וְאַחַר֙ הַדְּבָרִ֣ים הָאֵ֔לֶּה בְּמַלְכ֖וּת אַרְתַּחְשַׁ֣סְתְּא מֶֽלֶךְ־פָּרָ֑ס עֶזְרָא֙ בֶּן־שְׂרָיָ֔ה בֶּן־עֲזַרְיָ֖ה בֶּן־חִלְקִיָּֽה׃ | 1 |
شۇ ئىشلاردىن كېيىن پارس پادىشاھى ئارتاخشاشتا سەلتەنەت سۈرگەن مەزگىلدە ئەزرا دېگەن كىشى [بابىلدىن يېرۇسالېمغا چىقتى]. ئۇ سېرايانىڭ ئوغلى، سېرايا ئازارىيانىڭ ئوغلى، ئازارىيا ھىلقىيانىڭ ئوغلى، |
בֶּן־שַׁלּ֥וּם בֶּן־צָד֖וֹק בֶּן־אֲחִיטֽוּב׃ | 2 |
ھىلقىيا شاللۇمنىڭ ئوغلى، شاللۇم زادوكنىڭ ئوغلى، زادوك ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى، |
בֶּן־אֲמַרְיָ֥ה בֶן־עֲזַרְיָ֖ה בֶּן־מְרָיֽוֹת׃ | 3 |
ئاخىتۇب ئامارىيانىڭ ئوغلى، ئامارىيا ئازارىيانىڭ ئوغلى، ئازارىيا مېرايوتنىڭ ئوغلى، |
בֶּן־זְרַֽחְיָ֥ה בֶן־עֻזִּ֖י בֶּן־בֻּקִּֽי׃ | 4 |
مېرايوت زەراھىياھنىڭ ئوغلى، زەراھىياھ ئۇززىنىڭ ئوغلى، ئۇززى بۇككىنىڭ ئوغلى، |
בֶּן־אֲבִישׁ֗וּעַ בֶּן־פִּֽינְחָס֙ בֶּן־אֶלְעָזָ֔ר בֶּן־אַהֲרֹ֥ן הַכֹּהֵ֖ן הָרֹֽאשׁ׃ | 5 |
بۇككى ئابىشۇئانىڭ ئوغلى، ئابىشۇئا فىنىھاسنىڭ ئوغلى، فىنىھاس ئەلىئازارنىڭ ئوغلى، ئەلىئازار بولسا باش كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىدى؛ |
ה֤וּא עֶזְרָא֙ עָלָ֣ה מִבָּבֶ֔ל וְהֽוּא־סֹפֵ֤ר מָהִיר֙ בְּתוֹרַ֣ת מֹשֶׁ֔ה אֲשֶׁר־נָתַ֥ן יְהוָ֖ה אֱלֹהֵ֣י יִשְׂרָאֵ֑ל וַיִּתֶּן־ל֣וֹ הַמֶּ֗לֶךְ כְּיַד־יְהוָ֤ה אֱלֹהָיו֙ עָלָ֔יו כֹּ֖ל בַּקָּשָׁתֽוֹ׃ פ | 6 |
ــ ئەزرا دېگەن بۇ كىشى بابىلدىن قايتىپ چىقتى. ئۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇساغا نازىل قىلغان تەۋرات قانۇنىغا پىشقان تەۋراتشۇناس ئىدى؛ ئۇنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇنىڭدا بولغاچقا، ئۇ نېمىنى تەلەپ قىلسا پادىشاھ شۇنى بەرگەنىدى. |
וַיַּֽעֲל֣וּ מִבְּנֵֽי־יִ֠שְׂרָאֵל וּמִן־הַכֹּהֲנִ֨ים וְהַלְוִיִּ֜ם וְהַמְשֹׁרְרִ֧ים וְהַשֹּׁעֲרִ֛ים וְהַנְּתִינִ֖ים אֶל־יְרוּשָׁלִָ֑ם בִּשְׁנַת־שֶׁ֖בַע לְאַרְתַּחְשַׁ֥סְתְּא הַמֶּֽלֶךְ׃ | 7 |
پادىشاھ ئارتاخشاشتانىڭ يەتتىنچى يىلى بىر قىسىم ئىسرائىللار، كاھىنلار، لاۋىيلار، غەزەلكەشلەر، دەرۋازىۋەنلەر ۋە ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يېرۇسالېمغا قايتىپ چىقتى. |
וַיָּבֹ֥א יְרוּשָׁלִַ֖ם בַּחֹ֣דֶשׁ הַחֲמִישִׁ֑י הִ֛יא שְׁנַ֥ת הַשְּׁבִיעִ֖ית לַמֶּֽלֶךְ׃ | 8 |
[ئەزرا] ئەمدى پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يەتتىنچى يىلى بەشىنچى ئايدا يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى. |
