ואלה ראשי אבתיהם והתיחשם העלים עמי במלכות ארתחשסתא המלך מבבל׃ | 1 |
پادىشاھ ئارتاخشاشتا سەلتەنەت سۈرۈپ تۇرغان ۋاقىتتا، بابىلدىن مېنىڭ بىلەن بىللە قايتقانلارنىڭ ئاتا جەمەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ |
מבני פינחס גרשם מבני איתמר דניאל מבני דויד חטוש׃ | 2 |
فىنىھاسنىڭ ئەۋلادلىرىدىن گەرشون، ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن دانىيال، داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھاتتۇش، |
מבני שכניה מבני פרעש זכריה ועמו התיחש לזכרים מאה וחמשים׃ | 3 |
شېكانىيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنى پاروشنىڭ ئەۋلادلىرىدىن زەكەرىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن نەسەبنامىدە تىزىملانغان ئەركەكلەر جەمئىي بىر يۈز ئەللىك كىشى؛ |
מבני פחת מואב אליהועיני בן זרחיה ועמו מאתים הזכרים׃ | 4 |
پاھات-موئابنىڭ ئەۋلادلىرىدىن زەراھىياھنىڭ ئوغلى ئەليويىناي ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر ئىككى يۈز كىشى؛ |
מבני שכניה בן יחזיאל ועמו שלש מאות הזכרים׃ | 5 |
شېكانىيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ياھازىيەلنىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر ئۈچ يۈز كىشى؛ |
ומבני עדין עבד בן יונתן ועמו חמשים הזכרים׃ | 6 |
ئادىننىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوناتاننىڭ ئوغلى ئەبەد ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر ئەللىك كىشى؛ |
ומבני עילם ישעיה בן עתליה ועמו שבעים הזכרים׃ | 7 |
ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئاتالىيانىڭ ئوغلى يەشايا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر يەتمىش كىشى؛ |
ומבני שפטיה זבדיה בן מיכאל ועמו שמנים הזכרים׃ | 8 |
شەفاتىيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن مىكائىلنىڭ ئوغلى زەبادىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر سەكسەن كىشى؛ |
מבני יואב עבדיה בן יחיאל ועמו מאתים ושמנה עשר הזכרים׃ | 9 |
يوئابنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەھىيەلنىڭ ئوغلى ئوبادىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر ئىككى يۈز ئون سەككىز كىشى؛ |
ומבני שלומית בן יוספיה ועמו מאה וששים הזכרים׃ | 10 |
شېلومىتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوسىفىيانىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر بىر يۈز ئاتمىش كىشى؛ |
ומבני בבי זכריה בן בבי ועמו עשרים ושמנה הזכרים׃ | 11 |
بىباينىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىباينىڭ ئوغلى زەكەرىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر يىگىرمە سەككىز كىشى؛ |
ומבני עזגד יוחנן בן הקטן ועמו מאה ועשרה הזכרים׃ | 12 |
ئازگادنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھاككاتاننىڭ ئوغلى يوھانان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر بىر يۈز ئون كىشى؛ |
ומבני אדניקם אחרנים ואלה שמותם אליפלט יעיאל ושמעיה ועמהם ששים הזכרים׃ | 13 |
ئادونىكامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەڭ ئاخىرىدا قايتقانلارنىڭ ئىسىملىرى ئەلىفەلەت، جەئىيەل ۋە شېمايا بولۇپ، ئۇلار بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر ئاتمىش كىشى؛ |
ומבני בגוי עותי וזבוד ועמו שבעים הזכרים׃ | 14 |
بىگۋاينىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئۇتاي بىلەن زاببۇد ۋە ئۇلار بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر يەتمىش كىشى. |
ואקבצם אל הנהר הבא אל אהוא ונחנה שם ימים שלשה ואבינה בעם ובכהנים ומבני לוי לא מצאתי שם׃ | 15 |
ــ مەن ئۇلارنى ئاخاۋاغا ئاقىدىغان دەريانىڭ بويىغا يىغدىم؛ بىز ئۇ يەردە چېدىر تىكىپ ئۈچ كۈن تۇردۇق. خەلقنى ۋە كاھىنلارنى ئارىلاپ قارىسام ئۇ يەردە لاۋىيلار يوق ئىكەن. |
ואשלחה לאליעזר לאריאל לשמעיה ולאלנתן וליריב ולאלנתן ולנתן ולזכריה ולמשלם ראשים וליויריב ולאלנתן מבינים׃ | 16 |
