אל קהילת תסלוניקי השייכת לאלוהים אבינו ולישוע המשיח אדוננו. מאת פולוס, סילוונוס וטימותיוס. | 1 |
مەنكى پاۋلۇس، سىلاس ھەمدە تىموتىيدىن خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدە بولغان، تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە سالام. |
שלום וברכה מאת האלוהים אבינו וישוע המשיח אדוננו. | 2 |
خۇدائاتىمىز ۋە رەب ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىنغاي! |
אחים יקרים, אנו מרגישים חובה נעימה להודות לאלוהים על שאמונתכם התחזקה מאוד, ועל שאהבתכם איש לרעהו גדלה כל־כך. | 3 |
سىلەر ئۈچۈن خۇداغا ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ (ھەمدە شۇنداق قىلىش تولىمۇ لايىقتۇر)، ئى قېرىنداشلار، ــ چۈنكى ئېتىقادىڭلار كۈچلۈك ئۆسمەكتە ھەمدە بىر-بىرىڭلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارمۇ ئېشىپ تاشماقتا. |
אנחנו אף מתגאים בכם לפני הקהילות האחרות, כי הוכחתם מה חזק כוח־הסבל שלכם ומה איתנה אמונתכם באלוהים, למרות כל הרדיפות והצרות הבאות עליכם. | 4 |
شۇنىڭ بىلەن بىز ئۆزىمىز سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەن، شۇنداقلا بەرداشلىق بېرىۋاتقان بارلىق زىيانكەشلىك ۋە جاپا-مۇشەققەتلەر ئىچىدە كۆرسەتكەن سەۋر-چىداملىق ۋە ئېتىقادىڭلار ئۈچۈن، خۇدانىڭ ھەرقايسى جامائەتلىرىدە سىلەردىن پەخىرلىنىمىز؛ |
אלוהים חפץ שתהיו ראויים למלכותו אשר למענה אתם סובלים, והוא יוכיח לכם שהוא שופט בצדק. | 5 |
بۇ ئىشلار خۇدانىڭ كېلىدىغان ئادىل ھۆكۈمىنى كۆرسىتىدىغان روشەن بىر ئالامەتتۇر ۋە شۇنداقلا، بۇ ئىشلار سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ھېسابلىنىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ سىلەر مانا شۇ پادىشاھلىق ئۈچۈن زۇلۇم-زەخمەت چېكىۋاتىسىلەر؛ |
כיצד הוא יוכיח לכם זאת? בהענישו את רודפיכם, | 6 |
شۇنداق ئىكەن، سىلەرگە ئېغىرچىلىق سالغۇچىلارغا خۇدا ئېغىرچىلىق سالسا، ھەم شۇنداقلا رەب ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى بىلەن ئەرشتىن قايتا كۆرۈنگەن چاغدا، ئېغىرچىلىققا ئۇچرىغان سىلەرگە بىز بىلەن تەڭ ئاراملىق بەرسە دۇرۇس ئىش بولمامدۇ؟ |
ובהעניקו לכם, הנרדפים, רווחה והקלה יחד איתנו, כשישוע המשיח יופיע בשמים עם מלאכיו בלהבת־אש, | 7 |
כדי להעניש את אלה שסירבו להאמין באלוהים ובתוכניתו להושיעם באמצעות ישוע המשיח אדוננו. | 8 |
شۇ چاغدا ئۇ خۇدانى تونۇمايدىغانلاردىن، شۇنداقلا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ئىتائەت قىلمايدىغانلاردىن يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئىنتىقام ئالىدۇ. |
עונשם יהיה אבדון עולם – ניתוק מפני האדון ומהדרת כוחו, (aiōnios g166) | 9 |
بۇنداق كىشىلەر رەبنىڭ ھۇزۇرىدىن ۋە كۈچ-قۇدرىتىنىڭ شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھالاكەت جازاسىنى تارتىدۇ. (aiōnios g166) |
ביום שיבוא האדון להתכבד בקדושיו. אתם תהיו בין הקדושים האלה, כי האמנתם למה שסיפרנו לכם עליו. | 10 |
ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىدە ئۇلۇغلىنىپ، شۇ كۈنىدە بارلىق ئىشەنگەنلەردە (سىلەر دەرۋەقە بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزغا ئىشەنگەندۇرسىلەر) ئۆزىنىڭ كارامەتلىكىنى كۆرسىتىپ، مەدھىيىلەنگىلى كېلىدۇ. |
לפיכך אנו תמיד מתפללים שאלוהים יעשה אתכם ראויים לו, שימלא בגבורתו את כל משאלותיכם הטובות, ושיצליח את מעשיכם הנעשים מתוך אמונה בו, | 11 |
شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز سىلەر ئۈچۈن دائىم شۇنداق دۇئا قىلىمىزكى، سىلەرنى چاقىرغان بىزنىڭ خۇدايىمىز سىلەرنى ئۆز [ئۇلۇغ] چاقىرىقىغا لايىق ھېسابلاپ، ياخشىلىققا ئىنتىلگەن بارلىق گۈزەل مەقسەت-مۇددىئالىرىڭلارنى ۋە ئېتىقادىڭلاردىن چىققان بارلىق خىزمەتلىرىڭلارنى كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغاي. |
כדי ששם ישוע המשיח יהיה מפואר ומכובד באמצעותכם, וכדי שגם אתם תיקחו חלק בכבוד הזה, לפי מידת חסדו של אלוהינו ואדוננו ישוע המשיח. | 12 |
شۇنىڭ بىلەن، خۇدايىمىزنىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى سىلەردە شان-شەرەپ بولۇپ ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە سىلەرمۇ ئۇنىڭدا شان-شەرەپكە ئېرىشىسىلەر. |