דברי עמוס אשר היה בנקדים מתקוע אשר חזה על ישראל בימי עזיה מלך יהודה ובימי ירבעם בן יואש מלך ישראל שנתים לפני הרעש׃ | 1 |
ئۇززىيا يەھۇداغا، يوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئام ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، يەر تەۋرەشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى، تەكوئادىكى چارۋىچىلار ئارىسىدىكى ئاموسنىڭ ئىسرائىل توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزلىرى: ــ |
ויאמר יהוה מציון ישאג ומירושלם יתן קולו ואבלו נאות הרעים ויבש ראש הכרמל׃ | 2 |
ئۇ: «پەرۋەردىگار زىئون تېغىدىن ھۆركىرەيدۇ، يېرۇسالېمدىن ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ؛ پادىچىلارنىڭ ئوتلاقلىرى ماتەم تۇتىدۇ، كارمەل چوققىسى غازاڭلىشىدۇ» ــ دېدى. |
כה אמר יהוה על שלשה פשעי דמשק ועל ארבעה לא אשיבנו על דושם בחרצות הברזל את הגלעד׃ | 3 |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «دەمەشقنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار گىلېئادتىكىلەرنى تۆمۈر تىرنىلىق سۆرەملەر بىلەن سوققانىدى؛ |
ושלחתי אש בבית חזאל ואכלה ארמנות בן הדד׃ | 4 |
شۇنداقلا ھازائەلنىڭ ئۆيىگە بىر ئوت ئەۋەتىمەن، ئۇ بەن-ھادادنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ. |
ושברתי בריח דמשק והכרתי יושב מבקעת און ותומך שבט מבית עדן וגלו עם ארם קירה אמר יהוה׃ | 5 |
دەمەشق دەرۋازىسىدىكى تۆمۈر بالداقنى سۇندۇرىۋېتىمەن، ئاۋەن جىلغىسىدا تۇرغۇچىنى، بەيت-ئېدەندە شاھانە ھاسىسىنى تۇتقۇچىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ سۇرىيەنىڭ خەلقى ئەسىرگە چۈشۈپ كىرغا ئېلىپ كېتىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
כה אמר יהוה על שלשה פשעי עזה ועל ארבעה לא אשיבנו על הגלותם גלות שלמה להסגיר לאדום׃ | 6 |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «گازا شەھىرىنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار ئېدومغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە، بارلىق تۇتقۇنلارنى ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتى. |
ושלחתי אש בחומת עזה ואכלה ארמנתיה׃ | 7 |
ھەم مەن گازانىڭ سېپىلىغا ئوت ئەۋەتىمەن، ئۇ ئۇنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ؛ |
והכרתי יושב מאשדוד ותומך שבט מאשקלון והשיבותי ידי על עקרון ואבדו שארית פלשתים אמר אדני יהוה׃ | 8 |
مەن ئاشدودتا تۇرغۇچىنى، ئاشكېلوندا شاھانە ھاسىنى تۇتقۇچىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، ئەكرون شەھىرىگە قارشى قول كۆتۈرىمەن؛ فىلىستىيلەرنىڭ قالدۇقى يوقىلىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. |
כה אמר יהוה על שלשה פשעי צר ועל ארבעה לא אשיבנו על הסגירם גלות שלמה לאדום ולא זכרו ברית אחים׃ | 9 |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «تۇرنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار بارلىق تۇتقۇنلارنى ئېدومغا تاپشۇرۇۋەتتى، شۇنداقلا قېرىنداشلىق ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالمىدى. |
ושלחתי אש בחומת צר ואכלה ארמנותיה׃ | 10 |
ھەم مەن تۇرنىڭ سېپىلىغا ئوت ئەۋەتىمەن، ئوت ئۇنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ. |
כה אמר יהוה על שלשה פשעי אדום ועל ארבעה לא אשיבנו על רדפו בחרב אחיו ושחת רחמיו ויטרף לעד אפו ועברתו שמרה נצח׃ | 11 |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئېدومنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇ بارلىق رەھىم-شەپقەتنى تاشلىۋېتىپ، قىلىچ بىلەن ئۆز قېرىندىشىنى قوغلىغان؛ ئۇ يىرىلغۇدەك غەزەپتە بولۇپ، دەرغەزىپتە بولغان ھالىتىنى ھەمىشە ساقلايدۇ؛ |
ושלחתי אש בתימן ואכלה ארמנות בצרה׃ | 12 |
ھەم مەن تېمان شەھىرىگە ئوت ئەۋەتىمەن، ئوت بوزراھنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ». |
כה אמר יהוה על שלשה פשעי בני עמון ועל ארבעה לא אשיבנו על בקעם הרות הגלעד למען הרחיב את גבולם׃ | 13 |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئامموننىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار چېگرىمىزنى كېڭەيتىمىز دەپ، گىلېئادتىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساقلىرىنى يېرىۋەتتى. |
והצתי אש בחומת רבה ואכלה ארמנותיה בתרועה ביום מלחמה בסער ביום סופה׃ | 14 |
ھەم مەن رابباھنىڭ سېپىلىغا ئوت ياقىمەن، جەڭ كۈنىدە قىيا-چىيالار ئىچىدە، قارا قۇيۇننىڭ كۈنىدە قاتتىق بوران ئىچىدە، ئوت ئۇنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ؛ |
והלך מלכם בגולה הוא ושריו יחדו אמר יהוה׃ | 15 |
ھەم ئۇلارنىڭ پادىشاھى ئەسىرگە چۈشىدۇ، ــ ئۇ ئەمىرلىرى بىلەن بىللە ئەسىرگە چۈشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |