וזאת הברכה אשר ברך משה איש האלהים את בני ישראל לפני מותו׃ | 1 |
خۇدانىڭ ئادىمى بولغان مۇسانىڭ ئۆلۈمىدىن ئىلگىرى ئىسرائىللارنى بەرىكەتلەشكە تىلىگەن بەخت-تىلەكلىرى مۇنۇلار: ــ |
ויאמר יהוה מסיני בא וזרח משעיר למו הופיע מהר פארן ואתה מרבבת קדש מימינו אש דת למו׃ | 2 |
ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگار ئۆزى سىناي تېغىدىن كېلىپ، سېئىردىن چىقىپ [ئىسرائىل] ئۈستىگە پارلىدى؛ پاران تېغىدىن پەيدا بولۇپ چاقنىدى، ئۇ تۈمەنلىگەن مۇقەددەسلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ كەلدى؛ ئوڭ قولىدىن ئىسرائىلغا ئاتالغان ئوتلۇق بىر قانۇن چىقتى. |
אף חבב עמים כל קדשיו בידך והם תכו לרגלך ישא מדברתיך׃ | 3 |
دەرھەقىقەت، ئۇ خەلقنى سۆيىدۇ؛ سېنىڭ بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىڭ قولۇڭدىدۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئايىغىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، سۆزلىرىڭگە مۇيەسسەر بولىدۇ. |
תורה צוה לנו משה מורשה קהלת יעקב׃ | 4 |
مۇسا بىزگە بىر قانۇن بۇيرۇپ، بۇنى ياقۇپنىڭ جامائىتىگە مىراس قىلىپ بەردى؛ |
ויהי בישרון מלך בהתאסף ראשי עם יחד שבטי ישראל׃ | 5 |
خەلقنىڭ سەردارلىرى جەم بولۇپ، ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرى بىر يەرگە يىغىلغاندا، ئۇ يەشۇرۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا پادىشاھدەك بولدى. |
יחי ראובן ואל ימת ויהי מתיו מספר׃ | 6 |
«رۇبەن بولسا، ئادەملىرى ئۆلۈپ كەتمەي، ھايات تۇرسۇن؛ ئۇنىڭ ئادەملىرى ئاز بولمىسۇن». |
וזאת ליהודה ויאמר שמע יהוה קול יהודה ואל עמו תביאנו ידיו רב לו ועזר מצריו תהיה׃ | 7 |
[مۇسا]نىڭ يەھۇدا توغرىسىدا تىلىگەن بەختى مۇنداق: ــ «يەھۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئۇنى ئۆز خەلقىگە قوبۇل قىلدۇرغايسەن؛ ئۇنىڭ قوللىرى ئۇلار ئۈچۈن كۈرەش قىلسۇن؛ ئەمدى ئۆزىنى ئەزگۈچىلەرگە قارشى تۇرۇشقا ئۇنىڭغا مەدەت بولغايسەن». |
וללוי אמר תמיך ואוריך לאיש חסידך אשר נסיתו במסה תריבהו על מי מריבה׃ | 8 |
ئۇ لاۋىي توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ــ «سېنىڭ ئۇرىم ۋە تۇممىم تاشلىرىڭ سېنىڭ بۇ مۇقەددەس بەندەڭگە تاپشۇرۇلغان؛ سەن ئۇنى ماسساھدا سىنىدىڭ، مەرىباھنىڭ سۇلىرىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ بىلەن تالاشتىڭ. |
האמר לאביו ולאמו לא ראיתיו ואת אחיו לא הכיר ואת בנו לא ידע כי שמרו אמרתך ובריתך ינצרו׃ | 9 |
ئۇ ئۆز ئاتا-ئانىسى توغرىسىدا: «ئۇلارغا يۈز-خاتىرە قىلمايمەن»، دەپ ئېيتتى، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ھېچ يۈزىنى قىلماي، ئۆز بالىلىرىنىمۇ تونۇشنى خالىماي، بەلكى سېنىڭ سۆزۈڭگە ئەمەل قىلىپ، ئەھدەڭنى چىڭ تۇتتى. |
יורו משפטיך ליעקב ותורתך לישראל ישימו קטורה באפך וכליל על מזבחך׃ | 10 |
مانا، [لاۋىيلار] ياقۇپقا ھۆكۈملىرىڭنى ئۇقتۇرىدۇ، ئۇلار ئىسرائىلغا قانۇنۇڭنى ئۆگىتىدۇ؛ ئۇلار دىمىغىڭغا خۇشبۇينى سۇنىدۇ، قۇربانگاھىڭغا پۈتۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى كەلتۈرىدۇ. |
