בֵּלְשַׁאצַּ֣ר מַלְכָּ֗א עֲבַד֙ לְחֶ֣ם רַ֔ב לְרַבְרְבָנ֖וֹהִי אֲלַ֑ף וְלָקֳבֵ֥ל אַלְפָּ֖א חַמְרָ֥א שָׁתֵֽה׃ | 1 |
بىر كۈنى پادىشاھ بەلشازار ئەمىر-ئېسىلزادىلەردىن مىڭ كىشىنى تەكلىپ قىلىپ كاتتا زىياپەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا شاراب ئىچىپ، ئەيش-ئىشرەت كەيپىنى سۈردى. |
בֵּלְשַׁאצַּ֞ר אֲמַ֣ר ׀ בִּטְעֵ֣ם חַמְרָ֗א לְהַיְתָיָה֙ לְמָאנֵי֙ דַּהֲבָ֣א וְכַסְפָּ֔א דִּ֤י הַנְפֵּק֙ נְבוּכַדְנֶצַּ֣ר אֲב֔וּהִי מִן־הֵיכְלָ֖א דִּ֣י בִירוּשְׁלֶ֑ם וְיִשְׁתּ֣וֹן בְּה֗וֹן מַלְכָּא֙ וְרַבְרְבָנ֔וֹהִי שֵׁגְלָתֵ֖הּ וּלְחֵנָתֵֽהּ׃ | 2 |
پادىشاھ بەلشازار شارابنى تېتىپ كۆرۈپ، ئۆزى، ئەمىر-ئېسىلزادىلىرى، ئۆز خوتۇن-كېنىزەكلىرىنىڭ شارابنى ئاتىسى نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىن ئولجىغا ئالغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان جام-قاچىلاردا ئىچىشىگە، شۇ جام-قاچىلارنى ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى. |
בֵּאדַ֗יִן הַיְתִיו֙ מָאנֵ֣י דַהֲבָ֔א דִּ֣י הַנְפִּ֗קוּ מִן־הֵֽיכְלָ֛א דִּֽי־בֵ֥ית אֱלָהָ֖א דִּ֣י בִירֽוּשְׁלֶ֑ם וְאִשְׁתִּ֣יו בְּה֗וֹן מַלְכָּא֙ וְרַבְרְבָנ֔וֹהִי שֵׁגְלָתֵ֖הּ וּלְחֵנָתֵֽהּ׃ | 3 |
[نەۋكەرلەر] دەرھال بېرىپ خۇدانىڭ يېروسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن ئالتۇن جام-قاچىلارنى ئېلىپ چىقتى؛ پادىشاھنىڭ ئۆزى، ئەمىر-ئېسىلزادىلىرى، ئۇنىڭ خوتۇنلىرى ۋە كېنىزەكلىرى ئۇلاردا شاراب ئىچتى. |
אִשְׁתִּ֖יו חַמְרָ֑א וְ֠שַׁבַּחוּ לֵֽאלָהֵ֞י דַּהֲבָ֧א וְכַסְפָּ֛א נְחָשָׁ֥א פַרְזְלָ֖א אָעָ֥א וְאַבְנָֽא׃ | 4 |
ئۇلار شاراب ئىچكەچ، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيىلەشتى. |
בַּהּ־שַׁעֲתָ֗ה נפקו אֶצְבְּעָן֙ דִּ֣י יַד־אֱנָ֔שׁ וְכָֽתְבָן֙ לָקֳבֵ֣ל נֶבְרַשְׁתָּ֔א עַל־גִּירָ֕א דִּֽי־כְתַ֥ל הֵיכְלָ֖א דִּ֣י מַלְכָּ֑א וּמַלְכָּ֣א חָזֵ֔ה פַּ֥ס יְדָ֖ה דִּ֥י כָתְבָֽה׃ | 5 |
