< לוּקָס 12 >

בינתיים הלך וגדל מספר הנוכחים עד שהגיע לאלפים רבים, ומרוב דוחק וצפיפות דרכו אחד על רגלי השני. ישוע פנה תחילה אל תלמידיו ואמר:”היזהרו מצביעותם של הפרושים! הם מעמידים פני צדיקים תמימים בזמן שמעשיהם והתנהגותם מצביעים על היפוכו של דבר. אולם צביעות כזאת אי־אפשר להסתיר לנצח, 1
شۇ چاغلاردا، مىڭلىغان كىشىلەر يىغىلىپ، بىر-بىرىنى دەسسىۋەتكۈدەك قىستا-قىستاڭ بولۇشۇپ كەتكەندە، ئۇ ئاۋۋال مۇخلىسلىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسىدىن، يەنى ساختىپەزلىكىدىن ھوشيار بولۇڭلار.
כי בבוא העת כל מה שמוסתר עכשיו ייגלה, וכל מה שאינו ידוע ייוודע. 2
چۈنكى يوشۇرۇلغان ھېچقانداق ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، ۋە ھېچقانداق مەخپىي ئىش ئايان بولماي قالمايدۇ.
לפיכך, כל מה שאמרתם בחשכה יישמע באור היום, וכל מה שלחשתם בין ארבעה קירות ייקרא בקולי קולות מעל גגות הבתים! 3
شۇڭا سىلەرنىڭ قاراڭغۇدا ئېيتقانلىرىڭلار يورۇقتا ئاڭلىنىدۇ؛ ئۆينىڭ ئىچكىرىدە خۇپىيانە پىچىرلاشقانلىرىڭلارمۇ ئۆگزىلەردە جاكارلىنىدۇ.
”ידידים יקרים, אל תפחדו מאלה הרוצים להרוג אתכם, כי הם יכולים להמית אך ורק את הגוף, בעוד שבנפש אין הם מסוגלים לפגוע. 4
مەن سىلەر دوستلىرىمغا شۇنى ئېيتىمەنكى، تەننى ئۆلتۈرۈپ، باشقا ھېچ ئىش قىلالمايدىغانلاردىن قورقماڭلار.
היודעים אתם ממי עליכם לפחד? מאלוהים! כי הוא מסוגל להמית ואחר כך להשליך לגיהינום! (Geenna g1067) 5
لېكىن مەن سىلەرگە كىمدىن قورقۇشۇڭلار كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ قوياي: ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، دوزاخقا تاشلاشقا ھوقۇقلۇق بولغۇچىدىن قورقۇڭلار؛ بەرھەق سىلەرگە ئېيتاي ــ ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار! (Geenna g1067)
”מה מחירן של חמש ציפורי דרור, שניים־שלושה שקלים? אף־על־פי־כן אלוהים אינו שוכח אף אחת מהן. 6
بەش قۇشقاچ ئىككى تىيىنگە سېتىلىدىغۇ؟ لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچبىرىمۇ خۇدا تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ قالغىنى يوق.
אלוהים יודע אפילו את מספר השערות על ראשכם. לכן אל תפחדו; אתם יקרים לאלוהים יותר מציפורים רבות. 7
لېكىن ھەتتا ھەربىر تال چېچىڭلارمۇ سانالغاندۇر. شۇنداق ئىكەن، قورقماڭلار؛ سىلەر نۇرغۇنلىغان قۇشقاچتىن قىممەتلىكسىلەر!
”אני מבטיח לכם שכל המודה שהוא מאמין בי לפני בני־האדם, גם אני אכבד אותו ואודה בו לפני מלאכי אלוהים. 8
ــ بىراق مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، كىم مېنى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلسا، ئىنسانئوغلىمۇ ئۇنى خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئالدىدا ئېتىراپ قىلىدۇ.
אולם מי שמתכחש לי לפני בני־אדם, גם אני אתכחש לו לפני מלאכי אלוהים. 9
بىراق ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا مېنى تونۇمىغان كىشى، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئالدىدىمۇ تونۇلمايدۇ.
