וַיֹּסִ֙פוּ֙ בְּנֵ֣י יִשְׂרָאֵ֔ל לַעֲשׂ֥וֹת הָרַ֖ע בְּעֵינֵ֣י יְהוָ֑ה וְאֵה֖וּד מֵֽת׃ | 1 |
ئەمدى ئەھۇد ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە رەزىل بولغاننى قىلغىلى تۇردى. |
וַיִּמְכְּרֵ֣ם יְהוָ֗ה בְּיַד֙ יָבִ֣ין מֶֽלֶךְ־כְּנַ֔עַן אֲשֶׁ֥ר מָלַ֖ךְ בְּחָצ֑וֹר וְשַׂר־צְבָאוֹ֙ סִֽיסְרָ֔א וְה֥וּא יוֹשֵׁ֖ב בַּחֲרֹ֥שֶׁת הַגּוֹיִֽם׃ | 2 |
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى قانائانىيلارنىڭ پادىشاھى يابىننىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى. يابىن ھازور شەھىرىدە سەلتەنەت قىلاتتى؛ ئۇنىڭ قوشۇن سەردارىنىڭ ئىسمى سىسېرا بولۇپ، ئۇ ھاروشەت-گويىم دېگەن شەھەردە تۇراتتى. |
וַיִּצְעֲק֥וּ בְנֵֽי־יִשְׂרָאֵ֖ל אֶל־יְהוָ֑ה כִּ֠י תְּשַׁ֨ע מֵא֤וֹת רֶֽכֶב־בַּרְזֶל֙ ל֔וֹ וְ֠הוּא לָחַ֞ץ אֶת־בְּנֵ֧י יִשְׂרָאֵ֛ל בְּחָזְקָ֖ה עֶשְׂרִ֥ים שָׁנָֽה׃ ס | 3 |
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد كۆتۈردى، چۈنكى يابىننىڭ توققۇز يۈز تۆمۈر جەڭ ھارۋىسى بولۇپ، ئىسرائىللارغا يىگىرمە يىلدىن بۇيان تولىمۇ زۇلۇم قىلىپ كەلگەنىدى. |
וּדְבוֹרָה֙ אִשָּׁ֣ה נְבִיאָ֔ה אֵ֖שֶׁת לַפִּיד֑וֹת הִ֛יא שֹׁפְטָ֥ה אֶת־יִשְׂרָאֵ֖ל בָּעֵ֥ת הַהִֽיא׃ | 4 |
ئۇ ۋاقىتتا لاپىدوتنىڭ خوتۇنى دەبوراھ دېگەن ئايال پەيغەمبەر ئىسرائىلغا ھاكىم ئىدى. |
וְ֠הִיא יוֹשֶׁ֨בֶת תַּֽחַת־תֹּ֜מֶר דְּבוֹרָ֗ה בֵּ֧ין הָרָמָ֛ה וּבֵ֥ין בֵּֽית־אֵ֖ל בְּהַ֣ר אֶפְרָ֑יִם וַיַּעֲל֥וּ אֵלֶ֛יהָ בְּנֵ֥י יִשְׂרָאֵ֖ל לַמִּשְׁפָּֽט׃ | 5 |
ئۇ ئەفرائىم تاغلىقىدىكى راماھ بىلەن بەيت-ئەلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى «دەبوراھنىڭ خورما دەرىخى»نىڭ تۈۋىدە ئولتۇراتتى؛ بارلىق ئىسرائىللار دەۋالىرى توغرىسىدا ھۆكۈم سورىغىلى ئۇنىڭ قېشىغا كېلەتتى. |
וַתִּשְׁלַ֗ח וַתִּקְרָא֙ לְבָרָ֣ק בֶּן־אֲבִינֹ֔עַם מִקֶּ֖דֶשׁ נַפְתָּלִ֑י וַתֹּ֨אמֶר אֵלָ֜יו הֲלֹ֥א צִוָּ֣ה ׀ יְהוָ֣ה אֱלֹהֵֽי־יִשְׂרָאֵ֗ל לֵ֤ךְ וּמָֽשַׁכְתָּ֙ בְּהַ֣ר תָּב֔וֹר וְלָקַחְתָּ֣ עִמְּךָ֗ עֲשֶׂ֤רֶת אֲלָפִים֙ אִ֔ישׁ מִבְּנֵ֥י נַפְתָּלִ֖י וּמִבְּנֵ֥י זְבֻלֽוּן׃ | 6 |
ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ نافتالى يۇرتىدىكى كەدەشتىن ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراقنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: ــ مانا، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار [مۇنداق] ئەمر قىلغان ئەمەسمۇ؟! ئۇ: ــ سەن بېرىپ نافتالىلار قەبىلىسى ھەم زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ئون مىڭ ئادەمنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ تابور تېغىغا چىققىن؛ |
וּמָשַׁכְתִּ֨י אֵלֶ֜יךָ אֶל־נַ֣חַל קִישׁ֗וֹן אֶת־סִֽיסְרָא֙ שַׂר־צְבָ֣א יָבִ֔ין וְאֶת־רִכְבּ֖וֹ וְאֶת־הֲמוֹנ֑וֹ וּנְתַתִּ֖יהוּ בְּיָדֶֽךָ׃ | 7 |
شۇنىڭ بىلەن مەن يابىننىڭ قوشۇن سەردارى سىسېرانى جەڭ ھارۋىلىرى ۋە قوشۇنلىرى بىلەن قوشۇپ كىشون ئېقىنىنىڭ بويىغا، سېنىڭ قېشىڭغا بارغۇسى نىيەتكە سېلىپ، ئۇنى قولۇڭغا تاپشۇرىمەن دېگەن، ــ دېدى. |
וַיֹּ֤אמֶר אֵלֶ֙יהָ֙ בָּרָ֔ק אִם־תֵּלְכִ֥י עִמִּ֖י וְהָלָ֑כְתִּי וְאִם־לֹ֥א תֵלְכִ֛י עִמִּ֖י לֹ֥א אֵלֵֽךְ׃ | 8 |
باراق ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سەن مەن بىلەن بىللە بارساڭ، مەنمۇ بارىمەن. سەن مەن بىلەن بارمىساڭ، مەنمۇ بارمايمەن! ــ دېدى. |
וַתֹּ֜אמֶר הָלֹ֧ךְ אֵלֵ֣ךְ עִמָּ֗ךְ אֶ֚פֶס כִּי֩ לֹ֨א תִֽהְיֶ֜ה תִּֽפְאַרְתְּךָ֗ עַל־הַדֶּ֙רֶךְ֙ אֲשֶׁ֣ר אַתָּ֣ה הוֹלֵ֔ךְ כִּ֣י בְֽיַד־אִשָּׁ֔ה יִמְכֹּ֥ר יְהוָ֖ה אֶת־סִֽיסְרָ֑א וַתָּ֧קָם דְּבוֹרָ֛ה וַתֵּ֥לֶך עִם־בָּרָ֖ק קֶֽדְשָׁה׃ | 9 |
دەبوراھ جاۋابەن: ــ ماقۇل، مەن سەن بىلەن بارسام باراي؛ ھالبۇكى، سەپىرىڭ ساڭا ھېچ شان-شەرەپ كەلتۈرمەيدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىسېرانى بىر ئايال كىشىنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن دەبوراھ قوپۇپ باراق بىلەن بىللە كەدەشكە ماڭدى. |
וַיַּזְעֵ֨ק בָּרָ֜ק אֶת־זְבוּלֻ֤ן וְאֶת־נַפְתָּלִי֙ קֶ֔דְשָׁה וַיַּ֣עַל בְּרַגְלָ֔יו עֲשֶׂ֥רֶת אַלְפֵ֖י אִ֑ישׁ וַתַּ֥עַל עִמּ֖וֹ דְּבוֹרָֽה׃ | 10 |