دەل شۇ پەيتتە ئادەم قولىنىڭ بەش بارمىقى پەيدا بولۇپ، چىراغداننىڭ ئۇدۇلىدىكى ئوردىنىڭ تام سۇۋىقىغا خەت يېزىشقا باشلىدى. پادىشاھ خەت يازغان قولنىڭ كۆرۈنگەن قىسمىنى كۆرۈپ، |
אֱדַ֤יִן מַלְכָּא֙ זִיוֺ֣הִי שְׁנ֔וֹהִי וְרַעיֹנֹ֖הִי יְבַהֲלוּנֵּ֑הּ וְקִטְרֵ֤י חַרְצֵהּ֙ מִשְׁתָּרַ֔יִן וְאַ֨רְכֻבָּתֵ֔הּ דָּ֥א לְדָ֖א נָֽקְשָֽׁן׃ | 6 |
چىرايى تاتىرىپ، كۆڭلىدە ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ كەتتى. پۇت-قوللىرى بوشىشىپ، پۇتلىرى تىترەپ كەتتى. |
קָרֵ֤א מַלְכָּא֙ בְּחַ֔יִל לְהֶֽעָלָה֙ לְאָ֣שְׁפַיָּ֔א כשדיא וְגָזְרַיָּ֑א עָנֵ֨ה מַלְכָּ֜א וְאָמַ֣ר ׀ לְחַכִּימֵ֣י בָבֶ֗ל דִּ֣י כָל־אֱ֠נָשׁ דִּֽי־יִקְרֵ֞ה כְּתָבָ֣ה דְנָ֗ה וּפִשְׁרֵהּ֙ יְחַוִּנַּ֔נִי אַרְגְּוָנָ֣א יִלְבַּ֗שׁ והמונכא דִֽי־דַהֲבָא֙ עַֽל־צַוְּארֵ֔הּ וְתַלְתִּ֥י בְמַלְכוּתָ֖א יִשְׁלַֽט׃ ס | 7 |
پادىشاھ قاتتىق ۋارقىراپ، پىر-ئۇستازلار، كالدىيلەر ۋە مۇنەججىملارنى چاقىرىشنى بۇيرۇدى. بابىلدىكى دانىشمەنلەر كەلگەن ھامان پادىشاھ ئۇلارغا: ــ كىمكى تامدىكى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ مەنىسىنى ماڭا دەپ بېرەلىسە، ئۇنىڭغا سۆسۈن رەڭلىك بىر تون كىيگۈزۈلۈپ، بوينىغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىلىپ، پادىشاھلىقتا ئۈچىنچى مەرتىۋە بېرىلىدۇ، ــ دېدى. |
אֱדַ֙יִן֙ עללין כֹּ֖ל חַכִּימֵ֣י מַלְכָּ֑א וְלָֽא־כָהֲלִ֤ין כְּתָבָא֙ לְמִקְרֵ֔א ופשרא לְהוֹדָעָ֥ה לְמַלְכָּֽא׃ | 8 |
پادىشاھنىڭ دانىشمەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئوردىغا ھازىر بولدى؛ لېكىن ئۇلار نە خەتلەرنى ئوقۇيالمايتتى نە پادىشاھقا مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيتتى. |
אֱ֠דַיִן מַלְכָּ֤א בֵלְשַׁאצַּר֙ שַׂגִּ֣יא מִתְבָּהַ֔ל וְזִיוֺ֖הִי שָׁנַ֣יִן עֲל֑וֹהִי וְרַבְרְבָנ֖וֹהִי מִֽשְׁתַּבְּשִֽׁין׃ | 9 |
بەلشازار تېخىمۇ ئالاقزادە بولۇپ، چىرايى تېخىمۇ تاتىرىپ كەتتى. ئەمىر-ئېسىلزادىلەرمۇ قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالدى. |