ובכל זאת, מי שידבר נגד בן־האדם ייסלח לו, בעוד שאדם המדבר נגד רוח הקודש לא ייסלח לו לעולם. 10
ئىنسانئوغلىغا قارشى سۆز قىلغان ھەرقانداق كىشى كەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدۇ؛ لېكىن مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلغۇچى بولسا كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ.
”כאשר יביאו אתכם למשפט בבתי־הכנסת או לפני שליטים וממשלות, אל תדאגו כיצד תגנו על עצמכם וכיצד תעידו, 11
لېكىن كىشىلەر سىلەرنى سىناگوگلارغا ياكى ھۆكۈمدارلار ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ سوراققا تارتقاندا، «[ئەرزگە] قانداق جاۋاب بەرسەم؟» ياكى «نېمە دېسەم بولار؟» دەپ ئەندىشە قىلماڭلار.
כי רוח הקודש יגיד לכם מה לומר בזמן המתאים.“ 12
چۈنكى نېمە دېيىش كېرەكلىكىنى شۇ ۋاقتى-سائىتىدە مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئۆگىتىدۇ.
איש אחד מהקהל קרא אל ישוע:”רבי, אמור בבקשה לאחי שייתן לי את חלקי בירושת אבינו.“ 13
كۆپچىلىك ئارىسىدىن بىرسى ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، ئاكامغا [ئاتىمىزدىن] [قالغان] مىراسنى مەن بىلەن تەڭ ئۈلىشىشكە بۇيرۇغايلا ــ دېدى.
אולם ישוע השיב:”מי מינה אותי להיות לכם שופט ובורר? 14
لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بۇرادەر، كىم مېنى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا سوتچى ياكى ئۈلەشتۈرگۈچى قىلدى؟ ــ دېدى.
היזהרו מכל חמדנות, כי חיי האדם והאושר אינם תלויים בעושרו ובנכסיו.“ 15
ئۇ كۆپچىلىككە قاراپ: ــ پەخەس بولۇپ ئۆزۈڭلارنى ھەرخىل تاماخورلۇقتىن ساقلاڭلار. چۈنكى ئىنساننىڭ ھاياتى ئۇنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنىڭ كۆپلۈكىگە باغلىق ئەمەستۇر، دېدى.
ישוע סיפר להם את המשל הבא:”לעשיר אחד היה שדה פורה שהניב יבול רב. 16
ئاندىن ئۇ ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى: ــ «بىر باينىڭ يېرى مول ھوسۇل بېرىپتۇ.
אסמיו היו מלאים עד אפס מקום, והאיש לא ידע מה לעשות בתבואה הרבה שכבר לא יכול היה לאחסן. 17
ئۇ كۆڭلىدە «قانداق قىلاي؟ چۈنكى بۇنچىۋالا ھوسۇلنى قويغۇدەك يېرىم يوق» ــ دەپ ئويلاپتۇ.
’אני יודע מה עלי לעשות!‘קרא האיש.’אהרוס את האסמים הקיימים ואבנה לעצמי אסמים גדולים יותר. כך אוכל לאחסן את התבואה הרבה שלי. 18
ئاندۇن ئۇ: ــ «مۇنداق قىلاي: ــ ھازىرقى ئامبارلىرىمنى چۇۋۇۋېتىپ، تېخىمۇ چوڭىنى ياساپ، بارلىق مەھسۇلاتلىرىم ۋە باشقا مال-مۈلۈكلىرىمنى شۇ يەرگە يىغىپ ساقلاي!
אחר כך אומר לעצמי: יש לך מספיק כסף לשנים רבות. מעתה ואילך אל תעבוד קשה, כי אם אכול, שתה ותהנה‘. 19
ئاندىن ئۆز-ئۆزۈمگە: «ئەي جېنىم، يىغىپ ساقلىغان، كۆپ يىل يەتكۈدەك نېمەتلىرىڭ بار، راھەت ئىچىدە يەپ-ئىچىپ خۇش بولغىن!» دەيدىغان بولىمەن» دەپ ئويلاپتۇ.
