ויהי איש מבן ימין ושמו קיש בן אביאל בן צרור בן בכורת בן אפיח בן איש ימיני גבור חיל׃ | 1 |
بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىش ئاتلىق بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ئابىئەلنىڭ ئوغلى، ئابىئەل زېرورنىڭ ئوغلى، زېرور بىكوراتنىڭ ئوغلى، بىكورات ئافىيانىڭ ئوغلى ئىدى؛ ئافىيا بولسا بىنيامىنلىق ئىدى. ئۇ ئۆزى باتۇر ۋە دۆلەتمەن كىشى ئىدى. |
ולו היה בן ושמו שאול בחור וטוב ואין איש מבני ישראל טוב ממנו משכמו ומעלה גבה מכל העם׃ | 2 |
كىشنىڭ سائۇل ئىسىملىك، ئېسىل ۋە خۇشخۇي بىر ئوغلى بار ئىدى. ئىسرائىللار ئارىسىدا ئۇنىڭدىن چىرايلىق ئادەم يوق ئىدى؛ ئۇ شۇنداق ئېگىز بويلۇق ئەر ئىدىكى، خەلقنىڭ ھەرقاندىقى ئۇنىڭ مۈرىسىگىمۇ كەلمەيتتى. |
ותאבדנה האתנות לקיש אבי שאול ויאמר קיש אל שאול בנו קח נא אתך את אחד מהנערים וקום לך בקש את האתנת׃ | 3 |
سائۇلنىڭ ئاتىسى كىشنىڭ ئېشەكلىرى يىتىپ كەتكەنىدى. بۇنىڭ بىلەن كىش ئوغلى سائۇلغا: ــ سەن خىزمەتكارلاردىن بىرىنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ، ئېشەكلەرنى تېپىپ كەلگىن، دېدى. |
ויעבר בהר אפרים ויעבר בארץ שלשה ולא מצאו ויעברו בארץ שעלים ואין ויעבר בארץ ימיני ולא מצאו׃ | 4 |
ئۇلار بېرىپ ئەفرائىم ئېدىرلىقىدىن ئۆتۈپ، شالىشاھ زېمىنىنى كېزىپ، ئۇلارنى ئىزدەپ تاپالمىدى؛ ئۇلار شائالىم زېمىنىدىنمۇ ئۆتتى، ئېشەكلەر ئۇ يەردىمۇ يوق ئىدى. ئاندىن بىنيامىن زېمىنىنى كېزىپ ئۆتتى، ئۇلارنى يەنە تاپالمىدى. |
המה באו בארץ צוף ושאול אמר לנערו אשר עמו לכה ונשובה פן יחדל אבי מן האתנות ודאג לנו׃ | 5 |
ئۇلار زۇف زېمىنىغا يەتكەندە سائۇل ئۆزى بىلەن كەلگەن خىزمەتكارىغا: ــ بولە، ئۆيگە يانايلى؛ بولمىسا ئاتام ئېشەكلەردىن ئەنسىرمەي، ئەكسىچە بىزنىڭ غېمىمىزنى يەپ كېتەرمىكى، دېدى. |
ויאמר לו הנה נא איש אלהים בעיר הזאת והאיש נכבד כל אשר ידבר בוא יבוא עתה נלכה שם אולי יגיד לנו את דרכנו אשר הלכנו עליה׃ | 6 |
لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا: ــ مانا، بۇ شەھەردە خۇدانىڭ بىر ئادىمى بار. ئۇ مۆھتەرەم بىر ئادەم، ھەر نېمە دېسە ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. ئەمدى ئۇ يەرگە بارايلى؛ ئۇ بىزگە بارىدىغان يولىمىزنى كۆرسىتىپ قويارمىكىن، دېدى. |
ויאמר שאול לנערו והנה נלך ומה נביא לאיש כי הלחם אזל מכלינו ותשורה אין להביא לאיש האלהים מה אתנו׃ | 7 |
شۇڭا سائۇل خىزمەتكارىغا: ــ لېكىن ئۇنىڭ يېنىغا بارساق ئۇ كىشىگە نېمە بېرىمىز؟ چۈنكى خۇرجۇنلىرىمىزدا نان تۈگەپ قالدى، قولىمىزدا خۇدانىڭ ئادىمىگە بەرگۈدەك سوۋغىتىمىز يوق. يېنىمىزدا يەنە نېمە بار؟ ــ دېدى. |
ויסף הנער לענות את שאול ויאמר הנה נמצא בידי רבע שקל כסף ונתתי לאיש האלהים והגיד לנו את דרכנו׃ | 8 |
خىزمەتكار سائۇلغا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا قولۇمدا چارەك شەكەل كۈمۈش بار. ماڭىدىغان يولىمىزنى دەپ بەرسۇن، خۇدانىڭ ئادىمىگە شۇنى بېرەي، دېدى |
לפנים בישראל כה אמר האיש בלכתו לדרוש אלהים לכו ונלכה עד הראה כי לנביא היום יקרא לפנים הראה׃ | 9 |
(بۇرۇن ئىسرائىلدا بىر ئادەم خۇدادىن يول سورىماقچى بولسا: ــ كېلىڭلار، ئالدىن كۆرگۈچىنىڭ قېشىغا بارايلى، دەيتتى. ھازىر «پەيغەمبەر» دېگەننى ئۆتكەن زاماندا «ئالدىن كۆرگۈچى» دەيتتى). |
