וּבְנֵ֣י יִשְׂרָאֵ֣ל ׀ לְֽמִסְפָּרָ֡ם רָאשֵׁ֣י הָאָב֣וֹת וְשָׂרֵ֣י הָֽאֲלָפִ֣ים ׀ וְהַמֵּא֡וֹת וְשֹׁטְרֵיהֶם֩ הַמְשָׁרְתִ֨ים אֶת־הַמֶּ֜לֶךְ לְכֹ֣ל ׀ דְּבַ֣ר הַֽמַּחְלְק֗וֹת הַבָּאָ֤ה וְהַיֹּצֵאת֙ חֹ֣דֶשׁ בְּחֹ֔דֶשׁ לְכֹ֖ל חָדְשֵׁ֣י הַשָּׁנָ֑ה הַֽמַּחֲלֹ֙קֶת֙ הָֽאַחַ֔ת עֶשְׂרִ֥ים וְאַרְבָּעָ֖ה אָֽלֶף׃ ס | 1 |
تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللار ئىچىدە پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە ھەربىي قىسىملارغا مەسئۇل بولغان ھەرقايسى جەمەت باشلىرى، مىڭبېشى، يۈزبېشى ۋە بارلىق مەنسەپدارلار ئىدى. ئۇلار سانىغا قاراپ قىسىملارغا بۆلۈنگەنىدى. ئۇلار ھەر يىلى ئاي بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇراتتى، ھەر قىسىمدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. |
עַ֞ל הַמַּחֲלֹ֤קֶת הָרִֽאשׁוֹנָה֙ לַחֹ֣דֶשׁ הָרִאשׁ֔וֹן יָֽשָׁבְעָ֖ם בֶּן־זַבְדִּיאֵ֑ל וְעַל֙ מַֽחֲלֻקְתּ֔וֹ עֶשְׂרִ֥ים וְאַרְבָּעָ֖ה אָֽלֶף׃ | 2 |
بىرىنچى ئايدىكى بىرىنچى نۆۋەتچى قوشۇنغا زابدىيەلنىڭ ئوغلى ياشوبىئام مەسئۇل بولغان، ئۇنىڭ ئاشۇ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. |
מִן־בְּנֵי־פֶ֗רֶץ הָרֹ֛אשׁ לְכָל־שָׂרֵ֥י הַצְּבָא֖וֹת לַחֹ֥דֶשׁ הָרִאשֽׁוֹן׃ | 3 |
ئۇ پەرەز ئەۋلادلىرىدىن بولۇپ، بىرىنچى ئايدىكى ئاشۇ قوشۇن قىسمىنىڭ سەردارلىرىنى باشقۇراتتى. |
וְעַ֞ל מַחֲלֹ֣קֶת ׀ הַחֹ֣דֶשׁ הַשֵּׁנִ֗י דּוֹדַ֤י הָאֲחוֹחִי֙ וּמַ֣חֲלֻקְתּ֔וֹ וּמִקְל֖וֹת הַנָּגִ֑יד וְעַל֙ מַחֲלֻקְתּ֔וֹ עֶשְׂרִ֥ים וְאַרְבָּעָ֖ה אָֽלֶף׃ ס | 4 |
ئىككىنچى ئايدىكى نۆۋەتچى قوشۇنغا مەسئۇل كىشى ئاھوھلۇق دوداي بولۇپ، ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ ئورۇنباسار سەردارى مىكلوت بار ئىدى؛ بۇ قىسىمدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. |
שַׂ֣ר הַצָּבָ֤א הַשְּׁלִישִׁי֙ לַחֹ֣דֶשׁ הַשְּׁלִישִׁ֔י בְּנָיָ֧הוּ בֶן־יְהוֹיָדָ֛ע הַכֹּהֵ֖ן רֹ֑אשׁ וְעַל֙ מַחֲלֻקְתּ֔וֹ עֶשְׂרִ֥ים וְאַרְבָּעָ֖ה אָֽלֶף׃ | 5 |
ئۈچىنچى ئايدىكى ئۈچىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى كاھىن يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئاشۇ قوشۇنىغا باش بولۇپ، ئۇنىڭدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. |
ה֧וּא בְנָיָ֛הוּ גִּבּ֥וֹר הַשְּׁלֹשִׁ֖ים וְעַל־הַשְּׁלֹשִׁ֑ים וּמַ֣חֲלֻקְתּ֔וֹ עַמִּיזָבָ֖ד בְּנֽוֹ׃ ס | 6 |
بۇ بىنايا «ئوتتۇز پالۋان»نىڭ بىرى بولۇپ، ئاشۇ ئوتتۇز ئادەمنى باشقۇراتتى؛ ئۇنىڭ قىسمىدا يەنە ئۇنىڭ ئوغلى ئاممىزاباد بار ئىدى. |
הָֽרְבִיעִ֞י לַחֹ֣דֶשׁ הָרְבִיעִ֗י עֲשָׂה־אֵל֙ אֲחִ֣י יוֹאָ֔ב וּזְבַדְיָ֥ה בְנ֖וֹ אַחֲרָ֑יו וְעַל֙ מַחֲלֻקְתּ֔וֹ עֶשְׂרִ֥ים וְאַרְבָּעָ֖ה אָֽלֶף׃ ס | 7 |