باراق زەبۇلۇنلار ۋە نافتالىلارنى كەدەشكە چاقىرتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئون مىڭ ئادەم ئۇنىڭغا ئەگەشتى؛ دەبوراھمۇ ئۇنىڭ بىلەن چىقتى |
וְחֶ֤בֶר הַקֵּינִי֙ נִפְרָ֣ד מִקַּ֔יִן מִבְּנֵ֥י חֹבָ֖ב חֹתֵ֣ן מֹשֶׁ֑ה וַיֵּ֣ט אָהֳל֔וֹ עַד־אֵל֥וֹן בצענים אֲשֶׁ֥ר אֶת־קֶֽדֶשׁ׃ | 11 |
(شۇ چاغدا كېنىيلەردىن بولغان ھەبەر ئۆزىنى مۇسانىڭ قېينئاتىسى ھوبابنىڭ نەسلىدىن بولغان كېنىيلەردىن ئايرىپ چىقىپ، كەدەشنىڭ يېنىدىكى زائانائىمنىڭ دۇب دەرىخىنىڭ يېنىدا چېدىر تىككەنىدى). |
וַיַּגִּ֖דוּ לְסִֽיסְרָ֑א כִּ֥י עָלָ֛ה בָּרָ֥ק בֶּן־אֲבִינֹ֖עַם הַר־תָּבֽוֹר׃ ס | 12 |
ئەمدى سىسېراغا: ــ ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراق تابور تېغىغا چىقىپتۇ، دېگەن خەۋەر يەتكۈزۈلدى. |
וַיַּזְעֵ֨ק סִֽיסְרָ֜א אֶת־כָּל־רִכְבּ֗וֹ תְּשַׁ֤ע מֵאוֹת֙ רֶ֣כֶב בַּרְזֶ֔ל וְאֶת־כָּל־הָעָ֖ם אֲשֶׁ֣ר אִתּ֑וֹ מֵחֲרֹ֥שֶׁת הַגּוֹיִ֖ם אֶל־נַ֥חַל קִישֽׁוֹן׃ | 13 |
شۇنى ئاڭلاپ سىسېرا بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى، يەنى توققۇز يۈز تۆمۈر جەڭ ھارۋىسىنى ۋە بارلىق ئەسكەرلىرىنى يىغىپ، ھاروشەت-گويىمدىن چىقىپ، كىشون ئېقىنىنىڭ يېنىدا توپلىدى. |
וַתֹּאמֶר֩ דְּבֹרָ֨ה אֶל־בָּרָ֜ק ק֗וּם כִּ֣י זֶ֤ה הַיּוֹם֙ אֲשֶׁר֩ נָתַ֨ן יְהוָ֤ה אֶת־סִֽיסְרָא֙ בְּיָדֶ֔ךָ הֲלֹ֥א יְהוָ֖ה יָצָ֣א לְפָנֶ֑יךָ וַיֵּ֤רֶד בָּרָק֙ מֵהַ֣ר תָּב֔וֹר וַעֲשֶׂ֧רֶת אֲלָפִ֛ים אִ֖ישׁ אַחֲרָֽיו׃ | 14 |
دەبوراھ باراققا: ــ قوپقىن؛ بۈگۈن پەرۋەردىگار سىسېرانى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىدىغان كۈندۈر. مانا، پەرۋەردىگار ئالدىڭدا يول باشلىغىلى چىقتى ئەمەسمۇ؟! ــ دېدى. شۇنى دېۋىدى، باراق ۋە ئون مىڭ ئادەم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تابور تېغىدىن چۈشتى. |
וַיָּ֣הָם יְ֠הוָה אֶת־סִֽיסְרָ֨א וְאֶת־כָּל־הָרֶ֧כֶב וְאֶת־כָּל־הַֽמַּחֲנֶ֛ה לְפִי־חֶ֖רֶב לִפְנֵ֣י בָרָ֑ק וַיֵּ֧רֶד סִֽיסְרָ֛א מֵעַ֥ל הַמֶּרְכָּבָ֖ה וַיָּ֥נָס בְּרַגְלָֽיו׃ | 15 |
