ויבא יוסף ויגד לפרעה ויאמר אבי ואחי וצאנם ובקרם וכל אשר להם באו מארץ כנען והנם בארץ גשן׃ | 1 |
يۈسۈپ پىرەۋننىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ ئاتام بىلەن قېرىنداشلىرىم قوي-كالىلىرى، شۇنداقلا ھەممە مال-مۈلۈكلىرىنى بىللە ئېلىپ قانائان زېمىنىدىن كەلدى. مانا، ئۇلار ھازىر گوشەن يۇرتىغا چۈشتى، دەپ خەۋەر بېرىپ، |
ומקצה אחיו לקח חמשה אנשים ויצגם לפני פרעה׃ | 2 |
قېرىنداشلىرىنىڭ ئىچىدىن بەشەيلەننى ئېلىپ، پىرەۋننىڭ ئالدىغا ھازىر قىلدى. |
ויאמר פרעה אל אחיו מה מעשיכם ויאמרו אל פרעה רעה צאן עבדיך גם אנחנו גם אבותינו׃ | 3 |
پىرەۋن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن: ــ نېمە ئوقىتىڭلار بار، دەپ سورىۋىدى، ئۇلار پىرەۋنگە جاۋاب بېرىپ: ــ كەمىنىلىرى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش مال باققۇچىلارمىز، ــ دېدى. |
ויאמרו אל פרעה לגור בארץ באנו כי אין מרעה לצאן אשר לעבדיך כי כבד הרעב בארץ כנען ועתה ישבו נא עבדיך בארץ גשן׃ | 4 |
ئاندىن ئۇلار پىرەۋنگە ئىلتىماس قىلىپ: ــ قانائان زېمىنىدا قاتتىق قەھەتچىلىك بولغاچقا، كەمىنىلىرىنىڭ قويلىرىمىزنى باقىدىغانغا يايلاقمۇ يوق؛ شۇڭا بۇ زېمىندا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇشقا كەلدۇق؛ جانابلىرىدىن تەلەپ قىلىمىزكى، كەمىنىلىرىنىڭ گوشەن يۇرتىدا تۇرۇشىغا ئىجازەت بەرگەيلا، ــ دېدى. |
ויאמר פרעה אל יוסף לאמר אביך ואחיך באו אליך׃ | 5 |
پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ ئاتاڭ ۋە قېرىنداشلىرىڭ قېشىڭغا كەلدى؛ |
ארץ מצרים לפניך הוא במיטב הארץ הושב את אביך ואת אחיך ישבו בארץ גשן ואם ידעת ויש בם אנשי חיל ושמתם שרי מקנה על אשר לי׃ | 6 |
مانا مىسىر زېمىنى سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ؛ ئاتاڭ ۋە قېرىنداشلىرىڭنى زېمىننىڭ ئەڭ ئېسىل يېرىدە ئولتۇرغۇزغىن؛ ئۇلار گوشەن يۇرتىدا ماكان قىلسۇن. شۇنىڭدەك، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قابىل كىشىلەرنى بىلسەڭ، بۇلارنى مېنىڭ چارپايلىرىمغا نازارەتچى قىلغىن، ــ دېدى. |
ויבא יוסף את יעקב אביו ויעמדהו לפני פרעה ויברך יעקב את פרעה׃ | 7 |
كېيىن، يۈسۈپ ئاتىسى ياقۇپنى ئېلىپ، پىرەۋننىڭ ئالدىغا ھازىر قىلدى؛ ياقۇپ پىرەۋنگە بەخت-بەرىكەت تىلىدى. |
ויאמר פרעה אל יעקב כמה ימי שני חייך׃ | 8 |
ئاندىن پىرەۋن ياقۇپتىن: ــ ئۆمرۈڭنىڭ يىل-كۈنلىرى نەچچىگە يەتتى؟ ــ دەپ سورىدى. |
ויאמר יעקב אל פרעה ימי שני מגורי שלשים ומאת שנה מעט ורעים היו ימי שני חיי ולא השיגו את ימי שני חיי אבתי בימי מגוריהם׃ | 9 |
