וַנֵּ֜פֶן וַנִּסַּ֤ע הַמִּדְבָּ֙רָה֙ דֶּ֣רֶךְ יַם־ס֔וּף כַּאֲשֶׁ֛ר דִּבֶּ֥ר יְהוָ֖ה אֵלָ֑י וַנָּ֥סָב אֶת־הַר־שֵׂעִ֖יר יָמִ֥ים רַבִּֽים׃ ס | 1 |
ئاندىن بىز بۇرۇلۇپ، پەرۋەردىگار ماڭا ئېيتقاندەك قىزىل دېڭىزغا بارىدىغان يول بىلەن سەپەرگە ئاتلاندۇق؛ بىز نۇرغۇن كۈنلەر سېئىر تېغى ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈردۇق. |
וַיֹּ֥אמֶר יְהוָ֖ה אֵלַ֥י לֵאמֹֽר׃ | 2 |
پەرۋەردىگار ماڭا سۆز قىلىپ: ــ |
רַב־לָכֶ֕ם סֹ֖ב אֶת־הָהָ֣ר הַזֶּ֑ה פְּנ֥וּ לָכֶ֖ם צָפֹֽנָה׃ | 3 |
«سىلەرنىڭ مۇشۇ تاغنى ئايلىنىپ تۇرغان ۋاقتىڭلار يېتەرلىك بولدى؛ ئەمدى شىمال تەرەپكە بۇرۇلۇڭلار. |
וְאֶת־הָעָם֮ צַ֣ו לֵאמֹר֒ אַתֶּ֣ם עֹֽבְרִ֗ים בִּגְבוּל֙ אֲחֵיכֶ֣ם בְּנֵי־עֵשָׂ֔ו הַיֹּשְׁבִ֖ים בְּשֵׂעִ֑יר וְיִֽירְא֣וּ מִכֶּ֔ם וְנִשְׁמַרְתֶּ֖ם מְאֹֽד׃ | 4 |
خەلققە: ــ سىلەر سېئىردا تۇرۇۋاتقان قېرىندىشىڭلار ئەساۋلارنىڭ چېگرىسىدىن ئۆتىدىغان بولدۇڭلار؛ ئۇلار سىلەردىن قورقىدۇ، شۇڭا بەك ئېھتىيات قىلىپ، |
אַל־תִּתְגָּר֣וּ בָ֔ם כִּ֠י לֹֽא־אֶתֵּ֤ן לָכֶם֙ מֵֽאַרְצָ֔ם עַ֖ד מִדְרַ֣ךְ כַּף־רָ֑גֶל כִּֽי־יְרֻשָּׁ֣ה לְעֵשָׂ֔ו נָתַ֖תִּי אֶת־הַ֥ר שֵׂעִֽיר׃ | 5 |
ئۇلارغا جەڭ قوزغىماڭلار؛ چۈنكى مەن سىلەرگە ئۇلارنىڭ زېمىنىدىن ھەتتا تاپانچىلىق يەرنىمۇ بەرمەيمەن؛ چۈنكى سېئىر تېغىنى ئەساۋغا مىراس قىلىپ بەردىم. |
אֹ֣כֶל תִּשְׁבְּר֧וּ מֵֽאִתָּ֛ם בַּכֶּ֖סֶף וַאֲכַלְתֶּ֑ם וְגַם־מַ֜יִם תִּכְר֧וּ מֵאִתָּ֛ם בַּכֶּ֖סֶף וּשְׁתִיתֶֽם׃ | 6 |
سىلەر ئۇلارغا پۇل تۆلەپ ئوزۇق-تۈلۈك سېتىۋېلىڭلار، پۇل تۆلەپ سۇ سېتىۋېلىڭلار. |
כִּי֩ יְהוָ֨ה אֱלֹהֶ֜יךָ בֵּֽרַכְךָ֗ בְּכֹל֙ מַעֲשֵׂ֣ה יָדֶ֔ךָ יָדַ֣ע לֶכְתְּךָ֔ אֶת־הַמִּדְבָּ֥ר הַגָּדֹ֖ל הַזֶּ֑ה זֶ֣ה ׀ אַרְבָּעִ֣ים שָׁנָ֗ה יְהוָ֤ה אֱלֹהֶ֙יךָ֙ עִמָּ֔ךְ לֹ֥א חָסַ֖רְתָּ דָּבָֽר׃ | 7 |
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار قولۇڭلاردىكى بارلىق ئەجىرنى بەرىكەتلەپ كەلگەن؛ ئۇ سىلەرنىڭ بۇ بىپايان چۆل-باياۋاندىن مېڭىپ ئۆتۈۋاتقىنىڭلاردا ھەممىنى بىلدى؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇ قىرىق يىل سىلەر بىلەن بىللە بولدى؛ ھېچ نەرسىدىن كەم بولمىدىڭلار» ــ دېدى. |
