נבוכדנצר מלכא לכל עממיא אמיא ולשניא די דארין בכל ארעא שלמכון ישגא׃ | 1 |
«مەنكى پادىشاھ نېبوقادنەساردىن يەر يۈزىدىكى ھەربىر ئەل-يۇرتقا، ھەرقايسى تائىپىلەرگە، ھەرخىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان قوۋملارغا ئامان-ئېسەنلىك ئېشىپ-تېشىپ تۇرغاي! |
אתיא ותמהיא די עבד עמי אלהא עליא שפר קדמי להחויה׃ | 2 |
ھەممىدىن ئالىي خۇدا ماڭا كۆرسەتكەن ئالامەتلەرنى ۋە كارامەتلەرنى جاكارلاشنى لايىق تاپتىم. |
אתוהי כמה רברבין ותמהוהי כמה תקיפין מלכותה מלכות עלם ושלטנה עם דר ודר׃ | 3 |
ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلىرى نېمىدېگەن ئۇلۇغ! ئۇنىڭ كارامەتلىرى نېمەدېگەن قالتىس! ئۇنىڭ پادىشاھلىقى پۈتمەس-تۈگىمەستۈر، ئۇنىڭ ھاكىملىقى دەۋردىن-دەۋرگىچە داۋاملىشىدۇ! |
אנה נבוכדנצר שלה הוית בביתי ורענן בהיכלי׃ | 4 |
مەنكى نېبوقادنەسار ئۆيۈمدە بىخارامان ئولتۇرغىنىمدا، ئوردامدا باياشات تۇرمۇش كۆچۈرىۋاتقىنىمدا، |
חלם חזית וידחלנני והרהרין על משכבי וחזוי ראשי יבהלנני׃ | 5 |
مېنى ئىنتايىن قورقىتىۋەتكەن بىر چۈشنى كۆردۈم، ئورنۇمدا ياتقىنىمدا بېشىمدىكى ئويلار ۋە كاللامدىكى غايىبانە ئالامەتلەر مېنى ئالاقزادە قىلدى. |
ומני שים טעם להנעלה קדמי לכל חכימי בבל די פשר חלמא יהודענני׃ | 6 |
بابىلدىكى بارلىق دانىشمەنلەرنى ئالدىمغا چاقىرىشقا پەرمان بېرىپ، ئۇلارنىڭ چۈشۈمگە تەبىر بېرىشىنى بۇيرۇدىم. |
באדין עללין חרטמיא אשפיא כשדיא וגזריא וחלמא אמר אנה קדמיהון ופשרה לא מהודעין לי׃ | 7 |
شۇنىڭ بىلەن بارلىق رەمچى-پالچى، پىر-ئۇستاز، كالدىيلەر ۋە مۇنەججىملار كېلىشتى. مەن چۈشۈمنى ئېيتىپ بەردىم، لېكىن ئۇلار ماڭا تەبىرىنى بېرەلمىدى. |
ועד אחרין על קדמי דניאל די שמה בלטשאצר כשם אלהי ודי רוח אלהין קדישין בה וחלמא קדמוהי אמרת׃ | 8 |
لېكىن ئاخىردا دانىيال كىردى (ئۇنىڭ يەنە بىر ئىسمى بەلتەشاسار بولۇپ، مېنىڭ ئىلاھىمنىڭ نامىغا ئاساسەن قويۇلغان). مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى ئۇنىڭدا ئىكەن. مەن چۈشۈمنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا: |
בלטשאצר רב חרטמיא די אנה ידעת די רוח אלהין קדישין בך וכל רז לא אנס לך חזוי חלמי די חזית ופשרה אמר׃ | 9 |
ــ ئەي پالچىلارنىڭ باشلىقى بەلتەشاسار، مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى سەندە ئىكەنلىكىنى، ساڭا ھېچقانداق سىر تەس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدىم، شۇڭا مېنىڭ كۆرگەن چۈشۈمدىكى غايىبانە ئالامەتلەرنى چۈشەندۈرگەيسەن، شۇنداقلا ئۇنىڭغا تەبىر بەرگەيسەن، ــ دېدىم. |
וחזוי ראשי על משכבי חזה הוית ואלו אילן בגוא ארעא ורומה שגיא׃ | 10 |
ــ مەن ئورنۇمدا ياتقىنىمدا كاللامدا مۇنداق غايىبانە ئالامەتلەرنى كۆردۈم: مانا، يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ دەرەخ بار ئىكەن؛ ئۇ تولىمۇ ئېگىزمىش. |
רבה אילנא ותקף ורומה ימטא לשמיא וחזותה לסוף כל ארעא׃ | 11 |
