כֹּ֚ה אָמַ֣ר יְהוָ֔ה שִׁמְר֥וּ מִשְׁפָּ֖ט וַעֲשׂ֣וּ צְדָקָ֑ה כִּֽי־קְרוֹבָ֤ה יְשֽׁוּעָתִי֙ לָב֔וֹא וְצִדְקָתִ֖י לְהִגָּלֽוֹת׃ | 1 |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئادالەت ھەم ھىدايەتتە چىڭ تۇرۇڭلار، ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزىۋېرىڭلار؛ چۈنكى مېنىڭ نىجاتىم يېقىنلاشتى، ھەققانىيلىقىم ئايان قىلىناي دەۋاتىدۇ، |
אַשְׁרֵ֤י אֱנוֹשׁ֙ יַעֲשֶׂה־זֹּ֔את וּבֶן־אָדָ֖ם יַחֲזִ֣יק בָּ֑הּ שֹׁמֵ֤ר שַׁבָּת֙ מֵֽחַלְּל֔וֹ וְשֹׁמֵ֥ר יָד֖וֹ מֵעֲשׂ֥וֹת כָּל־רָֽע׃ ס | 2 |
مۇشۇلارنى قىلغۇچى كىشى، مۇشۇلاردا چىڭ تۇرغۇچى ئىنسان بالىسى ــ شابات كۈنىنى بۇلغىماي پاك-مۇقەددەس ساقلىغۇچى، قولىنى ھەرقانداق رەزىللىكتىن تارتقۇچى كىشى نېمىدېگەن بەختلىكتۇر! |
וְאַל־יֹאמַ֣ר בֶּן־הַנֵּכָ֗ר הַנִּלְוָ֤ה אֶל־יְהוָה֙ לֵאמֹ֔ר הַבְדֵּ֧ל יַבְדִּילַ֛נִי יְהוָ֖ה מֵעַ֣ל עַמּ֑וֹ וְאַל־יֹאמַר֙ הַסָּרִ֔יס הֵ֥ן אֲנִ֖י עֵ֥ץ יָבֵֽשׁ׃ ס | 3 |
ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغان يات يۇرتلۇق ئادەم: ــ «پەرۋەردىگار چوقۇم مېنى ئۆز خەلقىدىن ئايرىۋېتىدۇ!»، ياكى ئاغۋات بولغان كىشى: ــ «مانا، قاقشال بىر دەرەخمەن!» دېگۈچى بولمىسۇن. |
כִּי־כֹ֣ה ׀ אָמַ֣ר יְהוָ֗ה לַסָּֽרִיסִים֙ אֲשֶׁ֤ר יִשְׁמְרוּ֙ אֶת־שַׁבְּתוֹתַ֔י וּבָֽחֲר֖וּ בַּאֲשֶׁ֣ר חָפָ֑צְתִּי וּמַחֲזִיקִ֖ים בִּבְרִיתִֽי׃ | 4 |
چۈنكى پەرۋەردىگار: ــ مەن ئۆز «شابات كۈنلىرىم»نى ساقلايدىغان، كۆڭلۈمدىكى ئىشلارنى تاللىغان، ئەھدەمدە چىڭ تۇرىدىغان ئاغۋاتلارغا مۇنداق دەيمەنكى: ــ |
וְנָתַתִּ֨י לָהֶ֜ם בְּבֵיתִ֤י וּבְחֽוֹמֹתַי֙ יָ֣ד וָשֵׁ֔ם ט֖וֹב מִבָּנִ֣ים וּמִבָּנ֑וֹת שֵׁ֤ם עוֹלָם֙ אֶתֶּן־ל֔וֹ אֲשֶׁ֖ר לֹ֥א יִכָּרֵֽת׃ ס | 5 |
مەن ئۇلارغا ئۆز ئۆيۈمدە، يەنى ئۆز تاملىرىم ئىچىدە ئورۇن ھەم نام-ئاتاق ئاتا قىلىمەن؛ مۇشۇ نام-ئاتاق ئوغۇل-قىزلىرى بارلارنىڭكىدىن ئەۋزەلدۇر؛ مەن ئۇلارغا ئۈزۈلمەس، مەڭگۈلۈك نامنى بېرىمەن. |
וּבְנֵ֣י הַנֵּכָ֗ר הַנִּלְוִ֤ים עַל־יְהוָה֙ לְשָׁ֣רְת֔וֹ וּֽלְאַהֲבָה֙ אֶת־שֵׁ֣ם יְהוָ֔ה לִהְי֥וֹת ל֖וֹ לַעֲבָדִ֑ים כָּל־שֹׁמֵ֤ר שַׁבָּת֙ מֵֽחַלְּל֔וֹ וּמַחֲזִיקִ֖ים בִּבְרִיתִֽי׃ | 6 |
پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا، ئۇنىڭ نامىغا سېغىنىشقا، ئۇنىڭ قۇللىرى بولۇشقا پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى باغلىغان، شابات كۈنىنى بۇلغىماي پاك-مۇقەددەس ساقلىغان، ئەھدەمنى چىڭ تۇتقان يات يۇرتلۇقنىڭ پەرزەنتلىرىنى بولسا، |