מַלְכְּתָ֕א לָקֳבֵ֨ל מִלֵּ֤י מַלְכָּא֙ וְרַבְרְבָנ֔וֹהִי לְבֵ֥ית מִשְׁתְּיָ֖א עללת עֲנָ֨ת מַלְכְּתָ֜א וַאֲמֶ֗רֶת מַלְכָּא֙ לְעָלְמִ֣ין חֱיִ֔י אַֽל־יְבַהֲלוּךְ֙ רַעְיוֹנָ֔ךְ וְזִיוָ֖יךְ אַל־יִשְׁתַּנּֽוֹ׃ | 10 |
پادىشاھ ۋە ئەمىر-ئېسىلزادىلەرنىڭ ۋارقىراشقان ئاۋازىنى ئاڭلىغان خانىش زىياپەت زالىغا كىرىپ، پادىشاھقا مۇنداق دېدى: ــ ئى ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا! ئالاقزادە بولۇپ كەتمىگەيلا، چىرايلىرى تاتىراپ كەتمىگەي. |
אִיתַ֨י גְּבַ֜ר בְּמַלְכוּתָ֗ךְ דִּ֠י ר֣וּחַ אֱלָהִ֣ין קַדִּישִׁין֮ בֵּהּ֒ וּבְיוֹמֵ֣י אֲב֗וּךְ נַהִיר֧וּ וְשָׂכְלְתָנ֛וּ וְחָכְמָ֥ה כְּחָכְמַת־אֱלָהִ֖ין הִשְׁתְּכַ֣חַת בֵּ֑הּ וּמַלְכָּ֤א נְבֻֽכַדְנֶצַּר֙ אֲב֔וּךְ רַ֧ב חַרְטֻמִּ֣ין אָֽשְׁפִ֗ין כַּשְׂדָּאִין֙ גָּזְרִ֔ין הֲקִימֵ֖הּ אֲב֥וּךְ מַלְכָּֽא׃ | 11 |
پادىشاھلىقلىرىدا بىر كىشى بار، ئۇنىڭدا مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار، ئاتىلىرى تەختتىكى ۋاقتىدا، بۇ كىشىدە يورۇقلۇق، دانالىق ۋە ئەقىل-پاراسەت، يەنى ئىلاھلارغا خاس ئەقىل-پاراسەت نامايان قىلىنغانىدى. ئاتىلىرى نېبوقادنەسار، يەنى پادىشاھ ئاتىلىرى ئۇنى پۈتۈن رەمچى-پالچىلار، پىر-ئۇستازلار، كالدىيلەر ۋە مۇنەججىملارنىڭ بېشى قىلىپ تەيىنلىگەن. |
כָּל־קֳבֵ֡ל דִּ֣י ר֣וּחַ ׀ יַתִּירָ֡ה וּמַנְדַּ֡ע וְשָׂכְלְתָנ֡וּ מְפַשַּׁ֣ר חֶלְמִין֩ וַֽאַֽחֲוָיַ֨ת אֲחִידָ֜ן וּמְשָׁרֵ֣א קִטְרִ֗ין הִשְׁתְּכַ֤חַת בֵּהּ֙ בְּדָ֣נִיֵּ֔אל דִּֽי־מַלְכָּ֥א שָׂם־שְׁמֵ֖הּ בֵּלְטְשַׁאצַּ֑ר כְּעַ֛ן דָּנִיֵּ֥אל יִתְקְרֵ֖י וּפִשְׁרָ֥ה יְהַֽחֲוֵֽה׃ פ | 12 |
بۇ كىشىدە ئالاھىدە بىر روھىي خۇسۇسىيەت، بىلىم، ھېكمەت، چۈشلەرگە تەبىر بېرەلەيدىغان، تېپىشماقلارنى يېشەلەيدىغان ۋە تۈگۈن-سىرلارنى ئاچالايدىغان قابىلىيەت بار ئىدى. شۇ كىشىنىڭ ئىسمى دانىيال بولۇپ، پادىشاھ ئۇنىڭغا بەلتەشاسار دەپمۇ ئىسىم قويغان. شۇڭا بۇ دانىيال چاقىرتىلسۇن، ئۇ چوقۇم بۇ خەتلەرنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىدۇ. |
