ולאחאב שבעים בנים בשמרון ויכתב יהוא ספרים וישלח שמרון אל שרי יזרעאל הזקנים ואל האמנים אחאב לאמר׃ | 1 |
ئەمدى سامارىيەدە ئاھابنىڭ يەتمىش ئوغلى بار ئىدى. يەھۇ خەتلەرنى يېزىپ سامارىيەگە، يەنى يىزرەئەلدىكى ئەمەلدار-ئاقساقاللارغا ۋە ئاھابنىڭ جەمەتىدىكى پاسىبانلارغا ئەۋەتتى. خەتلەردە مۇنداق دېيىلدى: ــ |
ועתה כבא הספר הזה אליכם ואתכם בני אדניכם ואתכם הרכב והסוסים ועיר מבצר והנשק׃ | 2 |
«سىلەر بىلەن بىللە غوجاڭلارنىڭ ئوغۇللىرى، جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلار، قورغانلىق شەھەر ۋە ساۋۇت-قوراللارمۇ باردۇر؛ شۇنداق بولغاندىن كېيىن بۇ خەت سىلەرگە تەگكەندە، |
וראיתם הטוב והישר מבני אדניכם ושמתם על כסא אביו והלחמו על בית אדניכם׃ | 3 |
ئۆز غوجاڭلارنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەڭ ياخشىسىنى تاللاپ، ئۆز ئاتىسىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپ، غوجاڭلارنىڭ جەمەتى ئۈچۈن سوقۇشقا چىقىڭلار!». |
ויראו מאד מאד ויאמרו הנה שני המלכים לא עמדו לפניו ואיך נעמד אנחנו׃ | 4 |
لېكىن ئۇلار دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ ئىنتايىن قورقۇشۇپ: مانا ئىككى پادىشاھ ئۇنىڭ ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالمىغان يەردە، بىز قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالايمىز؟ ــ دېيىشتى. |
וישלח אשר על הבית ואשר על העיר והזקנים והאמנים אל יהוא לאמר עבדיך אנחנו וכל אשר תאמר אלינו נעשה לא נמליך איש הטוב בעיניך עשה׃ | 5 |
شۇنىڭ بىلەن ئوردا بېشى، شەھەر باشلىقى، ئاقساقاللار بىلەن پاسىبانلار يەھۇغا خەۋەر يەتكۈزۈپ: بىز سېنىڭ قۇللىرىڭمىز؛ سەن ھەرنېمە بۇيرۇساڭ شۇنى قىلىمىز؛ ھېچكىمنى پادىشاھ قىلمايمىز. ساڭا نېمە مۇۋاپىق كۆرۈنسە شۇنى قىلغىن، دەپ ئېيتتى. |
ויכתב אליהם ספר שנית לאמר אם לי אתם ולקלי אתם שמעים קחו את ראשי אנשי בני אדניכם ובאו אלי כעת מחר יזרעאלה ובני המלך שבעים איש את גדלי העיר מגדלים אותם׃ | 6 |
يەھۇ ئىككىنچى خەتنى يېزىپ، خەتتە: ــ «ئەگەر مەن تەرەپتە بولۇپ، مېنىڭ سۆزلىرىمگە كىرىشكە رازى بولساڭلار ئۆز غوجاڭلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ باشلىرىنى ئېلىپ، ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا يىزرەئەلگە، مېنىڭ قېشىمغا ئۇلارنى كەلتۈرۈڭلار. ئەمدى پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى يەتمىش كىشى بولۇپ، ئۆزلىرىنى باققان شەھەرنىڭ ئۇلۇغلىرىنىڭ قېشىدا تۇراتتى. |
ויהי כבא הספר אליהם ויקחו את בני המלך וישחטו שבעים איש וישימו את ראשיהם בדודים וישלחו אליו יזרעאלה׃ | 7 |
خەت ئۇلارغا تەگكەندە ئۇلار شاھزادىلەرنى، يەتمىشەيلەننىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ، باشلىرىنى سېۋەتلەرگە سېلىپ، يىزرەئەلگە يەھۇغا ئەۋەتتى. |
ויבא המלאך ויגד לו לאמר הביאו ראשי בני המלך ויאמר שימו אתם שני צברים פתח השער עד הבקר׃ | 8 |
بىر خەۋەرچى كېلىپ يەھۇغا: ئۇلار شاھزادىلەرنىڭ باشلىرىنى ئېلىپ كەلدى، دەپ خەۋەر بەرگەندە، ئۇ: ئۇلارنى ئىككى دۆۋە قىلىپ، دەرۋازىنىڭ ئالدىدا ئەتە ئەتىگەنگىچە قويۇڭلار، دېدى. |
ויהי בבקר ויצא ויעמד ויאמר אל כל העם צדקים אתם הנה אני קשרתי על אדני ואהרגהו ומי הכה את כל אלה׃ | 9 |
