ויהי כאשר ישב דויד בביתו ויאמר דויד אל נתן הנביא הנה אנכי יושב בבית הארזים וארון ברית יהוה תחת יריעות׃ | 1 |
داۋۇت ئۆز ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان چېغىدا، ناتان پەيغەمبەرگە: «قارا، مەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئۆيدە تۇرۇۋاتىمەن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بولسا چېدىر پەردىلىرى ئاستىدا تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى. |
ויאמר נתן אל דויד כל אשר בלבבך עשה כי האלהים עמך׃ | 2 |
ناتان داۋۇتقا: «كۆڭلۈڭدە پۈككەنلىرىڭگە ئەمەل قىلغىن؛ چۈنكى خۇدا سەن بىلەن بىللىدۇر» ــ دېدى. |
ויהי בלילה ההוא ויהי דבר אלהים אל נתן לאמר׃ | 3 |
شۇ كۈنى كېچىدە خۇدانىڭ سۆزى ناتانغا كېلىپ يەتتى: |
לך ואמרת אל דויד עבדי כה אמר יהוה לא אתה תבנה לי הבית לשבת׃ | 4 |
«سەن بېرىپ قۇلۇم داۋۇتقا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: سەن مەن ئۈچۈن تۇرالغۇ ئۆي سالساڭ بولمايدۇ. |
כי לא ישבתי בבית מן היום אשר העליתי את ישראל עד היום הזה ואהיה מאהל אל אהל וממשכן׃ | 5 |
چۈنكى مەن ئىسرائىللارنى باشلاپ چىققان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر بىر ئۆيدە تۇرۇپ باقمىغانمەن، پەقەت بۇ چېدىردىن ئۇ چېدىرغا، بىر چېدىرگاھدىن باشقا بىرىگە يۆتكىلىپ يۈردۈم، خالاس. |
בכל אשר התהלכתי בכל ישראל הדבר דברתי את אחד שפטי ישראל אשר צויתי לרעות את עמי לאמר למה לא בניתם לי בית ארזים׃ | 6 |
مەن ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىللە مەيلى قەيەرگە بارماي، ھېچقاچان ئىسرائىلنىڭ بىرەر ھاكىمىغا، يەنى مېنىڭ خەلقىمنى بېقىشنى تاپىلىغان بىرەرسىگە: نېمىشقا سىلەر ماڭا كېدىر ياغىچىدىن ئۆي سېلىپ بەرمەيسىلەر؟ ــ دېدىممۇ؟ |
ועתה כה תאמר לעבדי לדויד כה אמר יהוה צבאות אני לקחתיך מן הנוה מן אחרי הצאן להיות נגיד על עמי ישראל׃ | 7 |
ئەمدى سەن قۇلۇم داۋۇتقا مۇنداق دېگىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئېيتىدۇكى، مەن سېنى ئەمدى يايلاقلاردىن، قويلارنىڭ ئارقىسىدىن ئېلىپ، خەلقىم ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە ئەمىر بولۇش ئۈچۈن چاقىرتىپ چىقتىم. |
ואהיה עמך בכל אשר הלכת ואכרית את כל אויביך מפניך ועשיתי לך שם כשם הגדולים אשר בארץ׃ | 8 |
مەيلى قەيەرگە بارمىغىن، مەن ھامان سېنىڭ بىلەن بىللە بولدۇم ۋە سېنىڭ ئالدىڭدىن بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى يوقىتىپ كەلدىم؛ يەر يۈزىدىكى ئۇلۇغلار نام-شۆھرەتكە ئىگە بولغاندەك سېنى نام-شۆھرەتكە سازاۋەر قىلدىم. |
ושמתי מקום לעמי ישראל ונטעתיהו ושכן תחתיו ולא ירגז עוד ולא יוסיפו בני עולה לבלתו כאשר בראשונה׃ | 9 |