شۇڭا مەن باشلىقلاردىن ئەلىئېزەر، ئارىيەل، شېمايا، ئەلناتان، يارىب، ئەلناتان، ناتان، زەكەرىيا بىلەن مەشۇللاملارنى ۋە ئۇلارغا قوشۇپ ئوقۇمۇشلۇق ئالىملاردىن يوئارىب بىلەن ئەلناتاننى چاقىرتىپ كېلىپ، |
ואוצאה אותם על אדו הראש בכספיא המקום ואשימה בפיהם דברים לדבר אל אדו אחיו הנתונים בכספיא המקום להביא לנו משרתים לבית אלהינו׃ | 17 |
ئۇلارغا ھاۋالە قىلىپ كاسىفىيا دېگەن يەرگە، ئىددو دېگەن ئاتامان بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتتىم. مەن كاسىفىيا دېگەن يەردە ئىددوغا ۋە ئۇنىڭ ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى بولغان قېرىنداشلىرىغا دەيدىغان گەپلەرنى ئاغزىغا سېلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە خۇدايىمىزنىڭ ئۆيى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچىلەرنى بىزگە ئەكېلىشنى ئۆتۈندۇم. |
ויביאו לנו כיד אלהינו הטובה עלינו איש שכל מבני מחלי בן לוי בן ישראל ושרביה ובניו ואחיו שמנה עשר׃ | 18 |
خۇدايىمىزنىڭ شاپائەتلىك قولى بىزدە بولغاچقا، ئۇلار بىزگە ئىسرائىلنىڭ ئەۋرىسى، لاۋىينىڭ نەۋرىسى ماھلىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدىن ئوقۇمۇشلۇق بىر ئادەمنى، يەنى شەرەبىيانى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەم قېرىنداشلىرى بولۇپ جەمئىي ئون سەككىز كىشىنى باشلاپ كەلدى. |
ואת חשביה ואתו ישעיה מבני מררי אחיו ובניהם עשרים׃ | 19 |
ئۇلار يەنە ھاشابىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەشايا ھەم ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، جەمئىي يىگىرمە كىشىنى، |
ומן הנתינים שנתן דויד והשרים לעבדת הלוים נתינים מאתים ועשרים כלם נקבו בשמות׃ | 20 |
يەنە ئىلگىرى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەمىرلىرى لاۋىيلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا تەيىنلىگەن «نەتىنىيلار»دىن ئىككى يۈز يىگىرمە كىشىنى باشلاپ كەلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسىملىرى بىلەن تىزىملاندى. |
ואקרא שם צום על הנהר אהוא להתענות לפני אלהינו לבקש ממנו דרך ישרה לנו ולטפנו ולכל רכושנו׃ | 21 |
شۇ چاغدا ئاخاۋا دەرياسى بويىدا مەن خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمىزنى تۆۋەن قىلىپ، ئۆزىمىز ۋە كىچىك بالىلىرىمىز ھەم بارلىق مال-مۈلكىمىز ئۈچۈن خۇدايىمىزدىن ئاق يول تىلەشكە روزا تۇتايلى، دەپ جاكارلىدىم. |
כי בשתי לשאול מן המלך חיל ופרשים לעזרנו מאויב בדרך כי אמרנו למלך לאמר יד אלהינו על כל מבקשיו לטובה ועזו ואפו על כל עזביו׃ | 22 |
چۈنكى بىز ئەسلىدە پادىشاھقا: «خۇدايىمىزنىڭ قولى ئۇنى بارلىق ئىزدىگەنلەرنىڭ ئۈستىگە ئىلتىپات كۆرسىتىشكە قويۇلىدۇ؛ لېكىن ئۇنىڭ قۇدرىتى بىلەن غەزىپى ئۆزىنى تاشلىغانلارغا زەربە بېرىشكە تەيياردۇر» دېگەنىدۇق، ئەمدى يەنە ئۇنىڭدىن يولدىكى دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا پىيادە ۋە ئاتلىق لەشكەرلەر تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىمدىن خىجىل بولۇپ قالدىم. |
ונצומה ונבקשה מאלהינו על זאת ויעתר לנו׃ | 23 |
شۇنىڭ بىلەن بىز روزا تۇتۇپ خۇدايىمىزدىن شۇ ئىش توغرۇلۇق ئۆتۈندۇق، ئۇ دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلدى. |
ואבדילה משרי הכהנים שנים עשר לשרביה חשביה ועמהם מאחיהם עשרה׃ | 24 |
مەن كاھىن باشلىرى ئىچىدىن ئون ئىككى ئادەمنى ۋە شەرەبىيا، ھاشابىيا ۋە ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ئاكا-ئۇكىلىرىدىن ئون ئادەمنى تاللاپ، |
ואשקולה להם את הכסף ואת הזהב ואת הכלים תרומת בית אלהינו ההרימו המלך ויעציו ושריו וכל ישראל הנמצאים׃ | 25 |
ئۇلارغا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنى، يەنى پادىشاھ، ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى، ئەمىرلىرى ۋە شۇنىڭدەك شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان بارلىق ئىسرائىللار «كۆيدۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىگە ھەدىيە قىلغان سوۋغاتلارنى تاپشۇردۇم. |
ואשקלה על ידם כסף ככרים שש מאות וחמשים וכלי כסף מאה לככרים זהב מאה ככר׃ | 26 |