וַֽנַּעֲבֹ֞ר מֵאֵ֧ת אַחֵ֣ינוּ בְנֵי־עֵשָׂ֗ו הַיֹּֽשְׁבִים֙ בְּשֵׂעִ֔יר מִדֶּ֙רֶךְ֙ הָֽעֲרָבָ֔ה מֵאֵילַ֖ת וּמֵעֶצְיֹ֣ן גָּ֑בֶר ס וַנֵּ֙פֶן֙ וַֽנַּעֲבֹ֔ר דֶּ֖רֶךְ מִדְבַּ֥ר מוֹאָֽב׃ | 8 |
شۇنىڭ بىلەن بىز سېئىردا تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئەساۋلارنىڭ زېمىنىدىن ۋە ئاراباھ تۈزلەڭلىكىدىن، شۇنداقلا ئېلات ۋە ئېزىئون-گەبەردىن ئۆتۈپ، بۇرۇلۇپ موئابدىكى چۆل-باياۋان يولى بىلەن ماڭدۇق. |
וַיֹּ֨אמֶר יְהוָ֜ה אֵלַ֗י אֶל־תָּ֙צַר֙ אֶת־מוֹאָ֔ב וְאַל־תִּתְגָּ֥ר בָּ֖ם מִלְחָמָ֑ה כִּ֠י לֹֽא־אֶתֵּ֨ן לְךָ֤ מֵֽאַרְצוֹ֙ יְרֻשָּׁ֔ה כִּ֣י לִבְנֵי־ל֔וֹט נָתַ֥תִּי אֶת־עָ֖ר יְרֻשָּֽׁה׃ | 9 |
پەرۋەردىگار ماڭا: «موئابىيلارنى ئاۋارە قىلماڭلار ياكى ئۇلارغا جەڭ قوزغىماڭلار؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرمەيمەن؛ چۈنكى مەن ئار شەھەر-زېمىنىنى لۇتنىڭ ئەۋلادلىرىغا مىراس قىلىپ بەردىم» ــ دېدى |
הָאֵמִ֥ים לְפָנִ֖ים יָ֣שְׁבוּ בָ֑הּ עַ֣ם גָּד֥וֹל וְרַ֛ב וָרָ֖ם כָּעֲנָקִֽים׃ | 10 |
(ئەمىيلەر ئەسلىدە شۇ يەردە تۇراتتى؛ ئۇلار ئاناكىيلارغا ئوخشاش كۈچلۈك، سانى كۆپ، ئېگىز بويلۇق بىر خەلق ئىدى. |
רְפָאִ֛ים יֵחָשְׁב֥וּ אַף־הֵ֖ם כָּעֲנָקִ֑ים וְהַמֹּ֣אָבִ֔ים יִקְרְא֥וּ לָהֶ֖ם אֵמִֽים׃ | 11 |
ئۇلار ئاناكىيلاردەك «گىگانتلار» دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ لېكىن موئابىيلار ئۇلارنى «ئەمىيلەر» دەپ ئاتايدۇ. |
וּבְשֵׂעִ֞יר יָשְׁב֣וּ הַחֹרִים֮ לְפָנִים֒ וּבְנֵ֧י עֵשָׂ֣ו יִֽירָשׁ֗וּם וַיַּשְׁמִידוּם֙ מִפְּנֵיהֶ֔ם וַיֵּשְׁב֖וּ תַּחְתָּ֑ם כַּאֲשֶׁ֧ר עָשָׂ֣ה יִשְׂרָאֵ֗ל לְאֶ֙רֶץ֙ יְרֻשָּׁת֔וֹ אֲשֶׁר־נָתַ֥ן יְהוָ֖ה לָהֶֽם׃ | 12 |
سېئىردا ئەسلىدە ھورىيلار تۇراتتى؛ لېكىن ئەساۋلار ھورىيلارنى زېمىنىدىن ھەيدىۋېتىپ، ئۇلارنى يوقىتىپ ئورنىغا ئولتۇراقلاشتى ــ خۇددى ئىسرائىللار مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا تەقدىم قىلغان، ئۇلارنىڭ تەۋەلىكى بولغان زېمىنغا قىلغىنىغا ئوخشاش). |
עַתָּ֗ה קֻ֛מוּ וְעִבְר֥וּ לָכֶ֖ם אֶת־נַ֣חַל זָ֑רֶד וַֽנַּעֲבֹ֖ר אֶת־נַ֥חַל זָֽרֶד׃ | 13 |
[پەرۋەردىگار: ] «ئەمدى ھازىر ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ زەرەد ئېقىنىدىن ئۆتۈڭلار» دېدى. بۇنى ئاڭلاپ بىز زەرەد ئېقىنىدىن ئۆتتۇق. |
