בַּשְּׁבִיעִ֕י בְּעֶשְׂרִ֥ים וְאֶחָ֖ד לַחֹ֑דֶשׁ הָיָה֙ דְּבַר־יְהוָ֔ה בְּיַד־חַגַּ֥י הַנָּבִ֖יא לֵאמֹֽר׃ | 1 |
يەتتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: |
אֱמָר־נָ֗א אֶל־זְרֻבָּבֶ֤ל בֶּן־שַׁלְתִּיאֵל֙ פַּחַ֣ת יְהוּדָ֔ה וְאֶל־יְהוֹשֻׁ֥עַ בֶּן־יְהוֹצָדָ֖ק הַכֹּהֵ֣ן הַגָּד֑וֹל וְאֶל־שְׁאֵרִ֥ית הָעָ֖ם לֵאמֹֽר׃ | 2 |
ــ «شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ ۋالىيىسى زەرۇببابەلگە، يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئاغا ھەمدە خەلقنىڭ قالدىسىغا سۆز قىلىپ ئۇلاردىن: ــ |
מִ֤י בָכֶם֙ הַנִּשְׁאָ֔ר אֲשֶׁ֤ר רָאָה֙ אֶת־הַבַּ֣יִת הַזֶּ֔ה בִּכְבוֹד֖וֹ הָרִאשׁ֑וֹן וּמָ֨ה אַתֶּ֜ם רֹאִ֤ים אֹתוֹ֙ עַ֔תָּה הֲל֥וֹא כָמֹ֛הוּ כְּאַ֖יִן בְּעֵינֵיכֶֽם׃ | 3 |
«ئاراڭلاردىن ئەينى چاغدىكى شان-شەرەپتە بولغان بۇ ئۆينى كۆرگەنلەردىن كىم بار؟ سىلەر ھازىر ئۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟ نەزىرىڭلاردا ئۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، شۇنداقمۇ؟» ــ دەپ سورىغىن. |
וְעַתָּ֣ה חֲזַ֣ק זְרֻבָּבֶ֣ל ׀ נְאֻם־יְהוָ֡ה וַחֲזַ֣ק יְהוֹשֻׁ֣עַ בֶּן־יְהוֹצָדָק֩ הַכֹּהֵ֨ן הַגָּד֜וֹל וַחֲזַ֨ק כָּל־עַ֥ם הָאָ֛רֶץ נְאֻם־יְהוָ֖ה וַֽעֲשׂ֑וּ כִּֽי־אֲנִ֣י אִתְּכֶ֔ם נְאֻ֖ם יְהוָ֥ה צְבָאֽוֹת׃ | 4 |
ــ بىراق ھازىر، ئى زەرۇببابەل، جاسارەتلىك بول، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئا، جاسارەتلىك بول؛ زېمىندىكى بارلىق خەلق، جاسارەتلىك بولۇپ ئىشلەڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ــ چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. |
אֶֽת־הַדָּבָ֞ר אֲשֶׁר־כָּרַ֤תִּי אִתְּכֶם֙ בְּצֵאתְכֶ֣ם מִמִּצְרַ֔יִם וְרוּחִ֖י עֹמֶ֣דֶת בְּתוֹכְכֶ֑ם אַל־תִּירָֽאוּ׃ ס | 5 |
ــ مىسىردىن چىققان ۋاقتىڭلاردا سىلەرگە ئەھدە قىلغان سۆزۈم ۋە مېنىڭ روھىم ئاراڭلاردا تۇرۇپ كەلدى؛ ھەرگىز قورقماڭلار. |
כִּ֣י כֹ֤ה אָמַר֙ יְהוָ֣ה צְבָא֔וֹת ע֥וֹד אַחַ֖ת מְעַ֣ט הִ֑יא וַאֲנִ֗י מַרְעִישׁ֙ אֶת־הַשָּׁמַ֣יִם וְאֶת־הָאָ֔רֶץ וְאֶת־הַיָּ֖ם וְאֶת־הֶחָרָבָֽה׃ | 6 |
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ــ يەنە پەقەت ئازغىنا ۋاقىتتىن كېيىن مەن ئاسمانلار، يەر يۈزى، دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنى تەۋرىتىمەن؛ |