مەن كۈمۈشتىن ئالتە يۈز ئەللىك تالانت، يۈز تالانت ئېغىرلىقتىكى كۈمۈش قاچا-قۇچا، يۈز تالانت ئالتۇننى ئۇلارنىڭ قولىغا ئۆلچەپ تاپشۇردۇم. |
וכפרי זהב עשרים לאדרכנים אלף וכלי נחשת מצהב טובה שנים חמודת כזהב׃ | 27 |
ئۇلارغا تاپشۇرغانلىرىمدىن يەنە ئالتۇن داس يىگىرمە بولۇپ، قىممىتى مىڭ دارىك، سۈپەتلىك ۋە ۋالىلداپ پارقىرايدىغان مىس چوڭ داس ئىككى بولۇپ، ئالتۇندەك قىممەتلىك ئىدى. |
ואמרה אלהם אתם קדש ליהוה והכלים קדש והכסף והזהב נדבה ליהוה אלהי אבתיכם׃ | 28 |
مەن ئۇلارغا: ــ سىلەر پەرۋەردىگارغا مۇقەددەستۇرسىلەر، قاچا-قۇچىلارمۇ مۇقەددەستۇر، ئالتۇن-كۈمۈشلەر ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئىختىيارىي ھەدىيە قىلىنغان سوۋغاتتۇر. |
שקדו ושמרו עד תשקלו לפני שרי הכהנים והלוים ושרי האבות לישראל בירושלם הלשכות בית יהוה׃ | 29 |
تاكى يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئامبار-خەزىنىلەرگە يەتكۈزۈپ، كاھىنلار ۋە لاۋىيلارنىڭ باشلىرى ۋە ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە-جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئالدىدا تارازىدىن ئۆتكۈزگۈچە بۇلارنى ئوبدان قاراپ قوغداڭلار، دېدىم. |
וקבלו הכהנים והלוים משקל הכסף והזהב והכלים להביא לירושלם לבית אלהינו׃ | 30 |
شۇنىڭ بىلەن كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار يېرۇسالېمدىكى خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىدىغان، تارازىدىن ئۆتكۈزۈلگەن شۇ ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنى تاپشۇرۇۋالدى. |
ונסעה מנהר אהוא בשנים עשר לחדש הראשון ללכת ירושלם ויד אלהינו היתה עלינו ויצילנו מכף אויב ואורב על הדרך׃ | 31 |
شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى ئاينىڭ ئون ئىككىنچى كۈنى بىز ئاخاۋا دەرياسىنىڭ بويىدىن قوزغىلىپ يېرۇسالېمغا چىقىشقا ماڭدۇق. خۇدايىمىزنىڭ قولى ئۈستىمىزدە بولغاچقا، ئۇ بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن ۋە يولدا پايلاپ تۇرغان قاراقچىلاردىنمۇ قۇتقۇزدى. |
ונבוא ירושלם ונשב שם ימים שלשה׃ | 32 |
بىز يېرۇسالېمغا كېلىپ ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇردۇق؛ |
וביום הרביעי נשקל הכסף והזהב והכלים בבית אלהינו על יד מרמות בן אוריה הכהן ועמו אלעזר בן פינחס ועמהם יוזבד בן ישוע ונועדיה בן בנוי הלוים׃ | 33 |
تۆتىنچى كۈنى خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىدە ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلار تارازىدا ئۆلچىنىپ كاھىن ئۇرىيانىڭ ئوغلى مەرەموتنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى؛ ئۇنىڭ يېنىدا فىنىھاسنىڭ ئوغلى ئەلىئازار، يەنە لاۋىيلاردىن يەشۇئانىڭ ئوغلى يوزاباد بىلەن بىننۇئىينىڭ ئوغلى نوئادىياھلار بار ئىدى. |
במספר במשקל לכל ויכתב כל המשקל בעת ההיא׃ | 34 |
ھەممە نەرسە سانى بويىچە ۋە ئېغىرلىقى بويىچە ئۆلچەندى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەربىرىنىڭ ئېغىرلىقى پۈتۈپ قويۇلدى. |
הבאים מהשבי בני הגולה הקריבו עלות לאלהי ישראל פרים שנים עשר על כל ישראל אילים תשעים וששה כבשים שבעים ושבעה צפירי חטאת שנים עשר הכל עולה ליהוה׃ | 35 |
شۇ چاغدا ئەسلى ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتقانلار ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىغا «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» سۈپىتىدە پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈچۈن ئون ئىككى تورپاق، توقسان ئالتە قوچقار، يەتمىش يەتتە قوزا سۇندى، يەنە گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئون ئىككى تېكە سۇندى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئىدى. |
ויתנו את דתי המלך לאחשדרפני המלך ופחוות עבר הנהר ונשאו את העם ואת בית האלהים׃ | 36 |
ئۇلار پادىشاھنىڭ يارلىق خەتلىرىنى پادىشاھنىڭ ۋالىيلىرىغا ۋە دەريانىڭ بۇ غەرب تەرىپىدىكى ھۆكۈمدارلارغا تاپشۇرۇۋىدى، ئۇلار خەلققە ۋە خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ ئىشلىرىغا ئىزچىل ياردەم بەردى. |