וַיֵּ֥לֶךְ שִׁמְשׁ֖וֹן עַזָּ֑תָה וַיַּרְא־שָׁם֙ אִשָּׁ֣ה זוֹנָ֔ה וַיָּבֹ֖א אֵלֶֽיהָ׃ | 1 |
ئاندىن شىمشون گازاغا باردى، ئۇ ئۇ يەردە بىر پاھىشە ئايالنى كۆرۈپ، كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن يېقىنچىلىق قىلدى. |
לַֽעַזָּתִ֣ים ׀ לֵאמֹ֗ר בָּ֤א שִׁמְשׁוֹן֙ הֵ֔נָּה וַיָּסֹ֛בּוּ וַיֶּאֶרְבוּ־ל֥וֹ כָל־הַלַּ֖יְלָה בְּשַׁ֣עַר הָעִ֑יר וַיִּתְחָרְשׁ֤וּ כָל־הַלַּ֙יְלָה֙ לֵאמֹ֔ר עַד־א֥וֹר הַבֹּ֖קֶר וַהֲרְגְנֻֽהוּ׃ | 2 |
لېكىن گازالىقلار بىرسىنىڭ: ــ شىمشون بۇ يەرگە كەلدى، دېگىنىنى ئاڭلاپ، [شەھەرنى] قورشاپ، كېچىچە شەھەرنىڭ قوۋۇقىدا ئۈن چىقارماي ماراپ تۇردى ۋە: ئەتە تاڭ يورۇغاندا ئۇنى ئۆلتۈرىمىز، ــ دېيىشتى. |
וַיִּשְׁכַּ֣ב שִׁמְשׁוֹן֮ עַד־חֲצִ֣י הַלַּיְלָה֒ וַיָּ֣קָם ׀ בַּחֲצִ֣י הַלַּ֗יְלָה וַיֶּאֱחֹ֞ז בְּדַלְת֤וֹת שַֽׁעַר־הָעִיר֙ וּבִשְׁתֵּ֣י הַמְּזוּז֔וֹת וַיִּסָּעֵם֙ עִֽם־הַבְּרִ֔יחַ וַיָּ֖שֶׂם עַל־כְּתֵפָ֑יו וַֽיַּעֲלֵם֙ אֶל־רֹ֣אשׁ הָהָ֔ר אֲשֶׁ֖ר עַל־פְּנֵ֥י חֶבְרֽוֹן׃ פ | 3 |
شىمشون يېرىم كېچىگىچە ياتتى؛ ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ شەھەر قوۋۇقىنىڭ ئىككى قانىتىنى تۇتۇپ، ئۇنى ئىككى كېشىكى ۋە بالداق-تاقىقى بىلەن قوشۇپ، بىراقلا قومۇرۇپ، ئۆشنىسىگە ئارتىپ ھېبروننىڭ ئۇدۇلىدىكى تاغقا ئېلىپ چىقىپ كەتتى. |
וַֽיְהִי֙ אַחֲרֵי־כֵ֔ן וַיֶּאֱהַ֥ב אִשָּׁ֖ה בְּנַ֣חַל שֹׂרֵ֑ק וּשְׁמָ֖הּ דְּלִילָֽה׃ | 4 |
كېيىن ئۇ سورەك جىلغىسىدا ئولتۇرۇشلۇق دىلىلاھ ئىسىملىك بىر ئايالنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالدى. |
וַיַּעֲל֨וּ אֵלֶ֜יהָ סַרְנֵ֣י פְלִשְׁתִּ֗ים וַיֹּ֨אמְרוּ לָ֜הּ פַּתִּ֣י אוֹת֗וֹ וּרְאִי֙ בַּמֶּה֙ כֹּח֣וֹ גָד֔וֹל וּבַמֶּה֙ נ֣וּכַל ל֔וֹ וַאֲסַרְנֻ֖הוּ לְעַנֹּת֑וֹ וַאֲנַ֙חְנוּ֙ נִתַּן־לָ֔ךְ אִ֕ישׁ אֶ֥לֶף וּמֵאָ֖ה כָּֽסֶף׃ | 5 |
بۇنى بىلىپ فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۇ ئايالنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ سەن ئۇنى ئالداپ، ئۇنىڭ كۈچتۈڭگۈرلۈكىنىڭ زادى نەدىن بولغانلىقىنى كولاپ سوراپ، بىزنىڭ قانداق قىلساق ئۇنى يېڭەلەيدىغانلىقىمىزنى، ئۇنى باغلاپ بويسۇندۇرالايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ بەرسەڭ، بىز ھەربىرىمىز ساڭا بىر مىڭ بىر يۈز كۈمۈش تەڭگە بېرىمىز، ــ دېدى. |