וְהִרְעַשְׁתִּי֙ אֶת־כָּל ־הַגּוֹיִ֔ם וּבָ֖אוּ חֶמְדַּ֣ת כָּל־הַגּוֹיִ֑ם וּמִלֵּאתִ֞י אֶת־הַבַּ֤יִת הַזֶּה֙ כָּב֔וֹד אָמַ֖ר יְהוָ֥ה צְבָאֽוֹת׃ | 7 |
مەن بارلىق ئەللەرنى تەۋرىتىمەن؛ نەتىجىدە ئەللەرنىڭ سەرخىل ئەتىۋار نەرسىلىرى ئېلىپ كېلىنىدۇ. مەن مۇشۇ ئۆينى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. |
לִ֥י הַכֶּ֖סֶף וְלִ֣י הַזָּהָ֑ב נְאֻ֖ם יְהוָ֥ה צְבָאֽוֹת׃ | 8 |
ــ كۈمۈش مېنىڭكى، ئالتۇن مېنىڭكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. |
גָּד֣וֹל יִֽהְיֶ֡ה כְּבוֹד֩ הַבַּ֨יִת הַזֶּ֤ה הָאַֽחֲרוֹן֙ מִן־הָ֣רִאשׁ֔וֹן אָמַ֖ר יְהוָ֣ה צְבָא֑וֹת וּבַמָּק֤וֹם הַזֶּה֙ אֶתֵּ֣ן שָׁל֔וֹם נְאֻ֖ם יְהוָ֥ה צְבָאֽוֹת׃ פ | 9 |
ــ بۇ ئۆينىڭ كېيىنكى شان-شەرىپى ئەسلىدىكىدىن زور بولىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ۋە مەن مۇشۇ يەردە ئاراملىك-خاتىرجەملىكنى ئاتا قىلىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار». |
בְּעֶשְׂרִ֤ים וְאַרְבָּעָה֙ לַתְּשִׁיעִ֔י בִּשְׁנַ֥ת שְׁתַּ֖יִם לְדָרְיָ֑וֶשׁ הָיָה֙ דְּבַר־יְהוָ֔ה אֶל־חַגַּ֥י הַנָּבִ֖יא לֵאמֹֽר׃ | 10 |
دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
כֹּ֥ה אָמַ֖ר יְהוָ֣ה צְבָא֑וֹת שְׁאַל־נָ֧א אֶת־הַכֹּהֲנִ֛ים תּוֹרָ֖ה לֵאמֹֽר׃ | 11 |
«ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ كاھىنلارغا سۆز قىلىپ ئۇلاردىن تەۋرات-قانۇنى توغرۇلۇق: ــ |
הֵ֣ן ׀ יִשָּׂא־אִ֨ישׁ בְּשַׂר־קֹ֜דֶשׁ בִּכְנַ֣ף בִּגְד֗וֹ וְנָגַ֣ע בִּ֠כְנָפוֹ אֶל־הַלֶּ֨חֶם וְאֶל־הַנָּזִ֜יד וְאֶל־הַיַּ֧יִן וְאֶל־שֶׁ֛מֶן וְאֶל־כָּל־מַאֲכָ֖ל הֲיִקְדָּ֑שׁ וַיַּעֲנ֧וּ הַכֹּהֲנִ֛ים וַיֹּאמְר֖וּ לֹֽא׃ | 12 |
«بىرسى تونىنىڭ ئېتىكىدە «[خۇداغا] ئاتالغان گۆش»نى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ ئېتىكى نانغا، ئۇماچقا، شارابقا، زەيتۇن مايغا ياكى ھەرقانداق ئاش-ئوزۇققا مۇنداقلا تېگىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۇ نەرسىلەر «[خۇداغا] ئاتالغان» بولامدۇ؟» ــ دەپ سورىغىن». كاھىنلار جاۋابەن: «ياق» ــ دېدى. |
וַיֹּ֣אמֶר חַגַּ֔י אִם־יִגַּ֧ע טְמֵא־נֶ֛פֶשׁ בְּכָל־אֵ֖לֶּה הֲיִטְמָ֑א וַיַּעֲנ֧וּ הַכֹּהֲנִ֛ים וַיֹּאמְר֖וּ יִטְמָֽא׃ | 13 |
