וישלח המלך ויאספו אליו כל זקני יהודה וירושלם׃ | 1 |
پادىشاھ ئادەملەرنى ئەۋەتىپ، يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرىنى ئۆز قېشىغا چاقىرتىپ كەلدى. |
ויעל המלך בית יהוה וכל איש יהודה וכל ישבי ירושלם אתו והכהנים והנביאים וכל העם למקטן ועד גדול ויקרא באזניהם את כל דברי ספר הברית הנמצא בבית יהוה׃ | 2 |
پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقتى؛ بارلىق يەھۇدادىكى ئەر كىشىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى، كاھىنلار بىلەن پەيغەمبەرلەر، يەنى بارلىق خەلق، ئەڭ كىچىكىدىن تارتىپ چوڭىغىچە ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىقتى. ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تېپىلغان ئەھدە كىتابىنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى ئۇلارغا ئوقۇپ بەردى. |
ויעמד המלך על העמוד ויכרת את הברית לפני יהוה ללכת אחר יהוה ולשמר מצותיו ואת עדותיו ואת חקתיו בכל לב ובכל נפש להקים את דברי הברית הזאת הכתבים על הספר הזה ויעמד כל העם בברית׃ | 3 |
پادىشاھ تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا: ــ پەرۋەردىگارغا ئەگىشىپ پۈتۈن قەلبىم ۋە پۈتكۈل جېنىم بىلەن ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى، ھۆكۈم-گۇۋاھلىقلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ، ئۇشبۇ كىتابتا پۈتۈلگەن ئەھدىگە ئەمەل قىلىمەن دەپ ئەھدىگە ئۆزىنى باغلىدى. شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسىمۇ ئەھدە ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئۆزىنى باغلىدى. |
ויצו המלך את חלקיהו הכהן הגדול ואת כהני המשנה ואת שמרי הסף להוציא מהיכל יהוה את כל הכלים העשוים לבעל ולאשרה ולכל צבא השמים וישרפם מחוץ לירושלם בשדמות קדרון ונשא את עפרם בית אל׃ | 4 |
ئاندىن كېيىن پادىشاھ باش كاھىن ھىلقىيا بىلەن ئورۇن باسار كاھىنلارغا ۋە ھەم دەرۋازىۋەنلەرگە: ــ بائالغا، ئاشەراھ بۇتىغا ۋە ئاسماننىڭ بارلىق قوشۇنىغا ئاتاپ ياسالغان بارلىق ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن چىقىرىۋېتىڭلار، دەپ ئەمر قىلدى؛ ئۇ بۇلارنى يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدا، كىدرون ئېتىزلىقىدا كۆيدۈردى ۋە كۈللىرىنى بەيت-ئەلگە ئېلىپ باردى. |
והשבית את הכמרים אשר נתנו מלכי יהודה ויקטר בבמות בערי יהודה ומסבי ירושלם ואת המקטרים לבעל לשמש ולירח ולמזלות ולכל צבא השמים׃ | 5 |
ئۇ يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ يەھۇدا شەھەرلىرىدىكى «يۇقىرى جايلار»دا ھەمدە يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپلىرىدىكى «يۇقىرى جايلار»دا خۇشبۇي ياندۇرۇشقا تىكلىگەن بۇت كاھىنلىرىنى، شۇنىڭدەك بائالغا، قۇياشقا، ئايغا، يۇلتۇز تۈركۈملىرىگە ھەمدە ئاسماننىڭ بارلىق قوشۇنىغا خۇشبۇي ياققۇچىلارنى ئىشتىن ھەيدىۋەتتى. |
ויצא את האשרה מבית יהוה מחוץ לירושלם אל נחל קדרון וישרף אתה בנחל קדרון וידק לעפר וישלך את עפרה על קבר בני העם׃ | 6 |
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن ئاشەراھ بۇتنى ئېلىپ چىقىپ يېرۇسالېمنىڭ سىرتىغا ئېلىپ بېرىپ، كىدرون جىلغىسىغا ئاپىرىپ شۇ يەردە كۆيدۈرۈپ كۇكۇم-تالقان قىلىپ ئېزىپ، توپىسىنى ئاددىي پۇقرالارنىڭ قەبرىلىرى ئۈستىگە چېچىۋەتتى. |