ויאמר שאול לנערו טוב דברך לכה נלכה וילכו אל העיר אשר שם איש האלהים׃ | 10 |
سائۇل خىزمەتكارىغا: ــ مەسلىھەتىڭ ياخشى بولدى. بىز ماڭايلى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇدانىڭ ئادىمى تۇرغان شەھەرگە باردى. |
המה עלים במעלה העיר והמה מצאו נערות יצאות לשאב מים ויאמרו להן היש בזה הראה׃ | 11 |
ئۇلار شەھەرگە چىقىدىغان يولدا كېتىۋاتقاندا، سۇ تارتقىلى چىققان بىرنەچچە قىزغا ئۇچرىدى ۋە ئۇلاردىن: ــ ئالدىن كۆرگۈچى مۇشۇ يەردىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. |
ותענינה אותם ותאמרנה יש הנה לפניך מהר עתה כי היום בא לעיר כי זבח היום לעם בבמה׃ | 12 |
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ شۇنداق. مانا ئۇ ئالدىڭلاردا تۇرىدۇ؛ تېز بېرىڭلار، چۈنكى خالايىق بۈگۈن [شەھەرنىڭ] يۇقىرى جايىدا قۇربانلىق قىلماقچى، شۇڭا ئۇ بۈگۈن شەھەرگە كىردى. |
כבאכם העיר כן תמצאון אתו בטרם יעלה הבמתה לאכל כי לא יאכל העם עד באו כי הוא יברך הזבח אחרי כן יאכלו הקראים ועתה עלו כי אתו כהיום תמצאון אתו׃ | 13 |
ئۇ [قۇربانلىقتىن] يېيىشكە تېخى يۇقىرى جايغا چىقماي تۇرۇپلا، سىلەر ئۇنىڭ بىلەن شەھەردە ئۇچرىشىسىلەر. خەلق ئۇ كەلمىگۈچە تائام يېمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئاۋۋال قۇربانلىقنى بەرىكەتلەيدۇ؛ ئاندىن چاقىرىلغان مېھمانلار تائامغا ئېغىز تېگىدۇ. ھازىر چىقىڭلار، چۈنكى بۇ دەل ئۇنى تاپقىلى بولىدىغان ۋاقىت، دېدى. |
ויעלו העיר המה באים בתוך העיר והנה שמואל יצא לקראתם לעלות הבמה׃ | 14 |
ئۇلار شەھەرگە چىقىپ شەھەر مەركىزىگە كەلگەندە، مانا سامۇئىل يۇقىرى جايغا چىقىشقا ئۇلارغا قاراپ كېلىۋاتاتتى. |
ויהוה גלה את אזן שמואל יום אחד לפני בוא שאול לאמר׃ | 15 |
پەرۋەردىگار سائۇل كېلىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى سامۇئىلغا: |
כעת מחר אשלח אליך איש מארץ בנימן ומשחתו לנגיד על עמי ישראל והושיע את עמי מיד פלשתים כי ראיתי את עמי כי באה צעקתו אלי׃ | 16 |
ــ ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا مەن يېنىڭغا بىنيامىن زېمىنىدىن بىر ئادەمنى ئەۋەتىمەن. سەن ئۇنى مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە ئەمىر بولۇشقا مەسىھ قىلغىن. ئۇ مېنىڭ خەلقىمنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ. چۈنكى مېنىڭ خەلقىمنىڭ پەريادى ماڭا يەتكىنى ئۈچۈن ئۇلارغا ئىلتىپات بىلەن قارىدىم، ــ دېدى. |
ושמואל ראה את שאול ויהוה ענהו הנה האיש אשר אמרתי אליך זה יעצר בעמי׃ | 17 |
سامۇئىل سائۇلنى كۆرگەندە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ مانا، مەن ساڭا سۆز قىلغان ئادەم مۇشۇدۇر. بۇ ئادەم مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئۈستىدە سەلتەنەت قىلىدۇ، دەپ ئىزھار قىلدى. |
ויגש שאול את שמואל בתוך השער ויאמר הגידה נא לי אי זה בית הראה׃ | 18 |
سائۇل دەرۋازىدا تۇرغان سامۇئىلنىڭ قېشىغا بېرىپ: سىلىدىن سوراي، ئالدىن كۆرگۈچىنىڭ ئۆيى نەدە، دەپ سورىدى. |
ויען שמואל את שאול ויאמר אנכי הראה עלה לפני הבמה ואכלתם עמי היום ושלחתיך בבקר וכל אשר בלבבך אגיד לך׃ | 19 |