مەن خەلقىم بولغان ئىسرائىلغا بىر جاينى بېكىتىپ، ئۇلارنى شۇ يەردە تىكىپ ئۆستۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز زېمىنىدا تۇرىدىغان، پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىمايدىغان بولىدۇ. رەزىللەر دەسلەپتىدىكىدەك ۋە مەن خەلقىم ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ھاكىملارنى تەيىنلىگەن كۈنلەردىكىدەك، ئۇلارغا قايتىدىن زۇلۇم سالمايدۇ. مەن بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى ساڭا بېقىندۈردىمەن. ۋە مەنكى پەرۋەردىگار ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مەن سېنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆينى ياساپ بېرىمەن! |
ולמימים אשר צויתי שפטים על עמי ישראל והכנעתי את כל אויביך ואגד לך ובית יבנה לך יהוה׃ | 10 |
והיה כי מלאו ימיך ללכת עם אבתיך והקימותי את זרעך אחריך אשר יהיה מבניך והכינותי את מלכותו׃ | 11 |
سېنىڭ كۈنلىرىڭ توشۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ يېنىغا قايتقان ۋاقتىڭدا سېنىڭ نەسلىڭدىن، يەنى ئوغۇللىرىڭدىن بىرىنى سېنىڭ ئورنۇڭنى باسىدىغان قىلىمەن؛ مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىمەن. |
הוא יבנה לי בית וכננתי את כסאו עד עולם׃ | 12 |
ئۇ ماڭا بىر ئۆي ياسايدۇ، مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن. |
אני אהיה לו לאב והוא יהיה לי לבן וחסדי לא אסיר מעמו כאשר הסירותי מאשר היה לפניך׃ | 13 |
مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ؛ مېھرى-شەپقىتىمنى سېنىڭدىن ئاۋۋال ئۆتكەن [ئىدارە قىلغۇچىدىن] جۇدا قىلغىنىمدەك ئۇنىڭدىن ھەرگىز جۇدا قىلمايمەن؛ |
והעמדתיהו בביתי ובמלכותי עד העולם וכסאו יהיה נכון עד עולם׃ | 14 |
ئۇنى مېنىڭ ئۆيۈمدە ۋە مېنىڭ پادىشاھلىقىمدا مەڭگۈ تۇرغۇزىمەن؛ ئۇنىڭ تەختى مەڭگۈ مەزمۇت بولۇپ تۇرغۇزۇلىدۇ». |
ככל הדברים האלה וככל החזון הזה כן דבר נתן אל דויד׃ | 15 |
ناتان بۇ بارلىق سۆزلەر ۋە بارلىق ۋەھىينى ھېچنېمە قالدۇرماي، داۋۇتقا ئېيتىپ بەردى. |
ויבא המלך דויד וישב לפני יהוה ויאמר מי אני יהוה אלהים ומי ביתי כי הביאתני עד הלם׃ | 16 |
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت كىرىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئى خۇدا پەرۋەردىگار، مەن زادى كىم ئىدىم، مېنىڭ ئۆيۈم نېمە ئىدى، سەن مېنى مۇشۇ دەرىجىگە كۆتۇرگۈدەك؟ |
ותקטן זאת בעיניך אלהים ותדבר על בית עבדך למרחוק וראיתני כתור האדם המעלה יהוה אלהים׃ | 17 |
لېكىن ئى خۇدا پەرۋەردىگار، [بۇ مەرتىۋىگە كۆتۈرگىنىڭ] سېنىڭ نەزىرىڭدە كىچىككىنە بىر ئىش ھېسابلاندى؛ چۈنكى سەن مەن قۇلۇڭنىڭ ئۆيىنىڭ يىراق كەلگۈسى توغرۇلۇق سۆزلىدىڭ ۋە مېنى ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك زات دەپ قارىدىڭ، ئى خۇدا پەرۋەردىگار! |
מה יוסיף עוד דויד אליך לכבוד את עבדך ואתה את עבדך ידעת׃ | 18 |
سەن كەمىنەڭ ئۈستىگە چۈشۈرگەن شۇنداق شان-شەرەپ توغرۇلۇق داۋۇت ساڭا نېمە دىيەلىسۇن؟ چۈنكى سەن دەرۋەقە ئۆز قۇلۇڭنى ئۆزۈڭ بىلىسەن. |