אבל אלוהים אמר לו:’שוטה שכמוך! הלילה תמות, ומה תעשה עם כל מה שאגרת לעצמך?‘ 20
لېكىن خۇدا ئۇنىڭغا: «ئەي ئەخمەق، بۈگۈن كېچىلا جېنىڭ سەندىن تەلەپ قىلىپ ئېلىنىدۇ؛ ئۇنداقتا بۇ توپلىغىنىڭ كىمگە قالىدۇ؟» دەپتۇ.
כך יקרה לכל אדם האוגר לעצמו אוצר על־פני האדמה ולא בשמים.“ 21
خۇدانىڭ ئالدىدا دۆلەتمەن بولماي، ئۆزىگە خەزىنە يىغقاننىڭ ھالى شۇنداق بولار».
ישוע פנה אל תלמידיו ואמר:”אל תדאגו למה שתאכלו או תלבשו, 22
ئاندىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: ــ شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، تۇرمۇشۇڭلار توغرۇلۇق، نېمە يەرمىز ياكى نېمە كىيەرمىز، دەپ ئەندىشە قىلماڭلار.
כי החיים חשובים הרבה יותר מהאוכל, והגוף חשוב הרבה יותר מהלבוש. 23
چۈنكى ھاياتلىق يېمەكلىكتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن ئەزىزدۇر.
קחו לדוגמה את העורבים – הם אינם זורעים, אינם קוצרים ואין להם מחסן לאגור את מזונם. אף־על־פי־כן לא חסר להם דבר כי אלוהים מאכיל אותם ודואג להם. ואתם הרי יקרים לאלוהים הרבה יותר מן העופות! 24
قۇزغۇنلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ ۋە يىغمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئامبار، ئىسكىلاتلىرىمۇ يوق. لېكىن خۇدا ئۇلارنىمۇ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. سىلەر قۇشلاردىن قانچىلىك ئەزىز-ھە!
מלבד זאת, מה תועיל דאגתכם? האם יכולה דאגתכם להוסיף עוד יום לחייכם או עוד סנטימטר לקומתכם? 25
ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى بىرەر سائەت ئۇزارتالايسىلەر؟
אם דאגתכם אינה מסוגלת לשנות דברים פעוטים כאלה, מה הטעם לדאוג לדברים גדולים יותר? 26
ئەگەر شۇنچىلىك كىچىككىنە ئىشمۇ قولۇڭلاردىن كەلمىسە، نېمە ئۈچۈن قالغان ئىشلار توغرىسىدا غەم-ئەندىشە قىلىسىلەر؟
”הביטו בשושנים – הן אינן טוות ואינן אורגות, ואף־על־פי־כן אפילו שלמה המלך בכל תפארתו לא היה לבוש יותר יפה מהן! 27
نېلۇپەرلەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئەمگەكمۇ قىلمايدۇ، چاقمۇ ئېگىرمەيدۇ؛ لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا سۇلايمان تولۇق شان-شەرەپتە تۇرغاندىمۇ ئۇنىڭ كىيىنىشى نىلۇپەرلەنىڭ بىر گۈلىچىلىكىمۇ يوق ئىدى.
ואם אלוהים מלביש את פרחי השדה הצומחים היום ונובלים מחר, האם אינכם חושבים שילביש גם אתכם, חסרי אמונה שכמותכם? 28
ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! ئەمدى خۇدا دالادىكى بۈگۈن ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا سېلىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى شۇنچە بېزىگەن يەردە، سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟!
אל תדאגו למה שתאכלו ותשתו ואל תדאגו שמא לא יספק לכם אלוהים את מה שאתם צריכים. 29
شۇنداق ئىكەن، نېمە يەيمىز، نېمە ئىچىمىز دەپ باش قاتۇرماڭلار، ھېچنېمىدىن ئەندىشە قىلماڭلار.
בני־אדם שאינם מאמינים באלוהים דואגים יום־יום למה שיאכלו וישתו, אולם אביכם שבשמים יודע בדיוק מה אתם צריכים. 30
چۈنكى ھەرقايسى ئەلدىكىلەر مانا شۇنداق ھەممە نەرسىلەرگە ئىنتىلىدۇ. بىراق ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ؛
דאגו לכל הקשור באלוהים ובמלכותו, והוא יספק לכם יום־יום את כל צרכיכם. 31
شۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ئىنتىلىڭلار ۋە ئۇ چاغدا، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە قوشۇلۇپ نېسىپ بولىدۇ.