וְהַיָּמִ֞ים אֲשֶׁר־הָלַ֣כְנוּ ׀ מִקָּדֵ֣שׁ בַּרְנֵ֗עַ עַ֤ד אֲשֶׁר־עָבַ֙רְנוּ֙ אֶת־נַ֣חַל זֶ֔רֶד שְׁלֹשִׁ֥ים וּשְׁמֹנֶ֖ה שָׁנָ֑ה עַד־תֹּ֨ם כָּל־הַדּ֜וֹר אַנְשֵׁ֤י הַמִּלְחָמָה֙ מִקֶּ֣רֶב הַֽמַּחֲנֶ֔ה כַּאֲשֶׁ֛ר נִשְׁבַּ֥ע יְהוָ֖ה לָהֶֽם׃ | 14 |
قادەش-بارنېئادىن ئايرىلىپ زەرەد ئېقىنىدىن ئۆتكۈچە بولغان كۈنلەر ئوتتۇز سەككىز يىل بولدى؛ بۇ دەل خۇددى پەرۋەردىگار ئۇلارغا قەسەم قىلغىنىدەك، ئۇ دەۋردىكى جەڭچىلەر بارگاھتىن پۈتۈنلەي يوقىتىلغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىت ئىدى. |
וְגַ֤ם יַד־יְהוָה֙ הָ֣יְתָה בָּ֔ם לְהֻמָּ֖ם מִקֶּ֣רֶב הַֽמַּחֲנֶ֑ה עַ֖ד תֻּמָּֽם׃ | 15 |
دەرۋەقە پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇلارنى بارگاھتىن يوقىتىپ تۈگەتكۈچە ئۇلارنى ھالاك قىلىشقا قارشى چىققانىدى. |
וַיְהִ֨י כַאֲשֶׁר־תַּ֜מּוּ כָּל־אַנְשֵׁ֧י הַמִּלְחָמָ֛ה לָמ֖וּת מִקֶּ֥רֶב הָעָֽם׃ ס | 16 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، شۇ جەڭچىلەر ئۆلۈپ خەلق ئارىسىدىن پۈتۈنلەي تۈگىگەندىن كېيىن، |
וַיְדַבֵּ֥ר יְהוָ֖ה אֵלַ֥י לֵאמֹֽר׃ | 17 |
پەرۋەردىگار ماڭا سۆز قىلىپ: ــ |
אַתָּ֨ה עֹבֵ֥ר הַיּ֛וֹם אֶת־גְּב֥וּל מוֹאָ֖ב אֶת־עָֽר׃ | 18 |
«سىلەر بۈگۈن موئابنىڭ، يەنى ئارنىڭ چېگرىسىدىن ئۆتىسىلەر. |
וְקָרַבְתָּ֗ מ֚וּל בְּנֵ֣י עַמּ֔וֹן אַל־תְּצֻרֵ֖ם וְאַל־תִּתְגָּ֣ר בָּ֑ם כִּ֣י לֹֽא־אֶ֠תֵּן מֵאֶ֨רֶץ בְּנֵי־עַמּ֤וֹן לְךָ֙ יְרֻשָּׁ֔ה כִּ֥י לִבְנֵי־ל֖וֹט נְתַתִּ֥יהָ יְרֻשָּֽׁה׃ | 19 |
شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئاممونىيلارغا يېقىن كېلىسىلەر؛ ئەمما ئۇلارنى ئاۋارە قىلماڭلار ياكى ئۇلارغا جەڭ قوزغىماڭلار؛ چۈنكى مەن ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرمەيمەن؛ چۈنكى مەن ئۇنى لۇتنىڭ ئەۋلادلىرىغا مىراس قىلىپ بەردىم» ــ دېدى. |
אֶֽרֶץ־רְפָאִ֥ים תֵּחָשֵׁ֖ב אַף־הִ֑וא רְפָאִ֤ים יָֽשְׁבוּ־בָהּ֙ לְפָנִ֔ים וְהָֽעַמֹּנִ֔ים יִקְרְא֥וּ לָהֶ֖ם זַמְזֻמִּֽים׃ | 20 |
(بۇ زېمىنمۇ «گىگانتلارنىڭ زېمىنى» ھېسابلىنىدۇ؛ چۈنكى ئىلگىرى گىگانتلار شۇ يەردە تۇرغانىدى؛ ئاممونىيلار ئۇلارنى «زامزۇملار» دەپ ئاتايدۇ. |
עַ֣ם גָּד֥וֹל וְרַ֛ב וָרָ֖ם כָּעֲנָקִ֑ים וַיַּשְׁמִידֵ֤ם יְהוָה֙ מִפְּנֵיהֶ֔ם וַיִּירָשֻׁ֖ם וַיֵּשְׁב֥וּ תַחְתָּֽם׃ | 21 |