ئەتىگەندە ئۇ چىقىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ پۈتكۈل خالايىققا: سىلەر بىگۇناھسىلەر؛ مانا، مەن ئۆزۈم غوجامغا قەست قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈردۈم؛ لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كىم چېپىپ ئۆلتۈردى؟ |
דעו אפוא כי לא יפל מדבר יהוה ארצה אשר דבר יהוה על בית אחאב ויהוה עשה את אשר דבר ביד עבדו אליהו׃ | 10 |
ئەمدى شۇنى بىلىڭلاركى، پەرۋەردىگارنىڭ ھېچ سۆزى، يەنى پەرۋەردىگار ئاھابنىڭ جەمەتى توغرىسىدا ئېيتقىنىدىن ھېچبىر سۆز يەردە قالمايدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز قۇلى ئىلىياس ئارقىلىق ئېيتقىنىغا ئەمەل قىلدى، ــ دېدى. |
ויך יהוא את כל הנשארים לבית אחאב ביזרעאל וכל גדליו ומידעיו וכהניו עד בלתי השאיר לו שריד׃ | 11 |
ئاندىن كېيىن يەھۇ يىزرەئەلدە ئاھابنىڭ جەمەتىدىن قالغانلارنىڭ ھەممىسى، ئۇنىڭ تەرىپىدىكى بارلىق ئەربابلار، دوست-ئاغىنىلىرى ۋە كاھىنلىرىنى ھېچ كىمنى قالدۇرماي ئۆلتۈردى. |
ויקם ויבא וילך שמרון הוא בית עקד הרעים בדרך׃ | 12 |
ئاندىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، سامارىيەگە باردى. يولدا كېتىۋېتىپ «پادىچىلارغا تەۋە بەيت-ئەكەد»كە يەتكەندە |
ויהוא מצא את אחי אחזיהו מלך יהודה ויאמר מי אתם ויאמרו אחי אחזיהו אנחנו ונרד לשלום בני המלך ובני הגבירה׃ | 13 |
يەھۇ يەھۇدا پادىشاھى ئاھازىيانىڭ قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇ ئۇلاردىن: سىلەر كىم؟ ــ دەپ سورىدى. «ئاھازىيانىڭ قېرىنداشلىرى، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە خانىشنىڭ ئوغۇللىرىدىن ھال سورىغىلى بارىمىز، دېدى. |
ויאמר תפשום חיים ויתפשום חיים וישחטום אל בור בית עקד ארבעים ושנים איש ולא השאיר איש מהם׃ | 14 |
ئۇ: ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار! دەپ بۇيرۇدى. ئاندىن ئادەملىرى ئۇلارنى تىرىك تۇتتى، ئاندىن ھەممىسىنى بەيت-ئەكەدنىڭ قۇدۇقىنىڭ يېنىدا ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنى قويمىدى. ئۇلار جەمئىي قىرىق ئىككى ئادەم ئىدى. |
וילך משם וימצא את יהונדב בן רכב לקראתו ויברכהו ויאמר אליו היש את לבבך ישר כאשר לבבי עם לבבך ויאמר יהונדב יש ויש תנה את ידך ויתן ידו ויעלהו אליו אל המרכבה׃ | 15 |
ئۇ ئۇ يەردىن كېتىپ بارغاندا ئۇنىڭ ئالدىغا چىققان رەكابنىڭ ئوغلى يەھونادابقا يولۇقتى. ئۇ ئۇنىڭغا سالام قىلىپ: مېنىڭ كۆڭلۈم ساڭا سادىق بولغاندەك، سېنىڭ كۆڭلۈڭمۇ ماڭا سادىقمۇ؟ ــ دېدى. سادىق، دېدى يەھوناداب. يەھۇ: ــ ئۇنداق بولسا قولۇڭنى ماڭا بەرگىن، دېدى. ئۇ قولىنى بېرىۋىدى، يەھۇ ئۇنى جەڭ ھارۋىسىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۆز يېنىدا جاي بېرىپ |
ויאמר לכה אתי וראה בקנאתי ליהוה וירכבו אתו ברכבו׃ | 16 |
ئۇنىڭغا: مەن بىلەن بېرىپ، پەرۋەردىگارغا بولغان قىزغىنلىقىمنى كۆرگىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى جەڭ ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ ھەيدەپ ماڭدى. |
ויבא שמרון ויך את כל הנשארים לאחאב בשמרון עד השמידו כדבר יהוה אשר דבר אל אליהו׃ | 17 |