ויתץ את בתי הקדשים אשר בבית יהוה אשר הנשים ארגות שם בתים לאשרה׃ | 7 |
ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە جايلاشقان بەچچىۋازلارنىڭ تۇرالغۇلىرىنى چېقىپ غۇلاتتى؛ بۇ ئۆيلەردە يەنە ئاياللار ئاشەراھ بۇتقا چېدىر توقۇيتتى. |
ויבא את כל הכהנים מערי יהודה ויטמא את הבמות אשר קטרו שמה הכהנים מגבע עד באר שבע ונתץ את במות השערים אשר פתח שער יהושע שר העיר אשר על שמאול איש בשער העיר׃ | 8 |
ئۇ يەھۇدا شەھەرلىرىدىن بارلىق كاھىنلارنى چاقىرتىپ، ئۆزىگە يىغدى. ئاندىن ئۇ گەبادىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە كاھىنلار خۇشبۇي ياقىدىغان «يۇقىرى جايلار»نى بۇزۇپ بۇلغىۋەتتى؛ ئۇ «دەرۋازىلاردىكى يۇقىرى جايلار»نى چېقىپ بۇزدى؛ بۇلار «شەھەر باشلىقى يەشۇئانىڭ قۇۋىقى»نىڭ يېنىدا، يەنى شەھەر قۇۋىقىغا كىرىش يولىنىڭ سول تەرىپىدە ئىدى |
אך לא יעלו כהני הבמות אל מזבח יהוה בירושלם כי אם אכלו מצות בתוך אחיהם׃ | 9 |
(ئەمدى «يۇقىرى جايلار»دىكى كاھىنلارنىڭ يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىغا چىقىشى چەكلەنگەنىدى؛ لېكىن ئۇلار داۋاملىق ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن بىرگە پىتىر نانلاردىن يېيىشىگە مۇيەسسەر ئىدى). |
וטמא את התפת אשר בגי בני הנם לבלתי להעביר איש את בנו ואת בתו באש למלך׃ | 10 |
يوسىيا ھېچكىم ئۆز ئوغلى ياكى قىزىنى مولەككە ئاتاپ ئوتتىن ئۆتكۈزمىسۇن دەپ، ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسىدىكى توفەتنىمۇ بۇزۇپ بۇلغىۋەتتى. |
וישבת את הסוסים אשר נתנו מלכי יהודה לשמש מבא בית יהוה אל לשכת נתן מלך הסריס אשר בפרורים ואת מרכבות השמש שרף באש׃ | 11 |
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغان يولنىڭ ئېغىزىدا يەھۇدا پادىشاھلىرى قۇياشقا تەقدىم قىلىپ قويغان ئاتلارنى شۇ يەردىن يۆتكەپ، «قۇياش ھارۋىلىرى»نى ئوتتا كۆيدۈردى (ئۇلار [ئىبادەتخانىنىڭ] ھويلىلىرىغا جايلاشقان، ناتان-مەلەك دېگەن ئاغۋاتنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا تۇراتتى). |
ואת המזבחות אשר על הגג עלית אחז אשר עשו מלכי יהודה ואת המזבחות אשר עשה מנשה בשתי חצרות בית יהוה נתץ המלך וירץ משם והשליך את עפרם אל נחל קדרון׃ | 12 |
پادىشاھ يەنە يەھۇدا پادىشاھلىرى ئاھازنىڭ بالىخانىسىنىڭ ئۆگزىسىدە سالدۇرغان قۇربانگاھلارنى ۋە ماناسسەھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىككى ھويلىسىغا ياساتقان قۇربانگاھلارنى چېقىپ كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتتى؛ ئۇ ئۇلارنىڭ توپىسىنى ئۇ يەردىن ئېلىپ، كىدرون جىلغىسىغا چېچىۋەتتى. |
ואת הבמות אשר על פני ירושלם אשר מימין להר המשחית אשר בנה שלמה מלך ישראל לעשתרת שקץ צידנים ולכמוש שקץ מואב ולמלכם תועבת בני עמון טמא המלך׃ | 13 |
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سۇلايمان يېرۇسالېمنىڭ مەشرىق تەرىپىگە ۋە «ھالاك تېغى»نىڭ جەنۇبىغا زىدونىيلارنىڭ يىرگىنچلىك بۇتى ئاشتاروت، موئابىيلارنىڭ يىرگىنچلىك بۇتى كېموش ۋە ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك بۇتى مىلكومغا ئاتاپ ياساتقان «يۇقىرى جايلار»نىمۇ پادىشاھ بۇزۇپ بۇلغىۋەتتى. |