ئۇلار ئاناكىيلارغا ئوخشاش كۈچلۈك، سانى كۆپ، ئېگىز بويلۇق بىر خەلق ئىدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى [ئاممونىيلارنىڭ] ئالدىدا يوقىتىشى بىلەن [ئاممونىيلار] ئۇلارنى زېمىنىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئولتۇراقلاشقانىدى. |
כַּאֲשֶׁ֤ר עָשָׂה֙ לִבְנֵ֣י עֵשָׂ֔ו הַיֹּשְׁבִ֖ים בְּשֵׂעִ֑יר אֲשֶׁ֨ר הִשְׁמִ֤יד אֶת־הַחֹרִי֙ מִפְּנֵיהֶ֔ם וַיִּֽירָשֻׁם֙ וַיֵּשְׁב֣וּ תַחְתָּ֔ם עַ֖ד הַיּ֥וֹם הַזֶּֽה׃ | 22 |
پەرۋەردىگار سېئىردا تۇرغان ئەساۋلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش ئىش قىلدى، ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ھورىيلارنى يوقاتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئەساۋلار ئۇلارنى زېمىنىدىن مەھرۇم قىلىپ، بۈگۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئولتۇراقلاشقانىدى. |
וְהָֽעַוִּ֛ים הַיֹּשְׁבִ֥ים בַּחֲצֵרִ֖ים עַד־עַזָּ֑ה כַּפְתֹּרִים֙ הַיֹּצְאִ֣ים מִכַּפְתּ֔וֹר הִשְׁמִידֻ֖ם וַיֵּשְׁב֥וּ תַחְתָּֽם׃ | 23 |
ۋە گازا شەھىرىگىچە كەنت-قىشلاقلاردا ئولتۇراقلاشقان ئاۋۋىيلارنى بولسا، كافتوردىن چىققان كافتورىيلار يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئولتۇراقلاشتى). |
ק֣וּמוּ סְּע֗וּ וְעִבְרוּ֮ אֶת־נַ֣חַל אַרְנֹן֒ רְאֵ֣ה נָתַ֣תִּי בְ֠יָדְךָ אֶת־סִיחֹ֨ן מֶֽלֶךְ־חֶשְׁבּ֧וֹן הָֽאֱמֹרִ֛י וְאֶת־אַרְצ֖וֹ הָחֵ֣ל רָ֑שׁ וְהִתְגָּ֥ר בּ֖וֹ מִלְחָמָֽה׃ | 24 |
ــ «ئەمدى ئورنۇڭلاردىن قوزغىلىڭلار، سەپىرىڭلارغا چىقىڭلار؛ ئارنون دەرياسىدىن ئۆتۈڭلار؛ مانا، مەن ھەشبوننىڭ پادىشاھى ئامورىي سىھوننى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنىمۇ قولۇڭلارغا تاپشۇردۇم؛ ئىشنى باشلاڭلار، زېمىننى ئىگىلەشكە، ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقىڭلار؛ |
הַיּ֣וֹם הַזֶּ֗ה אָחֵל֙ תֵּ֤ת פַּחְדְּךָ֙ וְיִרְאָ֣תְךָ֔ עַל־פְּנֵי֙ הָֽעַמִּ֔ים תַּ֖חַת כָּל־הַשָּׁמָ֑יִם אֲשֶׁ֤ר יִשְׁמְעוּן֙ שִׁמְעֲךָ֔ וְרָגְז֥וּ וְחָל֖וּ מִפָּנֶֽיךָ׃ | 25 |
مەن بۈگۈندىن باشلاپ سىلەرنىڭ قورقۇنچۇڭلار ۋە ۋەھشىتىڭلارنى پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدىكى خەلقلەر ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ ئۇلار سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلارنى ئاڭلاپ سىلەرنىڭ تۈپەيلىڭلاردىن تىترەپ دەككە-دۈككىگە چۈشىدۇ». |