ئۇ سامارىيەگە كەلگەندە ئاھابنىڭ جەمەتىدىن سامارىيەدە قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تۈگەتكۈچە ئۆلتۈردى. بۇ ئىش پەرۋەردىگارنىڭ ئىلىياسقا ئېيتقان سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئىدى. |
ויקבץ יהוא את כל העם ויאמר אלהם אחאב עבד את הבעל מעט יהוא יעבדנו הרבה׃ | 18 |
ئاندىن يەھۇ ھەممە خالايىقنى يىغدۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئاھاب بائالنىڭ خىزمىتىنى ئاز قىلغان، لېكىن يەھۇ ئۇنىڭ خىزمىتىنى كۆپ قىلىدۇ. |
ועתה כל נביאי הבעל כל עבדיו וכל כהניו קראו אלי איש אל יפקד כי זבח גדול לי לבעל כל אשר יפקד לא יחיה ויהוא עשה בעקבה למען האביד את עבדי הבעל׃ | 19 |
بۇنىڭ ئۈچۈن بائالنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرىنى، ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولغانلارنىڭ ھەممىسى بىلەن بارلىق كاھىنلىرىنى ماڭا چاقىرىڭلار؛ ھېچكىم قالمىسۇن، چۈنكى بائالغا چوڭ قۇربانلىق سۇنغۇم بار؛ ھەركىم ھازىر بولمىسا جېنىدىن مەھرۇم بولىدۇ، دېدى. لېكىن يەھۇ بۇ ئىشنى بائالپەرەسلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن ھىيلىگەرلىك بىلەن قىلدى. |
ויאמר יהוא קדשו עצרה לבעל ויקראו׃ | 20 |
شۇنىڭ بىلەن يەھۇ: بائالغا خاس بىر ھېيت بېكىتىڭلار، دېۋىدى، ئۇلار شۇنداق ئېلان قىلدى. |
וישלח יהוא בכל ישראל ויבאו כל עבדי הבעל ולא נשאר איש אשר לא בא ויבאו בית הבעל וימלא בית הבעל פה לפה׃ | 21 |
يەھۇ پۈتكۈل ئىسرائىلغا تەكلىپ ئەۋەتكەندە، بارلىق بائالپەرەسلەر كەلدى؛ ئۇلاردىن ھېچبىرى كەم قالماي كەلدى. ئۇلار بائالنىڭ بۇتخانىسىغا كىردى؛ شۇنىڭ بىلەن بائالنىڭ بۇتخانىسى بۇ بېشىدىن يەنە بىر بېشىغىچە لىق تولدى. |
ויאמר לאשר על המלתחה הוצא לבוש לכל עבדי הבעל ויצא להם המלבוש׃ | 22 |
ئۇ [مۇراسىم] كىيىمى بېگىگە: ھەممە بائالپەرەسلەرگە [ئىبادەت] كىيىملىرىنى ئەچىقىپ بەر، دېۋىدى، ئۇ كىيىملەرنى ئۇلارغا ئەچىقىپ بەردى. |
ויבא יהוא ויהונדב בן רכב בית הבעל ויאמר לעבדי הבעל חפשו וראו פן יש פה עמכם מעבדי יהוה כי אם עבדי הבעל לבדם׃ | 23 |
يەھۇ بىلەن رەكابنىڭ ئوغلى يەھوناداب بائالنىڭ بۇتخانىسىغا كىرىپ بائالپەرەسلەرگە: تەكشۈرۈپ بېقىڭلار، بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ بەندىلىرىدىن ھېچبىرى بولمىسۇن، بەلكى پەقەت بائالپەرەسلەر بولسۇن، دېدى. |
ויבאו לעשות זבחים ועלות ויהוא שם לו בחוץ שמנים איש ויאמר האיש אשר ימלט מן האנשים אשר אני מביא על ידיכם נפשו תחת נפשו׃ | 24 |
ئۇلار تەشەككۈر قۇربانلىقلىرى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ئۆتكۈزگىلى كىردى. يەھۇ سەكسەن ئادىمىنى تېشىدا قويۇپ ئۇلارغا: مەن سىلەرنىڭ ئىلكىڭلارغا تاپشۇرغان بۇ ئادەملەردىن بىرسى قولۇڭلاردىن قېچىپ كەتسە، جېنىنىڭ ئورنىدا جان بېرىسىلەر، دېدى. |
ויהי ככלתו לעשות העלה ויאמר יהוא לרצים ולשלשים באו הכום איש אל יצא ויכום לפי חרב וישלכו הרצים והשלשים וילכו עד עיר בית הבעל׃ | 25 |
ئۇلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ئۆتكۈزۈپ بولۇشىغىلا، يەھۇ ئوردا پاسىبانلىرى ۋە سەردارلارغا: كىرىپ ئۇلارنى قەتل قىلىپ، ھېچكىمنى چىققىلى قويماڭلار، دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئوردا پاسىبانلىرى بىلەن سەردارلار ئۇلارنى قىلىچ بىسى بىلەن قەتل قىلىپ، ئۆلۈكلەرنى شۇ يەرگە تاشلىۋەتتى. ئاندىن بائالنىڭ بۇتخانىسىنىڭ ئىچكىرىگە كىرىپ |