ברך יהוה חילו ופעל ידיו תרצה מחץ מתנים קמיו ומשנאיו מן יקומון׃ | 11 |
ئى پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ تەئەللۇقاتىنى بەرىكەتلىگەيسەن، ئۇنىڭ قوللىرىنىڭ ئەجرى سېنى خۇش قىلغۇدەك بولغاي، ئۇنىڭغا قارشى چىققانلار ۋە ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنگەنلەر بولسا، ئۇلارنى قوپالمىغۇدەك ھالدا بەللىرىنى سۇندۇرغايسەن!» |
לבנימן אמר ידיד יהוה ישכן לבטח עליו חפף עליו כל היום ובין כתיפיו שכן׃ | 12 |
ئۇ بىنيامىن توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگارنىڭ سۆيگىنى بولسا، ئۇ ئۇنىڭ يېنىدا بىخەتەر ماكان قىلىدۇ، پەرۋەردىگار سايە بولۇپ پۈتۈن كۈن ئۇنى ساقلايدۇ، ئۇ ئۇنى مۈرىسى ئوتتۇرىسىدا ماكانلاشتۇرىدۇ» |
וליוסף אמר מברכת יהוה ארצו ממגד שמים מטל ומתהום רבצת תחת׃ | 13 |
يۈسۈپ توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «ئۇنىڭ زېمىنى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەرىكەتلىك بولغاي! ئاسمانلارنىڭ ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن، شەبنەم بىلەن، يەر تېگىدىكى نېمەتلىرى بىلەن، |
וממגד תבואת שמש וממגד גרש ירחים׃ | 14 |
كۈندىن ھاسىل بولىدىغان ئېسىل مەھسۇلاتلىرى بىلەن، ئايدىن ھاسىل بولىدىغان ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن، |
ומראש הררי קדם וממגד גבעות עולם׃ | 15 |
قەدىمكى تاغلارنىڭ ئالىي نېمەتلىرى بىلەن، مەڭگۈلۈك دۆڭلەرنىڭ ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن، |
וממגד ארץ ומלאה ורצון שכני סנה תבואתה לראש יוסף ולקדקד נזיר אחיו׃ | 16 |
يەرنىڭ ئېسىل نېمەتلىرى ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە مەۋجۇداتلىرى بىلەن، ئازغانلىقتا تۇرغۇچى زاتنىڭ شاپائىتى بىلەن بەرىكەتلەنسۇن! بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈسۈپنىڭ بېشىغا، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلغاننىڭ چوققىسىغا چۈشسۇن. |
בכור שורו הדר לו וקרני ראם קרניו בהם עמים ינגח יחדו אפסי ארץ והם רבבות אפרים והם אלפי מנשה׃ | 17 |
ئۇنىڭ ھەيۋىسى ئۆز بۇقىسىنىڭ تۇنجىسىدەكتۇر؛ ئۇنىڭ مۈڭگۈزلىرى ياۋا كالىنىڭ مۈڭگۈزلىرىدەكتۇر، ئۇلار بىلەن ئۇ ئەل-يۇرتلارنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە ئۈسىدۇ. مانا ئەفرائىمنىڭ تۈمەنلىگەن ئادەملىرى، ماناسسەھنىڭ مىڭلىغان ئادەملىرى شۇنداق بولىدۇ». |
ולזבולן אמר שמח זבולן בצאתך ויששכר באהליך׃ | 18 |
زەبۇلۇن توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «ئەي زەبۇلۇن، سەن چىققىنىڭدا شادلانغىن؛ ئەي سەن ئىسساكار، ئۆز چېدىرلىرىڭدا خۇش بولغىن! |
עמים הר יקראו שם יזבחו זבחי צדק כי שפע ימים יינקו ושפוני טמוני חול׃ | 19 |
مانا ئۇلار خەلقلەرنى تاغقا چاقىرىدۇ، شۇ يەردە ئۇلار ھەققانىيلىقنىڭ قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ، چۈنكى ئۇلار دېڭىزدىكى مول دۆلەتلەرنى، قۇمغا كۆمۈلگەن گۆھەرلەرنى سۈمۈرۈپ ئۇلارغا مۇيەسسەر بولىدۇ». |
ולגד אמר ברוך מרחיב גד כלביא שכן וטרף זרוע אף קדקד׃ | 20 |