וָאֶשְׁלַ֤ח מַלְאָכִים֙ מִמִּדְבַּ֣ר קְדֵמ֔וֹת אֶל־סִיח֖וֹן מֶ֣לֶךְ חֶשְׁבּ֑וֹן דִּבְרֵ֥י שָׁל֖וֹם לֵאמֹֽר׃ | 26 |
شۇ چاغدا مەن ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھونغا كەدەموت چۆلىدىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، تىنچلىق سالىمى يوللاپ: ــ |
אֶעְבְּרָ֣ה בְאַרְצֶ֔ךָ בַּדֶּ֥רֶךְ בַּדֶּ֖רֶךְ אֵלֵ֑ךְ לֹ֥א אָס֖וּר יָמִ֥ין וּשְׂמֹֽאול׃ | 27 |
«بىزنىڭ زېمىنىڭدىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويغايسەن؛ ئوڭغا، سولغا بۇرۇلماي، پەقەتلا يولدىن چىقماي ماڭىمىز. |
אֹ֣כֶל בַּכֶּ֤סֶף תַּשְׁבִּרֵ֙נִי֙ וְאָכַ֔לְתִּי וּמַ֛יִם בַּכֶּ֥סֶף תִּתֶּן־לִ֖י וְשָׁתִ֑יתִי רַ֖ק אֶעְבְּרָ֥ה בְרַגְלָֽי׃ | 28 |
سەن ماڭا ئوزۇق-تۈلۈكنى پۇلغا سېتىپ بېرىسەن، سۇنى پۇلغا سېتىپ بېرىسەن؛ بىز پەقەتلا پىيادە مېڭىپ ئۆتىمىز، خالاس. |
כַּאֲשֶׁ֨ר עָֽשׂוּ־לִ֜י בְּנֵ֣י עֵשָׂ֗ו הַיֹּֽשְׁבִים֙ בְּשֵׂעִ֔יר וְהַמּ֣וֹאָבִ֔ים הַיֹּשְׁבִ֖ים בְּעָ֑ר עַ֤ד אֲשֶֽׁר־אֶֽעֱבֹר֙ אֶת־הַיַּרְדֵּ֔ן אֶל־הָאָ֕רֶץ אֲשֶׁר־יְהוָ֥ה אֱלֹהֵ֖ינוּ נֹתֵ֥ן לָֽנוּ׃ | 29 |
سېئىردا تۇرۇۋاتقان ئەساۋلار، ئاردا تۇرۇۋاتقان موئابىيلار بىزگە مۇئامىلە قىلغاندەك سەنمۇ بىز ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە تەقدىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرگۈچە شۇنداق مۇئامىلە قىلغايسەن» ــ دېدىم. |
וְלֹ֣א אָבָ֗ה סִיחֹן֙ מֶ֣לֶךְ חֶשְׁבּ֔וֹן הַעֲבִרֵ֖נוּ בּ֑וֹ כִּֽי־הִקְשָׁה֩ יְהוָ֨ה אֱלֹהֶ֜יךָ אֶת־רוּח֗וֹ וְאִמֵּץ֙ אֶת־לְבָב֔וֹ לְמַ֛עַן תִּתּ֥וֹ בְיָדְךָ֖ כַּיּ֥וֹם הַזֶּֽה׃ ס | 30 |
لېكىن ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ بىزنىڭ ئۇ يەردىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويغۇسى يوق ئىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ روھ-قەلبىنى قاتتىق، كۆڭلىنى جاھىل قىلىۋەتكەن (بۈگۈنكى ئەھۋال دەرۋەقە شۇنداق). |
וַיֹּ֤אמֶר יְהוָה֙ אֵלַ֔י רְאֵ֗ה הַֽחִלֹּ֙תִי֙ תֵּ֣ת לְפָנֶ֔יךָ אֶת־סִיחֹ֖ן וְאֶת־אַרְצ֑וֹ הָחֵ֣ל רָ֔שׁ לָרֶ֖שֶׁת אֶת־אַרְצֽוֹ׃ | 31 |
