וְאֵ֤לֶּה הָיוּ֙ בְּנֵ֣י דָויִ֔ד אֲשֶׁ֥ר נֽוֹלַד־ל֖וֹ בְּחֶבְר֑וֹן הַבְּכ֣וֹר ׀ אַמְנֹ֗ן לַאֲחִינֹ֙עַם֙ הַיִּזְרְעֵאלִ֔ית שֵׁנִי֙ דָּנִיֵּ֔אל לַאֲבִיגַ֖יִל הַֽכַּרְמְלִֽית׃ | 1 |
داۋۇتنىڭ ھېبروندا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى ئامنون بولۇپ، يىزرەئەللىك ئاخىنوئامدىن بولغان؛ ئىككىنچى ئوغلى دانىيال كارمەللىك ئابىگائىلدىن بولغان؛ |
הַשְּׁלִשִׁי֙ לְאַבְשָׁל֣וֹם בֶּֽן־מַעֲכָ֔ה בַּת־תַּלְמַ֖י מֶ֣לֶךְ גְּשׁ֑וּר הָרְבִיעִ֖י אֲדֹנִיָּ֥ה בֶן־חַגִּֽית׃ | 2 |
ئۈچىنچى ئوغلى ئابشالوم گەشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكاھدىن بولغان؛ تۆتىنچى ئوغلى ئادونىيا بولۇپ، ھاگگىتتىن بولغانىدى؛ |
הַחֲמִישִׁ֥י שְׁפַטְיָ֖ה לַאֲבִיטָ֑ל הַשִּׁשִּׁ֥י יִתְרְעָ֖ם לְעֶגְלָ֥ה אִשְׁתּֽוֹ׃ | 3 |
بەشىنچى ئوغلى شەفاتىيا بولۇپ، ئابىتالدىن بولغانىدى؛ ئالتىنچى ئوغلى ئىترىيام بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى ئەگلاھدىن بولغانىدى. |
שִׁשָּׁה֙ נֽוֹלַד־ל֣וֹ בְחֶבְר֔וֹן וַיִּ֨מְלָךְ־שָׁ֔ם שֶׁ֥בַע שָׁנִ֖ים וְשִׁשָּׁ֣ה חֳדָשִׁ֑ים וּשְׁלֹשִׁ֤ים וְשָׁלוֹשׁ֙ שָׁנָ֔ה מָלַ֖ךְ בִּירוּשָׁלִָֽם׃ ס | 4 |
بۇ ئالتە ئوغۇل داۋۇتتىن ھېبروندا تۆرەلگەن؛ ئۇ ھېبروندا يەتتە يىل ئالتە ئاي، يېرۇسالېمدا بولسا ئوتتۇز ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلغان. |
וְאֵ֥לֶּה נוּלְּדוּ־ל֖וֹ בִּירוּשָׁלָ֑יִם שִׁ֠מְעָא וְשׁוֹבָ֞ב וְנָתָ֤ן וּשְׁלֹמֹה֙ אַרְבָּעָ֔ה לְבַת־שׁ֖וּעַ בַּת־עַמִּיאֵֽל׃ | 5 |
يېرۇسالېمدا ئۇنىڭغا ئاممىيەلنىڭ قىزى بات-شۇئادىن بۇ تۆتەيلەن تۆرەلگەن: ئۇلار شىمىيا، شوباب، ناتان ۋە سۇلايمان ئىدى. |
וְיִבְחָ֥ר וֶאֱלִישָׁמָ֖ע וֶאֱלִיפָֽלֶט׃ | 6 |
يەنە ئىبھار، ئەلىشاما، ئەلىفەلەت، |
וְנֹ֥גַהּ וְנֶ֖פֶג וְיָפִֽיעַ׃ | 7 |
نوگاھ، نەفەگ، يافىيا، |
וֶאֱלִישָׁמָ֧ע וְאֶלְיָדָ֛ע וֶאֱלִיפֶ֖לֶט תִּשְׁעָֽה׃ | 8 |
