ויהי דבר יהוה אלי לאמר׃ | 1 |
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
בן אדם הנבא ואמרת כה אמר אדני יהוה הילילו הה ליום׃ | 2 |
ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر داد-پەرياد سېلىپ: «ۋاي شۇ كۈنى!» ــ دەڭلار!» ــ دېگىن. |
כי קרוב יום וקרוב יום ליהוה יום ענן עת גוים יהיה׃ | 3 |
چۈنكى كۈن يېقىنلاشتى؛ بەرھەق، پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى، بۇلۇتلار قاپلانغان كۈن يېقىنلاشتى؛ ئۇ ئەللەرنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان كۈندۇر. |
ובאה חרב במצרים והיתה חלחלה בכוש בנפל חלל במצרים ולקחו המונה ונהרסו יסודתיה׃ | 4 |
شۇنىڭ بىلەن بىر قىلىچ مىسىر ئۈستىگە چۈشىدۇ؛ ئۆلتۈرۈلگەنلەر مىسىردا يىقىلغاندا، ئۇنىڭ زور بايلىقلىرى بۇلىنىپ كەتكەندە، ئۇنىڭ ئۇللىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە، ئېفىئوپىيەلىكلەر دەرد-ئەلەم تارتىدۇ. |
כוש ופוט ולוד וכל הערב וכוב ובני ארץ הברית אתם בחרב יפלו׃ | 5 |
ئېفىئوپىيە، پۇت، لۇد، بارلىق ئەرەبىيە، لىۋىيە ۋە ئەھدە قىلىنغان زېمىندىكىلەرمۇ مىسىر بىلەن بىللە قىلىچلىنىدۇ. |
כה אמר יהוה ונפלו סמכי מצרים וירד גאון עזה ממגדל סונה בחרב יפלו בה נאם אדני יהוה׃ | 6 |
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مىسىرنى قوللايدىغانلار يىقىلىدۇ؛ ئۇنىڭ كۈچىدىن بولغان پەخرى يەرگە چۈشىدۇ؛ مىگدولدىن سەۋەنگىچە بولغان خەلق قىلىچلىنىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. |
ונשמו בתוך ארצות נשמות ועריו בתוך ערים נחרבות תהיינה׃ | 7 |
ــ ئۇلار ۋەيران قىلىنغان زېمىنلار ئارىسىدا ۋەيران قىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ شەھەرلىرى خارابە قىلىنغان شەھەرلەر ئارىسىدا ياتىدۇ. |
וידעו כי אני יהוה בתתי אש במצרים ונשברו כל עזריה׃ | 8 |
شۇنىڭ بىلەن، مەن مىسىرغا ئوت سالغىنىمدا، ئۇنىڭ ياردىمىدە بولغانلار سۇندۇرۇلغاندا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ |
ביום ההוא יצאו מלאכים מלפני בצים להחריד את כוש בטח והיתה חלחלה בהם ביום מצרים כי הנה באה׃ | 9 |
شۇ كۈنى ئەلچىلەر ئېفىئوپىيەنى قورقىتىش ئۈچۈن كېمىلەردە ئولتۇرۇپ مەندىن چىقىدۇ؛ مىسىرنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈندەك ئۇلارغىمۇ ئازاب-ئوقۇبەت چۈشىدۇ؛ مانا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ! |
כה אמר אדני יהוה והשבתי את המון מצרים ביד נבוכדראצר מלך בבל׃ | 10 |
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەنە مىسىرنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولى بىلەن تۈگىتىمەن. |
הוא ועמו אתו עריצי גוים מובאים לשחת הארץ והריקו חרבותם על מצרים ומלאו את הארץ חלל׃ | 11 |
ئۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن خەلقى، يەنى ئەللەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ دەھشەتلىكى زېمىننى ھالاك قىلىشقا ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ ئۇلار مىسىر بىلەن قارشىلىشقا قىلىچلارنى سۇغۇرۇپ، زېمىننى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن تولدۇرىدۇ. |
ונתתי יארים חרבה ומכרתי את הארץ ביד רעים והשמתי ארץ ומלאה ביד זרים אני יהוה דברתי׃ | 12 |
مەن نىل دەريالىرىنى قۇرۇتىمەن، ۋە زېمىننى رەزىل ئادەملەرنىڭ قولىغا سېتىۋېتىمەن؛ زېمىن ۋە ئۇنىڭدا تۇرغان ھەممىنى يات ئادەملەرنىڭ قولىدا ۋەيرانە قىلىمەن؛ مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلغان». |
כה אמר אדני יהוה והאבדתי גלולים והשבתי אלילים מנף ונשיא מארץ מצרים לא יהיה עוד ונתתי יראה בארץ מצרים׃ | 13 |
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن نوف شەھىرىدىن بۇتلارنى يوقىتىمەن، ئويغان مەبۇدلارنىمۇ يوقىتىمەن؛ مىسىر زېمىنىدىن قايتىدىن شاھزادە بولماس؛ مەن مىسىر زېمىنىنى قورقۇنچقا چۈشۈرىمەن. |
