כי את כל זה נתתי אל לבי ולבור את כל זה אשר הצדיקים והחכמים ועבדיהם ביד האלהים גם אהבה גם שנאה אין יודע האדם הכל לפניהם׃ | 1 |
مەن شۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كۆڭۈل قويدۇم؛ شۇنى بايقىدىمكى، مەيلى ھەققانىي كىشى ياكى دانا كىشى بولسۇن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بارلىق قىلغانلىرى خۇدانىڭ قولىدىدۇر، دەپ بايقىدىم؛ ئىنسان ئۆزىگە مۇھەببەت ياكى نەپرەتنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئالدىدا ھەرقانداق ئىش بولۇشى مۇمكىن. |
הכל כאשר לכל מקרה אחד לצדיק ולרשע לטוב ולטהור ולטמא ולזבח ולאשר איננו זבח כטוב כחטא הנשבע כאשר שבועה ירא׃ | 2 |
ھەممە ئادەمگە ئوخشاش ئىشلار ئوخشاش پېتى كېلىدۇ؛ ھەققانىي ۋە رەزىل كىشىگە، مېھرىبان كىشىگە، پاك ۋە ناپاك، قۇربانلىق قىلغۇچى ۋە قۇربانلىق قىلمىغۇچىغىمۇ ئوخشاش قىسمەت بولىدۇ؛ ياخشى ئادەمگە قانداق بولسا، گۇناھكارغا شۇنداق بولىدۇ؛ قەسەم ئىچكۈچىگە ۋە قەسەم ئىچىشتىن قورققۇچىغىمۇ ئوخشاش بولىدۇ. |
זה רע בכל אשר נעשה תחת השמש כי מקרה אחד לכל וגם לב בני האדם מלא רע והוללות בלבבם בחייהם ואחריו אל המתים׃ | 3 |
مانا ھەممىگە ئوخشاشلا بۇ ئىشنىڭ كېلىدىغانلىقى قۇياش ئاستىدىكى ئىشلار ئارىسىدا كۈلپەتلىك ئىشتۇر؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنسان بالىلىرىنىڭ كۆڭۈللىرى يامانلىققا تولغان، پۈتۈن ھاياتىدا كۆڭلىدە تەلۋىلىك تۇرىدۇ؛ ئاندىن ئۇلار ئۆلگەنلەرگە قوشۇلىدۇ. |
כי מי אשר יבחר אל כל החיים יש בטחון כי לכלב חי הוא טוב מן האריה המת׃ | 4 |
چۈنكى تىرىكلەرگە قوشۇلغان كىشى ئۈچۈن بولسا ئۈمىد بار؛ چۈنكى، تىرىك ئىت ئۆلگەن شىردىن ئەلا. |
כי החיים יודעים שימתו והמתים אינם יודעים מאומה ואין עוד להם שכר כי נשכח זכרם׃ | 5 |
تىرىكلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ؛ بىراق ئۆلگەنلەر بولسا ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھېچ ئىنئامى يەنە بولمايدۇ؛ ئۇلار ھەتتا ئادەمنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، قايتا كەلمەيدۇ. |
גם אהבתם גם שנאתם גם קנאתם כבר אבדה וחלק אין להם עוד לעולם בכל אשר נעשה תחת השמש׃ | 6 |
ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى، نەپرىتى ۋە ھەسەتخورلۇقىمۇ ئاللىقاچان يوقالغان؛ قۇياش ئاستىدا قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىدىن ئۇلارنىڭ مەڭگۈگە قايتا نېسىۋىسى يوقتۇر. |
לך אכל בשמחה לחמך ושתה בלב טוב יינך כי כבר רצה האלהים את מעשיך׃ | 7 |
بارغىن، نېنىڭنى خۇشاللىق بىلەن يەپ، شارابىڭنى خۇشخۇيلۇق بىلەن ئىچكىن؛ چۈنكى خۇدا ئاللىقاچان مۇنداق قىلىشىڭدىن رازى بولغان. |
בכל עת יהיו בגדיך לבנים ושמן על ראשך אל יחסר׃ | 8 |
كىيىم-كېچەكلىرىڭ ھەردائىم ئاپئاق بولسۇن، خۇشبۇي ماي بېشىڭدىن كەتمىسۇن. |
ראה חיים עם אשה אשר אהבת כל ימי חיי הבלך אשר נתן לך תחת השמש כל ימי הבלך כי הוא חלקך בחיים ובעמלך אשר אתה עמל תחת השמש׃ | 9 |
