וַֽיִּגְּשׁ֗וּ רָאשֵׁי֙ אֲב֣וֹת הַלְוִיִּ֔ם אֶל־אֶלְעָזָר֙ הַכֹּהֵ֔ן וְאֶל־יְהוֹשֻׁ֖עַ בִּן־נ֑וּן וְאֶל־רָאשֵׁ֛י אֲב֥וֹת הַמַּטּ֖וֹת לִבְנֵ֥י יִשְׂרָאֵֽל׃ | 1 |
ئۇ ۋاقىتتا لاۋىي جەمەتلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرى كاھىن ئەلىئازار، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، |
וַיְדַבְּר֨וּ אֲלֵיהֶ֜ם בְּשִׁלֹ֗ה בְּאֶ֤רֶץ כְּנַ֙עַן֙ לֵאמֹ֔ר יְהוָה֙ צִוָּ֣ה בְיַד־מֹשֶׁ֔ה לָֽתֶת־לָ֥נוּ עָרִ֖ים לָשָׁ֑בֶת וּמִגְרְשֵׁיהֶ֖ן לִבְהֶמְתֵּֽנוּ׃ | 2 |
قانائان زېمىنىدىكى شىلوھدا ئۇلارغا: ــ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق پەرۋەردىگار بىز توغرۇلۇق: «ئۇلارغا تۇرۇشقا شەھەرلەرنى، ماللىرى ئۈچۈن يايلاقلارنى قوشۇپ بەرگىن»، دەپ ئېيتقان، دېدى. |
וַיִּתְּנ֨וּ בְנֵי־יִשְׂרָאֵ֧ל לַלְוִיִּ֛ם מִנַּחֲלָתָ֖ם אֶל־פִּ֣י יְהוָ֑ה אֶת־הֶעָרִ֥ים הָאֵ֖לֶּה וְאֶת־מִגְרְשֵׁיהֶֽן׃ | 3 |
شۇنى دېۋىدى، ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئۆز مىراس ئۈلۈشلىرىدىن مۇنۇ شەھەرلەر بىلەن يايلاقلارنى قوشۇپ لاۋىيلارغا بەردى: ــ |
וַיֵּצֵ֥א הַגּוֹרָ֖ל לְמִשְׁפְּחֹ֣ת הַקְּהָתִ֑י וַיְהִ֡י לִבְנֵי֩ אַהֲרֹ֨ן הַכֹּהֵ֜ן מִן־הַלְוִיִּ֗ם מִמַּטֵּ֣ה יְ֠הוּדָה וּמִמַּטֵּ֨ה הַשִּׁמְעֹנִ֜י וּמִמַּטֵּ֤ה בִנְיָמִן֙ בַּגּוֹרָ֔ל עָרִ֖ים שְׁלֹ֥שׁ עֶשְׂרֵֽה׃ ס | 4 |
بىرىنچى تاشلانغان چەك كوھات جەمەتلىرىگە چىقتى؛ چەك تاشلىنىپ، لاۋىيلار ئىچىدىكى كاھىن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا يەھۇدا قەبىلىسى، شىمېئون قەبىلىسى ۋە بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدىن ئون ئۈچ شەھەر بېكىتىلدى؛ |
וְלִבְנֵ֨י קְהָ֜ת הַנּוֹתָרִ֗ים מִמִּשְׁפְּחֹ֣ת מַטֵּֽה־אֶ֠פְרַיִם וּֽמִמַּטֵּה־דָ֞ן וּמֵחֲצִ֨י מַטֵּ֧ה מְנַשֶּׁ֛ה בַּגּוֹרָ֖ל עָרִ֥ים עָֽשֶׂר׃ ס | 5 |
ئاندىن كوھاتنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا چەك تاشلىنىپ، ئەفرائىم قەبىلە-جەمەتلىرىنىڭ زېمىنىدىن، دان قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدىن ئون شەھەر بېكىتىلدى. |
וְלִבְנֵ֣י גֵרְשׁ֗וֹן מִמִּשְׁפְּח֣וֹת מַטֵּֽה־יִשָּׂשכָ֣ר וּמִמַּטֵּֽה־אָ֠שֵׁר וּמִמַּטֵּ֨ה נַפְתָּלִ֜י וּ֠מֵחֲצִי מַטֵּ֨ה מְנַשֶּׁ֤ה בַבָּשָׁן֙ בַּגּוֹרָ֔ל עָרִ֖ים שְׁלֹ֥שׁ עֶשְׂרֵֽה׃ ס | 6 |
گەرشوننىڭ ئەۋلادلىرىغا چەك تاشلىنىپ، ئىسساكار قەبىلە-جەمەتلىرىنىڭ زېمىنىدىن، ئاشىر قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن، نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ۋە ماناسسەھنىڭ يەنە بىر يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئون ئۈچ شەھەر بېكىتىلدى. |
לִבְנֵ֨י מְרָרִ֜י לְמִשְׁפְּחֹתָ֗ם מִמַּטֵּ֨ה רְאוּבֵ֤ן וּמִמַּטֵּה־גָד֙ וּמִמַּטֵּ֣ה זְבוּלֻ֔ן עָרִ֖ים שְׁתֵּ֥ים עֶשְׂרֵֽה׃ | 7 |
مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىغا، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە چەك تاشلىنىپ، رۇبەن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن، گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئون ئىككى شەھەر بېكىتىلدى. |
וַיִּתְּנ֤וּ בְנֵֽי־יִשְׂרָאֵל֙ לַלְוִיִּ֔ם אֶת־הֶעָרִ֥ים הָאֵ֖לֶּה וְאֶת־מִגְרְשֵׁיהֶ֑ן כַּאֲשֶׁ֨ר צִוָּ֧ה יְהוָ֛ה בְּיַד־מֹשֶׁ֖ה בַּגּוֹרָֽל׃ פ | 8 |
بۇ تەرىقىدە پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بۇيرۇغىنىدەك ئىسرائىللار چەك تاشلاپ بۇ شەھەرلەر بىلەن يايلاقلىرىنى قوشۇپ، لاۋىيلارغا بەردى. |
וַֽיִּתְּנ֗וּ מִמַּטֵּה֙ בְּנֵ֣י יְהוּדָ֔ה וּמִמַּטֵּ֖ה בְּנֵ֣י שִׁמְע֑וֹן אֵ֚ת הֶֽעָרִ֣ים הָאֵ֔לֶּה אֲשֶׁר־יִקְרָ֥א אֶתְהֶ֖ן בְּשֵֽׁם׃ | 9 |
ئۇلار يەھۇدانىڭ قەبىلىسى بىلەن شىمېئوننىڭ قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن تۆۋەندە تىزىملانغان مۇنۇ شەھەرلەرنى بەردى: ــ |
וַֽיְהִי֙ לִבְנֵ֣י אַהֲרֹ֔ן מִמִּשְׁפְּח֥וֹת הַקְּהָתִ֖י מִבְּנֵ֣י לֵוִ֑י כִּ֥י לָהֶ֛ם הָיָ֥ה הַגּוֹרָ֖ל רִיאשֹׁנָֽה׃ | 10 |
(چەك تاشلانغاندا، لاۋىيلارنىڭ نەسلى بولغان كوھاتلار جەمەتىدىكى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا بىرىنچى چەك چىققاچقا مۇنۇ شەھەرلەر بېرىلدى): ــ |
וַיִּתְּנ֨וּ לָהֶ֜ם אֶת־קִרְיַת֩ אַרְבַּ֨ע אֲבִ֧י הָֽעֲנ֛וֹק הִ֥יא חֶבְר֖וֹן בְּהַ֣ר יְהוּדָ֑ה וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֖הָ סְבִיבֹתֶֽיהָ׃ | 11 |
ئۇلارغا يەھۇدانىڭ تاغلىق رايونىدىكى كىرىئات-ئاربا (ئاربا ئاناكنىڭ ئاتىسى ئىدى)، يەنى ھېبرون بىلەن ئەتراپىدىكى يايلاقلارنى قوشۇپ بەردى. |
וְאֶת־שְׂדֵ֥ה הָעִ֖יר וְאֶת־חֲצֵרֶ֑יהָ נָֽתְנ֛וּ לְכָלֵ֥ב בֶּן־יְפֻנֶּ֖ה בַּאֲחֻזָּתֽוֹ׃ ס | 12 |
لېكىن شەھەرگە تەۋە ئېتىزلار بىلەن كەنت-قىشلاقلارنى يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبكە مىراس قىلىپ بەردى. |
וְלִבְנֵ֣י ׀ אַהֲרֹ֣ן הַכֹּהֵ֗ן נָֽתְנוּ֙ אֶת־עִיר֙ מִקְלַ֣ט הָרֹצֵ֔חַ אֶת־חֶבְר֖וֹן וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֑הָ וְאֶת־לִבְנָ֖ה וְאֶת־מִגְרָשֶֽׁהָ׃ | 13 |
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ھارۇن كاھىننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر ھېبرون ۋە يايلاقلىرىنى، يەنە ئۇلارغا لىبناھ بىلەن يايلاقلىرىنى، |
וְאֶת־יַתִּר֙ וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֔הָ וְאֶת־אֶשְׁתְּמֹ֖עַ וְאֶת־מִגְרָשֶֽׁהָ׃ | 14 |
ياتتىر بىلەن يايلاقلىرىنى، ئەشتەموئا بىلەن يايلاقلىرىنى، |
וְאֶת־חֹלֹן֙ וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֔הָ וְאֶת־דְּבִ֖ר וְאֶת־מִגְרָשֶֽׁהָ׃ | 15 |