تۆتىنچى ئايدىكى تۆتىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى يوئابنىڭ ئىنىسى ئاساھەل ئىدى؛ ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى زەبادىيا ئۇنىڭ ئورنىنى باستى. ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. |
הַחַמִישִׁי֙ לַחֹ֣דֶשׁ הַחֲמִישִׁ֔י הַשַּׂ֖ר שַׁמְה֣וּת הַיִּזְרָ֑ח וְעַל֙ מַחֲלֻקְתּ֔וֹ עֶשְׂרִ֥ים וְאַרְבָּעָ֖ה אָֽלֶף׃ ס | 8 |
بەشىنچى ئايدىكى بەشىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى ئىزراھلىق شامخۇت ئىدى، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. |
הַשִּׁשִּׁי֙ לַחֹ֣דֶשׁ הַשִּׁשִּׁ֔י עִירָ֥א בֶן־עִקֵּ֖שׁ הַתְּקוֹעִ֑י וְעַל֙ מַחֲלֻקְתּ֔וֹ עֶשְׂרִ֥ים וְאַרְבָּעָ֖ה אָֽלֶף׃ ס | 9 |
ئالتىنچى ئايدىكى ئالتىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى تەكوئالىق ئىككەشنىڭ ئوغلى ئىرا ئىدى، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. |
הַשְּׁבִיעִי֙ לַחֹ֣דֶשׁ הַשְּׁבִיעִ֔י חֶ֥לֶץ הַפְּלוֹנִ֖י מִן־בְּנֵ֣י אֶפְרָ֑יִם וְעַל֙ מַחֲלֻקְתּ֔וֹ עֶשְׂרִ֥ים וְאַרְבָּעָ֖ה אָֽלֶף׃ ס | 10 |
يەتتىنچى ئايدىكى يەتتىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى ئەفرائىم ئەۋلادلىرى ئىچىدىكى پىلونلۇق ھەلەز بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. |
הַשְּׁמִינִי֙ לַחֹ֣דֶשׁ הַשְּׁמִינִ֔י סִבְּכַ֥י הַחֻשָׁתִ֖י לַזַּרְחִ֑י וְעַל֙ מַחֲלֻקְתּ֔וֹ עֶשְׂרִ֥ים וְאַרְבָּעָ֖ה אָֽלֶף׃ ס | 11 |
سەككىزىنچى ئايدىكى سەككىزىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى زەراھ جەمەتىدىكى خۇشاتلىق سىببىكاي بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. |
הַתְּשִׁיעִי֙ לַחֹ֣דֶשׁ הַתְּשִׁיעִ֔י אֲבִיעֶ֥זֶר הָעַנְּתֹתִ֖י לבנימיני וְעַל֙ מַחֲלֻקְתּ֔וֹ עֶשְׂרִ֥ים וְאַרְבָּעָ֖ה אָֽלֶף׃ ס | 12 |
توققۇزىنچى ئايدىكى توققۇزىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى بىنيامىن قەبىلىسىدىكى ئاناتوتلۇق ئابىئەزەر بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. |
הָעֲשִׂירִי֙ לַחֹ֣דֶשׁ הָעֲשִׂירִ֔י מַהְרַ֥י הַנְּטֽוֹפָתִ֖י לַזַּרְחִ֑י וְעַל֙ מַֽחֲלֻקְתּ֔וֹ עֶשְׂרִ֥ים וְאַרְבָּעָ֖ה אָֽלֶף׃ ס | 13 |
ئونىنچى ئايدىكى ئونىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى زەراھ جەمەتىدىكى نىتوفاتلىق ماھاراي بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. |
עַשְׁתֵּֽי־עָשָׂר֙ לְעַשְׁתֵּ֣י־עָשָׂ֣ר הַחֹ֔דֶשׁ בְּנָיָ֥ה הַפִּרְעָתוֹנִ֖י מִן־בְּנֵ֣י אֶפְרָ֑יִם וְעַל֙ מַחֲלֻקְתּ֔וֹ עֶשְׂרִ֥ים וְאַרְבָּעָ֖ה אָֽלֶף׃ ס | 14 |
ئون بىرىنچى ئايدىكى ئون بىرىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى ئەفرائىم قەبىلىسىدىكى پىراتونلۇق بىنايا بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. |
הַשְּׁנֵ֤ים עָשָׂר֙ לִשְׁנֵ֣ים עָשָׂ֣ר הַחֹ֔דֶשׁ חֶלְדַּ֥י הַנְּטוֹפָתִ֖י לְעָתְנִיאֵ֑ל וְעַל֙ מַחֲלֻקְתּ֔וֹ עֶשְׂרִ֥ים וְאַרְבָּעָ֖ה אָֽלֶף׃ פ | 15 |