ئەلىشاما، ئەلىيادا، ئەلىفەلەت قاتارلىق توققۇز ئوغۇل بولغان. |
כֹּ֖ל בְּנֵ֣י דָוִ֑יד מִלְּבַ֥ד בְּֽנֵי־פִֽילַגְשִׁ֖ים וְתָמָ֥ר אֲחוֹתָֽם׃ פ | 9 |
بۇلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى؛ ئۇنىڭدىن باشقا توقاللىرىدىن بولغان ئوغۇللار بار ئىدى؛ تامار ئۇلارنىڭ سىڭلىسى ئىدى. |
וּבֶן־שְׁלֹמֹ֖ה רְחַבְעָ֑ם אֲבִיָּ֥ה בְנ֛וֹ אָסָ֥א בְנ֖וֹ יְהוֹשָׁפָ֥ט בְּנֽוֹ׃ | 10 |
سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئام، رەھوبوئامنىڭ ئوغلى ئابىيا، ئابىيانىڭ ئوغلى ئاسا، ئاسانىڭ ئوغلى يەھوشافات، |
יוֹרָ֥ם בְּנ֛וֹ אֲחַזְיָ֥הוּ בְנ֖וֹ יוֹאָ֥שׁ בְּנֽוֹ׃ | 11 |
يەھوشافاتنىڭ ئوغلى يورام، يورامنىڭ ئوغلى ئاھازىيا، ئاھازىيانىڭ ئوغلى يوئاش، |
אֲמַצְיָ֧הוּ בְנ֛וֹ עֲזַרְיָ֥ה בְנ֖וֹ יוֹתָ֥ם בְּנֽוֹ׃ | 12 |
يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازىيا، ئامازىيانىڭ ئوغلى ئازارىيا، ئازارىيانىڭ ئوغلى يوتام، |
אָחָ֥ז בְּנ֛וֹ חִזְקִיָּ֥הוּ בְנ֖וֹ מְנַשֶּׁ֥ה בְנֽוֹ׃ | 13 |
يوتامنىڭ ئوغلى ئاھاز، ئاھازنىڭ ئوغلى ھەزەكىيا، ھەزەكىيانىڭ ئوغلى ماناسسەھ، |
אָמ֥וֹן בְּנ֖וֹ יֹאשִׁיָּ֥הוּ בְנֽוֹ׃ | 14 |
ماناسسەھنىڭ ئوغلى ئامون، ئاموننىڭ ئوغلى يوسىيا ئىدى. |
וּבְנֵי֙ יֹאשִׁיָּ֔הוּ הַבְּכוֹר֙ יוֹחָנָ֔ן הַשֵּׁנִ֖י יְהוֹיָקִ֑ים הַשְּׁלִשִׁי֙ צִדְקִיָּ֔הוּ הָרְבִיעִ֖י שַׁלּֽוּם׃ | 15 |
يوسىيانىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى يوھانان، ئىككىنچى ئوغلى يەھوئاكىم، ئۈچىنچى ئوغلى زەدەكىيا، تۆتىنچى ئوغلى شاللۇم ئىدى. |
וּבְנֵ֖י יְהוֹיָקִ֑ים יְכָנְיָ֥ה בְנ֖וֹ צִדְקִיָּ֥ה בְנֽוֹ׃ | 16 |
يەھوئاكىمنىڭ ئوغۇللىرى: ئوغلى يەكونىياھ بىلەن ئوغلى زەدەكىيا. |
וּבְנֵי֙ יְכָנְיָ֣ה אַסִּ֔ר שְׁאַלְתִּיאֵ֖ל בְּנֽוֹ׃ | 17 |
سۈرگۈن قىلىنغان يەكونىياھنىڭ ئوغۇللىرى: ــ شېئالتىئەل ئۇنىڭ ئوغلى ئىدى؛ |
