וידבר יהוה אל משה לך עלה מזה אתה והעם אשר העלית מארץ מצרים אל הארץ אשר נשבעתי לאברהם ליצחק וליעקב לאמר לזרעך אתננה׃ | 1 |
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئۆزۈڭ مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ كەلگەن خەلق بىلەن بىللە مۇشۇ يەردىن كېتىپ: «مەن سېنىڭ نەسلىڭگە ئۇنى بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلىپ ئىبراھىمغا، ئىسھاققا ۋە ياقۇپقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا بارغىن. |
ושלחתי לפניך מלאך וגרשתי את הכנעני האמרי והחתי והפרזי החוי והיבוסי׃ | 2 |
شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئالدىڭدا بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ، قانائانىي، ئامورىي، ھىتتىي، پەرىززىيلەرنى، ھىۋىي بىلەن يەبۇسىيلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ، |
אל ארץ זבת חלב ודבש כי לא אעלה בקרבך כי עם קשה ערף אתה פן אכלך בדרך׃ | 3 |
سېنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا كەلتۈرىمەن. چۈنكى سىلەر بوينى قاتتىق بىر خەلق بولغاچقا، يولدا سىلەرنى ھالاك قىلىۋەتمەسلىكىم ئۈچۈن، ئۆزۈم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولۇپ، شۇ [زېمىنغا] بىللە چىقمايمەن، ــ دېدى. |
וישמע העם את הדבר הרע הזה ויתאבלו ולא שתו איש עדיו עליו׃ | 4 |
خالايىق بۇ قاتتىق سۆزنى ئاڭلاپ، قايغۇغا چۆمۈپ ھېچقايسىسى ئۆز زىبۇ-زىننەتلىرىنى تاقىمىدى. |
ויאמר יהוה אל משה אמר אל בני ישראל אתם עם קשה ערף רגע אחד אעלה בקרבך וכליתיך ועתה הורד עדיך מעליך ואדעה מה אעשה לך׃ | 5 |
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: ــ سەن بېرىپ ئىسرائىللارغا: «[پەرۋەردىگار]: ــ سىلەر بوينى قاتتىق بىر خەلق ئىكەنسىلەر؛ ئەگەر مەن پەرۋەردىگار ئاراڭلارغا چىقىپ بىر دەقىقىلا تۇرسام، سىلەرنى يوقىتىۋەتكەن بولاتتىم. ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلاردىكى زىبۇ-زىننەتلەرنى ئېلىۋېتىڭلار؛ شۇ چاغدا مەن سىلەرگە نېمە قىلىدىغىنىمنى بىلىمەن، دېدى»، دەپ ئېيتقىن، ــ دېگەنىدى. |
ויתנצלו בני ישראל את עדים מהר חורב׃ | 6 |
شۇڭا ئىسرائىللار ھورەب تېغىدىن ئايرىلىپلا زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئۆزلىرىدىن ئېلىۋەتتى. |
ומשה יקח את האהל ונטה לו מחוץ למחנה הרחק מן המחנה וקרא לו אהל מועד והיה כל מבקש יהוה יצא אל אהל מועד אשר מחוץ למחנה׃ | 7 |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۆز چېدىرىنى ئېلىپ، ئۇنى چېدىرگاھنىڭ سىرتىدا، چېدىرگاھدىن نېرىراق بىر جايغا تىكىپ، ئۇنى «كۆرۈشۈش چېدىرى» دەپ ئاتىدى. كىمكى پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ، يول سورىماقچى بولسا چېدىرگاھنىڭ سىرتىدىكى «كۆرۈشۈش چېدىرى»غا باراتتى. |
והיה כצאת משה אל האהל יקומו כל העם ונצבו איש פתח אהלו והביטו אחרי משה עד באו האהלה׃ | 8 |
شۇنداق بولاتتىكى، ھەر قېتىم مۇسا چېدىرغا چىقسا، پۈتكۈل خالايىق قوپۇپ، ھەربىرى ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە ئۆرە تۇرۇپ، مۇسا چېدىرغا كىرىپ بولغۇچە ئۇنىڭ كەينىدىن قارىشىپ تۇراتتى. |
והיה כבא משה האהלה ירד עמוד הענן ועמד פתח האהל ודבר עם משה׃ | 9 |
ئاندىن مۇسا ھەر قېتىم چېدىرغا كىرىپ كەتسە شۇنداق بولاتتىكى، بۇلۇت تۈۋرۈكى چۈشۈپ، چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىدا توختايتتى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن سۆزلىشەتتى. |
וראה כל העם את עמוד הענן עמד פתח האהל וקם כל העם והשתחוו איש פתח אהלו׃ | 10 |
پۈتكۈل خالايىق بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا توختىغىنىنى كۆرەتتى؛ ئۇنى كۆرگىنىدە خەلقنىڭ ھەممىسى قوپۇپ، ھەربىرى ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە تۇرۇپ سەجدە قىلىشاتتى. |
ודבר יהוה אל משה פנים אל פנים כאשר ידבר איש אל רעהו ושב אל המחנה ומשרתו יהושע בן נון נער לא ימיש מתוך האהל׃ | 11 |