כִּ֗י בְּאֶחָד֙ לַחֹ֣דֶשׁ הָרִאשׁ֔וֹן ה֣וּא יְסֻ֔ד הַֽמַּעֲלָ֖ה מִבָּבֶ֑ל וּבְאֶחָ֞ד לַחֹ֣דֶשׁ הַחֲמִישִׁ֗י בָּ֚א אֶל־יְר֣וּשָׁלִַ֔ם כְּיַד־אֱלֹהָ֖יו הַטּוֹבָ֥ה עָלָֽיו׃ | 9 |
بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇ بابىلدىن چىقىشقا تەييارلاندى؛ خۇدانىڭ شەپقەتلىك قولى ئۇنىڭدا بولغاچقا، ئۇ بەشىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى. |
כִּ֤י עֶזְרָא֙ הֵכִ֣ין לְבָב֔וֹ לִדְר֛וֹשׁ אֶת־תּוֹרַ֥ת יְהוָ֖ה וְלַעֲשֹׂ֑ת וּלְלַמֵּ֥ד בְּיִשְׂרָאֵ֖ל חֹ֥ק וּמִשְׁפָּֽט׃ ס | 10 |
چۈنكى ئەزرا كۆڭۈل قويۇپ پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىنى چۈشىنىپ تەھسىل قىلىشقا ھەم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا ۋە شۇنىڭدەك ئىسرائىل ئىچىدە ئۇنىڭدىكى ھۆكۈم-بەلگىلىمىلەرنى ئۆگىتىشكە نىيەت قىلغانىدى. |
וְזֶ֣ה ׀ פַּרְשֶׁ֣גֶן הַֽנִּשְׁתְּוָ֗ן אֲשֶׁ֤ר נָתַן֙ הַמֶּ֣לֶךְ אַרְתַּחְשַׁ֔סְתְּא לְעֶזְרָ֥א הַכֹּהֵ֖ן הַסֹּפֵ֑ר סֹפֵ֞ר דִּבְרֵ֧י מִצְוֺת־יְהוָ֛ה וְחֻקָּ֖יו עַל־יִשְׂרָאֵֽל׃ פ | 11 |
مانا بۇ پادىشاھ ئارتاخشاشتا كاھىن ھەم تەۋراتشۇناس ئەزراغا تاپشۇرغان يارلىق خېتىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى: ــ (ئەزرا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە ئائىت ئىشلارغا ھەم ئۇنىڭ ئىسرائىللارغا تاپشۇرغان بەلگىلىمىلىرىگە پىشقان تەۋراتشۇناس ئىدى): ــ |
אַ֨רְתַּחְשַׁ֔סְתְּא מֶ֖לֶךְ מַלְכַיָּ֑א לְעֶזְרָ֣א כָ֠הֲנָא סָפַ֨ר דָּתָ֜א דִּֽי־אֱלָ֧הּ שְׁמַיָּ֛א גְּמִ֖יר וּכְעֶֽנֶת׃ | 12 |
«مەنكى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ئارتاخشاشتادىن ئاسمانلاردىكى خۇدانىڭ مۇكەممەل تەۋرات-قانۇنىغا پىشقان تەۋراتشۇناس كاھىن ئەزراغا سالام! |
מִנִּי֮ שִׂ֣ים טְעֵם֒ דִּ֣י כָל־מִתְנַדַּ֣ב בְּמַלְכוּתִי֩ מִן־עַמָּ֨ה יִשְׂרָאֵ֜ל וְכָהֲנ֣וֹהִי וְלֵוָיֵ֗א לִמְהָ֧ךְ לִֽירוּשְׁלֶ֛ם עִמָּ֖ךְ יְהָֽךְ׃ | 13 |
ئەمدى مەن شۇنداق يارلىق چۈشۈرىمەنكى، پادىشاھلىقىمدا تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللاردىن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كاھىن ۋە لاۋىيلىرىدىن كىملەر يېرۇسالېمغا بېرىشنى خالىسا، ھەممىسى سېنىڭ بىلەن بىللە بارسا بولىدۇ. |