ھولون بىلەن يايلاقلىرىنى، دەبىر بىلەن يايلاقلىرىنى، |
וְאֶת־עַ֣יִן וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֗הָ וְאֶת־יֻטָּה֙ וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֔הָ אֶת־בֵּ֥ית שֶׁ֖מֶשׁ וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֑הָ עָרִ֣ים תֵּ֔שַׁע מֵאֵ֕ת שְׁנֵ֥י הַשְּׁבָטִ֖ים הָאֵֽלֶּה׃ פ | 16 |
ئايىن بىلەن يايلاقلىرىنى، يۇتتاھ بىلەن يايلاقلىرىنى، بەيت-شەمەش بىلەن يايلاقلىرىنى بەردى؛ بۇ ئىككى قەبىلىنىڭ زېمىنلىرىدىن جەمئىي توققۇز شەھەرنى بەردى. |
וּמִמַּטֵּ֣ה בִנְיָמִ֔ן אֶת־גִּבְע֖וֹן וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֑הָ אֶת־גֶּ֖בַע וְאֶת־מִגְרָשֶֽׁהָ׃ | 17 |
مۇندىن باشقا ئۇلارغا بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن گىبېئون بىلەن يايلاقلىرىنى، گېبا بىلەن يايلاقلىرىنى، |
אֶת־עֲנָתוֹת֙ וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֔הָ וְאֶת־עַלְמ֖וֹן וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֑הָ עָרִ֖ים אַרְבַּֽע׃ | 18 |
ئاناتوت بىلەن يايلاقلىرىنى، ئالمون بىلەن يايلاقلىرىنى قوشۇپ جەمئىي تۆت شەھەر بەردى. |
כָּל־עָרֵ֥י בְנֵֽי־אַהֲרֹ֖ן הַכֹּֽהֲנִ֑ים שְׁלֹשׁ־עֶשְׂרֵ֥ה עָרִ֖ים וּמִגְרְשֵׁיהֶֽן׃ ס | 19 |
بۇ تەرىقىدە كاھىنلار، يەنى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا بېرىلگەن شەھەرلەر ئون ئۈچ بولدى؛ بۇلار ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بىلەن بېرىلدى. |
וּלְמִשְׁפְּח֤וֹת בְּנֵֽי־קְהָת֙ הַלְוִיִּ֔ם הַנּוֹתָרִ֖ים מִבְּנֵ֣י קְהָ֑ת וַֽיְהִי֙ עָרֵ֣י גֽוֹרָלָ֔ם מִמַּטֵּ֖ה אֶפְרָֽיִם׃ | 20 |
ئۇلار يەنە لاۋىيلارنىڭ نەسلىدىن بولغان كوھاتنىڭ قالغان جەمەتلىرىگىمۇ شەھەرلەرنى بەردى. چەك تاشلاش بىلەن ئۇلارغا بېكىتىلگەن شەھەرلەر مۇنۇلار: ــ ئۇلارغا ئەفرائىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن |
וַיִּתְּנ֨וּ לָהֶ֜ם אֶת־עִ֨יר מִקְלַ֧ט הָרֹצֵ֛חַ אֶת־שְׁכֶ֥ם וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֖הָ בְּהַ֣ר אֶפְרָ֑יִם וְאֶת־גֶּ֖זֶר וְאֶת־מִגְרָשֶֽׁהָ׃ | 21 |
ئەفرائىمنىڭ تاغلىق رايونىدىكى ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر شەكەم بىلەن يايلاقلىرىنى، يەنە گەزەر بىلەن يايلاقلىرى، |
וְאֶת־קִבְצַ֙יִם֙ וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֔הָ וְאֶת־בֵּ֥ית חוֹרֹ֖ן וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֑הָ עָרִ֖ים אַרְבַּֽע׃ ס | 22 |
كىبزائىم بىلەن يايلاقلىرى ۋە بەيت-ھورون بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى؛ |
וּמִמַּ֨טֵּה־דָ֔ן אֶֽת־אֶלְתְּקֵ֖א וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֑הָ אֶֽת־גִּבְּת֖וֹן וְאֶת־מִגְרָשֶֽׁהָ׃ | 23 |
