ולבני אהרן מחלקותם בני אהרן נדב ואביהוא אלעזר ואיתמר׃ | 1 |
ھارۇن ئەۋلادلىرىنىڭ نۆۋەتچىلىككە بۆلۈنۈشى تۆۋەندىكىچە: ھارۇننىڭ ئوغلى ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار ۋە ئىتامار. |
וימת נדב ואביהוא לפני אביהם ובנים לא היו להם ויכהנו אלעזר ואיתמר׃ | 2 |
ناداب بىلەن ئابىھۇ ئاتىسىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ھەم پەرزەنت كۆرمىگەنىدى؛ شۇڭا ئەلىئازار بىلەن ئىتامار كاھىنلىقنى تۇتاتتى. |
ויחלקם דויד וצדוק מן בני אלעזר ואחימלך מן בני איתמר לפקדתם בעבדתם׃ | 3 |
داۋۇت ۋە ئەلىئازارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن زادوك ۋە ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئاخىمەلەك ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، ۋەزىپىسى بويىچە ئىشقا قويدى؛ |
וימצאו בני אלעזר רבים לראשי הגברים מן בני איתמר ויחלקום לבני אלעזר ראשים לבית אבות ששה עשר ולבני איתמר לבית אבותם שמונה׃ | 4 |
ئەلىئازارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغانلار ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغانلاردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلارنى شۇنىڭغا ئاساسەن ئايرىپ نۆۋەت-گۇرۇپپىلارغا بۆلدى. ئەلىئازارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغانلار ئون ئالتە كىشى ئىدى، ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغانلار سەككىز كىشى ئىدى؛ |
ויחלקום בגורלות אלה עם אלה כי היו שרי קדש ושרי האלהים מבני אלעזר ובבני איתמר׃ | 5 |
ئۇلار چەك تاشلاش يولى بىلەن تەڭشەپ نۆۋەت-گۇرۇپپىلارغا بۆلۈندى. شۇنداق قىلىپ مۇقەددەسخانىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل بولغانلار ۋە خۇدانىڭ ئالدىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل بولغانلار ھەم ئەلىئازارنىڭ ئەۋلادلىرىدىنمۇ ھەم ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىنمۇ بولدى. |
ויכתבם שמעיה בן נתנאל הסופר מן הלוי לפני המלך והשרים וצדוק הכהן ואחימלך בן אביתר וראשי האבות לכהנים וללוים בית אב אחד אחז לאלעזר ואחז אחז לאיתמר׃ | 6 |
لاۋىي نەتانەلنىڭ ئوغلى شېمايا كاتىپ بولسا پادىشاھ، ئەمەلدارلار، كاھىن زادوك، ئابىياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك، شۇنداقلا كاھىنلارنىڭ ۋە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئىسمىنى پۈتۈپ قويدى. ئەلىئازارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدىن بىر جەمەت تاللاندى، ئاندىن ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدىنمۇ بىر جەمەت تاللاندى. |
ויצא הגורל הראשון ליהויריב לידעיה השני׃ | 7 |
بىرىنچى چەك يەھويارىبقا، ئىككىنچى چەك يەداياغا، |
לחרם השלישי לשערים הרבעי׃ | 8 |
ئۈچىنچى چەك ھارىمغا، تۆتىنچى چەك سېئورىمغا، |
למלכיה החמישי למימן הששי׃ | 9 |
بەشىنچى چەك مالكىياغا، ئالتىنچى چەك مىيامىنغا، |
להקוץ השבעי לאביה השמיני׃ | 10 |
يەتتىنچى چەك ھاككوزغا، سەككىزىنچى چەك ئابىياغا، |
לישוע התשעי לשכניהו העשרי׃ | 11 |
توققۇزىنچى چەك يەشۇئاغا، ئونىنچى چەك شېكانىياغا، |
לאלישיב עשתי עשר ליקים שנים עשר׃ | 12 |
ئون بىرىنچى چەك ئەلىياشىبقا، ئون ئىككىنچى چەك ياكىمغا، |
לחפה שלשה עשר לישבאב ארבעה עשר׃ | 13 |
ئون ئۈچىنچى چەك ھۇپپاغا، ئون تۆتىنچى چەك يەشەبىئابقا، |
לבלגה חמשה עשר לאמר ששה עשר׃ | 14 |