וַתֹּ֤אמֶר דְּלִילָה֙ אֶל־שִׁמְשׁ֔וֹן הַגִּֽידָה־נָּ֣א לִ֔י בַּמֶּ֖ה כֹּחֲךָ֣ גָד֑וֹל וּבַמֶּ֥ה תֵאָסֵ֖ר לְעַנּוֹתֶֽךָ׃ | 6 |
شۇنىڭ بىلەن دىلىلاھ شىمشوندىن: ــ سەن كۈچتۈڭگۈرلۈكۈڭنىڭ زادى نەدىن بولغانلىقىنى، شۇنداقلا قانداق قىلغاندا سېنى باغلاپ بويسۇندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىن! ــ دېدى. |
וַיֹּ֤אמֶר אֵלֶ֙יהָ֙ שִׁמְשׁ֔וֹן אִם־יַאַסְרֻ֗נִי בְּשִׁבְעָ֛ה יְתָרִ֥ים לַחִ֖ים אֲשֶׁ֣ר לֹא־חֹרָ֑בוּ וְחָלִ֥יתִי וְהָיִ֖יתִי כְּאַחַ֥ד הָאָדָֽם׃ | 7 |
شىمشون ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئادەملەر مېنى يەتتە تال قۇرۇتۇلمىغان يېڭى يا كىرىچى بىلەن باغلىسا، مەن ئاجىزلاپ باشقا ئادەملەردەك بولۇپ قالىمەن، ــ دېدى. |
וַיַּעֲלוּ־לָ֞הּ סַרְנֵ֣י פְלִשְׁתִּ֗ים שִׁבְעָ֛ה יְתָרִ֥ים לַחִ֖ים אֲשֶׁ֣ר לֹא־חֹרָ֑בוּ וַתַּאַסְרֵ֖הוּ בָּהֶֽם׃ | 8 |
شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى يەتتە تال قۇرۇتۇلمىغان يېڭى يا كىرىچىنى ئېلىپ كېلىپ، بۇ ئايالغا بېرىۋىدى، ئۇ بۇ كىرىچلەر بىلەن ئۇنى باغلاپ قويدى |
וְהָאֹרֵ֗ב יֹשֵׁ֥ב לָהּ֙ בַּחֶ֔דֶר וַתֹּ֣אמֶר אֵלָ֔יו פְּלִשְׁתִּ֥ים עָלֶ֖יךָ שִׁמְשׁ֑וֹן וַיְנַתֵּק֙ אֶת־הַיְתָרִ֔ים כַּאֲשֶׁ֨ר יִנָּתֵ֤ק פְּתִֽיל־הַנְּעֹ֙רֶת֙ בַּהֲרִיח֣וֹ אֵ֔שׁ וְלֹ֥א נוֹדַ֖ע כֹּחֽוֹ׃ | 9 |
(دىلىلاھ بىرنەچچە ئادەمنى ھۇجرىدا پايلاپ تۇرۇشقا يوشۇرۇپ قويغانىدى). ئۇ شىمشونغا: ــ ئەي شىمشون، فىلىستىيلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى! ــ دېدى. ئۇ قوپۇپ كىرىچلەرنى چىگە شوينا ئوتتا كۆيۈپ ئۈزۈلۈپ كەتكەندەك ئۈزۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۈچتۈڭگۈرلىكىنىڭ سىرى ئاشكارىلانمىدى. |
וַתֹּ֤אמֶר דְּלִילָה֙ אֶל־שִׁמְשׁ֔וֹן הִנֵּה֙ הֵתַ֣לְתָּ בִּ֔י וַתְּדַבֵּ֥ר אֵלַ֖י כְּזָבִ֑ים עַתָּה֙ הַגִּֽידָה־נָּ֣א לִ֔י בַּמֶּ֖ה תֵּאָסֵֽר׃ | 10 |
بۇنى كۆرۈپ دىلىلاھ شىمشونغا: ــ مانا، سەن مېنى ئالداپ، ماڭا يالغان ئېيتىپسەن! ئەمدى ماڭا سېنى نېمە بىلەن باغلىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىن، ــ دېدى. |
וַיֹּ֣אמֶר אֵלֶ֔יהָ אִם־אָס֤וֹר יַאַסְר֙וּנִי֙ בַּעֲבֹתִ֣ים חֲדָשִׁ֔ים אֲשֶׁ֛ר לֹֽא־נַעֲשָׂ֥ה בָהֶ֖ם מְלָאכָ֑ה וְחָלִ֥יתִי וְהָיִ֖יתִי כְּאַחַ֥ד הָאָדָֽם׃ | 11 |
ئۇ جاۋاپ بېرىپ: ــ ئادەملەر مېنى ھېچ ئىشلەتمىگەن يېڭى ئارغامچا بىلەن باغلىسا، مەن ئاجىزلاپ باشقا ئادەملەردەك بولۇپ قالىمەن، ــ دېدى. |
וַתִּקַּ֣ח דְּלִילָה֩ עֲבֹתִ֨ים חֲדָשִׁ֜ים וַתַּאַסְרֵ֣הוּ בָהֶ֗ם וַתֹּ֤אמֶר אֵלָיו֙ פְּלִשְׁתִּ֤ים עָלֶ֙יךָ֙ שִׁמְשׁ֔וֹן וְהָאֹרֵ֖ב יֹשֵׁ֣ב בֶּחָ֑דֶר וַֽיְנַתְּקֵ֛ם מֵעַ֥ל זְרֹעֹתָ֖יו כַּחֽוּט׃ | 12 |
شۇنىڭ بىلەن دىلىلاھ يېڭى ئارغامچا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى باغلاپ: ــ ئەي شىمشون، فىلىستىيلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى! ــ دېدى (ئەسلىدە بىرنەچچە ئادەم ھۇجرىدا يوشۇرۇنۇپ، ئۇنى پايلاپ تۇرۇشقانىدى). لېكىن شىمشون ئۆز قولىدىكى ئارغامچىلارنى يىپنى ئۈزگەندەك ئۈزۈپ تاشلىدى. |
וַתֹּ֨אמֶר דְּלִילָ֜ה אֶל־שִׁמְשׁ֗וֹן עַד־הֵ֜נָּה הֵתַ֤לְתָּ בִּי֙ וַתְּדַבֵּ֤ר אֵלַי֙ כְּזָבִ֔ים הַגִּ֣ידָה לִּ֔י בַּמֶּ֖ה תֵּאָסֵ֑ר וַיֹּ֣אמֶר אֵלֶ֔יהָ אִם־תַּאַרְגִ֗י אֶת־שֶׁ֛בַע מַחְלְפ֥וֹת רֹאשִׁ֖י עִם־הַמַּסָּֽכֶת׃ | 13 |
بۇنى كۆرۈپ دىلىلاھ شىمشونغا: ــ سەن ھازىرغىچە مېنى ئالداپسەن، ماڭا يالغان ئېيتىپسەن؛ ئەمدى ماڭا سېنى نېمە بىلەن باغلىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىن، ــ دېدى. ئۇ جاۋاپ بېرىپ: ــ سەن مېنىڭ بېشىمدىكى يەتتە ئۆرۈم چاچنى دۇكاندىكى ئۆرۈش يىپ بىلەن قوشۇپ ئۆرۈپ قويساڭلا بولىدۇ، ــ دېدى. |
וַתִּתְקַע֙ בַּיָּתֵ֔ד וַתֹּ֣אמֶר אֵלָ֔יו פְּלִשְׁתִּ֥ים עָלֶ֖יךָ שִׁמְשׁ֑וֹן וַיִּיקַץ֙ מִשְּׁנָת֔וֹ וַיִּסַּ֛ע אֶת־הַיְתַ֥ד הָאֶ֖רֶג וְאֶת־הַמַּסָּֽכֶת׃ | 14 |
شۇنىڭ بىلەن [شىمشون ئۇخلىغاندا ئۇ ئۇنىڭ بېشىدىكى يەتتە تال چاچنى ئۆرۈش يىپ بىلەن قوشۇپ ئۆرۈپ]، قوزۇققا باغلاپ قويۇپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي شىمشون، فىلىستىيلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى! ــ دېدى. شىمشون ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، ئۆرۈش يىپ بىلەن قوزۇقنى بىراقلا تارتىپ يۇلىۋەتتى. |
וַתֹּ֣אמֶר אֵלָ֗יו אֵ֚יךְ תֹּאמַ֣ר אֲהַבְתִּ֔יךְ וְלִבְּךָ֖ אֵ֣ין אִתִּ֑י זֶ֣ה שָׁלֹ֤שׁ פְּעָמִים֙ הֵתַ֣לְתָּ בִּ֔י וְלֹא־הִגַּ֣דְתָּ לִּ֔י בַּמֶּ֖ה כֹּחֲךָ֥ גָדֽוֹל׃ | 15 |
ئاندىن ئايال ئۇنىڭغا: ــ ماڭا كۆڭلۈڭ يوق تۇرۇپ، قانداقسىگە ساڭا ئاشىق بولدۇم، دەيسەن؟ سەن مېنى ئۈچ قېتىم ئالداپ، كۈچتۈڭگۈرلۈكۈڭنىڭ نەدىن بولغانلىقىنى ماڭا ئېيتىپ بەرمىدىڭغۇ، ــ دېدى. |
וַ֠יְהִי כִּֽי־הֵצִ֨יקָה לּ֧וֹ בִדְבָרֶ֛יהָ כָּל־הַיָּמִ֖ים וַתְּאַֽלֲצֵ֑הוּ וַתִּקְצַ֥ר נַפְשׁ֖וֹ לָמֽוּת׃ | 16 |
ئۇنىڭ ھەركۈنى سۆزلىرى بىلەن ئۇنى قىستاشلىرى ۋە يالۋۇرۇشلىرى بىلەن شىمشوننىڭ ئۆلگۈدەك ئىچى پۇشتى ۋە شۇنداق بولدىكى، |
וַיַּגֶּד־לָ֣הּ אֶת־כָּל־לִבּ֗וֹ וַיֹּ֤אמֶר לָהּ֙ מוֹרָה֙ לֹֽא־עָלָ֣ה עַל־רֹאשִׁ֔י כִּֽי־נְזִ֧יר אֱלֹהִ֛ים אֲנִ֖י מִבֶּ֣טֶן אִמִּ֑י אִם־גֻּלַּ֙חְתִּי֙ וְסָ֣ר מִמֶּ֣נִּי כֹחִ֔י וְחָלִ֥יתִי וְהָיִ֖יתִי כְּכָל־הָאָדָֽם׃ | 17 |
ئۇ كۆڭلىدىكى سىرىنى قويماي ئۇنىڭغا ئاشكارا قىلىپ: ــ مەن ئانامنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ خۇداغا ئاتىلىپ نازارىي بولغىنىم ئۈچۈن، بېشىمغا ھەرگىز ئۇستىرا سېلىنىپ باقمىغان؛ ئەگەر مېنىڭ چېچىم چۈشۈرۈۋېتىلسە، كۈچۈم مەندىن كېتىپ، مەن ئاجىزلاپ باشقا ئادەملەردەك بولۇپ قالىمەن، ــ دېدى. |
וַתֵּ֣רֶא דְלִילָ֗ה כִּֽי־הִגִּ֣יד לָהּ֮ אֶת־כָּל־לִבּוֹ֒ וַתִּשְׁלַ֡ח וַתִּקְרָא֩ לְסַרְנֵ֨י פְלִשְׁתִּ֤ים לֵאמֹר֙ עֲל֣וּ הַפַּ֔עַם כִּֽי־הִגִּ֥יד לה אֶת־כָּל־לִבּ֑וֹ וְעָל֤וּ אֵלֶ֙יהָ֙ סַרְנֵ֣י פְלִשְׁתִּ֔ים וַיַּעֲל֥וּ הַכֶּ֖סֶף בְּיָדָֽם׃ | 18 |
دىلىلاھ ئۇنىڭ ئۆزىگە كۆڭلىدىكى ھەممە سىرىنى دەپ بەرگىنىنى كۆرۈپ، فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرىنى چارقىرىپ كېلىشكە ئادەم ماڭدۇرۇپ: ــ «بۇ قېتىم سىلەر يەنە بىر چىقىڭلار، چۈنكى شىمشون كۆڭلىدىكى ھەممە سىرنى ماڭا ئاشكارا قىلدى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى قوللىرىغا كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، ئۇنىڭ قېشىغا چىقتى. |
וַתְּיַשְּׁנֵ֙הוּ֙ עַל־בִּרְכֶּ֔יהָ וַתִּקְרָ֣א לָאִ֔ישׁ וַתְּגַלַּ֕ח אֶת־שֶׁ֖בַע מַחְלְפ֣וֹת רֹאשׁ֑וֹ וַתָּ֙חֶל֙ לְעַנּוֹת֔וֹ וַיָּ֥סַר כֹּח֖וֹ מֵעָלָֽיו׃ | 19 |
ئاندىن دىلىلاھ ئۇنى ئۆز يوتىسىغا ياتقۇزۇپ، ئۇخلىتىپ قويۇپ، بىر ئادەمنى چاقىرىپ كىرىپ ئۇنىڭ بېشىدىكى يەتتە ئۆرۈم چاچنى چۈشۈرۈۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇ شىمشوننىڭ بوزەك قىلىنىشىنى باشلىغۇچى بولدى. شىمشون كۈچىدىن كەتكەنىدى. |
וַתֹּ֕אמֶר פְּלִשְׁתִּ֥ים עָלֶ֖יךָ שִׁמְשׁ֑וֹן וַיִּקַ֣ץ מִשְּׁנָת֗וֹ וַיֹּ֙אמֶר֙ אֵצֵ֞א כְּפַ֤עַם בְּפַ֙עַם֙ וְאִנָּעֵ֔ר וְהוּא֙ לֹ֣א יָדַ֔ע כִּ֥י יְהוָ֖ה סָ֥ר מֵעָלָֽיו׃ | 20 |
ئۇ: ــ ئەي شىمشون، فىلىستىيلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى! ــ دېۋىدى، ئۇ ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ: ــ مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئىلگىرىكى بىرقانچە قېتىمقىدەك، بوشىنىپ كېتىمەن، دەپ ئويلىدى. لېكىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىدىن كەتكىنىنى بىلمەيتتى. |
וַיֹּאחֲז֣וּהוּ פְלִשְׁתִּ֔ים וַֽיְנַקְּר֖וּ אֶת־עֵינָ֑יו וַיּוֹרִ֨ידוּ אוֹת֜וֹ עַזָּ֗תָה וַיַּאַסְר֙וּהוּ֙ בַּֽנְחֻשְׁתַּ֔יִם וַיְהִ֥י טוֹחֵ֖ן בְּבֵ֥ית האסירים׃ | 21 |
شۇنىڭ بىلەن، فىلىستىيلەر ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، كۆزلىرىنى ئويۇپ، گازاغا ئېلىپ چۈشۈپ، ئۇنى مىس زەنجىرلەر بىلەن باغلاپ، زىنداندا ئۇن تارتىشقا سالدى. |
וַיָּ֧חֶל שְׂעַר־רֹאשׁ֛וֹ לְצַמֵּ֖חַ כַּאֲשֶׁ֥ר גֻּלָּֽח׃ פ | 22 |
لېكىن بېشىدىكى چۈشۈرۈۋېتىلگەن چېچى يەنە ئۆسۈشكە باشلىدى. |
וְסַרְנֵ֣י פְלִשְׁתִּ֗ים נֶֽאֱסְפוּ֙ לִזְבֹּ֧חַ זֶֽבַח־גָּד֛וֹל לְדָג֥וֹן אֱלֹהֵיהֶ֖ם וּלְשִׂמְחָ֑ה וַיֹּ֣אמְר֔וּ נָתַ֤ן אֱלֹהֵ֙ינוּ֙ בְּיָדֵ֔נוּ אֵ֖ת שִׁמְשׁ֥וֹן אוֹיְבֵֽינוּ׃ | 23 |
كېيىن، فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۆز ئىلاھى بولغان داگون ئۈچۈن چوڭ بىر قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشكە ھەم تەبرىكلەپ شادلىنىشقا يىغىلدى. چۈنكى ئۇلار: ــ مانا، ئىلاھىمىز دۈشمىنىمىز بولغان شىمشوننى قولىمىزغا تاپشۇرۇپ بەردى، ــ دېيىشتى. |
וַיִּרְא֤וּ אֹתוֹ֙ הָעָ֔ם וַֽיְהַלְל֖וּ אֶת־אֱלֹהֵיהֶ֑ם כִּ֣י אָמְר֗וּ נָתַ֨ן אֱלֹהֵ֤ינוּ בְיָדֵ֙נוּ֙ אֶת־א֣וֹיְבֵ֔נוּ וְאֵת֙ מַחֲרִ֣יב אַרְצֵ֔נוּ וַאֲשֶׁ֥ר הִרְבָּ֖ה אֶת־חֲלָלֵֽינוּ׃ | 24 |
خەلق شىمشوننى كۆرگەندە، ئۆز ئىلاھىنى داڭلاپ: ــ ئىلاھىمىز بولسا، يۇرتىمىزنى ۋەيران قىلغۇچىنى، ئادەملىرىمىزنى كۆپ ئۆلتۈرگەن دۈشمىنىمىزنى قولىمىزغا چۈشۈرۈپ بەردى! ــ دېيىشتى. |
וַֽיְהִי֙ כי טוב לִבָּ֔ם וַיֹּ֣אמְר֔וּ קִרְא֥וּ לְשִׁמְשׁ֖וֹן וִישַֽׂחֶק־לָ֑נוּ וַיִּקְרְא֨וּ לְשִׁמְשׁ֜וֹן מִבֵּ֣ית האסירים וַיְצַחֵק֙ לִפְנֵיהֶ֔ם וַיַּעֲמִ֥ידוּ אוֹת֖וֹ בֵּ֥ין הָעַמּוּדִֽים׃ | 25 |
ئۇلار تازا شاد-خۇراملىق كەيپىگە چۆمۈپ: ــ شىمشون كەلتۈرۈلسۇن، ئۇ بىزگە بىر ئويۇن كۆرسىتىپ بەرسۇن، دېيىشتى؛ ئۇلار شىمشوننى زىنداندىن ئېلىپ چىقتى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئويۇن كۆرسەتتى. ئەمدى ئۇلار ئۇنى ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختىتىپ قويغانىدى. |
וַיֹּ֨אמֶר שִׁמְשׁ֜וֹן אֶל־הַנַּ֨עַר הַמַּחֲזִ֣יק בְּיָדוֹ֮ הַנִּ֣יחָה אוֹתִי֒ והימשני אֶת־הָֽעַמֻּדִ֔ים אֲשֶׁ֥ר הַבַּ֖יִת נָכ֣וֹן עֲלֵיהֶ֑ם וְאֶשָּׁעֵ֖ן עֲלֵיהֶֽם׃ | 26 |
شۇنىڭ بىلەن شىمشون قولىنى تۇتۇپ تۇرغان يىگىتكە: ــ مېنى قويۇۋەت، ئۆينى كۆتۈرۈپ تۇرغان تۈۋرۈكلەرنى سىلاپ، ئۇلارغا يۆلىنىۋالغىلى قويغايسەن، ــ دېدى. |
וְהַבַּ֗יִת מָלֵ֤א הָֽאֲנָשִׁים֙ וְהַנָּשִׁ֔ים וְשָׁ֕מָּה כֹּ֖ל סַרְנֵ֣י פְלִשְׁתִּ֑ים וְעַל־הַגָּ֗ג כִּשְׁלֹ֤שֶׁת אֲלָפִים֙ אִ֣ישׁ וְאִשָּׁ֔ה הָרֹאִ֖ים בִּשְׂח֥וֹק שִׁמְשֽׁוֹן׃ | 27 |
ئۇ چاغدا ئۆي ئەر-ئاياللار بىلەن لىق تولغانىدى، فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسىمۇ شۇ يەردە ئىدى؛ ئۆگزىدىمۇ شىمشوننىڭ كۆرسىتىۋاتقان ئويۇنىنى كۆرۈۋاتقان تەخمىنەن ئۈچ مىڭچە ئەر-ئايال بار ئىدى. |
וַיִּקְרָ֥א שִׁמְשׁ֛וֹן אֶל־יְהוָ֖ה וַיֹּאמַ֑ר אֲדֹנָ֣י יֱהֹוִ֡ה זָכְרֵ֣נִי נָא֩ וְחַזְּקֵ֨נִי נָ֜א אַ֣ךְ הַפַּ֤עַם הַזֶּה֙ הָאֱלֹהִ֔ים וְאִנָּקְמָ֧ה נְקַם־אַחַ֛ת מִשְּׁתֵ֥י עֵינַ֖י מִפְּלִשְׁתִּֽים׃ | 28 |
شىمشون پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىپ: ــ ئەي رەب پەرۋەردىگار، مېنى ياد قىلىپ پەقەت مۇشۇ بىر قېتىم ماڭا كۈچ ئاتا قىلغايسەن؛ ئى خۇدا، شۇنىڭ بىلەن ئىككى كۆزۈمنىڭ ئىنتىقامىنى فىلىستىيلەردىن بىر يولىلا ئالغۇزغايسەن! ــ دېدى. |
וַיִּלְפֹּ֨ת שִׁמְשׁ֜וֹן אֶת־שְׁנֵ֣י ׀ עַמּוּדֵ֣י הַתָּ֗וֶךְ אֲשֶׁ֤ר הַבַּ֙יִת֙ נָכ֣וֹן עֲלֵיהֶ֔ם וַיִּסָּמֵ֖ךְ עֲלֵיהֶ֑ם אֶחָ֥ד בִּימִינ֖וֹ וְאֶחָ֥ד בִּשְׂמֹאלֽוֹ׃ | 29 |
شىمشون شۇلارنى دەپ ئۆينى كۆتۈرۈپ تۇرغان ئوتتۇرىدىكى ئىككى تۈۋرۈكنى تۇتۇۋالدى؛ بىرىنى ئوڭ قولى بىلەن، يەنە بىرىنى سول قولى بىلەن تۇتۇپ، ئۇلارغا تايىنىپ تۇردى. |
וַיֹּ֣אמֶר שִׁמְשׁ֗וֹן תָּמ֣וֹת נַפְשִׁי֮ עִם־פְּלִשְׁתִּים֒ וַיֵּ֣ט בְּכֹ֔חַ וַיִּפֹּ֤ל הַבַּ֙יִת֙ עַל־הַסְּרָנִ֔ים וְעַל־כָּל־הָעָ֖ם אֲשֶׁר־בּ֑וֹ וַיִּהְי֤וּ הַמֵּתִים֙ אֲשֶׁ֣ר הֵמִ֣ית בְּמוֹת֔וֹ רַבִּ֕ים מֵאֲשֶׁ֥ר הֵמִ֖ית בְּחַיָּֽיו׃ | 30 |
ئاندىن: «فىلىستىيلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆلۈپ كەتسەم!» دەپ بەدىنىنى ئېگىپ كۈچىنى يىغىپ [ئىتتىرىۋىدى]، ئۆي ئۆرۈلۈپ، ئۇ يەردىكى ئەمىرلەر بىلەن بارلىق خەلقنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۆز ئۆلۈمى بىلەن ئۆلتۈرگەن ئادەملەر ئۇنىڭ تىرىك ۋاقتىدا ئۆلتۈرگەنلىرىدىن كۆپ بولدى. |
וַיֵּרְד֨וּ אֶחָ֜יו וְכָל־בֵּ֣ית אָבִיהוּ֮ וַיִּשְׂא֣וּ אֹתוֹ֒ וַֽיַּעֲל֣וּ ׀ וַיִּקְבְּר֣וּ אוֹת֗וֹ בֵּ֤ין צָרְעָה֙ וּבֵ֣ין אֶשְׁתָּאֹ֔ל בְּקֶ֖בֶר מָנ֣וֹחַ אָבִ֑יו וְה֛וּא שָׁפַ֥ט אֶת־יִשְׂרָאֵ֖ל עֶשְׂרִ֥ים שָׁנָֽה׃ פ | 31 |
ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ بارلىق جەمەتى چۈشۈپ، ئۇنى كۆتۈرۈپ، زورېئاھ بىلەن ئەشتائولنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بېرىپ، ئاتىسى مانوئاھنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلدى. ئۇ يىگىرمە يىل ئىسرائىلغا ھاكىم بولغانىدى. |