ۋە ھاگاي: «بىرسى جەسەتكە تېگىپ «ناپاك» بولغان بولسا، ئۇ بۇ ئاش-ئوزۇقنىڭ قايسىبىرىگە تەگسە، ئۇنداقتا ئاش-ئوزۇق ناپاك بولامدۇ؟» ــ دەپ سورىدى. كاھىنلار جاۋابەن: «ئۇ ناپاك بولىدۇ» ــ دېدى. |
וַיַּ֨עַן חַגַּ֜י וַיֹּ֗אמֶר כֵּ֣ן הָֽעָם־הַ֠זֶּה וְכֵן־הַגּ֨וֹי הַזֶּ֤ה לְפָנַי֙ נְאֻם־יְהוָ֔ה וְכֵ֖ן כָּל־מַעֲשֵׂ֣ה יְדֵיהֶ֑ם וַאֲשֶׁ֥ר יַקְרִ֛יבוּ שָׁ֖ם טָמֵ֥א הֽוּא׃ | 14 |
ئاندىن ھاگاي جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ«پەرۋەردىگار: «ئەمدى بۇ خەلق، بۇ «يات ئەل» مېنىڭ ئالدىمدىمۇ شۇنداقتۇر، ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئىشلەنگەنلىرىنىڭ ھەممىسىمۇ شۇنداقتۇر، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ شۇ يەردە ماڭا ھەربىر سۇنغانلىرىمۇ ناپاكتۇر» ــ دەيدۇ. |
וְעַתָּה֙ שִֽׂימוּ־נָ֣א לְבַבְכֶ֔ם מִן־הַיּ֥וֹם הַזֶּ֖ה וָמָ֑עְלָה מִטֶּ֧רֶם שֽׂוּם־אֶ֛בֶן אֶל־אֶ֖בֶן בְּהֵיכַ֥ל יְהוָֽה׃ | 15 |
ــ ئەمدى ھازىر كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار ــ بۈگۈندىن باشلاپ، مۇشۇ ۋاقىتتىن تارتىپ كۆرۈڭلار ــ تاكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى تاش ئۈستىگە يەنە بىر تال تاش قويۇلغۇچە، |
מִֽהְיוֹתָ֥ם בָּא֙ אֶל־עֲרֵמַ֣ת עֶשְׂרִ֔ים וְהָיְתָ֖ה עֲשָׂרָ֑ה בָּ֣א אֶל־הַיֶּ֗קֶב לַחְשֹׂף֙ חֲמִשִּׁ֣ים פּוּרָ֔ה וְהָיְתָ֖ה עֶשְׂרִֽים׃ | 16 |
شۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كۈنلەردە، بىرسى «يىگىرمە كۈرە»لىك بىر دۆۋە ئاشلىقنى ئالغىلى كەلگەندە، مانا پەقەت ئون كۈرىلا چىقتى؛ بىرسى شاراب كۈپىدىن ئەللىك كومزەك ئالغىلى كەلسە، مانا پەقەت يىگىرمە كومزەك چىقتى. |
הִכֵּ֨יתִי אֶתְכֶ֜ם בַּשִּׁדָּפ֤וֹן וּבַיֵּֽרָקוֹן֙ וּבַבָּרָ֔ד אֵ֖ת כָּל־מַעֲשֵׂ֣ה יְדֵיכֶ֑ם וְאֵין־אֶתְכֶ֥ם אֵלַ֖י נְאֻם־יְהוָֽה׃ | 17 |
مەن قوللىرىڭلار بىلەن ئىشلىگەن بارلىق ئىشلىرىڭلاردا سىلەرنى جۇدۇن، ھال ۋە مۆلدۈر ئاپەتلىرى بىلەن ئۇرۇپ كەلدىم؛ بىراق سىلەر يېنىمغا قايتمىدىڭلار. |
שִׂימוּ־נָ֣א לְבַבְכֶ֔ם מִן־הַיּ֥וֹם הַזֶּ֖ה וָמָ֑עְלָה מִיּוֹם֩ עֶשְׂרִ֨ים וְאַרְבָּעָ֜ה לַתְּשִׁיעִ֗י לְמִן־הַיּ֛וֹם אֲשֶׁר־יֻסַּ֥ד הֵֽיכַל־יְהוָ֖ה שִׂ֥ימוּ לְבַבְכֶֽם׃ | 18 |
ئەمدى ئۆتۈنىمەنكى، كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار ــ بۇ كۈن، يەنى توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنىدىن باشلاپ، مۇشۇ ۋاقىتتىن تارتىپ، ــ يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى باشلىغان كۈنىدىن كېيىنكى ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار؛ |