”אל תפחד, עדר קטן, כי אביכם שבשמים משתוקק להעניק לכם את מלכותו. 32
قورقماڭلار، ئى كىچىك پادا! چۈنكى ئاتاڭلار پادىشاھلىقنى سىلەرگە ئاتا قىلىشنى خۇش كۆردى.
מכרו את רכושכם ותנו כסף לנזקקים. מעשה זה יגדיל את אוצרכם בשמים, ואוצר בשמים לעולם לא ייפגם. כן, אוצרכם לעולם לא ידלדל, גנב לא יוכל לגנבו ועש לא יכרסם בו. 33
مال-مۈلكۈڭلارنى سېتىپ، [كەمبەغەللەرگە] خەيرخاھلىق قىلىڭلار. ئۆزۈڭلارغا ئۇپرىمايدىغان ھەميان، ئەرشلەردە ھەرگىز تۈگەپ كەتمەيدىغان بىر خەزىنە ھازىرلاڭلار؛ ــ شۇ يەردە ئوغرى يېقىن كەلمەيدۇ، كۈيە يەپ يوقاپ كەتمەيدۇ.
במקום שבו נמצא אוצרכם שם נמצא גם לבכם ומחשבותיכם. 34
چۈنكى بايلىقىڭلار قەيەردە بولسا، قەلبىڭلارمۇ شۇ يەردە بولىدۇ.
”היו מוכנים לכל מה שיקרה – כשאתם לבושים ובידכם נר דולק – 35
سىلەر بېلىڭلارنى چىڭ باغلاپ، چىراغلىرىڭلارنى ياندۇرۇپ تۇرۇڭلار؛
כמשרתים המצפים לשובו של אדונם מהחתונה. כשיבוא אדונם וידפוק בדלת, יפתחו לו מיד. 36
خۇددى خوجايىنىنىڭ توي زىياپىتىدىن قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان چاكارلاردەك، ھەردائىم تەييار تۇرۇڭلار. شۇنىڭ بىلەن خوجايىن كېلىپ ئىشىكنى قاققاندا، چاكارلار دەرھال چىقىپ ئىشىكنى ئاچىدىغان بولىدۇ.
שמחה גדולה מצפה לאלה שיהיו מוכנים לשובו של האדון, כי הוא בעצמו יושיב אותם ליד השולחן וישרת אותם. 37
خوجايىن قايتىپ كەلگەندە، چاكارلىرىنىڭ ئويغاق، تەييار تۇرغانلىقىنى كۆرسە، بۇ چاكارلارنىڭ بەختىدۇر! مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خوجايىن ئۆزى بېلىنى باغلاپ، ئۇلارنى داستىخانغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ شەخسەن ئۆزى ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ!
אולי הוא יבוא בלילה, ואולי בבוקר השכם. אך בכל עת שיבוא תהיה שמחה גדולה לכל המשרתים שימצא אותם מוכנים לבואו. 38
ۋە ئەگەر خوجايىن ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى جېسەكتە كەلسىمۇ، چاكارلىرىنىڭ شۇنداق ئويغاقلىقىنى كۆرسە، بۇ ئۇلارنىڭ بەختىدۇر!
”אילו ידעו את השעה, היו כולם מתכוננים לבואו, כשם שהיו מתכוננים לבואו של גנב אילו ידעו מתי יבוא. 39
لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىدە قايسى ۋاقىتتا كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا، ئۇ ئويغاق تۇرۇپ ئوغرىنىڭ ئۆيگە تېشىپ كىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايتتى!
גם אתם היו מוכנים תמיד, כי בן־האדם יבוא בשעה בלתי צפויה.“ 40
شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرمۇ ھەردائىم تەييار تۇرۇڭلار؛ چۈنكى ئىنسانئوغلى سىلەر ئويلىمىغان ۋاقىت-سائەتتە قايتىپ كېلىدۇ.