ئۇ بارغانسېرى چوڭ ھەم مەزمۇت ئۆسۈپ، ئاسمانغا تاقىشىپتۇ، ئۇ دۇنيانىڭ چەتلىرىگىمۇ كۆرۈنىدىكەن. |
עפיה שפיר ואנבה שגיא ומזון לכלא בה תחתוהי תטלל חיות ברא ובענפוהי ידרון צפרי שמיא ומנה יתזין כל בשרא׃ | 12 |
ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى چىرايلىق، مېۋىسى ئىنتايىن مول ئىكەن. ئۇنىڭدا پۈتكۈل دۇنياغا يەتكۈدەك ئوزۇق بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئاستىدا دالادىكى ھايۋانلار سايىداشىدىكەن، شاخلىرىدا ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ماكان قىلىدىكەن؛ مېۋىسىدىن بارلىق ئەت ئىگىلىرىمۇ ئوزۇقلىنىدىكەن. |
חזה הוית בחזוי ראשי על משכבי ואלו עיר וקדיש מן שמיא נחת׃ | 13 |
ئورنۇمدا يېتىپ، كاللامدا كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەرنى كۆرۈۋاتىمەن، مانا، ئاسماندىن بىر كۆزەتچى مۇئەككەل، يەنى مۇقەددەس بىر پەرىشتە چۈشۈپ، |
קרא בחיל וכן אמר גדו אילנא וקצצו ענפוהי אתרו עפיה ובדרו אנבה תנד חיותא מן תחתוהי וצפריא מן ענפוהי׃ | 14 |
مۇنداق جاكارلىدى: ــ «دەرەخنى كېسىپ، شاخلىرىنى قىرقىپ، يوپۇرماقلىرىنى ۋە مېۋىلىرىنى قېقىپ چۈشۈرۈپ چېچىۋېتىڭلار. دەرەخ تۈۋىدىكى ياۋايى ھايۋانلار ئۇنىڭدىن يىراقلاشسۇن، ئۇنىڭ شاخلىرىدىكى قۇشلار تېزىپ كەتسۇن. |
ברם עקר שרשוהי בארעא שבקו ובאסור די פרזל ונחש בדתאא די ברא ובטל שמיא יצטבע ועם חיותא חלקה בעשב ארעא׃ | 15 |
يەردە پەقەت كۆتۈكىنىلا يىلتىزى بىلەن، مىس ۋە تۆمۈر بىلەن چەمبەرلەپ، يۇمران ئوت-چۆپلەر بىلەن بىللە دالادا قالدۇرۇڭلار. ئۇ ئاسماندىكى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ تۇرسۇن. ئۇنىڭ نېسىۋىسى ئوت-چۆپ يەيدىغان ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە بولسۇن. |
לבבה מן אנושא ישנון ולבב חיוה יתיהב לה ושבעה עדנין יחלפון עלוהי׃ | 16 |
ئادەمىي ئەقلىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئۇنىڭغا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئەقلى بېرىلسۇن، شۇنداقلا شۇ ھالەتتە «يەتتە ۋاقىت» تۇرسۇن. |
בגזרת עירין פתגמא ומאמר קדישין שאלתא עד דברת די ינדעון חייא די שליט עליא במלכות אנושא ולמן די יצבא יתננה ושפל אנשים יקים עליה׃ | 17 |
دۇنيادىكى جان ئىگىلىرى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئىنسانلارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ھەممىسىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پادىشاھلىق ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان كىشى (مەيلى ئۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەس ئادەم بولسىمۇ)گە بېرىدىغانلىقىنى بىلسۇن دەپ، بۇ ھۆكۈم قارىغۇچى مۇئەككەللەرنىڭ پەرمانى بىلەن، يەنى مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ قارار بۇيرۇقى بىلەن بەلگىلەنگەندۇر». |