בֵּאדַ֙יִן֙ דָּֽנִיֵּ֔אל הֻעַ֖ל קֳדָ֣ם מַלְכָּ֑א עָנֵ֨ה מַלְכָּ֜א וְאָמַ֣ר לְדָנִיֵּ֗אל אנתה ־ה֤וּא דָנִיֵּאל֙ דִּֽי־מִן־בְּנֵ֤י גָלוּתָא֙ דִּ֣י יְה֔וּד דִּ֥י הַיְתִ֛י מַלְכָּ֥א אַ֖בִי מִן־יְהֽוּד׃ | 13 |
شۇنىڭ بىلەن دانىيال پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى، پادىشاھ دانىيالدىن ــ: ــ پادىشاھ ئاتام يەھۇدا ئۆلكىسىدىن سۈرگۈن قىلىپ كەلگەن يەھۇدىيلار ئىچىدىكى ھېلىقى دانىيال سەنمۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، |
וְשִׁמְעֵ֣ת עליך דִּ֛י ר֥וּחַ אֱלָהִ֖ין בָּ֑ךְ וְנַהִיר֧וּ וְשָׂכְלְתָנ֛וּ וְחָכְמָ֥ה יַתִּירָ֖ה הִשְׁתְּכַ֥חַת בָּֽךְ׃ | 14 |
ــ سەن توغرۇلۇق خەۋىرىم بار، سەندە مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى، شۇنداقلا يورۇقلۇق، دانالىق ۋە ئالاھىدە ئەقىل-پاراسەت بار ئىكەن دەپ ئاڭلىدىم. |
וּכְעַ֞ן הֻעַ֣לּוּ קָֽדָמַ֗י חַכִּֽימַיָּא֙ אָֽשְׁפַיָּ֔א דִּֽי־כְתָבָ֤ה דְנָה֙ יִקְר֔וֹן וּפִשְׁרֵ֖הּ לְהוֹדָעֻתַ֑נִי וְלָֽא־כָהֲלִ֥ין פְּשַֽׁר־מִלְּתָ֖א לְהַחֲוָיָֽה׃ | 15 |
ئەمدى دانىشمەنلەر ۋە پىر-ئۇستازلارنى تامدىكى خەتنى ئوقۇپ، مەنىسىنى ماڭا چۈشەندۈرۈپ بەرسۇن دەپ ئالدىمغا چاقىرتىپ كېلىندى؛ لېكىن بۇ ئىشنىڭ سىرىنى ھېچقايسىسى يېشىپ بېرەلمىدى. |
וַאֲנָה֙ שִׁמְעֵ֣ת עליך דִּֽי־תוכל פִּשְׁרִ֛ין לְמִפְשַׁ֖ר וְקִטְרִ֣ין לְמִשְׁרֵ֑א כְּעַ֡ן הֵן֩ תוכל כְּתָבָ֜א לְמִקְרֵ֗א וּפִשְׁרֵהּ֙ לְהוֹדָ֣עֻתַ֔נִי אַרְגְּוָנָ֣א תִלְבַּ֗שׁ והמונכא דִֽי־דַהֲבָא֙ עַֽל־צַוְּארָ֔ךְ וְתַלְתָּ֥א בְמַלְכוּתָ֖א תִּשְׁלַֽט׃ פ | 16 |
بىراق سەن توغرۇلۇق ئاڭلىغانمەنكى، سەن سىرلارنى چۈشەندۈرەلەيدىكەنسەن ۋە تۈگۈنلەرنى يېشەلەيدىكەنسەن. ئەگەر بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلىسەڭ، ساڭا سۆسۈن رەڭلىك تون كىيگۈزۈلىدۇ، بوينۇڭغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىلىدۇ، پادىشاھلىقتا ئۈچىنچى دەرىجىلىك مەرتىۋىگە ئېرىشىسەن، ــ دېدى. |