”אדון, “פתח פטרוס בשאלה,”האם מכוון המשל הזה אלינו בלבד או אל כולם?“ 41
پېترۇس ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، سەن بۇ تەمسىلنى بىزگىلا قارىتىپ ئېيتتىڭمۇ ياكى ھەممەيلەنگە قارىتىپمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
”משל זה מכוון אל כל אדם נאמן ונבון, אשר אדוניו הפקיד בידו את האחריות להשגיח על עבדיו ולדאוג לכלכלתם“, השיב האדון. 42
رەب مۇنداق دېدى: ــ خوجايىنى ئۆز ئۆيىدىكىلەرگە مەسئۇل قىلىپ، ئۇلارغا تېگىشلىك بولغان ئاشلىقنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە تەيىنلەيدىغان ئىشەنچلىك ۋە پەملىك غوجىدار كىم بولىدۇ؟
”ברוך תהיה אם בשובי אמצא אותך ממלא את תפקידך בנאמנות. 43
خوجايىن ئۆيىگە قايتقاندا، چاكىرىنىڭ شۇنداق قىلىۋاتقىنىنىڭ ئۈستىگە كەلسە، بۇ چاكارنىڭ بەختىدۇر!
אנשים נאמנים כאלה אני אפקיד על כל רכושי. 44
مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خوجايىن ئۇنى پۈتۈن ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ.
”אולם אם אתה רשע ותאמר לעצמך:’אה, האדון לא ישוב כל כך מהר‘, – ותתאכזר ליתר העבדים ותבלה את זמנך במסיבות, בזלילה ובשתייה – 45
لېكىن مۇبادا شۇ چاكار كۆڭلىدە: «خوجايىنىم ھايال بولۇپ قالىدۇ» دەپ، باشقا چاكارلار ۋە دېدەكلەرنى بوزەك قىلىشقا ۋە يەپ-ئىچىپ، مەست بولۇشقا باشلىسا،
אדונך יופיע בשעה בלתי צפויה, ואז הוא יכה אותך קשות ויקבע את מקומך עם הבלתי־נאמנים. 46
شۇ چاكارنىڭ خوجايىنى كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى، ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىدۇ ۋە ئۇنى كېسىپ ئىككى پارچە قىلىپ، ئۇنىڭ نېسىۋىسىنى ئېتىقادسىزلار بىلەن ئوخشاش تەقدىردە بېكىتىدۇ.
הוא גם ייענש בכל חומרת הדין, מאחר שידע את חובתו וסירב למלא אותה. 47
ئەمدى خوجايىنىنىڭ ئىرادىسىنى بىلىپ تۇرۇپ، تەييارلىنىپ تۇرمىغان ۋە خوجايىنىنىڭ ئىرادىسى بويىچە قىلمىغان چاكار بولۇشىغا تاياق يەيدۇ.
”לעומת זאת, אדם שלא ידע את רצון אדוניו ועשה מעשה המחייב עונש, לא ייענש בכל חומרת הדין. מי שקיבל הרבה יידרש ממנו הרבה חזרה, כי אחריותו גדולה משל אחרים. 48
بىراق خوجايىنىنىڭ ئىرادىسىنى بىلمەي تۇرۇپ، تاياق يېيىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى قىلغان چاكار ئازراق تاياق يەيدۇ. كىمگە كۆپ بېرىلسە، ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى كۆپ بولىدۇ. چۈنكى ئادەملەر كىمگە كۆپ ئامانەت قويغان بولسا، ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىدىغىنىمۇ كۆپ بولىدۇ.
”באתי להצית אש בעולם, ואני מייחל שמשימתי תושלם. 49
مەن يەر يۈزىگە ئوت تاشلاپ تۇتاشتۇرۇشقا كەلدىم ۋە بۇ ئوتنىڭ تۇتىشىشىغا نەقەدەر تەقەززامەن!
טבילה נוראה מצפה לי, ועד שאעבור אותה אני שרוי במצוקה גדולה. 50
لېكىن مەن ئالدى بىلەن بىر چۆمۈلدۈرۈش بىلەن چۆمۈلدۈرۈلۈشۈم كېرەك ۋە بۇ چۈمۈلدۈرۈلۈشۈم ئەمەلگە ئاشۇرۇلغۇچە ئىنتايىن قىينىلىمەن!
