ויהי דבר יהוה אלי לאמר׃ | 1 |
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
בן אדם שים פניך אל בני עמון והנבא עליהם׃ | 2 |
ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى ئاممونىيلارغا قارىتىپ، ئۇلارنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ |
ואמרת לבני עמון שמעו דבר אדני יהוה כה אמר אדני יהוה יען אמרך האח אל מקדשי כי נחל ואל אדמת ישראל כי נשמה ואל בית יהודה כי הלכו בגולה׃ | 3 |
ــ ئاممونىيلارغا مۇنداق دېگىن ــ رەب پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مېنىڭ مۇقەددەس جايىم بۇلغانغاندا، ئىسرائىل زېمىنى ۋەيران قىلىنغاندا، يەھۇدا جەمەتى سۈرگۈن قىلىنغاندا سەن ئۇلارغا قاراپ: «ۋاھ! ياخشى بولدى!» دېگىنىڭ تۈپەيلىدىن، |
לכן הנני נתנך לבני קדם למורשה וישבו טירותיהם בך ונתנו בך משכניהם המה יאכלו פריך והמה ישתו חלבך׃ | 4 |
ئەمدى مانا، مەن سېنى شەرقتىكى ئەللەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار سېنىڭ ئاراڭدا بارگاھ قۇرۇپ، ئاراڭدا چېدىرلىرىنى تىكىدۇ؛ ئۇلار مېۋىلىرىڭنى يەپ، سۈتۈڭنى ئىچىدۇ. |
ונתתי את רבה לנוה גמלים ואת בני עמון למרבץ צאן וידעתם כי אני יהוה׃ | 5 |
مەن رابباھ شەھىرىنى تۆگىلەر ئۈچۈن ئوتلاق، ئاممونىيلارنىڭ يېرىنى قوي پادىلىرى ئۈچۈن ئارامگاھ قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. |
כי כה אמר אדני יהוה יען מחאך יד ורקעך ברגל ותשמח בכל שאטך בנפש אל אדמת ישראל׃ | 6 |
ــ چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سەن ئىسرائىل زېمىنىغا قاراپ چاۋاك چېلىپ، پۇتۇڭنى تېپچەكلىتىپ، قەلبىڭدىكى پۈتۈن ئۆچمەنلىك بىلەن خۇش بولغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، |
לכן הנני נטיתי את ידי עליך ונתתיך לבג לגוים והכרתיך מן העמים והאבדתיך מן הארצות אשמידך וידעת כי אני יהוה׃ | 7 |
ئەمدى مانا، مەن ئۈستۈڭگە قولۇمنى ئۇزارتىپ، سېنى ئەللەرگە ئولجا بولۇشقا تاپشۇرىمەن؛ مەن سېنى خەلقلەر ئىچىدىن ئۈزىمەن، مەملىكەتلەر ئىچىدىن يوقىتىمەن؛ مەن سېنى ھالاك قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسەن. |
כה אמר אדני יהוה יען אמר מואב ושעיר הנה ככל הגוים בית יהודה׃ | 8 |
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى موئاب ۋە سېئىرنىڭ: «يەھۇدا پەقەت بارلىق باشقا ئەللەر بىلەن ئوخشاش، خالاس» دېگىنى تۈپەيلىدىن، |
לכן הנני פתח את כתף מואב מהערים מעריו מקצהו צבי ארץ בית הישימת בעל מעון וקריתמה׃ | 9 |
شۇڭا مانا، مەن موئابنىڭ يېنىنى ــ چېگراسىدىكى شەھەرلەرنى، زېمىنىنىڭ پەخرى بولغان بەيت-يەشىموت، بائال-مېئون ۋە كىرىئاتايىم شەھەرلىرىدىن باشلاپ يېرىپ ئاچىمەن؛ |
לבני קדם על בני עמון ונתתיה למורשה למען לא תזכר בני עמון בגוים׃ | 10 |
ئۇلارنى ئاممونىيلارنىڭ زېمىنى بىلەن بىللە شەرقتىكى ئەللەرگە تاپشۇرىمەن؛ مەن ئاممونىيلارنىڭ يەنە ئەللەر ئارىسىدا ئەسلەنمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىگىدارلىقىغا تاپشۇرىمەن؛ |
ובמואב אעשה שפטים וידעו כי אני יהוה׃ | 11 |
ۋە موئاب ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. |
כה אמר אדני יהוה יען עשות אדום בנקם נקם לבית יהודה ויאשמו אשום ונקמו בהם׃ | 12 |
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى ئېدوم يەھۇدا جەمەتىدىن ئۆچ ئېلىپ يامانلىق قىلىپ، شۇنىڭدەك ئېغىر گۇناھكار بولغىنى تۈپەيلىدىن، ئىنتىقام ئالغنىنى تۈپەيلىدىن، |
לכן כה אמר אדני יהוה ונטתי ידי על אדום והכרתי ממנה אדם ובהמה ונתתיה חרבה מתימן ודדנה בחרב יפלו׃ | 13 |
ــ ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئېدومغا قولۇمنى سوزىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنى زېمىنىدىن ئادەملەر ھەم ھايۋانلاردىن مەھرۇم قىلىمەن؛ مەن ئۇنى تېمان شەھىرىدىن تارتىپ ۋەيران قىلىمەن؛ ئۇلار دېدان شەھىرىگىچە قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ. |
ונתתי את נקמתי באדום ביד עמי ישראל ועשו באדום כאפי וכחמתי וידעו את נקמתי נאם אדני יהוה׃ | 14 |
شۇنىڭ بىلەن مەن خەلقىم ئىسرائىلنىڭ قولى ئارقىلىق ئېدوم ئۈستىدىن ئۆز ئىنتىقامىمنى ئالىمەن؛ ئۇلار مېنىڭ ئاچچىقىم ھەم قەھرىم بويىچە ئېدومدا ئىش قىلىدۇ؛ ئېدومىيلار مېنىڭ ئىنتىقامىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. |
כה אמר אדני יהוה יען עשות פלשתים בנקמה וינקמו נקם בשאט בנפש למשחית איבת עולם׃ | 15 |
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ فىلىستىيلەر ئىنتىقام نىيىتى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، كونا ئۆچمەنلىكى بىلەن يەھۇدانى يوقىتايلى دەپ ئىچ-ئىچىدىن ئۆچ ئالغىنى تۈپەيلىدىن، |
לכן כה אמר אדני יהוה הנני נוטה ידי על פלשתים והכרתי את כרתים והאבדתי את שארית חוף הים׃ | 16 |
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن فىلىستىيەنىڭ ئۈستىگە قولۇمنى ئۇزارتىمەن؛ مەن كەرەتىيلەرنى قىرىۋېتىمەن، دېڭىز بويىدىكىلەرنىڭ قالدۇقلىرىنىمۇ ۋەيران قىلىمەن. |
ועשיתי בם נקמות גדלות בתוכחות חמה וידעו כי אני יהוה בתתי את נקמתי בם׃ | 17 |
مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قەھرىلىك تەنبىھلەرنى چۈشۈرۈپ قاتتىق ئىنتىقام ئالىمەن؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئىنتىقام ئالغىنىمدا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. |