כָּל־קֳבֵ֗ל דִּי֩ מִן־קֳדָ֨ם מַלְכָּ֜א וְשִׁבְעַ֤ת יָעֲטֹ֙הִי֙ שְׁלִ֔יחַ לְבַקָּרָ֥א עַל־יְה֖וּד וְלִֽירוּשְׁלֶ֑ם בְּדָ֥ת אֱלָהָ֖ךְ דִּ֥י בִידָֽךְ׃ | 14 |
چۈنكى سەن پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ يەتتە مەسلىھەتچىسى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئىكەنسەن، قولۇڭدىكى خۇدانىڭ قانۇن كىتابىدا ئېيتىلغانلىرى بويىچە، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمغا تەكشۈرۈش-ھال سوراشقا ئەۋەتىلگەنسەن. |
וּלְהֵיבָלָ֖ה כְּסַ֣ף וּדְהַ֑ב דִּֽי־מַלְכָּ֣א וְיָעֲט֗וֹהִי הִתְנַדַּ֙בוּ֙ לֶאֱלָ֣הּ יִשְׂרָאֵ֔ל דִּ֥י בִֽירוּשְׁלֶ֖ם מִשְׁכְּנֵֽהּ׃ | 15 |
سەن پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا سۇنغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى كۆتۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭغا تەقدىم قىل (ئۇنىڭ ماكانى يېرۇسالېمدىدۇر)؛ |
וְכֹל֙ כְּסַ֣ף וּדְהַ֔ב דִּ֣י תְהַשְׁכַּ֔ח בְּכֹ֖ל מְדִינַ֣ת בָּבֶ֑ל עִם֩ הִתְנַדָּב֨וּת עַמָּ֤א וְכָֽהֲנַיָּא֙ מִֽתְנַדְּבִ֔ין לְבֵ֥ית אֱלָהֲהֹ֖ם דִּ֥י בִירוּשְׁלֶֽם׃ | 16 |
شۇنىڭدەك قولۇڭ پۈتكۈل بابىل ئۆلكىسىدە قانچىلىك ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى تاپالىسا، شۇنى خەلق ۋە كاھىنلار يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىگە تەقدىم قىلىشقا ئۆز ئىختىيارى بىلەن بەرگەن سوۋغاتلارغا قوشۇپ ئاپارغىن. |
כָּל־קֳבֵ֣ל דְּנָה֩ אָסְפַּ֨רְנָא תִקְנֵ֜א בְּכַסְפָּ֣א דְנָ֗ה תּוֹרִ֤ין ׀ דִּכְרִין֙ אִמְּרִ֔ין וּמִנְחָתְה֖וֹן וְנִסְכֵּיה֑וֹן וּתְקָרֵ֣ב הִמּ֔וֹ עַֽל־מַדְבְּחָ֔ה דִּ֛י בֵּ֥ית אֱלָהֲכֹ֖ם דִּ֥י בִירוּשְׁלֶֽם׃ | 17 |
سەن بۇ پۇللارغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن قۇربانلىقلار ئۈچۈن تورپاق، قوچقار، قوزا ۋە قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەلىرى ھەم شاراب ھەدىيەلىرى سېتىۋېلىپ، بۇلارنى يېرۇسالېمدىكى خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىدىكى قۇربانگاھقا سۇنغىن. |
וּמָ֣ה דִי֩ עליך וְעַל־אחיך יֵיטַ֗ב בִּשְׁאָ֛ר כַּסְפָּ֥א וְדַהֲבָ֖ה לְמֶעְבַּ֑ד כִּרְע֥וּת אֱלָהֲכֹ֖ם תַּעַבְדֽוּן׃ | 18 |
قالغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى سەن ۋە جەمەتىڭدىكىلەرگە قانداق قىلىش مۇۋاپىق كۆرۈنسە، خۇدايىڭلارنىڭ ئىرادىسى بويىچە شۇنداق قىلىڭلار. |