سامۇئىل سائۇلغا: ــ ئالدىن كۆرگۈچى مەن ئۆزۈم شۇ. مەندىن ئاۋۋال يۇقىرى جايغا چىققىن. بۈگۈن سىلەر مەن بىلەن تائام يەيسىلەر؛ ئەتە سېنى ئۇزۇتۇپ چىققاندا، كۆڭلۈڭدىكى ھەربىر ئىشلارنى ساڭا دەپ بېرەي، ــ دەپ جاۋاب بەردى. |
ולאתנות האבדות לך היום שלשת הימים אל תשם את לבך להם כי נמצאו ולמי כל חמדת ישראל הלוא לך ולכל בית אביך׃ | 20 |
ئەمما ئۈچ كۈن بۇرۇن يىتىپ كەتكەن ئېشەكلەردىن بولسا، ئەندىشە قىلمىغىن؛ ئۇلار تېپىلدى. ئەمدى ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئارزۇسى كىمگە مايىل؟ ساڭا ۋە ئاتاڭنىڭ پۈتكۈل جەمەتىگە ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. |
ויען שאול ויאמר הלוא בן ימיני אנכי מקטני שבטי ישראל ומשפחתי הצערה מכל משפחות שבטי בנימן ולמה דברת אלי כדבר הזה׃ | 21 |
سائۇل جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك قەبىلە بولغان بىنيامىندىن، جەمەتىممۇ بىنيامىن قەبىلىسى ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكى تۇرسا؟ نېمە ئۈچۈن بۇ سۆزلەرنى ماڭا دەيلا؟ ــ دېدى. |
ויקח שמואל את שאול ואת נערו ויביאם לשכתה ויתן להם מקום בראש הקרואים והמה כשלשים איש׃ | 22 |
سامۇئىل بولسا سائۇلنى ۋە خىزمەتكارىنى باشلاپ، مېھمانخانا ئۆيىگە كىردى ۋە ئۇلارنى چاقىرىلغانلارنىڭ ئارىسىدا تۆردە ئولتۇرغۇزدى. ئۇلار ئوتتۇزچە ئادەم ئىدى. |
ויאמר שמואל לטבח תנה את המנה אשר נתתי לך אשר אמרתי אליך שים אתה עמך׃ | 23 |
سامۇئىل ئاشپەزگە: ــ مەن ساقلاپ قويغىن دەپ، ساڭا تاپشۇرغان ھېلىقى تائامنى ئېلىپ كەلگىن، دېدى. |
וירם הטבח את השוק והעליה וישם לפני שאול ויאמר הנה הנשאר שים לפניך אכל כי למועד שמור לך לאמר העם קראתי ויאכל שאול עם שמואל ביום ההוא׃ | 24 |
شۇنىڭ بىلەن ئاشپەز ساقلاپ قويغان چوڭ ئاجرىتىلغان قولنى ئېلىپ سائۇلنىڭ ئالدىغا قويدى. سامۇئىل: ــ مانا، [ساڭا] ساقلاپ قويۇلغىنى شۇدۇر! ئۇنى ئالدىڭغا ئېلىپ يېگىن؛ چۈنكى ئۇ مەن خەلقنى چاقىرغان چېغىمدا ئاتايىن ساڭا ئاتاپ ئېلىپ قويغاندىن تارتىپ بۇ بېكىتىلگەن ۋاقىتقىچە ساقلاندى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۈنى سائۇل بىلەن سامۇئىل تاماقتا بىللە بولدى. |
וירדו מהבמה העיר וידבר עם שאול על הגג׃ | 25 |
ئۇلار يۇقىرى جايدىن چۈشۈپ شەھەرگە كىردى، [سامۇئىل] ئۆگزىدە سائۇل بىلەن سۆزلەشتى. |
וישכמו ויהי כעלות השחר ויקרא שמואל אל שאול הגג לאמר קומה ואשלחך ויקם שאול ויצאו שניהם הוא ושמואל החוצה׃ | 26 |
ئەتىسى تاڭ شەھەردە ئورۇندىن تۇرغاندا سامۇئىل سائۇلنى ئۆگزىدىن چاقىرىپ: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، مەن سېنى ئۇزۇتۇپ قوياي، دېدى. سائۇل ئورۇندىن تۇردى ۋە ئىككىسى بىللە چىقتى، ــ ھەم ئۇ سامۇئىل بىلەن بىللە كوچىغا چىقتى. |
המה יורדים בקצה העיר ושמואל אמר אל שאול אמר לנער ויעבר לפנינו ויעבר ואתה עמד כיום ואשמיעך את דבר אלהים׃ | 27 |
ئۇلار شەھەرنىڭ ئايىغىغا كېتىۋاتقاندا، سامۇئىل سائۇلغا: خىزمەتكارغا ئالدىمىزدا ماڭغاچ تۇرغىن، دەپ بۇيرۇغىن، دېدى. ئۇ شۇنداق قىلدى. ئاندىن سامۇئىل: ــ سەن تۇرۇپ تۇر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى ساڭا يەتكۈزەي، دېدى. |