ياقۇپ پىرەۋنگە جاۋاب بېرىپ: ــ مۇساپىرلىق سەپىرىمنىڭ كۈنلىرى بىر يۈز ئوتتۇز يىلغا يەتتى؛ ئۆمرۈمنىڭ كۈنلىرى ئاز ھەم جاپا-مۇشەققەتلىك بولۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ مۇساپىرلىق ئۆمۈر سەپىرىنىڭ كۈنلىرىگە تېخى يەتمىدى، ــ دېدى. |
ויברך יעקב את פרעה ויצא מלפני פרעה׃ | 10 |
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ پىرەۋنگە بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ئالدىدىن چىقىپ كەتتى. |
ויושב יוסף את אביו ואת אחיו ויתן להם אחזה בארץ מצרים במיטב הארץ בארץ רעמסס כאשר צוה פרעה׃ | 11 |
شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاتىسى بىلەن قېرىنداشلىرىنى مىسىر زېمىنىدا ئولتۇراقلاشتۇرۇپ قويدى؛ پىرەۋننىڭ بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارغا زېمىننىڭ ئەڭ ئېسىل يېرىدىن، يەنى رامسەس دېگەن يۇرتتىن تەۋەلىك بەردى. |
ויכלכל יוסף את אביו ואת אחיו ואת כל בית אביו לחם לפי הטף׃ | 12 |
يۈسۈپ ئاتىسى، قېرىنداشلىرى، شۇنداقلا ئاتىسىنىڭ ھەممە ئۆيدىكىلىرىنى بالا-چاقىلىرىنىڭ سانلىرىغا قاراپ ئاشلىق بىلەن تەمىنلەپ باقتى. |
ולחם אין בכל הארץ כי כבד הרעב מאד ותלה ארץ מצרים וארץ כנען מפני הרעב׃ | 13 |
ئەمما ئاچارچىلىق قاتتىق ئېغىر بولغاچقا، زېمىننىڭ ھېچ يېرىدە ئوزۇق-تۈلۈك تېپىلمىدى؛ مىسىر زېمىنى بىلەن قانائان زېمىنى ئاچارچىلىقتىن خاراپلىشىپ كەتتى. |
וילקט יוסף את כל הכסף הנמצא בארץ מצרים ובארץ כנען בשבר אשר הם שברים ויבא יוסף את הכסף ביתה פרעה׃ | 14 |
يۈسۈپ ئاشلىق سېتىپ مىسىر زېمىنى بىلەن قانائان زېمىنىدىكى بارلىق پۇلنى يىغىۋالدى. ئاندىن يۈسۈپ بۇ پۇلنى پىرەۋننىڭ ئوردىسىغا يەتكۈزۈپ بەردى. |
ויתם הכסף מארץ מצרים ומארץ כנען ויבאו כל מצרים אל יוסף לאמר הבה לנו לחם ולמה נמות נגדך כי אפס כסף׃ | 15 |
ئەمما مىسىر زېمىنى بىلەن قانائان زېمىنىدىكى پۇل تۈگەپ كەتكەندە مىسىرلىقلارنىڭ ھەممىسى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ بىزگە نان بەرگەيلا! پۇل تۈگەپ كەتكىنى ئۈچۈن سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا ئۆلىمىزمۇ؟ ــ دېدى. |
ויאמר יוסף הבו מקניכם ואתנה לכם במקניכם אם אפס כסף׃ | 16 |
يۈسۈپ جاۋابەن: ــ پۇلۇڭلار قالمىغان بولسا، چارپايلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىپ بەرسەڭلار، مەن ماللىرىڭلارىغا ئوزۇق-تۈلۈك تېگىشىپ بېرىمەن، ــ دېدى. |
ויביאו את מקניהם אל יוסף ויתן להם יוסף לחם בסוסים ובמקנה הצאן ובמקנה הבקר ובחמרים וינהלם בלחם בכל מקנהם בשנה ההוא׃ | 17 |