וּמָֽאנַיָּא֙ דִּֽי־מִתְיַהֲבִ֣ין לָ֔ךְ לְפָלְחָ֖ן בֵּ֣ית אֱלָהָ֑ךְ הַשְׁלֵ֕ם קֳדָ֖ם אֱלָ֥הּ יְרוּשְׁלֶֽם׃ | 19 |
سېنىڭ خۇدايىڭنىڭ ئۆيىدىكى ئىشلارغا ئىشلىتىشكە ساڭا بەرگەن قاچا-قۇچىلارنى يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئالدىغا قوي. |
וּשְׁאָ֗ר חַשְׁחוּת֙ בֵּ֣ית אֱלָהָ֔ךְ דִּ֥י יִפֶּל־לָ֖ךְ לְמִנְתַּ֑ן תִּנְתֵּ֕ן מִן־בֵּ֖ית גִּנְזֵ֥י מַלְכָּֽא׃ | 20 |
ئەگەر شۇنىڭدەك ساڭا خۇدايىڭنىڭ ئۆيىدىكى قالغان ئىشلارغا چىقىم قىلىدىغانغا نېمە خىراجەت كېرەك بولسا، سەن پادىشاھ خەزىنىسىدىن ئېلىپ ئىشلەتكىن. |
וּ֠מִנִּי אֲנָ֞ה אַרְתַּחְשַׁ֤סְתְּא מַלְכָּא֙ שִׂ֣ים טְעֵ֔ם לְכֹל֙ גִּזַּֽבְרַיָּ֔א דִּ֖י בַּעֲבַ֣ר נַהֲרָ֑ה דִּ֣י כָל־דִּ֣י יִ֠שְׁאֲלֶנְכוֹן עֶזְרָ֨א כָהֲנָ֜ה סָפַ֤ר דָּתָא֙ דִּֽי־אֱלָ֣הּ שְׁמַיָּ֔א אָסְפַּ֖רְנָא יִתְעֲבִֽד׃ | 21 |
شۇنىڭ بىلەن مەنكى پادىشاھ ئارتاخشاشتادىن دەريانىڭ شۇ غەرب تەرىپىدىكى بارلىق خەزىنە بەگلىرىگە شۇنداق بۇيرۇق چۈشۈرىمەنكى، ئاسماندىكى خۇدانىڭ تەۋرات-قانۇنىنىڭ ئالىمى بولغان كاھىن ئەزرا سىلەردىن نېمىنى تەلەپ قىلسا، سىلەر ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇنىڭ دېگىنىدەك بېجىرىڭلار. |
עַד־כְּסַף֮ כַּכְּרִ֣ין מְאָה֒ וְעַד־חִנְטִין֙ כֹּרִ֣ין מְאָ֔ה וְעַד־חֲמַר֙ בַּתִּ֣ין מְאָ֔ה וְעַד־בַּתִּ֥ין מְשַׁ֖ח מְאָ֑ה וּמְלַ֖ח דִּי־לָ֥א כְתָֽב׃ | 22 |
ئۇنىڭ ئالىدىغىنى كۈمۈش يۈز تالانتقىچە، بۇغداي يۈز كورغىچە، شاراب يۈز باتقىچە، زەيتۇن مېيى يۈز باتقىچە بولسۇن، تۇزغا چەك قويۇلمىسۇن. |
כָּל־דִּ֗י מִן־טַ֙עַם֙ אֱלָ֣הּ שְׁמַיָּ֔א יִתְעֲבֵד֙ אַדְרַזְדָּ֔א לְבֵ֖ית אֱלָ֣הּ שְׁמַיָּ֑א דִּֽי־לְמָ֤ה לֶֽהֱוֵא֙ קְצַ֔ף עַל־מַלְכ֥וּת מַלְכָּ֖א וּבְנֽוֹהִי׃ | 23 |
ئاسمانلاردىكى خۇدا نېمىنى ئەمر قىلسا، شۇ ئاسمانلاردىكى خۇدانىڭ ئۆيى ئۈچۈن ئەستايىدىللىق بىلەن بېجىرىلسۇن؛ نېمىشقا [خۇدانىڭ] غەزىپىنى پادىشاھ ۋە ئوغۇللىرىنىڭ پادىشاھلىقىغا چۈشۈرگۈدەكمىز؟ |
וּלְכֹ֣ם מְהוֹדְעִ֗ין דִּ֣י כָל־כָּהֲנַיָּ֣א וְ֠לֵוָיֵא זַמָּ֨רַיָּ֤א תָרָֽעַיָּא֙ נְתִ֣ינַיָּ֔א וּפָ֣לְחֵ֔י בֵּ֖ית אֱלָהָ֣א דְנָ֑ה מִנְדָּ֤ה בְלוֹ֙ וַהֲלָ֔ךְ לָ֥א שַׁלִּ֖יט לְמִרְמֵ֥א עֲלֵיהֹֽם׃ | 24 |
بىز شۇنىمۇ سىلەرگە مەلۇم قىلىمىزكى، ئومۇمەن كاھىنلار، لاۋىيلار، غەزەلكەشلەر، دەرۋازىۋەنلەر، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە خۇدانىڭ بۇ ئۆيىدە خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ھېچقايسىسىدىن باج، ئولپان ۋە پاراق ئېلىشقا بولمايدۇ. |