پەرۋەردىگار سىسېرانى، ئۇنىڭ ھەممە جەڭ ھارۋىلىرى ۋە بارلىق قوشۇنىنى قوشۇپ باراقنىڭ قىلىچى ئالدىدا تىرىپىرەن قىلدى؛ سىسېرا ئۆزى جەڭ ھارۋىسىدىن چۈشۈپ، پىيادە قېچىپ كەتتى. |
וּבָרָ֗ק רָדַ֞ף אַחֲרֵ֤י הָרֶ֙כֶב֙ וְאַחֲרֵ֣י הַֽמַּחֲנֶ֔ה עַ֖ד חֲרֹ֣שֶׁת הַגּוֹיִ֑ם וַיִּפֹּ֞ל כָּל־מַחֲנֵ֤ה סִֽיסְרָא֙ לְפִי־חֶ֔רֶב לֹ֥א נִשְׁאַ֖ר עַד־אֶחָֽד׃ | 16 |
باراق جەڭ ھارۋىلىرىنى ۋە قوشۇننى ھاروشەت-گويىمگىچە قوغلاپ باردى؛ سىسېرانىڭ بارلىق قوشۇنى قىلىچ ئاستىدا يىقىلدى، بىرىمۇ قالمىدى. |
וְסִֽיסְרָא֙ נָ֣ס בְּרַגְלָ֔יו אֶל־אֹ֣הֶל יָעֵ֔ל אֵ֖שֶּׁת חֶ֣בֶר הַקֵּינִ֑י כִּ֣י שָׁל֗וֹם בֵּ֚ין יָבִ֣ין מֶֽלֶךְ־חָצ֔וֹר וּבֵ֕ין בֵּ֖ית חֶ֥בֶר הַקֵּינִֽי׃ | 17 |
لېكىن سىسېرا پىيادە قېچىپ، كېنىيلەردىن بولغان ھەبەرنىڭ ئايالى يائەلنىڭ چېدىرىغا باردى؛ چۈنكى ھازورنىڭ پادىشاھى يابىن بىلەن كېنىيلەردىن بولغان ھەبەرنىڭ جەمەتى ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق ئالاقىسى بار ئىدى. |
וַתֵּצֵ֣א יָעֵל֮ לִקְרַ֣את סִֽיסְרָא֒ וַתֹּ֣אמֶר אֵלָ֗יו סוּרָ֧ה אֲדֹנִ֛י סוּרָ֥ה אֵלַ֖י אַל־תִּירָ֑א וַיָּ֤סַר אֵלֶ֙יהָ֙ הָאֹ֔הֱלָה וַתְּכַסֵּ֖הוּ בַּשְּׂמִיכָֽה׃ | 18 |
يائەل سىسېرانى قارشى ئېلىشقا چىقىپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي خوجام، كىرگىنە! قورقما، مېنىڭكىگە كىرگىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن سىسېرا ئۇنىڭ چېدىرىغا كىردى، ئۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە يوتقان يېپىپ قويدى. |
וַיֹּ֧אמֶר אֵלֶ֛יהָ הַשְׁקִינִי־נָ֥א מְעַט־מַ֖יִם כִּ֣י צָמֵ֑אתִי וַתִּפְתַּ֞ח אֶת־נֹ֧אוד הֶחָלָ֛ב וַתַּשְׁקֵ֖הוּ וַתְּכַסֵּֽהוּ׃ | 19 |
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ مەن ئۇسساپ كەتتىم، ماڭا بىر ئوتلام سۇ بەرگىنە، دېۋىدى، ئايال بېرىپ سۈت تۇلۇمىنى ئېچىپ، ئۇنىڭغا ئىچكۈزۈپ، ئاندىن يەنە ئۇنى يېپىپ قويدى. |
וַיֹּ֣אמֶר אֵלֶ֔יהָ עֲמֹ֖ד פֶּ֣תַח הָאֹ֑הֶל וְהָיָה֩ אִם־אִ֨ישׁ יָב֜וֹא וּשְׁאֵלֵ֗ךְ וְאָמַ֛ר הֲיֵֽשׁ־פֹּ֥ה אִ֖ישׁ וְאָמַ֥רְתְּ אָֽיִן׃ | 20 |