خۇدا ساڭا قۇياش ئاستىدا تەقسىم قىلغان بىمەنە ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە، يەنى بىمەنىلىكتە ئۆتكۈزگەن بارلىق كۈنلىرىڭدە، سۆيۈملۈك ئايالىڭ بىلەن بىللە ھاياتتىن ھۇزۇر ئالغىن؛ چۈنكى بۇ سېنىڭ ھاياتىڭدىكى نېسىۋەڭ ۋە قۇياش ئاستىدىكى بارلىق تارتقان جاپايىڭنىڭ ئەجرىدۇر. |
כל אשר תמצא ידך לעשות בכחך עשה כי אין מעשה וחשבון ודעת וחכמה בשאול אשר אתה הלך שמה׃ (Sheol h7585) | 10 |
قولۇڭ تۇتقاننى بارلىق كۈچۈڭ بىلەن قىلغىن؛ چۈنكى سەن بارىدىغان تەھتىسارادا ھېچ خىزمەت، مەقسەت-پىلان، بىلىم ياكى ھېكمەت بولمايدۇ. (Sheol h7585) |
שבתי וראה תחת השמש כי לא לקלים המרוץ ולא לגבורים המלחמה וגם לא לחכמים לחם וגם לא לנבנים עשר וגם לא לידעים חן כי עת ופגע יקרה את כלם׃ | 11 |
مەن زېھنىمنى يىغىپ، قۇياش ئاستىدا كۆردۇمكى، مۇسابىقىدە غەلىبە يەلتاپانغا بولماس، يا جەڭدە غەلىبە پالۋانغا بولماس، يا نان دانا كىشىگە كەلمەس، يا بايلىقلار يورۇتۇلغانلارغا كەلمەس، يا ئىلتىپات بىلىملىكلەرگە بولماس ــ چۈنكى پەيت ۋە تاسادىپىيلىق ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە كېلىدۇ. |
כי גם לא ידע האדם את עתו כדגים שנאחזים במצודה רעה וכצפרים האחזות בפח כהם יוקשים בני האדם לעת רעה כשתפול עליהם פתאם׃ | 12 |
بەرھەق، ئىنسانمۇ ئۆز ۋاقتى-سائىتىنى بىلمەيدۇ؛ بېلىقلار رەھىمسىز تورغا ئېلىنغاندەك، قۇشلار تاپان-تۇزاققا ئىلىنغاندەك، بۇلارغا ئوخشاش ئىنسان بالىلىرى يامان بىر كۈندە تۇزاققا ئىلىنىدۇ، تۇزاق بېشىغا چۈشىدۇ. |
גם זה ראיתי חכמה תחת השמש וגדולה היא אלי׃ | 13 |
مەن يەنە قۇياش ئاستىدا دانالىقنىڭ بۇ مىسالىنى كۆردۇم، ئۇ مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى؛ |
עיר קטנה ואנשים בה מעט ובא אליה מלך גדול וסבב אתה ובנה עליה מצודים גדלים׃ | 14 |
كىچىك بىر شەھەر بار ئىدى؛ ئۇنىڭغا قارشى بۈيۈك بىر پادىشاھ چىقىپ، ئۇنى قورشاپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدىغان يوغان پوتەيلەرنى قۇردى. |
ומצא בה איש מסכן חכם ומלט הוא את העיר בחכמתו ואדם לא זכר את האיש המסכן ההוא׃ | 15 |
بىراق شەھەردىن نامرات بىر دانا كىشى تېپىلىپ قالدى؛ ئۇ ئۇنى ئۆز دانالىقى بىلەن قۇتۇلدۇردى؛ بىراق كېيىن، ھېچكىم بۇ نامرات كىشىنى ئېسىگە كەلتۈرمىدى. |
ואמרתי אני טובה חכמה מגבורה וחכמת המסכן בזויה ודבריו אינם נשמעים׃ | 16 |
شۇنىڭ بىلەن مەن: «دانالىق كۈچ-قۇدرەتتىن ئەۋزەل» ــ دېدىم؛ بىراق شۇ نامرات كىشىنىڭ دانالىقى كېيىن كۆزگە ئىلىنمايدۇ، ئۇنىڭ سۆزلىرى ئاڭلانمايدۇ. |
דברי חכמים בנחת נשמעים מזעקת מושל בכסילים׃ | 17 |
دانا كىشىنىڭ جىمجىتلىقتا ئېيتقان سۆزلىرى ئەخمەقلەر ئۈستىدىن ھوقۇق سۈرگۈچىنىڭ ۋارقىراشلىرىدىن ئېنىق ئاڭلىنار. |
טובה חכמה מכלי קרב וחוטא אחד יאבד טובה הרבה׃ | 18 |
دانالىق ئۇرۇش قوراللىرىدىن ئەۋزەلدۇر؛ بىراق بىر گۇناھكار زور ياخشىلىقنى ھالاك قىلىدۇ. |