بۇنىڭ بىلەن ئۇلار چارپايلىرىنى يۈسۈپنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلگىلى تۇردى؛ يۈسۈپ ئۇلارنىڭ ئاتلىرى، قوي پادىلىرى، كالا پادىلىرى ۋە ئېشەكلىرىنىڭ ئورنىغا ئوزۇق-تۈلۈك بەردى؛ شۇ يىلى ماللىرىنىڭ ئورنىغا ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈك بېرىپ باقتى. |
ותתם השנה ההוא ויבאו אליו בשנה השנית ויאמרו לו לא נכחד מאדני כי אם תם הכסף ומקנה הבהמה אל אדני לא נשאר לפני אדני בלתי אם גויתנו ואדמתנו׃ | 18 |
ئۇ يىل ئاياغلىشىپ، ئۇلار ئىككىنچى يىلى ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ بىز خوجىمىزدىن ھېچنېمىنى يوشۇرمايمىز؛ پۇلىمىز تۈگىدى، چارپاي مال پادىلىرىمىز بولسا خوجىمىزنىڭ ئىلكىدە، خوجىمىزنىڭ ئالدىدا تەنلىرىمىز بىلەن يېرىمىزدىن باشقا ھېچنەرسە قالمىدى. |
למה נמות לעיניך גם אנחנו גם אדמתנו קנה אתנו ואת אדמתנו בלחם ונהיה אנחנו ואדמתנו עבדים לפרעה ותן זרע ונחיה ולא נמות והאדמה לא תשם׃ | 19 |
نېمىشقا كۆز ئالدىلىرىدا بىز ھەم يېرىمىزمۇ ئۆلۈپ كەتسۇن؟ ئەمدى سىلى ئۆزىمىز ۋە يېرىمىزنى ئوزۇق-تۈلۈككە تېگىشىپ ئېلىۋالغايلا؛ ئۆزىمىز ۋە يېرىمىز پىرەۋننىڭ بولۇپ، ئۇنىڭغا قۇل بولايلى. بىز ئۆلۈپ كەتمەي، تىرىك تۇرۇشىمىز، يېرىمىزمۇ ۋەيران بولماسلىقى ئۈچۈن بىزگە ئۇرۇق-تۈلۈك بەرگەيلا، دېدى. |
ויקן יוסף את כל אדמת מצרים לפרעה כי מכרו מצרים איש שדהו כי חזק עלהם הרעב ותהי הארץ לפרעה׃ | 20 |
بۇ تەرىقىدە يۈسۈپ مىسىرنىڭ پۈتكۈل تېرىلغۇ يېرىنى پىرەۋن ئۈچۈن سېتىۋالدى؛ چۈنكى ئاچارچىلىق قاتتىق بولغاچقا، مىسىرلىقلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئېتىزىنى سېتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىن پىرەۋننىڭ بولۇپ قالدى. |
ואת העם העביר אתו לערים מקצה גבול מצרים ועד קצהו׃ | 21 |
يۈسۈپ خەلقنى مىسىرنىڭ بۇ چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ھەرقايسى شەھەرلەرگە كۆچۈردى. |
רק אדמת הכהנים לא קנה כי חק לכהנים מאת פרעה ואכלו את חקם אשר נתן להם פרעה על כן לא מכרו את אדמתם׃ | 22 |
پەقەت كاھىنلارنىڭ يېرىنى ئۇ ئالمىدى؛ چۈنكى كاھىنلارغا پىرەۋن تەرىپىدىن ئالاھىدە تەمىنات بېرىلگەچكە، ئۇلار پىرەۋن تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن ئۈلۈشىنى يەپ، ئۆز يەرلىرىنى ساتمىغانىدى. |
ויאמר יוסף אל העם הן קניתי אתכם היום ואת אדמתכם לפרעה הא לכם זרע וזרעתם את האדמה׃ | 23 |
يۈسۈپ خەلققە: ــ مانا، مەن بۈگۈن ئۆزۈڭلار بىلەن يەرلىرىڭلارنى پىرەۋن ئۈچۈن سېتىۋالدىم. مانا سىلەرگە ئۇرۇق! ئەمدى يەر تېرىڭلار. |
והיה בתבואת ונתתם חמישית לפרעה וארבע הידת יהיה לכם לזרע השדה ולאכלכם ולאשר בבתיכם ולאכל לטפכם׃ | 24 |