הַע֤וֹד הַזֶּ֙רַע֙ בַּמְּגוּרָ֔ה וְעַד־הַגֶּ֨פֶן וְהַתְּאֵנָ֧ה וְהָרִמּ֛וֹן וְעֵ֥ץ הַזַּ֖יִת לֹ֣א נָשָׂ֑א מִן־הַיּ֥וֹם הַזֶּ֖ה אֲבָרֵֽךְ׃ ס | 19 |
دانلار ئامبارغا يىغىلدىمۇ؟ ئۈزۈم تاللىرى، ئەنجۈر، ئانار ھەم زەيتۇن دەرەخلىرى ھېچ مېۋە بەرمىدى. بىراق مەن بۇ كۈندىن باشلاپ سىلەرنى بەرىكەتلەيمەن». |
וַיְהִ֨י דְבַר־יְהוָ֤ה ׀ שֵׁנִית֙ אֶל־חַגַּ֔י בְּעֶשְׂרִ֧ים וְאַרְבָּעָ֛ה לַחֹ֖דֶשׁ לֵאמֹֽר׃ | 20 |
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى شۇ ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى ھاگايغا ئىككىنچى قېتىم كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
אֱמֹ֕ר אֶל־זְרֻבָּבֶ֥ל פַּֽחַת־יְהוּדָ֖ה לֵאמֹ֑ר אֲנִ֣י מַרְעִ֔ישׁ אֶת־הַשָּׁמַ֖יִם וְאֶת־הָאָֽרֶץ׃ | 21 |
ــ يەھۇداغا ۋالىي بولغان زەرۇببابەلگە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ ــ «مەن ئاسمانلارنى، زېمىننى تەۋرىتىشكە تەمشىلىۋاتىمەن؛ |
וְהָֽפַכְתִּי֙ כִּסֵּ֣א מַמְלָכ֔וֹת וְהִ֨שְׁמַדְתִּ֔י חֹ֖זֶק מַמְלְכ֣וֹת הַגּוֹיִ֑ם וְהָפַכְתִּ֤י מֶרְכָּבָה֙ וְרֹ֣כְבֶ֔יהָ וְיָרְד֤וּ סוּסִים֙ וְרֹ֣כְבֵיהֶ֔ם אִ֖ישׁ בְּחֶ֥רֶב אָחִֽיו׃ | 22 |
پادىشاھلىقلارنىڭ تەختىنى ئۆرۈۋېتىمەن، ئەللەرنىڭ پادىشاھلىقلىرىنىڭ كۈچىنى يوقىتىمەن؛ جەڭ ھارۋىلىرى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلارنى ئۆرۈۋېتىمەن؛ ئاتلار ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەر، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىنىڭ قىلىچى بىلەن موللاق ئاتقۇزۇلىدۇ. |
בַּיּ֣וֹם הַה֣וּא נְאֻם־יְהוָ֣ה צְבָא֡וֹת אֶ֠קָּחֲךָ זְרֻבָּבֶ֨ל בֶּן־שְׁאַלְתִּיאֵ֤ל עַבְדִּי֙ נְאֻם־יְהוָ֔ה וְשַׂמְתִּ֖יךָ כַּֽחוֹתָ֑ם כִּֽי־בְךָ֣ בָחַ֔רְתִּי נְאֻ֖ם יְהוָ֥ה צְבָאֽוֹת׃ | 23 |
شۇ كۈنىدە ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ مەن سېنى، يەنى شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەلنى ئالىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ ئاندىن سېنى خۇددى مۆھۈرلۈك ئۈزۈكۈمدەك قىلىمەن؛ چۈنكى مەن سېنى تاللىۋالدىم، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار». |