شۇ چاغلاردا پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن كىشىلەر ئۆز دوست-بۇرادىرى بىلەن سۆزلەشكەندەك، يۈزمۇيۈز سۆزلىشەتتى. ئاندىن مۇسا چېدىرگاھغا يېنىپ كېلەتتى؛ لېكىن ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا دېگەن ياش يىگىت چېدىرنىڭ ئىچىدىن چىقمايتتى. |
ויאמר משה אל יהוה ראה אתה אמר אלי העל את העם הזה ואתה לא הודעתני את אשר תשלח עמי ואתה אמרת ידעתיך בשם וגם מצאת חן בעיני׃ | 12 |
مۇسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: ــ مانا، سەن دائىم ماڭا: «بۇ خەلقنى ئېلىپ چىققىن» دەپ كەلدىڭ؛ لېكىن ئۆزۈڭ ماڭا: «مەن سېنى ئىسمىڭنى بىلىپ تونۇيمەن»، ۋە شۇنىڭدەك «نەزىرىم ئالدىدا ئىلتىپات تاپتىڭ» دېگەن بولساڭمۇ، سەن مېنىڭ بىلەن بىرگە كىمنى ئەۋەتىدىغىنىڭنى ماڭا ئايان قىلمىدىڭ. |
ועתה אם נא מצאתי חן בעיניך הודעני נא את דרכך ואדעך למען אמצא חן בעיניך וראה כי עמך הגוי הזה׃ | 13 |
ئەگەر مەن راستتىنلا نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئۆزۈمنىڭ سېنى تونۇشۇم ئۈچۈن، نەزىرىڭدە ئىلتىپات تېپىۋېرىشىم ئۈچۈن ماڭا ئۆز يولۇڭنى ئايان قىلغايسەن؛ مانا، بۇ خەلقنىڭ ئۆز خەلقىڭ بولغىنىنى نەزىرىڭدە تۇتقايسەن! ــ دېدى. |
ויאמר פני ילכו והנחתי לך׃ | 14 |
ئۇ جاۋاب بېرىپ: مەن ئۆزۈم [سەن] بىللە بىللە بېرىپ، ساڭا ئارام ئاتا قىلىمەن، ــ دېدى. |
ויאמר אליו אם אין פניך הלכים אל תעלנו מזה׃ | 15 |
مۇسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئەگەر سەن ئۆزۈڭ [بىز] بىلەن بىللە ماڭمىساڭ، بىزنى بۇ يەردىن چىقارمىغايسەن؛ |
ובמה יודע אפוא כי מצאתי חן בעיניך אני ועמך הלוא בלכתך עמנו ונפלינו אני ועמך מכל העם אשר על פני האדמה׃ | 16 |
چۈنكى، مەن ۋە خەلقىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقىنىمىز نېمىدىن بىلىنىدۇ؟ ئەجەبا، ئۆزۈڭنىڭ بىز بىلەن بىللە ماڭغىنىڭدىن بىلىنمەمدۇ؟ شۇ سەۋەبتىن مەن ۋە خەلقىڭ يەر يۈزىدىكى ھەربىر تائىپىلەردىن ئالاھىدە پەرقلەنمەمدۇق؟! ــ دېدى. |
ויאמר יהוה אל משה גם את הדבר הזה אשר דברת אעשה כי מצאת חן בעיני ואדעך בשם׃ | 17 |
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مۇشۇ ئىلتىجايىڭنىمۇ ئىجابەت قىلىمەن؛ چۈنكى سەن نەزىرىمدە ئىلتىپات تاپتىڭ ۋە مەن سېنى ئىسمىڭنى بىلىپ تونۇيمەن، دېدى. |
ויאמר הראני נא את כבדך׃ | 18 |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا: ــ ئۆز شان-شەرپىڭنى ماڭا كۆرسەتكەيسەن، ــ دېدى. |
ויאמר אני אעביר כל טובי על פניך וקראתי בשם יהוה לפניך וחנתי את אשר אחן ורחמתי את אשר ארחם׃ | 19 |
[پەرۋەردىگار]: ــ ئۆزۈمنىڭ پۈتكۈل مېھرىبانلىقىمنى سېنىڭ كۆز ئالدىڭدىن ئۆتكۈزىمەن ۋە ئالدىڭدا «ياھۋەھ» دېگەن نامنى جاكارلايمەن. كىمگە شاپائەت قىلماقچى بولسام شۇنىڭغا شاپائەت كۆرسىتىمەن، كىمگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتمەكچى بولسام، شۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىمەن، دېدى. |
ויאמר לא תוכל לראת את פני כי לא יראני האדם וחי׃ | 20 |
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ سەن يۈزۈمنى كۆرەلمەيسەن؛ چۈنكى ھېچ ئادەمزات مېنى كۆرسە تىرىك قالمايدۇ، دېدى. |
ויאמר יהוה הנה מקום אתי ונצבת על הצור׃ | 21 |
ئاندىن پەرۋەردىگار: ــ مانا، يېنىمدا بىر جاي باردۇر؛ سەن شۇ يەردىكى قورام تاشنىڭ ئۈستىدە تۇرغىن. |
והיה בעבר כבדי ושמתיך בנקרת הצור ושכתי כפי עליך עד עברי׃ | 22 |
مېنىڭ شان-شەرىپىم ئۆتىدىغان ۋاقىتتا، شۇنداق بولىدۇكى، مەن سېنى شۇ قورام تاشنىڭ يېرىقىدا تۇرغۇزۇپ، مەن ئۆتۈپ بولغۇچە سېنى قولۇم بىلەن يېپىپ تۇرىمەن. |
והסרתי את כפי וראית את אחרי ופני לא יראו׃ | 23 |
ئاندىن قولۇمنى تارتىۋالىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ ئارقا تەرىپىمنى كۆرىسەن، لېكىن يۈزۈم كۆرۈنمەيدۇ، ــ دېدى. |