بۇنىڭدىن باشقا دان قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئەلتەكەھ بىلەن يايلاقلىرى، گىببېتون بىلەن يايلاقلىرى، |
אֶת־אַיָּלוֹן֙ וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֔הָ אֶת־גַּת־רִמּ֖וֹן וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֑הָ עָרִ֖ים אַרְבַּֽע׃ ס | 24 |
ئايجالون بىلەن يايلاقلىرى ۋە گات-رىممون بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى. |
וּמִֽמַּחֲצִית֙ מַטֵּ֣ה מְנַשֶּׁ֔ה אֶת־תַּעְנַךְ֙ וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֔הָ וְאֶת־גַּת־רִמּ֖וֹן וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֑הָ עָרִ֖ים שְׁתָּֽיִם׃ | 25 |
بۇنىڭدىن باشقا ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن تائاناق بىلەن يايلاقلىرى، گات-رىممون بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي ئىككى شەھەرنى بەردى. |
כָּל־עָרִ֥ים עֶ֖שֶׂר וּמִגְרְשֵׁיהֶ֑ן לְמִשְׁפְּח֥וֹת בְּנֵֽי־קְהָ֖ת הַנּוֹתָרִֽים׃ ס | 26 |
بۇ تەرىقىدە كوھاتلارنىڭ قالغان جەمەتلىرىگە بېرىلگەن شەھەرلەر ئون بولدى؛ بۇلار ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بىلەن بېرىلدى. |
וְלִבְנֵ֣י גֵרְשׁוֹן֮ מִמִּשְׁפְּחֹ֣ת הַלְוִיִּם֒ מֵחֲצִ֞י מַטֵּ֣ה מְנַשֶּׁ֗ה אֶת־עִיר֙ מִקְלַ֣ט הָרֹצֵ֔חַ אֶת־גלון בַּבָּשָׁן֙ וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֔הָ וְאֶֽת־בְּעֶשְׁתְּרָ֖ה וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֑הָ עָרִ֖ים שְׁתָּֽיִם׃ ס | 27 |
لاۋىيلارنىڭ جەمەتلىرىدىن بولغان گەرشونلارغا بولسا ئۇلار ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر باشاندىكى گولان بىلەن يايلاقلىرىنى، شۇنداقلا بەئەشتېراھ بىلەن يايلاقلىرىنى، جەمئىي ئىككى شەھەرنى بەردى؛ |
וּמִמַּטֵּ֣ה יִשָּׂשכָ֔ר אֶת־קִשְׁי֖וֹן וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֑הָ אֶת־דָּֽבְרַ֖ת וְאֶת־מִגְרָשֶֽׁהָ׃ | 28 |
يەنە ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن كىشىئون بىلەن يايلاقلىرى، دابىرات بىلەن يايلاقلىرى، |
אֶת־יַרְמוּת֙ וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֔הָ אֶת־עֵ֥ין גַּנִּ֖ים וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֑הָ עָרִ֖ים אַרְבַּֽע׃ ס | 29 |
يارمۇت بىلەن يايلاقلىرى ۋە ئەن-گاننىم بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى؛ |
וּמִמַּטֵּ֣ה אָשֵׁ֔ר אֶת־מִשְׁאָ֖ל וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֑הָ אֶת־עַבְדּ֖וֹן וְאֶת־מִגְרָשֶֽׁהָ׃ | 30 |
بۇنىڭدىن باشقا ئاشىر قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن مىشال بىلەن يايلاقلىرى، ئابدون بىلەن يايلاقلىرى، |
אֶת־חֶלְקָת֙ וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֔הָ וְאֶת־רְחֹ֖ב וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֑הָ עָרִ֖ים אַרְבַּֽע׃ ס | 31 |
ھەلكات بىلەن يايلاقلىرى ۋە رەھوب بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي بولۇپ تۆت شەھەرنى بەردى؛ |
וּמִמַּטֵּ֨ה נַפְתָּלִ֜י אֶת־עִ֣יר ׀ מִקְלַ֣ט הָֽרֹצֵ֗חַ אֶת־קֶ֨דֶשׁ בַּגָּלִ֤יל וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֙הָ֙ וְאֶת־חַמֹּ֥ת דֹּאר֙ וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֔הָ וְאֶת־קַרְתָּ֖ן וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֑הָ עָרִ֖ים שָׁלֹֽשׁ׃ | 32 |
بۇنىڭدىن باشقا نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر گالىلىيەدىكى كەدەش بىلەن يايلاقلىرىنى، يەنە ھامموت-دور بىلەن يايلاقلىرى ۋە كارتان بىلەن ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بولۇپ، جەمىئىي ئۈچ شەھەرنى بەردى. |
כָּל־עָרֵ֥י הַגֵּרְשֻׁנִּ֖י לְמִשְׁפְּחֹתָ֑ם שְׁלֹשׁ־עֶשְׂרֵ֥ה עִ֖יר וּמִגְרְשֵׁיהֶֽן׃ ס | 33 |
بۇ تەرىقىدە گەرشونلارغا بېرىلگەن شەھەرلەر ئون ئۈچ بولدى؛ بۇلار ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بىلەن بېرىلدى. |
וּלְמִשְׁפְּח֣וֹת בְּנֵֽי־מְרָרִי֮ הַלְוִיִּ֣ם הַנּוֹתָרִים֒ מֵאֵת֙ מַטֵּ֣ה זְבוּלֻ֔ן אֶֽת־יָקְנְעָ֖ם וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֑הָ אֶת־קַרְתָּ֖ה וְאֶת־מִגְרָשֶֽׁהָ׃ | 34 |
قالغان لاۋىيلارغا، يەنى مەرارىلار جەمەتلىرىگە زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن يوكنېئام بىلەن يايلاقلىرى، كارتاھ بىلەن يايلاقلىرى، |
אֶת־דִּמְנָה֙ וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֔הָ אֶֽת־נַהֲלָ֖ל וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֑הָ עָרִ֖ים אַרְבַּֽע׃ | 35 |
دىمناھ بىلەن يايلاقلىرى ۋە ناھالال بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى. |
וּמִמַּטֵּ֣ה רְאוּבֵ֔ן אֶת־בֶּ֖צֶר וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֑הָ וְאֶת־יַ֖הְצָה וְאֶת־מִגְרָשֶֽׁהָ׃ | 36 |
بۇنىڭدىن باشقا رۇبەن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن بەزەر بىلەن يايلاقلىرى، ياھاز بىلەن يايلاقلىرى، |
אֶת־קְדֵמוֹת֙ וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֔הָ וְאֶת־מֵיפָ֖עַת וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֑הָ עָרִ֖ים אַרְבַּֽע׃ ס | 37 |
كەدەموت بىلەن يايلاقلىرى ۋە مەفائات بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى. |
וּמִמַּטֵּה־גָ֗ד אֶת־עִיר֙ מִקְלַ֣ט הָרֹצֵ֔חַ אֶת־רָמֹ֥ת בַּגִּלְעָ֖ד וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֑הָ וְאֶֽת־מַחֲנַ֖יִם וְאֶת־מִגְרָשֶֽׁהָ׃ | 38 |
بۇنىڭدىن باشقا گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر گىلېئادتىكى راموت بىلەن يايلاقلىرىنى، يەنە ماھانايىم بىلەن يايلاقلىرى، |
אֶת־חֶשְׁבּוֹן֙ וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֔הָ אֶת־יַעְזֵ֖ר וְאֶת־מִגְרָשֶׁ֑הָ כָּל־עָרִ֖ים אַרְבַּֽע׃ | 39 |
ھەشبون بىلەن يايلاقلىرى ۋە جائازەر بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى. |
כָּל־הֶ֨עָרִ֜ים לִבְנֵ֤י מְרָרִי֙ לְמִשְׁפְּחֹתָ֔ם הַנּוֹתָרִ֖ים מִמִּשְׁפְּח֣וֹת הַלְוִיִּ֑ם וַיְהִי֙ גּוֹרָלָ֔ם עָרִ֖ים שְׁתֵּ֥ים עֶשְׂרֵֽה׃ | 40 |
بۇلار بولسا قالغان لاۋىيلارنىڭ جەمەتلىرىگە، يەنى مەرارىلار جەمەتلىرىگە بېرىلگەن بارلىق شەھەرلەردۇر؛ ئۇلارغا چەك تاشلىنىش بىلەن بېرىلگەن ئۈلۈشى ئون ئىككى شەھەر ئىدى. |
כֹּ֚ל עָרֵ֣י הַלְוִיִּ֔ם בְּת֖וֹךְ אֲחֻזַּ֣ת בְּנֵֽי־יִשְׂרָאֵ֑ל עָרִ֛ים אַרְבָּעִ֥ים וּשְׁמֹנֶ֖ה וּמִגְרְשֵׁיהֶֽן׃ | 41 |
ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى ئىچىدىن لاۋىيلارغا بېكىتىپ بېرىلگەن شەھەرلەر جەمئىي قىرىق سەككىز ئىدى؛ بۇلار ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بىلەن بېرىلدى. |
תִּֽהְיֶ֙ינָה֙ הֶעָרִ֣ים הָאֵ֔לֶּה עִ֣יר עִ֔יר וּמִגְרָשֶׁ֖יהָ סְבִיבֹתֶ֑יהָ כֵּ֖ן לְכָל־הֶעָרִ֥ים הָאֵֽלֶּה׃ ס | 42 |
بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئەتراپىدا يايلاقلىرى بار ئىدى؛ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئىدى. |
וַיִּתֵּ֤ן יְהוָה֙ לְיִשְׂרָאֵ֔ל אֶת־כָּל־הָאָ֔רֶץ אֲשֶׁ֥ר נִשְׁבַּ֖ע לָתֵ֣ת לַאֲבוֹתָ֑ם וַיִּרָשׁ֖וּהָ וַיֵּ֥שְׁבוּ בָֽהּ׃ | 43 |
پەرۋەردىگار شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا بېرىشكە قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان پۈتكۈل زېمىننى ئۇلارغا بەردى؛ ئۇلار كېلىپ ئۇنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە ئولتۇردى. |
וַיָּ֨נַח יְהוָ֤ה לָהֶם֙ מִסָּבִ֔יב כְּכֹ֥ל אֲשֶׁר־נִשְׁבַּ֖ע לַאֲבוֹתָ֑ם וְלֹא־עָ֨מַד אִ֤ישׁ בִּפְנֵיהֶם֙ מִכָּל־אֹ֣יְבֵיהֶ֔ם אֵ֚ת כָּל־אֹ֣יְבֵיהֶ֔ם נָתַ֥ן יְהוָ֖ה בְּיָדָֽם׃ | 44 |
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغىنىدەك، ئۇلارغا ھەر ئەتراپىدا تىنچ-ئاراملىق بەردى؛ ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ھېچقاندىقى ئۇلارنىڭ ئالدىدا قەددىنى رۇسلاپ تىك تۇرالمايتتى؛ بەلكى پەرۋەردىگار ھەممە دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى. |
לֹֽא־נָפַ֣ל דָּבָ֔ר מִכֹּל֙ הַדָּבָ֣ר הַטּ֔וֹב אֲשֶׁר־דִּבֶּ֥ר יְהוָ֖ה אֶל־בֵּ֣ית יִשְׂרָאֵ֑ל הַכֹּ֖ל בָּֽא׃ פ | 45 |
پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنىڭ جەمەتىگە ۋەدە قىلغان ھىممەتلىرىدىن ھېچبىرى قالدۇرۇلماي ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. |