בֵּאדַ֜יִן עָנֵ֣ה דָנִיֵּ֗אל וְאָמַר֙ קֳדָ֣ם מַלְכָּ֔א מַתְּנָתָךְ֙ לָ֣ךְ לֶֽהֶוְיָ֔ן וּנְבָ֥זְבְּיָתָ֖ךְ לְאָחֳרָ֣ן הַ֑ב בְּרַ֗ם כְּתָבָא֙ אֶקְרֵ֣א לְמַלְכָּ֔א וּפִשְׁרָ֖א אֲהוֹדְעִנֵּֽהּ׃ | 17 |
دانىيال پادىشاھقا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئالىيلىرىنىڭ ئىنئاملىرى ئۆزلىرىدە قالسۇن، مۇكاپاتلىرىنى باشقا كىشىگە بەرگەيلا. ئەمدىلىكتە مەن ئالىيلىرىغا بۇ خەتنى ئوقۇپ، مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەي. |
אנתה מַלְכָּ֑א אֱלָהָא֙ עליא מַלְכוּתָ֤א וּרְבוּתָא֙ וִיקָרָ֣א וְהַדְרָ֔ה יְהַ֖ב לִנְבֻכַדְנֶצַּ֥ר אֲבֽוּךְ׃ | 18 |
ــ ئى ئالىيلىرى، ھەممىدىن ئالىي خۇدا ئاتىلىرى نېبوقادنەسارغا پادىشاھلىق، ئۇلۇغلۇق، شان-شەرەپ ۋە ھەيۋەت بەردى. |
וּמִן־רְבוּתָא֙ דִּ֣י יְהַב־לֵ֔הּ כֹּ֣ל עַֽמְמַיָּ֗א אֻמַיָּא֙ וְלִשָּׁ֣נַיָּ֔א הֲו֛וֹ זאעין וְדָחֲלִ֖ין מִן־קֳדָמ֑וֹהִי דִּֽי־הֲוָ֨ה צָבֵ֜א הֲוָ֣א קָטֵ֗ל וְדִֽי־הֲוָ֤ה צָבֵא֙ הֲוָ֣ה מַחֵ֔א וְדִֽי־הֲוָ֤ה צָבֵא֙ הֲוָ֣ה מָרִ֔ים וְדִֽי־הֲוָ֥ה צָבֵ֖א הֲוָ֥ה מַשְׁפִּֽיל׃ | 19 |
ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئۇلۇغلۇقتىن ھەرقايسى ئەل-يۇرت، ھەرقايسى تائىپىلەر ۋە ھەرخىل تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋملارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەپ قورقۇپ تۇراتتى؛ ئۇ كىمنى خالىسا شۇنى ئۆلتۈرەتتى، كىمنى خالىسا شۇنى تىرىك قوياتتى؛ كىمنى خالىسا شۇنى مەرتىۋىلىك قىلاتتى، كىمنى خالىسا شۇنى پەس قىلاتتى. |
וּכְדִי֙ רִ֣ם לִבְבֵ֔הּ וְרוּחֵ֖הּ תִּֽקְפַ֣ת לַהֲזָדָ֑ה הָנְחַת֙ מִן־כָּרְסֵ֣א מַלְכוּתֵ֔הּ וִֽיקָרָ֖ה הֶעְדִּ֥יוּ מִנֵּֽהּ׃ | 20 |
لېكىن ئۇ كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ، روھ-قەلبىدە مەغرۇرلىنىپ مىجەزى تەرسالىشىپ، پادىشاھلىق تەختىدىن چۈشۈرۈلۈپ، ئىززىتىدىن مەھرۇم قىلىندى. |
וּמִן־בְּנֵי֩ אֲנָשָׁ֨א טְרִ֜יד וְלִבְבֵ֣הּ ׀ עִם־חֵיוְתָ֣א שוי וְעִם־עֲרָֽדַיָּא֙ מְדוֹרֵ֔הּ עִשְׂבָּ֤א כְתוֹרִין֙ יְטַ֣עֲמוּנֵּ֔הּ וּמִטַּ֥ל שְׁמַיָּ֖א גִּשְׁמֵ֣הּ יִצְטַבַּ֑ע עַ֣ד דִּֽי־יְדַ֗ע דִּֽי־שַׁלִּ֞יט אֱלָהָ֤א עליא בְּמַלְכ֣וּת אֲנָשָׁ֔א וּלְמַן־דִּ֥י יִצְבֵּ֖ה יְהָקֵ֥ים עליה׃ | 21 |
ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، ئۇنىڭغا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئەقلى بېرىلدى. ئۇ ياۋا ئېشەكلەر بىلەن بىللە ماكانلىشىپ، كالىلاردەك ئوت-چۆپ يېگۈزۈلدى، تېنى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتتى، تاكى ئۇ ھەممىدىن ئالىي خۇدانىڭ ئىنسان پادىشاھلىقىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ پادىشاھلىقنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان ھەرقانداق كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكۈچە شۇ ھالەتتە بولدى. |
ואנתה בְּרֵהּ֙ בֵּלְשַׁאצַּ֔ר לָ֥א הַשְׁפֵּ֖לְתְּ לִבְבָ֑ךְ כָּל־קֳבֵ֕ל דִּ֥י כָל־דְּנָ֖ה יְדַֽעְתָּ׃ | 22 |
ئەي بەلشازار، نېبوقادنەسارنىڭ ئوغلى تۇرۇپ ئۆزلىرى بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەرلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىنى تۆۋەن قىلمىدىلا. |
וְעַ֣ל מָרֵֽא־שְׁמַיָּ֣א ׀ הִתְרוֹמַ֡מְתָּ וּלְמָֽאנַיָּ֨א דִֽי־בַיְתֵ֜הּ הַיְתִ֣יו קדמיך ואנתה ורברבניך שֵֽׁגְלָתָ֣ךְ וּלְחֵנָתָךְ֮ חַמְרָא֮ שָׁתַ֣יִן בְּהוֹן֒ וְלֵֽאלָהֵ֣י כַסְפָּֽא־וְ֠דַהֲבָא נְחָשָׁ֨א פַרְזְלָ֜א אָעָ֣א וְאַבְנָ֗א דִּ֠י לָֽא־חָזַ֧יִן וְלָא־שָׁמְעִ֛ין וְלָ֥א יָדְעִ֖ין שַׁבַּ֑חְתָּ וְלֵֽאלָהָ֞א דִּֽי־נִשְׁמְתָ֥ךְ בִּידֵ֛הּ וְכָל־אֹרְחָתָ֥ךְ לֵ֖הּ לָ֥א הַדַּֽרְתָּ׃ | 23 |
ئەكسىچە تەكەببۇرلىشىپ ئەرشتىكى رەبگە قارشى تۇردىلا. سىلى ئۇنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىن ئولجا ئالغان جام-قاچىلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئۆزلىرى، ئەمىر-ئېسىلزادىلىرى، ئۆز خوتۇنلىرى ۋە كېنىزەكلىرىمۇ ئۇلاردا شاراب ئىچتىڭلار ئاندىن كۆرمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان ۋە ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدىغان ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيىلىدىلە. ھالبۇكى، سىلىنىڭ نەپەسلىرىنى ئۆز قولىدا تۇتقان ۋە سىلىنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان خۇدانى ئۇلۇغلىمىدىلا. |