پەرۋەردىگار ماڭا: «مانا، مەن ئالدىڭلاردا سىھوننى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە تاپشۇرۇشقا باشلىدىم؛ ئىشنى باشلاڭلار، ئۇنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنى ئىشغال قىلىشقا كىرىشىڭلار» ــ دېدى. |
וַיֵּצֵא֩ סִיחֹ֨ן לִקְרָאתֵ֜נוּ ה֧וּא וְכָל־עַמּ֛וֹ לַמִּלְחָמָ֖ה יָֽהְצָה׃ | 32 |
سىھون دەرۋەقە ئۆزى ۋە بارلىق خەلقى بىز بىلەن قارشىلىشىش ئۈچۈن جەڭ قىلىشقا ياھازغا چىقتى. |
וַֽיִּתְּנֵ֛הוּ יְהוָ֥ה אֱלֹהֵ֖ינוּ לְפָנֵ֑ינוּ וַנַּ֥ךְ אֹת֛וֹ וְאֶת־בנו וְאֶת־כָּל־עַמּֽוֹ׃ | 33 |
لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۇنى بىزنىڭ ئالدىمىزدا قولىمىزغا تاپشۇردى؛ بىز ئۇنىڭ ئۆزىنى، ئوغۇللىرىنى ۋە بارلىق خەلقىنى ئۇرۇپ مەغلۇپ قىلدۇق. |
וַנִּלְכֹּ֤ד אֶת־כָּל־ עָרָיו֙ בָּעֵ֣ת הַהִ֔וא וַֽנַּחֲרֵם֙ אֶת־כָּל־עִ֣יר מְתִ֔ם וְהַנָּשִׁ֖ים וְהַטָּ֑ף לֹ֥א הִשְׁאַ֖רְנוּ שָׂרִֽיד׃ | 34 |
شۇ چاغدا بىز ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىپ ئۇلارنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلدۇق؛ ئۇلاردىكى بارلىق ئەركەك، قىز-ئايال ۋە بالىلارنى بىرىنىمۇ قويماي يوقاتتۇق؛ ئۇلاردىن ھېچقايسىسىنى تىرىك قويمىدۇق. |
רַ֥ק הַבְּהֵמָ֖ה בָּזַ֣זְנוּ לָ֑נוּ וּשְׁלַ֥ל הֶעָרִ֖ים אֲשֶׁ֥ר לָכָֽדְנוּ׃ | 35 |
بىز پەقەت ئۆزلىرىمىز ئۈچۈن چارۋا ماللىرىنى ۋە ئىشغال قىلغان شەھەرلەردىن ئولجا غەنىيمەت ئالدۇق. |
מֵֽעֲרֹעֵ֡ר אֲשֶׁר֩ עַל־שְׂפַת־נַ֨חַל אַרְנֹ֜ן וְהָעִ֨יר אֲשֶׁ֤ר בַּנַּ֙חַל֙ וְעַד־הַגִּלְעָ֔ד לֹ֤א הָֽיְתָה֙ קִרְיָ֔ה אֲשֶׁ֥ר שָׂגְבָ֖ה מִמֶּ֑נּוּ אֶת־הַכֹּ֕ל נָתַ֛ן יְהוָ֥ה אֱלֹהֵ֖ינוּ לְפָנֵֽינוּ׃ | 36 |
ئارنون دەرياسى بويىدىكى ئاروئەردىن ۋە شۇ يەردىكى جىلغىدىكى شەھەردىن تارتىپ گىلېئادقىچە ھېچقانداق شەھەر بىزگە تەڭ كېلەلمىدى؛ پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھەممىسىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. |
רַ֛ק אֶל־אֶ֥רֶץ בְּנֵי־עַמּ֖וֹן לֹ֣א קָרָ֑בְתָּ כָּל־יַ֞ד נַ֤חַל יַבֹּק֙ וְעָרֵ֣י הָהָ֔ר וְכֹ֥ל אֲשֶׁר־צִוָּ֖ה יְהוָ֥ה אֱלֹהֵֽינוּ׃ | 37 |
ھالبۇكى، سىلەر ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىغا، چېگرىسى بولغان پۈتكۈل ياببوك ۋادىسىغا، تاغدىكى شەھەرلەرگە ياكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە مەنئى قىلغان ھەرقايسى يەرگە يېقىنلاشمىدىڭلار. |