ושבר את המצבות ויכרת את האשרים וימלא את מקומם עצמות אדם׃ | 14 |
ئۇ بۇت تۈۋرۈكلەرنى پارچىلاپ، ئاشەراھ بۇتلىرىنى كېسىپ يىقىتىپ، ئۇلار تۇرغان يەرلەرنى ئادەم سۆڭەكلىرى بىلەن تولدۇردى. |
וגם את המזבח אשר בבית אל הבמה אשר עשה ירבעם בן נבט אשר החטיא את ישראל גם את המזבח ההוא ואת הבמה נתץ וישרף את הבמה הדק לעפר ושרף אשרה׃ | 15 |
ئۇ يەنە ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان، نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام بەيت-ئەلدە سالدۇرغان قۇربانگاھ بىلەن «يۇقىرى جاي»نى، ئۇلارنى بۇزۇپ چاقتى، ئاندىن كېيىن «يۇقىرى جاي»نى كۆيدۈرۈپ كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتتى، ئاشەراھ بۇتىنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتتى. |
ויפן יאשיהו וירא את הקברים אשר שם בהר וישלח ויקח את העצמות מן הקברים וישרף על המזבח ויטמאהו כדבר יהוה אשר קרא איש האלהים אשר קרא את הדברים האלה׃ | 16 |
يوسىيا بۇرۇلۇپ قاراپ، تاغدىكى قەبرىلەرنى كۆرۈپ، ئادەم ئەۋەتىپ قەبرىلەردىكى سۆڭەكلەرنى كولاپ چىقىرىپ، قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈردى، شۇ يول بىلەن ئۇنى بۇلغىۋەتتى. بۇ ئىشلار پەرۋەردىگارنىڭ كالامىنى يەتكۈزۈپ، دەل ئۇلارنى ئالدىنئالا بېشارەت قىلىپ جاكارلىغان خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئىدى. |
ויאמר מה הציון הלז אשר אני ראה ויאמרו אליו אנשי העיר הקבר איש האלהים אשר בא מיהודה ויקרא את הדברים האלה אשר עשית על המזבח בית אל׃ | 17 |
ئاندىن يوسىيا: كۆز ئالدىمدىكى بۇ قەبرە تېشى كىمنىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. شەھەردىكىلەر ئۇنىڭغا: بۇ يەھۇدادىن كەلگەن، سىلىنىڭ بەيت-ئەلدىكى قۇربانگاھنى بۇزغان مۇشۇ ئىشلىرىنى بېشارەت قىلغان خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قەبرىسى ئىكەن، دېدى. |
ויאמר הניחו לו איש אל ינע עצמתיו וימלטו עצמתיו את עצמות הנביא אשר בא משמרון׃ | 18 |
يوسىيا: ــ ئۇنى قويۇڭلار، ھېچكىم ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنى مىدىرلاتمىسۇن، دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى بىلەن سامارىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەرنىڭ سۆڭەكلىرىگە ھېچكىمنى تەگكۈزمىدى. |
וגם את כל בתי הבמות אשר בערי שמרון אשר עשו מלכי ישראל להכעיס הסיר יאשיהו ויעש להם ככל המעשים אשר עשה בבית אל׃ | 19 |
ئاندىن يوسىيا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان، سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىدە ياساتقان «يۇقىرى جايلار»دىكى بارلىق ئۆيلەرنى چاقتى؛ ئۇ ئۇلارنى بەيت-ئەلدە قىلغاندەك قىلىپ، يوقاتتى. |
ויזבח את כל כהני הבמות אשר שם על המזבחות וישרף את עצמות אדם עליהם וישב ירושלם׃ | 20 |
ئۇ ئۇ يەرلەردىكى «يۇقىرى جايلار»غا خاس بولغان ھەممە كاھىنلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈپ، قۇربانلىق قىلدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئادەم سۆڭەكلىرىنى كۆيدۈردى؛ ئۇ ئاخىردا يېرۇسالېمغا يېنىپ باردى. |