וְאַ֣נְתְּ עֶזְרָ֗א כְּחָכְמַ֨ת אֱלָהָ֤ךְ דִּֽי־בִידָךְ֙ מֶ֣נִּי שָׁפְטִ֞ין וְדַיָּנִ֗ין דִּי־לֶהֱוֺ֤ן דאנין לְכָל־עַמָּה֙ דִּ֚י בַּעֲבַ֣ר נַהֲרָ֔ה לְכָל־יָדְעֵ֖י דָּתֵ֣י אֱלָהָ֑ךְ וְדִ֧י לָ֦א יָדַ֖ע תְּהוֹדְעֽוּן׃ | 25 |
ئەمدى سەن ئەي ئەزرا، خۇدايىڭنىڭ سەندە بولغان ھېكمىتىگە ئاساسەن، دەريانىڭ شۇ غەرب تەرىپىدە خۇدايىڭنىڭ تەۋرات-قانۇنىنى بىلگەن، بارلىق خەلقنىڭ دەۋاسىنى سورايدىغان، ئۇلارنى ئىدارە قىلىدىغان سوراقچى ۋە ھاكىملارنى تەيىنلىگىن؛ ۋە تەۋرات-قانۇنىنى بىلمەيدىغانلارغا بولسا، ئۇلارغا بۇلارنى ئۆگىتىڭلار. |
וְכָל־דִּי־לָא֩ לֶהֱוֵ֨א עָבֵ֜ד דָּתָ֣א דִֽי־אֱלָהָ֗ךְ וְדָתָא֙ דִּ֣י מַלְכָּ֔א אָסְפַּ֕רְנָא דִּינָ֕ה לֶהֱוֵ֥א מִתְעֲבֵ֖ד מִנֵּ֑הּ הֵ֤ן לְמוֹת֙ הֵ֣ן לשרשו הֵן־לַעֲנָ֥שׁ נִכְסִ֖ין וְלֶאֱסוּרִֽין׃ פ | 26 |
خۇدايىڭنىڭ قانۇنىغا ۋە پادىشاھلىقنىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلمايدىغانلار بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئادالەتلىك بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلسۇن؛ ئۇ ئۆلۈمگە، ياكى سۈرگۈنگە ياكى مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشقا ۋە ياكى زىندانغا تاشلاشقا ھۆكۈم قىلىنسۇن». |
בָּר֥וּךְ יְהוָ֖ה אֱלֹהֵ֣י אֲבוֹתֵ֑ינוּ אֲשֶׁ֨ר נָתַ֤ן כָּזֹאת֙ בְּלֵ֣ב הַמֶּ֔לֶךְ לְפָאֵ֕ר אֶת־בֵּ֥ית יְהוָ֖ה אֲשֶׁ֥ר בִּירוּשָׁלִָֽם׃ | 27 |
[ئەزرا مۇنداق دېدى] ــ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي! چۈنكى ئۇ پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە، يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى شۇنداق كۆركەم بېزەش نىيىتىنى سالدى، |
וְעָלַ֣י הִטָּה־חֶ֗סֶד לִפְנֵ֤י הַמֶּ֙לֶךְ֙ וְיֽוֹעֲצָ֔יו וּלְכָל־שָׂרֵ֥י הַמֶּ֖לֶךְ הַגִּבֹּרִ֑ים וַאֲנִ֣י הִתְחַזַּ֗קְתִּי כְּיַד־יְהוָ֤ה אֱלֹהַי֙ עָלַ֔י וָאֶקְבְּצָ֧ה מִיִּשְׂרָאֵ֛ל רָאשִׁ֖ים לַעֲל֥וֹת עִמִּֽי׃ פ | 28 |
يەنە مېنى پادىشاھ ۋە مەسلىھەتچىلىرى ئالدىدا ھەم پادىشاھنىڭ مۆھتەرەم ئەمىرلىرى ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈردى. پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ قولى مەندە بولۇپ، ئۇ مېنى غەيرەتلەندۈرگەچكە، ئۆزۈم بىلەن بىللە [يېرۇسالېمغا] چىقىشقا ئىسرائىللار ئىچىدىن بىرنەچچە مۆتىۋەرلەرنى يىغدىم. |