אחר הדברים האלה גדל המלך אחשורוש את המן בן המדתא האגגי וינשאהו וישם את כסאו מעל כל השרים אשר אתו׃ | 1 |
بۇ ئىشلاردىن كېيىن پادىشاھ ئاھاشۋېروش ئاگاگىيلاردىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھاماننىڭ مەنسىپىنى ئۆستۈردى؛ پادىشاھ ئۇنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزى بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان بارلىق ئەمىرلەرنىڭكىدىن يۇقىرى قىلدى. |
וכל עבדי המלך אשר בשער המלך כרעים ומשתחוים להמן כי כן צוה לו המלך ומרדכי לא יכרע ולא ישתחוה׃ | 2 |
پادىشاھ ئۇنىڭ ھەققىدە ئەمر قىلغاچقا، ئوردا دەرۋازىسىدا تۇرغان پادىشاھنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى ھاماننىڭ ئالدىدا تەزىم قىلىپ باش ئۇراتتى؛ لېكىن موردىكاي بولسا ھامانغا نە تەزىم قىلمىدى، نە باش ئۇرمىدى. |
ויאמרו עבדי המלך אשר בשער המלך למרדכי מדוע אתה עובר את מצות המלך׃ | 3 |
ئوردا دەرۋازىسىدا تۇرغان پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى موردىكايدىن: ــ سىلى نېمىشقا پادىشاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىدىلا؟ ــ دەپ سورايتتى. |
ויהי באמרם אליו יום ויום ולא שמע אליהם ויגידו להמן לראות היעמדו דברי מרדכי כי הגיד להם אשר הוא יהודי׃ | 4 |
شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ھەر كۈنى نەسىھەت قىلىشقان بولسىمۇ، ئۇ قۇلاق سالمىغاندىن كېيىن، ئۇلار: ــ قېنى، موردىكاينىڭ قىلغان بۇ ئىشىغا يول قويۇلامدۇ-يوق، بىر كۆرەيلىچۇ، دەپ بۇنى ھامانغا ئېيتتى؛ چۈنكى ئۇ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. |
וירא המן כי אין מרדכי כרע ומשתחוה לו וימלא המן חמה׃ | 5 |
ھامان موردىكاينىڭ ئۆزىگە باش ئۇرۇپ تەزىم قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەندى. |
ויבז בעיניו לשלח יד במרדכי לבדו כי הגידו לו את עם מרדכי ויבקש המן להשמיד את כל היהודים אשר בכל מלכות אחשורוש עם מרדכי׃ | 6 |
لېكىن ئۇ «موردىكاينىڭ ئۈستىگە قول سېلىشنى كىچىككىنە بىر ئىش» دەپ ھېسابلىدى؛ چۈنكى ئۇلار موردىكاينىڭ مىللىتىنى ئۇنىڭغا دەپ قويغانىدى؛ شۇڭا ھامان ئاھاشۋېروشنىڭ پۈتكۈل پادىشاھلىقىدىكى يەھۇدىيلارنى، يەنى موردىكاينىڭ خەلقىنى بىراقلا يوقىتىش يولىنى ئىزدەپ يۈردى. |
בחדש הראשון הוא חדש ניסן בשנת שתים עשרה למלך אחשורוש הפיל פור הוא הגורל לפני המן מיום ליום ומחדש לחדש שנים עשר הוא חדש אדר׃ | 7 |
پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ئون ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئايدا، يەنى نىسان ئېيىدا، بىرسى ھاماننىڭ ئالدىدا [قۇتلۇق] ئاي-كۈننى بېكىتىش ئۈچۈن ھەر كۈن، ھەر ئاي بويىچە «پۇر»، يەنى چەك تاشلىۋىدى، ئون ئىككىنچى ئايغا، يەنى «ئادار ئېيى»غا چىقتى. |
ויאמר המן למלך אחשורוש ישנו עם אחד מפזר ומפרד בין העמים בכל מדינות מלכותך ודתיהם שנות מכל עם ואת דתי המלך אינם עשים ולמלך אין שוה להניחם׃ | 8 |
ھامان پادىشاھ ئاھاشۋېروشقا: ــ پادىشاھلىقلىرىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى ئەل-مىللەتلەر ئارىسىدا چېچىلىپ ياشاۋاتقان بىر خەلق بار؛ ئۇلارنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرى باشقا خەلقلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئالىيلىرىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگىمۇ بويسۇنمايدۇ؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ ياشىشىغا يول قويۇش ئالىيلىرىغا ھېچ پايدا يەتكۈزمەيدۇ. |