ויצו המלך את כל העם לאמר עשו פסח ליהוה אלהיכם ככתוב על ספר הברית הזה׃ | 21 |
پادىشاھ بارلىق خەلققە يارلىق چۈشۈرۈپ: ــ بۇ ئەھدە كىتابىدا پۈتۈلگەندەك، خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈڭلار، دەپ بۇيرۇدى. |
כי לא נעשה כפסח הזה מימי השפטים אשר שפטו את ישראל וכל ימי מלכי ישראל ומלכי יהודה׃ | 22 |
«باتۇر ھاكىملار» ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگەن كۈنلەردىن تارتىپ، نە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىدا نە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىدا ئۇنداق بىر «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغانىدى؛ |
כי אם בשמנה עשרה שנה למלך יאשיהו נעשה הפסח הזה ליהוה בירושלם׃ | 23 |
يوسىيا پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلىدا، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بۇ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزۈلدى. |
וגם את האבות ואת הידענים ואת התרפים ואת הגללים ואת כל השקצים אשר נראו בארץ יהודה ובירושלם בער יאשיהו למען הקים את דברי התורה הכתבים על הספר אשר מצא חלקיהו הכהן בית יהוה׃ | 24 |
شۇنىڭدەك يوسىيا يەھۇدا يۇرتىدا ۋە يېرۇسالېمدا پەيدا بولغان جىنكەشلەر ۋە پالچىلارنى، تەرافىم مەبۇدلىرى، ھەرقانداق بۇتلار ۋە بارلىق باشقا لەنەتلىك نەرسىلەرنى زېمىندىن يوقاتتى. ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىنىڭ مەقسىتى، ھىلقىيا كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن تاپقان كىتابتا خاتىرىلەنگەن تەۋراتتىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. |
וכמהו לא היה לפניו מלך אשר שב אל יהוה בכל לבבו ובכל נפשו ובכל מאדו ככל תורת משה ואחריו לא קם כמהו׃ | 25 |
ئۇنىڭدەك مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇنغا ئىنتىلىپ پۈتۈن قەلبى، پۈتۈن جېنى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن پەرۋەردىگارغا قايتىپ، ئۆزىنى بېغىشلىغان بىر پادىشاھ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بولمىغانىدى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بىرسى بولۇپ باقمىدى. |
אך לא שב יהוה מחרון אפו הגדול אשר חרה אפו ביהודה על כל הכעסים אשר הכעיסו מנשה׃ | 26 |
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ئاچچىقى ماناسسەھنىڭ ئۆزىنى رەنجىتكەن بارلىق رەزىللىكلىرى تۈپەيلىدىن يەھۇداغا تۇتاشقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ شىددەتلىك غەزىپىدىن يانمىدى. |
ויאמר יהוה גם את יהודה אסיר מעל פני כאשר הסרתי את ישראל ומאסתי את העיר הזאת אשר בחרתי את ירושלם ואת הבית אשר אמרתי יהיה שמי שם׃ | 27 |
پەرۋەردىگار: ــ ئىسرائىلنى تاشلىغاندەك يەھۇدانىمۇ ئۆز كۆزۈمدىن نېرى قىلىمەن ۋە ئۆزۈم تاللىغان بۇ شەھەر يېرۇسالېمنى ۋە مەن: ــ «مېنىڭ نامىم شۇ يەردە بولىدۇ» دېگەن شۇ ئىبادەتخانىنى تەرك قىلىمەن، دېدى. |
ויתר דברי יאשיהו וכל אשר עשה הלא הם כתובים על ספר דברי הימים למלכי יהודה׃ | 28 |
يوسىيانىڭ باشقا ئەمەللىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ |
בימיו עלה פרעה נכה מלך מצרים על מלך אשור על נהר פרת וילך המלך יאשיהו לקראתו וימיתהו במגדו כראתו אתו׃ | 29 |