וַהֲבִיאוֹתִ֞ים אֶל־הַ֣ר קָדְשִׁ֗י וְשִׂמַּחְתִּים֙ בְּבֵ֣ית תְּפִלָּתִ֔י עוֹלֹתֵיהֶ֧ם וְזִבְחֵיהֶ֛ם לְרָצ֖וֹן עַֽל־מִזְבְּחִ֑י כִּ֣י בֵיתִ֔י בֵּית־תְּפִלָּ֥ה יִקָּרֵ֖א לְכָל־הָעַמִּֽים׃ | 7 |
ئۇلارنىمۇ ئۆز مۇقەددەس تېغىمغا ئېلىپ كېلىمەن، مېنىڭ دۇئاگاھ بولغان ئۆيۈمدە ئۇلارنى خۇشال قىلىمەن؛ ئۇلارنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرى ھەم تەشەككۈر قۇرنانلىقلىرى مېنىڭ قۇربانگاھىم ئۈستىدە قوبۇل قىلىنىدۇ؛ چۈنكى مېنىڭ ئۆيۈم «بارلىق ئەل-يۇرتلار ئۈچۈن دۇئا قىلىنىدىغان ئۆي» دەپ ئاتىلىدۇ. |
נְאֻם֙ אֲדֹנָ֣י יְהוִ֔ה מְקַבֵּ֖ץ נִדְחֵ֣י יִשְׂרָאֵ֑ל ע֛וֹד אֲקַבֵּ֥ץ עָלָ֖יו לְנִקְבָּצָֽיו׃ | 8 |
ئىسرائىلدىن تارقىلىپ كەتكەن غېرىبلارنى يىغىپ قايتۇرىدىغان رەب پەرۋەردىگار: ــ مەن يەنە ئۇنىڭغا باشقىلارنى، يەنى يىغىلىپ بولغانلارغا باشقىلارنىمۇ قوشۇپ يىغىمەن! ــ دەيدۇ. |
כֹּ֖ל חַיְת֣וֹ שָׂדָ֑י אֵתָ֕יוּ לֶאֱכֹ֥ל כָּל־חַיְת֖וֹ בַּיָּֽעַר׃ ס | 9 |
ــ ئى دالالاردىكى بارلىق ھايۋانلار، كېلىپ ئوزۇقتىن ئېلىڭلار، ئورمانلىقتىكى بارلىق ھايۋانلار، كېلىڭلار! |
צפו עִוְרִ֤ים כֻּלָּם֙ לֹ֣א יָדָ֔עוּ כֻּלָּם֙ כְּלָבִ֣ים אִלְּמִ֔ים לֹ֥א יוּכְל֖וּ לִנְבֹּ֑חַ הֹזִים֙ שֹֽׁכְבִ֔ים אֹהֲבֵ֖י לָנֽוּם׃ | 10 |
[ئىسرائىلنىڭ] كۆزەتچىلىرى ھەممىسى قارىغۇ؛ ئۇلار ھېچ بىلمەيدۇ؛ ھەممىسى قاۋاشنى بىلمەيدىغان گاچا ئىتلار، چۈشەكەپ ياتىدىغان، ئۇيقۇغا ئامراقلار! |
וְהַכְּלָבִ֣ים עַזֵּי־נֶ֗פֶשׁ לֹ֤א יָֽדְעוּ֙ שָׂבְעָ֔ה וְהֵ֣מָּה רֹעִ֔ים לֹ֥א יָדְע֖וּ הָבִ֑ין כֻּלָּם֙ לְדַרְכָּ֣ם פָּנ֔וּ אִ֥ישׁ לְבִצְע֖וֹ מִקָּצֵֽהוּ׃ | 11 |
مۇشۇ ئىتلار بولسا نەپسى يامان، تويغاننى بىلمەيدۇ، ئۇلار بولسا [خەلقىمنى] «باققۇچى»لارمىش تېخى! ئۇلار يورۇتۇلۇشنى ھېچ بىلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خالىغانچە يول تاللاپ قېيىپ كەتكەن، بىرسىمۇ قالماي ھەربىرى ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ يۈرگۈچىلەر! |
אֵתָ֥יוּ אֶקְחָה־יַ֖יִן וְנִסְבְּאָ֣ה שֵׁכָ֑ר וְהָיָ֤ה כָזֶה֙ י֣וֹם מָחָ֔ר גָּד֖וֹל יֶ֥תֶר מְאֹֽד׃ | 12 |
ئۇلار: «قېنى، شاراب كەلتۈرىمەن، ھاراقنى قانغۇچە ئىچەيلى؛ ئەتىمۇ بولسا بۈگۈنكىدەك بولىدۇ، تېخىمۇ مولچىلىق بولىدۇ يەنە!» ــ دەۋېرىدۇ. |