אם על המלך טוב יכתב לאבדם ועשרת אלפים ככר כסף אשקול על ידי עשי המלאכה להביא אל גנזי המלך׃ | 9 |
ئەگەر پادىشاھىمغا لايىق كۆرۈنسە، ئۇلارنى يوقىتىش توغرۇلۇق يارلىق پۈتۈپ چۈشۈرگەيلا؛ مانا مەن ئۆز يېنىمدىن ئون مىڭ تالانت كۈمۈشنى ئالىيلىرىنىڭ خەزىنىلىرىگە سېلىش ئۈچۈن پادىشاھلىقنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان خادىملارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، دېدى. |
ויסר המלך את טבעתו מעל ידו ויתנה להמן בן המדתא האגגי צרר היהודים׃ | 10 |
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۆزىنىڭ بارمىقىدىن ئۈزۈكنى سىيرىپ چىقىرىپ، يەھۇدىيلارنىڭ رەقىبى، ئاگاگىي ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھامانغا بېرىپ: |
ויאמר המלך להמן הכסף נתון לך והעם לעשות בו כטוב בעיניך׃ | 11 |
ــ شۇ كۈمۈشلەرنى ئۆزۈڭگە ئىنئام قىلدىم، ئۇ خەلقنىمۇ ساڭا تاپشۇردۇم، ئۇلارنى قانداق قىلىشنى خالىساڭ، شۇنداق قىل! ــ دېدى. |
ויקראו ספרי המלך בחדש הראשון בשלושה עשר יום בו ויכתב ככל אשר צוה המן אל אחשדרפני המלך ואל הפחות אשר על מדינה ומדינה ואל שרי עם ועם מדינה ומדינה ככתבה ועם ועם כלשונו בשם המלך אחשורש נכתב ונחתם בטבעת המלך׃ | 12 |
ئاندىن بىرىنچى ئاينىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى پادىشاھنىڭ مىرزىلىرى چاقىرىلىپ، يارلىق ھاماننىڭ بارلىق تاپىلىغىنى بويىچە پۈتۈلدى؛ ئۇ ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە ئۆز يېزىقىدا، ھەرقايسى ئەل-مىللەتكە ئۆز تىلىدا يازدۇرۇلۇپ، ھەربىر ئۆلكىلەرنىڭ ۋالىيلىرىغا، ھەربىر ئەل-مىللەتنىڭ ئەمىرلىرىگە ئەۋەتىلدى؛ يارلىق پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ نامىدا پۈتۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرى بىلەن پېچەتلەندى. |
ונשלוח ספרים ביד הרצים אל כל מדינות המלך להשמיד להרג ולאבד את כל היהודים מנער ועד זקן טף ונשים ביום אחד בשלושה עשר לחדש שנים עשר הוא חדש אדר ושללם לבוז׃ | 13 |
يارلىق مەكتۇپلىرى چاپارمەنلەرنىڭ قولى بىلەن پادىشاھلىقنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە يەتكۈزۈلدى؛ ئۇنىڭدا بىر كۈن ئىچىدە ــ ئون ئىككىنچى ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى قېرى-ياش، بالىلار ۋە ئاياللار دېمەي، بارلىق يەھۇدىيلارنى قويماي قىرىپ، ئۆلتۈرۈپ، نەسلى قۇرۇتۇۋېتىلسۇن، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكى ئولجا قىلىنسۇن، دېيىلگەنىدى. |
פתשגן הכתב להנתן דת בכל מדינה ומדינה גלוי לכל העמים להיות עתדים ליום הזה׃ | 14 |
شۇ يارلىق ھەربىر ئۆلكىدە جاكارلىنىش ئۈچۈن، شۇنداقلا شۇ كۈنى ھەربىر خەلق شۇنداق قىلىشقا تەييار بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن، مەكتۇپنىڭ كۆچۈرمە نۇسخىلىرى ھەربىر ئەل-مىللەتكە ئېلان قىلىنماقچى بولدى. |
הרצים יצאו דחופים בדבר המלך והדת נתנה בשושן הבירה והמלך והמן ישבו לשתות והעיר שושן נבוכה׃ | 15 |
چاپارمەنلەر پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە دەرھال يولغا چىقتى؛ يارلىق شۇشان قەلئەسىنىڭ ئۆزىدىمۇ ئېلان قىلىندى. بۇ چاغدا پادىشاھ ھامان بىلەن شاراب ئىچىشكە ئولتۇرغانىدى. لېكىن شۇشان شەھىرىدىكىلەر دەككە-دۈككىگە چۆمۈپ كېتىشتى. |