בֵּאדַ֙יִן֙ מִן־קֳדָמ֔וֹהִי שְׁלִ֖יַחַ פַּסָּ֣א דִֽי־יְדָ֑א וּכְתָבָ֥א דְנָ֖ה רְשִֽׁים׃ | 24 |
شۇڭا، خۇدا بۇ قولنىڭ كۆرۈنگەن قىسمىنى ئەۋەتىپ بۇ خەتلەرنى يازدۇردى. |
וּדְנָ֥ה כְתָבָ֖א דִּ֣י רְשִׁ֑ים מְנֵ֥א מְנֵ֖א תְּקֵ֥ל וּפַרְסִֽין׃ | 25 |
بۇ خەتلەر: «مېنې، مېنې، تەكەل، ئۇپھارسىن» دېگەندىن ئىبارەت. |
דְּנָ֖ה פְּשַֽׁר־מִלְּתָ֑א מְנֵ֕א מְנָֽה־אֱלָהָ֥א מַלְכוּתָ֖ךְ וְהַשְׁלְמַֽהּ׃ | 26 |
بۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى: ــ «مېنې» ــ خۇدا سىلىنىڭ پادىشاھلىقلىرىنىڭ ھېسابىنى قىلىپ، ئۇنى ئاياغلاشتۇردى. |
תְּקֵ֑ל תְּקִ֥ילְתָּה בְמֹֽאזַנְיָ֖א וְהִשְׁתְּכַ֥חַתְּ חַסִּֽיר׃ | 27 |
«تەكەل» ــ سىلى تارازىدا تارتىلىۋىدىلا، كەم چىقتىلا. |
פְּרֵ֑ס פְּרִיסַת֙ מַלְכוּתָ֔ךְ וִיהִיבַ֖ת לְמָדַ֥י וּפָרָֽס׃ | 28 |
«پەرەس» ــ پادىشاھلىقلىرى پارچىلىنىپ، مېدىئالىقلار بىلەن پارسلارغا تەۋە قىلىندى. |
בֵּאדַ֣יִן ׀ אֲמַ֣ר בֵּלְשַׁאצַּ֗ר וְהַלְבִּ֤ישׁוּ לְדָֽנִיֵּאל֙ אַרְגְּוָנָ֔א והמונכא דִֽי־דַהֲבָ֖א עַֽל־צַוְּארֵ֑הּ וְהַכְרִ֣זֽוּ עֲל֔וֹהִי דִּֽי־לֶהֱוֵ֥א שַׁלִּ֛יט תַּלְתָּ֖א בְּמַלְכוּתָֽא׃ | 29 |
شۇنىڭ بىلەن بەلشازار دەرھال نەۋكەرلىرىگە ئەمر قىلىۋىدى، ئۇلار دانىيالغا سۆسۈن رەڭلىك توننى كىيدۈرۈپ، بوينىغا ئالتۇن زەنجىرنى ئېسىپ قويدى؛ ئۇ ئۇ توغرۇلۇق: «پادىشاھلىق ئىچىدە ئۈچىنچى دەرىجىلىك مەرتىۋىگە ئىگە بولسۇن» دەپ جاكارلىدى. |
בֵּ֚הּ בְּלֵ֣ילְיָ֔א קְטִ֕יל בֵּלְאשַׁצַּ֖ר מַלְכָּ֥א כשדיא׃ פ | 30 |
شۇ كېچە كالدىيلەرنىڭ پادىشاھى بەلشازار ئۆلتۈرۈلدى. |
וְדָרְיָ֙וֶשׁ֙ מָֽדָיָ֔א קַבֵּ֖ל מַלְכוּתָ֑א כְּבַ֥ר שְׁנִ֖ין שִׁתִּ֥ין וְתַרְתֵּֽין׃ | 31 |
پادىشاھلىق بولسا مېدىئالىق دارىئۇسنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئۇ تەخمىنەن ئاتمىش ئىككى ياشتا ئىدى. |