
ئۇ ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئادەمنى قامىسا، ئۇنى سوراققا چاقىرسا، كىممۇ ئۇنى توسالىسۇن؟
כי הוא ידע מתי שוא וירא און ולא יתבונן׃ 11
چۈنكى ئۇ ساختا ئادەملەرنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇ تەكشۈرمەي تۇرۇپلا ئالدامچىلىقنى ئاللىقاچان كۆرۈپ بولغان.
ואיש נבוב ילבב ועיר פרא אדם יולד׃ 12
«ئىنسان تۇغۇلۇپ بىر ياۋا ئېشەكنىڭ تەخىيىگە ئايلانغۇچە، نادان ئادەم دانا بولۇر!».
אם אתה הכינות לבך ופרשת אליו כפך׃ 13
بىراق سەن بولساڭ، ئەگەر قەلبىڭنى توغرىلاتساڭ، قولۇڭنى خۇداغا قاراپ سوزساڭ،
אם און בידך הרחיקהו ואל תשכן באהליך עולה׃ 14
قولۇڭدىكى قەبىھلىكنى ئۆزۈڭدىن نېرى قىلساڭ، چېدىرلىرىڭدا ھېچ يامانلىقنى تۇرغۇزمىساڭلا،
כי אז תשא פניך ממום והיית מצק ולא תירא׃ 15
سەن ئۇ چاغدا يۈزۈڭنى قۇسۇرسىز كۆتۈرۈپ يۈرىسەن، تەۋرەنمەس، قورقۇنچسىز بولىسەن؛
כי אתה עמל תשכח כמים עברו תזכר׃ 16
جاپايىڭنى ئۇنتۇيسەن، ھەتتا ئېقىپ ئۆتۈپ كەتكەن سۇنى ئويلىغاندەك ئۇلارنى ئەسلەيسەن؛
ומצהרים יקום חלד תעפה כבקר תהיה׃ 17
كۈنلىرىڭ چۈشتىكى نۇردىن يورۇق بولىدۇ، سېنى ھازىر قاراڭغۇلۇق باسقىنى بىلەن، تاڭدەك پارلاق بولىسەن.
ובטחת כי יש תקוה וחפרת לבטח תשכב׃ 18
ئۈمىدىڭ بار بولغاچقا، سەن ھىمايىگە ئىگە بولىسەن، سەن ئەتراپىڭغا خاتىرجەم قاراپ ئارام ئېلىپ ئولتۇرىسەن.
ורבצת ואין מחריד וחלו פניך רבים׃ 19
راست، سەن ياتقىنىڭدا، ھېچكىمنىڭ ۋەسۋەسىسى بولمايدۇ، ئەكسىچە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر سېنىڭ ھىممىتىڭنى ئىزدەپ كېلىدۇ.
ועיני רשעים תכלינה ומנוס אבד מנהם ותקותם מפח נפש׃ 20
بىراق رەزىللەرنىڭ كۆزلىرى نۇرىدىن كېتىدۇ، ئۇلارغا قېچىشقا ھېچ يول قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈمىدى نەپىسى توختاشتىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس».

< איוב 11 >