ئون بەشىنچى چەك بىلگاھقا، ئون ئالتىنچى چەك ئىممەرگە، |
לחזיר שבעה עשר להפצץ שמונה עשר׃ | 15 |
ئون يەتتىنچى چەك ھېزىرغا، ئون سەككىزىنچى چەك ھاپپىزەزگە، |
לפתחיה תשעה עשר ליחזקאל העשרים׃ | 16 |
ئون توققۇزىنچى چەك پىتاھىياغا، يىگىرمىنچى چەك يەھەزكەلگە، |
ליכין אחד ועשרים לגמול שנים ועשרים׃ | 17 |
يىگىرمە بىرىنچى چەك ياقىنغا، يىگىرمە ئىككىنچى چەك گامۇلغا، |
לדליהו שלשה ועשרים למעזיהו ארבעה ועשרים׃ | 18 |
يىگىرمە ئۈچىنچى چەك دېلاياغا، يىگىرمە تۆتىنچى چەك مائازىياغا چىقتى. |
אלה פקדתם לעבדתם לבוא לבית יהוה כמשפטם ביד אהרן אביהם כאשר צוהו יהוה אלהי ישראל׃ | 19 |
مانا بۇ ئۇلارنىڭ خىزمەت تەرتىپى؛ بۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاتىسى ھارۇننىڭ ۋاستىسى بىلەن بۇيرۇغان نىزام بويىچە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىش نۆۋىتى ئىدى. |
ולבני לוי הנותרים לבני עמרם שובאל לבני שובאל יחדיהו׃ | 20 |
لاۋىينىڭ قالغان ئەۋلادلىرى مۇنۇلار: ئامرامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن شۇبايەل؛ شۇبايەلنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە يەھدېيا بار ئىدى. |
לרחביהו לבני רחביהו הראש ישיה׃ | 21 |
رەھابىياغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، جۈملىدىن تۇنجى ئوغلى يىشىيا بار ئىدى. |
ליצהרי שלמות לבני שלמות יחת׃ | 22 |
ئىزھارنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدە شېلوموت؛ شېلوموتنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدە جاھات بار ئىدى. |
ובני יריהו אמריהו השני יחזיאל השלישי יקמעם הרביעי׃ | 23 |
ھېبروننىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى يەرىيا، ئىككىنچىسى ئامارىيا، ئۈچىنچىسى ياھازىيەل، تۆتىنچىسى جەكامىيام ئىدى. |
בני עזיאל מיכה לבני מיכה שמור׃ | 24 |
ئۇززىيەلنىڭ ئوغۇللىرى: مىكاھ؛ مىكاھنىڭ ئوغۇللىرىدىن شامىر بار ئىدى. |
אחי מיכה ישיה לבני ישיה זכריהו׃ | 25 |
مىكاھنىڭ ئىنىسى ئىسشىيا ئىدى؛ يىسشىيانىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدە زەكەرىيا بار ئىدى. |
בני מררי מחלי ומושי בני יעזיהו בנו׃ | 26 |
مەرارىنىڭ ئوغۇللىرى: ماھلى ۋە مۇشى؛ يائازىيانىڭ ئوغلى بېنو ئىدى. |
בני מררי ליעזיהו בנו ושהם וזכור ועברי׃ | 27 |
مەرارىنىڭ ئوغلى يائازىيادىن بولغان ئەۋلادلىرى بېنو، شوھام، زاككۇر ۋە ئىبرى بار ئىدى. |
למחלי אלעזר ולא היה לו בנים׃ | 28 |
ماھلىنىڭ ئوغلى ئەلىئازار ئىدى؛ ئەلىئازارنىڭ ئوغلى يوق ئىدى. |
לקיש בני קיש ירחמאל׃ | 29 |
كىشكە كەلسەك، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدە يەراھمىيەل بار ئىدى. |
ובני מושי מחלי ועדר וירימות אלה בני הלוים לבית אבתיהם׃ | 30 |
مۇشىنىڭ ئوغۇللىرى ماھلى، ئېدەر ۋە يەرىموت ئىدى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمەتلىرى بويىچە پۈتۈلگەنىدى. |
ויפילו גם הם גורלות לעמת אחיהם בני אהרן לפני דויד המלך וצדוק ואחימלך וראשי האבות לכהנים וללוים אבות הראש לעמת אחיו הקטן׃ | 31 |
ئۇلارمۇ ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئوخشاش، داۋۇت پادىشاھ، زادوك، ئاخىمەلەك ۋە شۇنىڭدەك كاھىنلار ۋە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئالدىدا چەك تارتتى؛ ھەرقايسى جەمەت باشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىدىن ئەڭ كىچىكلىرىمۇ ئوخشاشلا چەك تارتتى. |