דנה חלמא חזית אנה מלכא נבוכדנצר ואנתה בלטשאצר פשרא אמר כל קבל די כל חכימי מלכותי לא יכלין פשרא להודעתני ואנתה כהל די רוח אלהין קדישין בך׃ | 18 |
ــ مەن پادىشاھ نېبوغادنەسار مانا شۇنداق چۆشنى كۆردۇم. ئەي بەلتەشاسار، چۈشۈمگە تەبىر بەرگەيسەن. پادىشاھلىقىمدىكى دانىشمەنلەر ئىچىدە مەن ئۈچۈن بۇنىڭغا تەبىر بېرەلەيدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى. لېكىن سەن تەبىر بېرەلەيسەن، چۈنكى ئەڭ مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى سەندە ئىكەن. |
אדין דניאל די שמה בלטשאצר אשתומם כשעה חדה ורעינהי יבהלנה ענה מלכא ואמר בלטשאצר חלמא ופשרא אל יבהלך ענה בלטשאצר ואמר מראי חלמא לשנאיך ופשרה לעריך׃ | 19 |
شۇنىڭ بىلەن بەلتەشاسار دەپمۇ ئاتالغان دانىيال بىر ھازا ھەيرانلىقتا ئالاقزادە بولدى ۋە چۈش توغرىسىدا ئويلاپ تولىمۇ بىئارام بولدى. پادىشاھ: ــ ئەي بەلتەشاسار، بۇ چۈش ۋە ئۇنىڭ تەبىرى سېنى ئالاقزادە قىلمىسۇن، ــ دېدى. بەلتەشاسار جاۋابەن: ــ ئى ئالىيلىرى، بۇ چۈش سىلىدىن نەپرەتلەنگەنلەرگە بولسۇن، ئۇنىڭ تەبىرى ئۆزلىرىگە ئەمەس، دۈشمەنلىرىگە چۈشكەي! |
אילנא די חזית די רבה ותקף ורומה ימטא לשמיא וחזותה לכל ארעא׃ | 20 |
بارغانسېرى ئۆسۈپ مەزمۇت بولغان، ئېگىزلىكى ئاسمانغا تاقىشىدىغان، پۈتكۈل دۇنياغا كۆرۈنىدىغان، يوپۇرماقلىرى چىرايلىق، مېۋىسى ئىنتايىن مول بولغان، پۈتكۈل دۇنياغا يەتكۈدەك ئوزۇق بولىدىغان، سايىسىدا ياۋايى ھايۋانلار تۇرىدىغان، شاخلىرىدا ئۇچار قۇشلار ماكان قىلىدىغان دەرەخ بولسا، يەنى سەن كۆرگەن دەرەخ ــ دەل ئۆزلىرىدۇر، ئى ئالىيلىرى! ــ چۈنكى سىلى چوڭ ۋە مەزمۇت ئۆستىلا؛ سىلىنىڭ ھەيۋەتلىرى ئېشىپ پەلەككە يەتتى؛ ھۆكۈمرانلىقلىرى يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگە يېتىپ باردى. |
ועפיה שפיר ואנבה שגיא ומזון לכלא בה תחתוהי תדור חיות ברא ובענפוהי ישכנן צפרי שמיא׃ | 21 |
אנתה הוא מלכא די רבית ותקפת ורבותך רבת ומטת לשמיא ושלטנך לסוף ארעא׃ | 22 |
ــ چۈنكى سىلى چوڭ ۋە مەزمۇت ئۆستىلا؛ سىلىنىڭ ھەيۋەتلىرى ئېشىپ پەلەككە يەتتى؛ھۆكۈمرانلىقلىرى يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگە يېتىپ باردى. |
ודי חזה מלכא עיר וקדיש נחת מן שמיא ואמר גדו אילנא וחבלוהי ברם עקר שרשוהי בארעא שבקו ובאסור די פרזל ונחש בדתאא די ברא ובטל שמיא יצטבע ועם חיות ברא חלקה עד די שבעה עדנין יחלפון עלוהי׃ | 23 |
ئالىيلىرى قاراپ تۇرغان ۋاقىتلىرىدا ئاسماندىن بىر قارىغۇچى، يەنى بىر مۇقەددەس پەرىشتە چۈشۈپ: «بۇ دەرەخنى كېسىپ، خاراب قىلىڭلار. ھالبۇكى، يەردە كۆتۈكىنىلا يىلتىزى بىلەن قالدۇرۇرپ، مىس ۋە تۆمۈر بىلەن چەمبەرلەپ، يۇمران ئوت-چۆپلەر بىلەن بىللە دالادا قالدۇرۇڭلار. ئۇ ئاسماندىكى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ تۇرسۇن. «يەتتە ۋاقىت» بېشىدىن ئۆتكىچە ئۇنىڭ نېسىۋىسى ئوت-چۆپ يەيدىغان ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە بولسۇن، ــ دەپتۇ. |