יהוה בעבור עבדך וכלבך עשית את כל הגדולה הזאת להדיע את כל הגדלות׃ | 19 |
ئاھ پەرۋەردىگار، پېقىر قۇلۇڭ ئۈچۈن ھەمدە ئۆز كۆڭلۈڭدىكى نىيىتىڭ بويىچە بۇ بارلىق ئۇلۇغلۇقنى كۆرسىتىپ، بۇ چوڭ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئايان قىلدىڭ. |
יהוה אין כמוך ואין אלהים זולתך בכל אשר שמענו באזנינו׃ | 20 |
ئاھ پەرۋەردىگار، قۇلىقىمىز تولۇق ئاڭلىغىنى بويىچە ساڭا تەڭ كەلگۈدەك ھېچكىم يوق؛ سېنىڭدىن بۆلەك ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. |
ומי כעמך ישראל גוי אחד בארץ אשר הלך האלהים לפדות לו עם לשום לך שם גדלות ונראות לגרש מפני עמך אשר פדית ממצרים גוים׃ | 21 |
دۇنيادا قايسى بىر ئەل خەلقىڭ ئىسرائىلغا تەڭ كېلەلىسۇن؟ ئۇلارنى ئۆزۈڭگە خاس بىردىنبىر خەلق بولۇش ئۈچۈن قۇتۇلدۇرۇشقا باردىڭ ھەمدە مىسىردىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان خەلقىڭ ئالدىدىن يات ئەللەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلۇغۋار ۋە بەھەيۋەت ئىشلار ئارقىلىق ئۆز نامىڭنى تىكلىدىڭ! |
ותתן את עמך ישראל לך לעם עד עולם ואתה יהוה היית להם לאלהים׃ | 22 |
سەن خەلقىڭ ئىسرائىلنى مەڭگۈ ئۆزۈڭنىڭ خەلقىڭ قىلدىڭ؛ ئاھ پەرۋەردىگار، سەنمۇ ئۇلارنىڭ خۇداسى بولدۇڭ. |
ועתה יהוה הדבר אשר דברת על עבדך ועל ביתו יאמן עד עולם ועשה כאשר דברת׃ | 23 |
ئاھ پەرۋەردىگار، ئەمدى پېقىر قۇلۇڭ ۋە ئۇنىڭ ئۆيى توغرۇلۇق قىلغان ۋەدەڭ مەڭگۈگە ئەمەل قىلىنسۇن؛ سەن دېگەنلىرىڭ بويىچە ئىشنى ئادا قىلغايسەن! |
ויאמן ויגדל שמך עד עולם לאמר יהוה צבאות אלהי ישראל אלהים לישראל ובית דויד עבדך נכון לפניך׃ | 24 |
ئامىن، ۋەدەڭ ئەمەل قىلىنسۇن، شۇنداقلا نامىڭ مەڭگۈ ئۇلۇغلانسۇن، كىشىلەر: «ساماۋى قوشۇننىڭ سەردارى پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ھەقىقەتەن ئىسرائىلغا خۇدادۇر!» دېسۇن؛ ۋە شۇنداق بولۇپ، پېقىر قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ ئۆي-جەمەتى سېنىڭ ئالدىڭدا مەزمۇت تۇرغۇزۇلسۇن. |
כי אתה אלהי גלית את אזן עבדך לבנות לו בית על כן מצא עבדך להתפלל לפניך׃ | 25 |
ئاھ خۇدايىم، سەن پېقىر قۇلۇڭغا ساڭا ئۆي ياسايمەن، دېگەن ۋەھىي كەلتۈردۈڭ؛ شۇڭا قۇلۇڭ سېنىڭ ئالدىڭدا مۇشۇنداق دۇئا قىلىشقا جۈرئەت قىلدى. |
ועתה יהוה אתה הוא האלהים ותדבר על עבדך הטובה הזאת׃ | 26 |
ئاھ پەرۋەردىگار، سەن بىردىنبىر خۇدادۇرسەن، سەن پېقىر قۇلۇڭغا مۇشۇنداق ئامەتنى بېرىشنى ۋەدە قىلدىڭ؛ |
ועתה הואלת לברך את בית עבדך להיות לעולם לפניך כי אתה יהוה ברכת ומברך לעולם׃ | 27 |
ئەمدى پېقىر قۇلۇڭنىڭ ئۆي-جەمەتىگە ئىلتىپات قىلىپ، ئۇنىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا مەڭگۈ تۇرۇشىغا ساقلىغايسەن. چۈنكى سەن، ئاھ پەرۋەردىگار، [پېقىرنىڭ ئۆي-جەمەتىگە] ئىلتىپات قىلدىڭ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەڭگۈگە بەخت-ئىلتىپاتقا نېسىپ بولىدۇ». |