והשמתי את פתרוס ונתתי אש בצען ועשיתי שפטים בנא׃ | 14 |
مەن پاتروس شەھىرىنى ۋەيرانە قىلىپ، زوئان شەھىرىدە ئوت سالىمەن، نو شەھىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن. |
ושפכתי חמתי על סין מעוז מצרים והכרתי את המון נא׃ | 15 |
مىسىرنىڭ ئىستىھكامى بولغان سىن شەھىرىنىڭ ئۈستىگە قەھرىمنى تۆكىمەن؛ نو شەھىرىنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنى قىرىۋېتىمەن. |
ונתתי אש במצרים חול תחיל סין ונא תהיה להבקע ונף צרי יומם׃ | 16 |
مەن مىسىردا بىر ئوت سالىمەن؛ سىن ئازابلاردىن تولغىنىپ كېتىدۇ؛ نو شەھىرى بۆسۈلىدۇ، نوف شەھىرى ھەر كۈنى ياۋلارغا يۈزلىنىدۇ. |
בחורי און ופי בסת בחרב יפלו והנה בשבי תלכנה׃ | 17 |
ئاۋەن ۋە پىبەسەت شەھەرلىرىدىكى يىگىتلەر قىلىچلىنىدۇ؛ بۇ شەھەرلەر سۈرگۈن قىلىنىدۇ. |
ובתחפנחס חשך היום בשברי שם את מטות מצרים ונשבת בה גאון עזה היא ענן יכסנה ובנותיה בשבי תלכנה׃ | 18 |
مېنىڭ شۇ يەردە مىسىرنىڭ بويۇنتۇرۇقلىرىنى سۇندۇرغىنىمدا، تاھپانەس شەھىرىدە كۈن قاراڭغۇلىشىدۇ؛ ئۇنىڭدا ئۆز كۈچىدىن بولغان پەخرى يوقىلىدۇ؛ بىر بۇلۇت ئۇنى قاپلايدۇ؛ ئۇنىڭ قىزلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ. |
ועשיתי שפטים במצרים וידעו כי אני יהוה׃ | 19 |
مەن شۇنداق قىلىپ مىسىر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ ۋە شۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ». |
ויהי באחת עשרה שנה בראשון בשבעה לחדש היה דבר יהוה אלי לאמר׃ | 20 |
ئون بىرىنچى يىلى، بىرىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
בן אדם את זרוע פרעה מלך מצרים שברתי והנה לא חבשה לתת רפאות לשום חתול לחבשה לחזקה לתפש בחרב׃ | 21 |
ئى ئىنسان ئوغلى، مەن مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ بىلىكىنى سۇندۇردۇم؛ ۋە مانا، ئۇ داۋالىنىشقا تېڭىلمىدى، ياكى قىلىچ تۇتۇشقا تېڭىق بىلەن كۈچەيتىلمىدى. |
לכן כה אמר אדני יהוה הנני אל פרעה מלך מצרים ושברתי את זרעתיו את החזקה ואת הנשברת והפלתי את החרב מידו׃ | 22 |
ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە قارشىمەن؛ مەن ئۇنىڭ بىلەكلىرىنى، ھەم كۈچلۈك بولغىنىنى ھەم سۇندۇرۇلغان بىلىكىنى ئۈزۈۋېتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن قىلىچىنى قولىدىن چۈشۈرمەن؛ |
והפצותי את מצרים בגוים וזריתם בארצות׃ | 23 |
مىسىرلىقلارنى ئەللەرگە تارقىتىۋېتىمەن، مەملىكەتلەر ئارىسىغا تارىتىمەن. |
וחזקתי את זרעות מלך בבל ונתתי את חרבי בידו ושברתי את זרעות פרעה ונאק נאקות חלל לפניו׃ | 24 |
مەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولىنى كۈچەيتىپ، قىلىچىمنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزىمەن؛ مەن پىرەۋننىڭ بىلەكلىرىنى سۇندۇرىمەنكى، ئۇ بابىل پادىشاھى ئالدىدا ئەجىلى توشقان يارىلانغان ئادەمدەك ئاھ-زارلار بىلەن ئىڭرايدۇ. |
והחזקתי את זרעות מלך בבל וזרעות פרעה תפלנה וידעו כי אני יהוה בתתי חרבי ביד מלך בבל ונטה אותה אל ארץ מצרים׃ | 25 |
مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بىلەكلىرىنى كۈچەيتىمەن، ۋە پىرەۋننىڭ بىلەكلىرى ساڭگىلاپ قالىدۇ؛ مەن ئۆز قىلىچىمنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تۇتقۇزغىنىمدا، ئۇ ئۇنى مىسىر زېمىنى ئۈستىگە سوزغىنىدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ |
והפצותי את מצרים בגוים וזריתי אותם בארצות וידעו כי אני יהוה׃ | 26 |
ۋە مەن مىسىرلىقلارنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىمەن، مەملىكەتلەر ئىچىگە تارىتىمەن؛ ۋە ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىمنى تونۇپ يېتىدۇ». |