דנה פשרא מלכא וגזרת עליא היא די מטת על מראי מלכא׃ | 24 |
ــ ئى ئالىيلىرى، چۈشلىرىنىڭ مەنىسى مانا شۇ ــ بۇلار بولسا ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەرمانى بىلەن خوجام پادىشاھنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان ئىشلار ــ |
ולך טרדין מן אנשא ועם חיות ברא להוה מדרך ועשבא כתורין לך יטעמון ומטל שמיא לך מצבעין ושבעה עדנין יחלפון עליך עד די תנדע די שליט עליא במלכות אנשא ולמן די יצבא יתננה׃ | 25 |
ئۆزلىرى كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە ياشايدىلا، كالىلاردەك ئوت-چۆپ بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدىلا، دالادا ئاسماندىكى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ تۇرىدىلا. تاكى سىلى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پۈتكۈل ئىنسان پادىشاھلىقىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان ھەرقانداق كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكۈچە، يەتتە ۋاقىت باشلىرىدىن ئۆتىدۇ. |
ודי אמרו למשבק עקר שרשוהי די אילנא מלכותך לך קימה מן די תנדע די שלטן שמיא׃ | 26 |
«دەرەخنىڭ كۆتىكىنى يىلتىزى بىلەن يەردە قالدۇرۇڭلار» دەپ بۇيرۇلغانىكەن، ئۆزلىرى ئەرشلەرنىڭ ھەممىنى ئىدارە قىلىدىغاننلىقىنى بىلىپ يەتكەندىن كېيىن پادىشاھلىقلىرى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇلىدۇ. |
להן מלכא מלכי ישפר עליך וחטיך בצדקה פרק ועויתך במחן ענין הן תהוא ארכה לשלותך׃ | 27 |
شۇڭا ئى ئالىيلىرى، مېنىڭ نەسىھىتىم سىلىگە لايىق كۆرۈلگەي، گۇناھلىرىدىن قول ئۈزگەيلا، ئىشتا ھەققانىي بولغايلا، قەبىھلىكلىرىدىن توختاپ كەمبەغەللەرگە رەھىمدىللىك قىلغايلا. شۇنداق قىلغاندىلا بەلكىم داۋاملىق گۈللەپ ياشنىمامدىلا؟ |
כלא מטא על נבוכדנצר מלכא׃ | 28 |
بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھ نېبوقادنەسارنىڭ بېشىغا چۈشتى. |
לקצת ירחין תרי עשר על היכל מלכותא די בבל מהלך הוה׃ | 29 |
ئون ئىككى ئايدىن كېيىن، ئۇ بابىلدىكى پادىشاھلىق ئوردىسىنىڭ ئۆگزىسىدە سەيلە قىلىۋېتىپ: |
ענה מלכא ואמר הלא דא היא בבל רבתא די אנה בניתה לבית מלכו בתקף חסני וליקר הדרי׃ | 30 |
ــ قاراڭلار، مەن ئۆز ئىززىتىم ۋە شان-شۆھرىتىم نامايان قىلىنسۇن دەپ، شاھانە ئوردامنىڭ جايلىشىشى ئۈچۈن زور كۈچۈم بىلەن ياسىغان ھەيۋەتلىك بابىل شەھىرى مۇشۇ ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. |
עוד מלתא בפם מלכא קל מן שמיא נפל לך אמרין נבוכדנצר מלכא מלכותה עדת מנך׃ | 31 |
ئۇنىڭ سۆزى ئاغزىدىن تېخى ئۈزۈلمەيلا، ئاسماندىن بىر ئاۋاز چۈشۈپ: ــ ئەي پادىشاھ نېبوقادنەسار، بۇ سۆز ساڭا كەلدى: پادىشاھلىق سەندىن ئېلىندى. |
ומן אנשא לך טרדין ועם חיות ברא מדרך עשבא כתורין לך יטעמון ושבעה עדנין יחלפון עליך עד די תנדע די שליט עליא במלכות אנשא ולמן די יצבא יתננה׃ | 32 |