וּמַלְכִּירָ֥ם וּפְדָיָ֖ה וְשֶׁנְאַצַּ֑ר יְקַמְיָ֥ה הוֹשָׁמָ֖ע וּנְדַבְיָֽה׃ | 18 |
يەنە مالقىرام، پەداياھ، شەناززار، يەكامىيا، ھوشاما ۋە نەبادىيا ئىدى. |
וּבְנֵ֣י פְדָיָ֔ה זְרֻבָּבֶ֖ל וְשִׁמְעִ֑י וּבֶן־זְרֻבָּבֶל֙ מְשֻׁלָּ֣ם וַחֲנַנְיָ֔ה וּשְׁלֹמִ֖ית אֲחוֹתָֽם׃ | 19 |
پەداياھنىڭ ئوغۇللىرى زەرۇببابەل بىلەن شىمەي ئىدى؛ زەرۇببابەلنىڭ پەرزەنتلىرى: ــ مەشۇللام بىلەن ھانانىيا ۋە ئۇلارنىڭ سىڭلىسى شېلومىت ئىدى؛ |
וַחֲשֻׁבָ֡ה וָ֠אֹהֶל וּבֶרֶכְיָ֧ה וַֽחֲסַדְיָ֛ה י֥וּשַׁב חֶ֖סֶד חָמֵֽשׁ׃ | 20 |
ئۇنىڭ يەنە ھاشۇباھ، ئوھەل، بەرەكىيا، ھاسادىيا، يۇشاب-ھەسەد قاتارلىق بەش ئوغلى بار ئىدى. |
וּבֶן־חֲנַנְיָ֖ה פְּלַטְיָ֣ה וִישַֽׁעְיָ֑ה בְּנֵ֤י רְפָיָה֙ בְּנֵ֣י אַרְנָ֔ן בְּנֵ֥י עֹבַדְיָ֖ה בְּנֵ֥י שְׁכַנְיָֽה׃ ס | 21 |
ھانانىيانىڭ ئوغۇللىرى پىلاتىيا ۋە يەشايا ئىدى؛ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يەنە رېفايانىڭ ئوغۇللىرى، ئارناننىڭ ئوغۇللىرى، ئوبادىيانىڭ ئوغۇللىرى ۋە شېكانىيانىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. |
וּבְנֵ֥י שְׁכַנְיָ֖ה שְׁמַעְיָ֑ה וּבְנֵ֣י שְׁמַעְיָ֗ה חַטּ֡וּשׁ וְ֠יִגְאָל וּבָרִ֧יחַ וּנְעַרְיָ֛ה וְשָׁפָ֖ט שִׁשָּֽׁה׃ | 22 |
شېكانىيانىڭ ئەۋلادلىرى مۇنۇلار: ئۇنىڭ ئوغلى شېمايا؛ شېمايانىڭ ئوغۇللىرى ھاتتۇش، يىگېئال، بارىيا، نېئارىيا، شافات بولۇپ جەمئىي ئالتە ئىدى. |
וּבֶן־נְעַרְיָ֗ה אֶלְיוֹעֵינַ֧י וְחִזְקִיָּ֛ה וְעַזְרִיקָ֖ם שְׁלֹשָֽׁה׃ | 23 |
نېئارىيانىڭ ئوغۇللىرى ئەليويىناي، ھەزەكىيا، ئازرىكام بولۇپ جەمئىي ئۈچ ئىدى. |
וּבְנֵ֣י אֶלְיוֹעֵינַ֗י הדיוהו וְאֶלְיָשִׁ֡יב וּפְלָיָ֡ה וְ֠עַקּוּב וְיוֹחָנָ֧ן וּדְלָיָ֛ה וַעֲנָ֖נִי שִׁבְעָֽה׃ ס | 24 |
ئەليويىناينىڭ ئوغۇللىرى خوداۋىيا، ئەلىياشىب، پەلايا، ئاككۇب، يوھانان، دېلايا، ئانانى بولۇپ جەمئىي يەتتە ئىدى. |