ئاندىن سىسېرا ئۇنىڭغا: ــ سەن چېدىرنىڭ ئىشىكىدە ساقلاپ تۇرغىن. بىركىم كېلىپ سەندىن: ــ بۇ يەردە بىرەرسى بارمۇ، دەپ سورىسا، يوق دەپ جاۋاب بەرگىن، ــ دېدى. |
וַתִּקַּ֣ח יָעֵ֣ל אֵֽשֶׁת־חֶ֠בֶר אֶת־יְתַ֨ד הָאֹ֜הֶל וַתָּ֧שֶׂם אֶת־הַמַּקֶּ֣בֶת בְּיָדָ֗הּ וַתָּב֤וֹא אֵלָיו֙ בַּלָּ֔אט וַתִּתְקַ֤ע אֶת־הַיָּתֵד֙ בְּרַקָּת֔וֹ וַתִּצְנַ֖ח בָּאָ֑רֶץ וְהֽוּא־נִרְדָּ֥ם וַיָּ֖עַף וַיָּמֹֽת׃ | 21 |
ئەمدى ھەبەرنىڭ ئايالى يائەل قوپۇپ، بىر چېدىر قوزۇقىنى ئېلىپ، قولىدا بولقىنى تۇتقىنىچە شەپە چىقارماي ئۇنىڭ قېشىغا باردى؛ ئۇ ھېرىپ كەتكەچكە، قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەنىدى. يائەل ئۇنىڭ چېكىسىگە قوزۇقنى شۇنداق قاقتىكى، قوزۇق چېكىسىدىن ئۆتۈپ يەرگە كىرىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلدى. |
וְהִנֵּ֣ה בָרָק֮ רֹדֵ֣ף אֶת־סִֽיסְרָא֒ וַתֵּצֵ֤א יָעֵל֙ לִקְרָאת֔וֹ וַתֹּ֣אמֶר ל֔וֹ לֵ֣ךְ וְאַרְאֶ֔ךָּ אֶת־הָאִ֖ישׁ אֲשֶׁר־אַתָּ֣ה מְבַקֵּ֑שׁ וַיָּבֹ֣א אֵלֶ֔יהָ וְהִנֵּ֤ה סִֽיסְרָא֙ נֹפֵ֣ל מֵ֔ת וְהַיָּתֵ֖ד בְּרַקָּתֽוֹ׃ | 22 |
شۇ چاغدا، باراق سىسېرانى قوغلاپ كەلدى، يائەل ئالدىغا چىقىپ ئۇنىڭغا: ــ كەلگىن، سەن ئىزدەپ كەلگەن ئادەمنى ساڭا كۆرسىتەي، ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭ چېدىرىغا كىرىپ قارىۋىدى، مانا سىسېرا ئۆلۈك ياتاتتى، قوزۇق تېخىچە چېكىسىگە قېقىقلىق تۇراتتى. |
וַיַּכְנַ֤ע אֱלֹהִים֙ בַּיּ֣וֹם הַה֔וּא אֵ֖ת יָבִ֣ין מֶֽלֶךְ־כְּנָ֑עַן לִפְנֵ֖י בְּנֵ֥י יִשְׂרָאֵֽל׃ | 23 |
شۇنداق قىلىپ، خۇدا شۇ كۈنى قانائان پادىشاھى يابىننى ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا تۆۋەن قىلدى. |
וַתֵּ֜לֶךְ יַ֤ד בְּנֵֽי־יִשְׂרָאֵל֙ הָל֣וֹךְ וְקָשָׁ֔ה עַ֖ל יָבִ֣ין מֶֽלֶךְ־כְּנָ֑עַן עַ֚ד אֲשֶׁ֣ר הִכְרִ֔יתוּ אֵ֖ת יָבִ֥ין מֶֽלֶךְ־כְּנָֽעַן׃ פ | 24 |
شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ئىسرائىللار بارغانسېرى كۈچىيىپ، قانائان پادىشاھى يابىندىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى؛ ئاخىردا ئۇلار قانائان پادىشاھى يابىننى يوقاتتى. |