ויצאו את מצבות בית הבעל וישרפוה׃ | 26 |
بۇت تۈۋرۈكلەرنى بائالنىڭ بۇتخانىسىدىن ئېلىپ چىقىپ كۆيدۈرۈۋەتتى. |
ויתצו את מצבת הבעל ויתצו את בית הבעל וישמהו למחראות עד היום׃ | 27 |
ئۇلار يەنە بائالنىڭ تۈۋرۈك-ھەيكىلىنى چېقىپ، بائالنىڭ بۇتخانىسىنى يىقىتىپ ئۇنى بۈگۈنگە قەدەر ھاجەتخانىغا ئايلاندۇردى. |
וישמד יהוא את הבעל מישראל׃ | 28 |
يەھۇ شۇ يول بىلەن بائالنى ئىسرائىل ئىچىدىن يوق قىلدى. |
רק חטאי ירבעם בן נבט אשר החטיא את ישראל לא סר יהוא מאחריהם עגלי הזהב אשר בית אל ואשר בדן׃ | 29 |
يەھۇ نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھلىرىدىن، يەنى بەيت-ئەل بىلەن داندىكى ئالتۇن موزاي بۇتلىرىدىن ئۆزىنى يىغمىدى. |
ויאמר יהוה אל יהוא יען אשר הטיבת לעשות הישר בעיני ככל אשר בלבבי עשית לבית אחאב בני רבעים ישבו לך על כסא ישראל׃ | 30 |
پەرۋەردىگار يەھۇغا: سەن ئوبدان قىلدىڭ؛ مېنىڭ نەزىرىمگە مۇۋاپىق كۆرۈنگىنىنى ئادا قىلىپ، ئاھابنىڭ جەمەتىگە كۆڭلۈمدىكى ھەممە نىيەتنى بەجا قىلىپ پۈتكۈزگىنىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ ئوغۇللىرىڭ تۆتىنچى نەسلىگىچە ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدۇ، دېدى. |
ויהוא לא שמר ללכת בתורת יהוה אלהי ישראל בכל לבבו לא סר מעל חטאות ירבעם אשר החטיא את ישראל׃ | 31 |
لېكىن يەھۇ پۈتۈن قەلبىدىن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس قانۇنىدا مېڭىشقا كۆڭۈل بۆلمىدى؛ ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن نېرى تۇرمىدى. |
בימים ההם החל יהוה לקצות בישראל ויכם חזאל בכל גבול ישראל׃ | 32 |
شۇ كۈنلەردە پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ زېمىنىنى كېسىپ-كېسىپ ئازايتىشقا باشلىدى. چۈنكى ھازائەل ئىئوردان دەرياسىنىڭ مەشرىق تەرىپىدىن باشلاپ ئىسرائىلنىڭ چېگرالىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى؛ ئۇ بارلىق گىلېئاد يۇرتىنى، ئارنون جىلغىسىنىڭ يېنىدىكى ئاروئەردىن تارتىپ گىلېئادتىن ئۆتۈپ باشانغىچە، گاد، رۇبەن ۋە ماناسسەھنىڭ بارلىق يۇرتلىرىنى ئىشغال قىلدى. |
מן הירדן מזרח השמש את כל ארץ הגלעד הגדי והראובני והמנשי מערער אשר על נחל ארנן והגלעד והבשן׃ | 33 |
ויתר דברי יהוא וכל אשר עשה וכל גבורתו הלוא הם כתובים על ספר דברי הימים למלכי ישראל׃ | 34 |
ئەمدى يەھۇنىڭ باشقا ئەمەللىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن سەلتەنىتىنىڭ ھەممە قۇدرىتى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ |
וישכב יהוא עם אבתיו ויקברו אתו בשמרון וימלך יהואחז בנו תחתיו׃ | 35 |
يەھۇ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە سامارىيەدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يەھوئاھاز ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. |
והימים אשר מלך יהוא על ישראל עשרים ושמנה שנה בשמרון׃ | 36 |
يەھۇنىڭ ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە سامارىيەدە سەلتەنەت قىلغان ۋاقتى يىگىرمە سەككىز يىل ئىدى. |