ئەمدى شۇنداق قىلىسىلەركى، چىققان ھوسۇلدىن بەشتىن بىرىنى پىرەۋنگە بېرىپ، قالغان تۆت قىسمىنى ئۆزۈڭلارغا ئېلىپ قېلىڭلار؛ ئۇ ئۇرۇقلۇق ھەمدە ئۆزۈڭلارغا، جۈملىدىن ئۆيۈڭدىكىلەرگە ۋە كىچىك بالىلىرىڭلارغا ئوزۇق بولسۇن، ــ دېدى. |
ויאמרו החיתנו נמצא חן בעיני אדני והיינו עבדים לפרעה׃ | 25 |
ئۇلار جاۋابەن: ــ سىلى جېنىمىزنى قۇتقۇزدىلا. خوجىمىزنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپقان بولساقلا، پىرەۋننىڭ قۇللىرى بولۇپ تۇرايلى، ــ دېدى. |
וישם אתה יוסף לחק עד היום הזה על אדמת מצרים לפרעה לחמש רק אדמת הכהנים לבדם לא היתה לפרעה׃ | 26 |
شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ: ــ «ھوسۇلنىڭ بەشتىن بىرى پىرەۋنگە بېرىلسۇن» دەپ بۇ ئىشنى بۈگۈنگە قەدەر مىسىر زېمىنى ئۈچۈن قانۇن-بەلگىلىمە قىلدى. پەقەت كاھىنلارنىڭ يېرىلا بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، پىرەۋنگە تەۋە بولمىدى. |
וישב ישראל בארץ מצרים בארץ גשן ויאחזו בה ויפרו וירבו מאד׃ | 27 |
ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدا، گوشەن ئۆلكىسىدە ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇلار شۇ جايدا يەر-زېمىنلىك بولۇپ، ئاۋۇپ، تولىمۇ كۆپەيدى. |
ויחי יעקב בארץ מצרים שבע עשרה שנה ויהי ימי יעקב שני חייו שבע שנים וארבעים ומאת שנה׃ | 28 |
ياقۇپ مىسىر زېمىنىدا ئون يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى؛ بۇنىڭ بىلەن ياقۇپنىڭ ئۆمۈر كۈنلىرى بىر يۈز قىرىق يەتتە يىلغا يەتتى. |
ויקרבו ימי ישראל למות ויקרא לבנו ליוסף ויאמר לו אם נא מצאתי חן בעיניך שים נא ידך תחת ירכי ועשית עמדי חסד ואמת אל נא תקברני במצרים׃ | 29 |
ئىسرائىلنىڭ كۈنلىرى سەكراتقا يېقىنلاشقاندا، ئوغلى يۈسۈپنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، قولۇڭنى يوتامنىڭ ئاستىغا قويۇپ، ماڭا شاپائەت ۋە ساداقەتلىكنى كۆرسىتىپ، مېنى مىسىردا دەپنە قىلما؛ |
ושכבתי עם אבתי ונשאתני ממצרים וקברתני בקברתם ויאמר אנכי אעשה כדברך׃ | 30 |
بەلكى مەن ئاتا-بوۋىلىرىم بىلەن ياتىدىغان ۋاقتىمدا مېنى مىسىردىن ئېلىپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ گۆرىستانىغا دەپنە قىلغىن، دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئېيتقىنىڭدەك قىلاي، ــ دېدى. |
ויאמר השבעה לי וישבע לו וישתחו ישראל על ראש המטה׃ | 31 |
ياقۇپ ئۇنىڭغا: ــ ماڭا قەسەم قىلىپ بەرگىن، ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ بەردى؛ ئاندىن ئىسرائىل كارۋاتنىڭ باش تەرىپىدە سەجدە قىلدى. |