گاد توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «گادنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتكۈچىگە بەخت-بەرىكەت بولغاي؛ گاد بولسا چىشى شىردەك ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇ بىلەك ھەم باش تېرىسىنى تىتما-تىتما قىلىۋېتىدۇ؛ |
וירא ראשית לו כי שם חלקת מחקק ספון ויתא ראשי עם צדקת יהוה עשה ומשפטיו עם ישראל׃ | 21 |
شۇ يەردە ئۇ ئەڭ ئېسىل نېسىۋىنى تاللىۋالدى؛ چۈنكى شۇ يەردىمۇ ئۇ ھۆكۈم بېكىتكۈچىنىڭ ئۈلۈشى بولغان جاي ساقلاقلىقتۇر؛ ئۇ خەلقنىڭ سەردارلىرى بىلەن كېلىپ، ئىسرائىل بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارنىڭ ئادالىتى بىلەن ھۆكۈملىرىنى يۈرگۈزدى». |
ולדן אמר דן גור אריה יזנק מן הבשן׃ | 22 |
دان توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «دان بولسا ياش بىر شىردۇر؛ ئۇ باشاندىن تاقلاپ ئۆتىدۇ». |
ולנפתלי אמר נפתלי שבע רצון ומלא ברכת יהוה ים ודרום ירשה׃ | 23 |
نافتالى توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «ئەي نافتالى، ئىلتىپاتقا تويۇنغانسەن، پەرۋەردىگار تەرىپىدىن كەلگەن بەخت-بەرىكەتكە تولۇپ، مەغرىپ بىلەن جەنۇبنى ئۆزۈڭگە مۈلۈك قىلىپ ئىگىلەيسەن». |
ולאשר אמר ברוך מבנים אשר יהי רצוי אחיו וטבל בשמן רגלו׃ | 24 |
ئاشىر توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «ئاشىر ئوغۇللار بىلەن بەرىكەتلىنىدۇ؛ ئۇ قېرىنداشلىرى ئارىسىدا ئىلتىپات كۆرسۇن؛ پۇتى مايغا چىلانسۇن. |
ברזל ונחשת מנעליך וכימיך דבאך׃ | 25 |
دەرۋازا بالداقلىرىڭ تۆمۈر بىلەن مىستىن بولىدۇ؛ كۈنلىرىڭ قانداق بولسا، كۈچۈڭمۇ شۇنىڭغا مۇۋاپىق تەڭ بولىدۇ». |
אין כאל ישרון רכב שמים בעזרך ובגאותו שחקים׃ | 26 |
«ــ ئەي يەشۇرۇن، تەڭرىڭدەك باشقا ھېچكىم يوقتۇر؛ ئۇ ساڭا ياردەمگە ئاسمانلار ئۈستىگە، زور ھەيۋىسى بىلەن بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىگە مىنىپ كېلىدۇ. |
מענה אלהי קדם ומתחת זרעת עולם ויגרש מפניך אויב ויאמר השמד׃ | 27 |
ئەزەلىي خۇدا سېنىڭ باشپاناھىڭدۇر، ئاستىڭدا ئەبەدىي بىلەكلەر تۇرىدۇ. ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدىن دۈشمەننى ھەيدەپ: ــ «ئۇلارنى ھالاك قىلغىن!» دەپ [ساڭا] بۇيرۇيدۇ. |
וישכן ישראל בטח בדד עין יעקב אל ארץ דגן ותירוש אף שמיו יערפו טל׃ | 28 |
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل ئاشلىق بىلەن يېڭى شاراب مول بولغان بىر زېمىندا تۇرۇپ، يالغۇز ئامان-ئېسەن ماكان تۇتىدۇ، ياقۇپنىڭ بۇلىقى ئوخشاشلا ئامان-ئېسەن بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئاسمانلىرىمۇ شەبنەم تېمىتىپ تۇرىدۇ. |
אשריך ישראל מי כמוך עם נושע ביהוה מגן עזרך ואשר חרב גאותך ויכחשו איביך לך ואתה על במותימו תדרך׃ | 29 |
بەختلىكسەن، ئى ئىسرائىل! سەندەك پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى قۇتقۇزغان خەلقتىن يەنە كىم بار؟ ئۇ بولسا سېنىڭ مەدەتكار قالقىنىڭ، ھەيۋەتلىك قىلىچىڭدۇر! سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ ساڭا زەئىپلىشىپ بويسۇنىدۇ؛ سەن ئۇلارنىڭ ئېگىز جايلىرىدا دەسسەپ ماڭىسەن». |