אתם חושבים שבאתי להשכין שלום בארץ? טעות בידיכם; באתי לגרום למחלוקת, 51
سىلەر مېنى يەر يۈزىگە تىنچلىق ئېلىپ كەلدىمىكىن، دەپ ئويلاپ قالدىڭلارمۇ؟ ياق، مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، تىنچلىق ئەمەس، بۆلۈنۈش ئېلىپ كەلدىم!
מעתה ואילך תתפלגנה משפחות; שלושה מבני המשפחה יהיו בעדי ושניים נגדי – או להיפך. 52
چۈنكى بۇنىڭدىن كېيىن، بىر ئۆيدىكى بەش كىشى بۆلۈنىدۇ؛ ئۈچى ئىككىسىگە قارسى ۋە ئىككىسى ئۈچىگە قارشى بۆلۈنىدۇ.
אב יחלוק על בנו; בן יחלוק על אביו; אם תחלוק על בתה; בת תחלוק על אמה; החמה תחלוק על כלתה; והכלה תחלוק על חמותה.“ 53
ئاتا ئوغلىغا ۋە ئوغۇل ئاتىسىغا، ئانا قىزىغا ۋە قىز ئانىسىغا، قېينئانا كېلىنىگە ۋە كېلىن قېينئانىسىغا قارشى تۇرىدۇ.
ישוע פנה אל ההמון ואמר:”כשאתם רואים עננים עולים מן המערב אתם אומרים:’עומד לרדת גשם‘. ואתם צודקים. 54
ئەيسا يەنە توپلاشقان ئادەملەرگە مۇنداق دېدى: ــ سىلەر كۈنپېتىش تەرەپتىن بۇلۇتنىڭ چىققىنىنى كۆرسەڭلار، دەرھال «يامغۇر ياغىدۇ» دەيسىلەر، ۋە دەرۋەقە شۇنداق بولىدۇ.
כשנושבת רוח דרומית אתם אומרים:’יהיה חמסין‘. ואתם צודקים. 55
جەنۇب تەرەپتىن شامالنىڭ چىققىنىنى كۆرسەڭلار، «ھاۋا ئىسسىيدۇ» دەيسىلەر ۋە دەرۋەقە شۇنداق بولىدۇ.
צבועים! אתם יודעים לפרש את סימני הטבע בשמים ובארץ, אבל אתם מסרבים להבין את משמעות העת שבה אנו חיים. 56
ئەي ساختىپەزلەر! سىلەر يەر بىلەن كۆكنىڭ رەڭگىنى پەرق ئېتەلەيسىلەر-يۇ، قانداقسىگە بۇ زاماننى پەرق ئېتەلمەيسىلەر؟!
מדוע אינכם מסוגלים להחליט בעצמכם מה נכון? 57
ئەمدى نېمىشقا قايسى ئىشلارنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە ئۆزۈڭلار ھۆكۈم قىلىپ باقمايسىلەر؟!
כשאתה פוגש את יריבך בדרך לבית־המשפט, השתדל להשלים איתו וליישב את הסכסוך לפני שתגיעו לשופט, אחרת השופט עלול להשליך אותך לכלא. 58
چۈنكى دەۋاگىرىڭ بىلەن بىرگە سوتچى ئالدىغا بارغىنىڭدا، ئۇنىڭ بىلەن يولدا كېتىۋاتقىنىڭدا، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ دوست بولۇشقا ئىنتىلگىن؛ بولمىسا، ئۇ سېنى سوتچىغا، سوتچى بولسا گۇندىپايغا تاپشۇرىدۇ ۋە گۇندىپاي سېنى زىندانغا تاشلايدۇ.
ואם כך יהיה, לא תצא מהכלא עד שתשלם את מלוא חובתך!“ 59
مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، [قەرزىڭنىڭ] ئەڭ ئاخىرقى بىر تىيىنىنىمۇ قويماي تۆلىمىگۈچە، شۇ يەردىن ھەرگىز چىقالمايسەن.

< לוּקָס 12 >