سەن كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە ماكان قىلىسەن ۋە كالىلاردەك ئوت-چۆپ يەيسەن؛ سەن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئىنسان پادىشاھلىقىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان ھەرقانداق كىشىگە تۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكۈچە يەتتە ۋاقىت بېشىڭدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ ــ دېيىلدى. |
בה שעתא מלתא ספת על נבוכדנצר ומן אנשא טריד ועשבא כתורין יאכל ומטל שמיא גשמה יצטבע עד די שערה כנשרין רבה וטפרוהי כצפרין׃ | 33 |
بۇ سۆز نېبوقادنەساردا شۇئان ئەمەلگە ئاشتى. ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، كالىلاردەك ئوت-چۆپ يەپ، تېنى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ چاچلىرى بۈركۈتنىڭ پەيلىرىدەك، تىرناقلىرى قۇشنىڭ تىرناقلىرىدەك ئۆسۈپ كەتتى. |
ולקצת יומיה אנה נבוכדנצר עיני לשמיא נטלת ומנדעי עלי יתוב ולעליא ברכת ולחי עלמא שבחת והדרת די שלטנה שלטן עלם ומלכותה עם דר ודר׃ | 34 |
ئەمدى شۇ كۈنلەر توشقاندا، مەن نېبوقادنەسار ئاسمانغا كۆز تىكىپ قارىۋىدىم، ئەقىل-ھوشۇم ئەسلىگە كەلدى. مەن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا ھەمدۇسانا ئېيتىپ، مەڭگۈ ھايات تۇرغۇچىنى مەدھىيىلەپ، ھۆرمەت ئەيلىدىم. ئۇنىڭ ھاكىملىقى مەڭگۈلۈك ھاكىملىقتۇر؛ ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىدۇر. |
וכל דארי ארעא כלה חשיבין וכמצביה עבד בחיל שמיא ודארי ארעא ולא איתי די ימחא בידה ויאמר לה מה עבדת׃ | 35 |
ئۇنىڭ ئالدىدا يەر يۈزىدىكى بارلىق ئىنسانلار ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ؛ ئەرشتىكى قوشۇنلار ۋە زېمىندىكى ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇ نېمە قىلىشنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ قولىنى كىم توسالىسۇن ياكى ئۇنىڭدىن «نېمە قىلىسەن؟» دەپ سوراشقا جۈرئەت قىلالىسۇن؟ |
בה זמנא מנדעי יתוב עלי וליקר מלכותי הדרי וזוי יתוב עלי ולי הדברי ורברבני יבעון ועל מלכותי התקנת ורבו יתירה הוספת לי׃ | 36 |
شۇئانلا ئەقىل-ھوشۇم ئەسلىگە كەلدى؛ پادىشاھلىقىمنىڭ شان-شەرىپى، ئىززىتىم، پادىشاھلىق ھەيۋەممۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. مەسلىھەتچى ۋەزىرلىرىم ۋە ئەمىر-ئېسىلزادىلىرىم مېنى ئىزدەپ كەلدى. پادىشاھلىقىم مۇستەھلەملەندى؛ بۇرۇنقىدىنمۇ زور ھەيۋىگە يېڭىباشتىن ئىگە بولدۇم. |
כען אנה נבוכדנצר משבח ומרומם ומהדר למלך שמיא די כל מעבדוהי קשט וארחתה דין ודי מהלכין בגוה יכל להשפלה׃ | 37 |
ئەمدى مەنكى نېبوقادنەسار ئەرشتىكى پادىشاھقا ھەمدۇسانا ئوقۇيمەن، ئۇنى تېخىمۇ ئۇلۇغلايمەن ۋە ئۇنى ئىززەتلەيمەن: ــ ئۇنىڭ قىلغانلىرى ھەقتۇر، ئۇنىڭ يوللىرى توغرىدۇر؛ ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇق يولىدا ماڭغانلارنىڭ ھەيۋىسىنى چۈشۈرۈش قۇدرىتى باردۇر!». |