ئۇنىڭ كۈنلىرىدە مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋن-نەكو ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا ھۇجۇم قىلغىلى ئەفرات دەرياسىغا باردى. ئۇ چاغدا يوسىيا پادىشاھ پىرەۋن بىلەن سوقۇشۇشقا چىقتى؛ لېكىن پىرەۋن ئۇنى كۆرۈپ مەگىددودا ئۇنى ئۆلتۈردى. |
וירכבהו עבדיו מת ממגדו ויבאהו ירושלם ויקברהו בקברתו ויקח עם הארץ את יהואחז בן יאשיהו וימשחו אתו וימליכו אתו תחת אביו׃ | 30 |
خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى جەڭ ھارۋىسىغا سېلىپ مەگىددودىن يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى ئۆز قەبرىسىدە دەپنە قىلدى. يۇرت خەلقى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاھازنى مەسىھ قىلىپ، ئاتىسىنىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلدى. |
בן עשרים ושלש שנה יהואחז במלכו ושלשה חדשים מלך בירושלם ושם אמו חמוטל בת ירמיהו מלבנה׃ | 31 |
يەھوئاھاز پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە ئۈچ ياشتا بولۇپ، ئۈچ ئاي يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ھامۇتال ئىدى؛ ئۇ لىبناھلىق يەرەمىيانىڭ قىزى ئىدى. |
ויעש הרע בעיני יהוה ככל אשר עשו אבתיו׃ | 32 |
يەھوئاھاز بوۋىلىرى بارلىق قىلغانلىرىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. |
ויאסרהו פרעה נכה ברבלה בארץ חמת במלך בירושלם ויתן ענש על הארץ מאה ככר כסף וככר זהב׃ | 33 |
ئەمدى پىرەۋن-نەكو ئۇنىڭ يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى خامات يۇرتىدىكى رىبلاھدا سولاپ قويدى ۋە [يەھۇدا] زېمىنىغا يۈز تالانت كۈمۈش بىلەن بىر تالانت ئالتۇن سېلىق چۈشۈردى. |
וימלך פרעה נכה את אליקים בן יאשיהו תחת יאשיהו אביו ויסב את שמו יהויקים ואת יהואחז לקח ויבא מצרים וימת שם׃ | 34 |
ئاندىن پىرەۋن-نەكو يوسىيانىڭ ئوغلى ئېلىئاكىمنى ئاتىسىنىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلىپ، ئىسمىنى يەھوئاكىمغا ئۆزگەرتتى. ئۇ يەھوئاھازنى ئۆزى بىلەن مىسىرغا ئېلىپ كەتتى؛ يەھوئاھاز مىسىرغا كېلىپ شۇ يەردە ئۆلدى. |
והכסף והזהב נתן יהויקים לפרעה אך העריך את הארץ לתת את הכסף על פי פרעה איש כערכו נגש את הכסף ואת הזהב את עם הארץ לתת לפרעה נכה׃ | 35 |
يەھوئاكىم كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى پىرەۋنگە بەردى؛ لېكىن پىرەۋننىڭ شۇ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىپ پۇلنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن يۇرتقا ھەربىر ئادەمنىڭ چامىغا قاراپ باج-ئالۋان قويغانىدى؛ ئالتۇن ۋە كۈمۈشنى ئۇ يۇرتنىڭ خەلقىدىن، ھەربىرىگە سالغان ئۆلچەم بويىچە پىرەۋن-نەكوغا بېرىشكە يىغقانىدى. |
בן עשרים וחמש שנה יהויקים במלכו ואחת עשרה שנה מלך בירושלם ושם אמו זבידה בת פדיה מן רומה׃ | 36 |
يەھوئاكىم پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بەش ياشتا بولۇپ، ئون بىر يىل يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى زىبىداھ ئىدى؛ ئۇ رۇماھلىق پەدئايانىڭ قىزى ئىدى. |
ויעש הרע בעיני יהוה ככל אשר עשו אבתיו׃ | 37 |
يەھوئاكىم بوۋىلىرى بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى. |