ئون ئىككىنچى ئايدىكى ئون ئىككىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى ئوتنىيەل جەمەتىدىكى نىتوفاتلىق ھەلداي بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. |
וְעַל֙ שִׁבְטֵ֣י יִשְׂרָאֵ֔ל לָרֽאוּבֵנִ֣י נָגִ֔יד אֱלִיעֶ֖זֶר בֶּן־זִכְרִ֑י ס לַשִּׁ֨מְעוֹנִ֔י שְׁפַטְיָ֖הוּ בֶּֽן־מַעֲכָֽה׃ ס | 16 |
ئىسرائىلنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى ئىدارە قىلىپ كەلگەنلەر تۆۋەندىكىلەر: رۇبەنىيلار ئۈچۈن زىكرىنىڭ ئوغلى ئەلىئېزەر قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ شىمېئونىيلار ئۈچۈن قەبىلە باشلىقى مائاكاھنىڭ ئوغلى شەفاتىيا؛ |
לְלֵוִ֛י חֲשַׁבְיָ֥ה בֶן־קְמוּאֵ֖ל לְאַהֲרֹ֥ן צָדֽוֹק׃ ס | 17 |
لاۋىي قەبىلىسى ئۈچۈن كەمۇئەلنىڭ ئوغلى ھاسابىيا قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ ھارۇنىيلار ئۈچۈن جەمەت بېشى زادوك؛ |
לִֽיהוּדָ֕ה אֱלִיה֖וּ מֵאֲחֵ֣י דָוִ֑יד לְיִ֨שָׂשכָ֔ר עָמְרִ֖י בֶּן־מִיכָאֵֽל׃ ס | 18 |
يەھۇدا قەبىلىسى ئۈچۈن داۋۇتنىڭ ئاكىسى ئېلىخۇ قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ ئىسساكارىيلار ئۈچۈن مىكائىلنىڭ ئوغلى ئومرى قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ |
לִזְבוּלֻ֕ן יִֽשְׁמַֽעְיָ֖הוּ בֶּן־עֹבַדְיָ֑הוּ לְנַ֨פְתָּלִ֔י יְרִימ֖וֹת בֶּן־עַזְרִיאֵֽל׃ ס | 19 |
زەبۇلۇنىيلار ئۈچۈن ئوبادىيانىڭ ئوغلى يىشمايا قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ نافتالى قەبىلىسى ئۈچۈن ئازرىيەلنىڭ ئوغلى يەرىموت قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ |
לִבְנֵ֣י אֶפְרַ֔יִם הוֹשֵׁ֖עַ בֶּן־עֲזַזְיָ֑הוּ לַחֲצִי֙ שֵׁ֣בֶט מְנַשֶּׁ֔ה יוֹאֵ֖ל בֶּן־פְּדָיָֽהוּ׃ ס | 20 |
ئەفرائىمىيلار ئۈچۈن ئازازىيانىڭ ئوغلى ھوشىيا قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى ئۈچۈن پىدايانىڭ ئوغلى يوئېل قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ |
לַחֲצִ֤י הַֽמְנַשֶּׁה֙ גִּלְעָ֔דָה יִדּ֖וֹ בֶּן־זְכַרְיָ֑הוּ ס לְבִנְיָמִ֔ן יַעֲשִׂיאֵ֖ל בֶּן־אַבְנֵֽר׃ ס | 21 |
گىلېئادتا ماكانلاشقان ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى ئۈچۈن زەكەرىيانىڭ ئوغلى ئىددو قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ بىنيامىن قەبىلىسى ئۈچۈن ئابنەرنىڭ ئوغلى يائاسىيەل قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ |
לְדָ֕ן עֲזַרְאֵ֖ל בֶּן־יְרֹחָ֑ם אֵ֕לֶּה שָׂרֵ֖י שִׁבְטֵ֥י יִשְׂרָאֵֽל׃ | 22 |
دان قەبىلىسى ئۈچۈن يەروھامنىڭ ئوغلى ئازارەل قەبىلە باشلىقى ئىدى. يۇقىرىدىكىلەر ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئۈچۈن قەبىلە باشلىقى ئىدى. |
וְלֹא־נָשָׂ֤א דָוִיד֙ מִסְפָּרָ֔ם לְמִבֶּ֛ן עֶשְׂרִ֥ים שָׁנָ֖ה וּלְמָ֑טָּה כִּ֚י אָמַ֣ר יְהוָ֔ה לְהַרְבּ֥וֹת אֶת־יִשְׂרָאֵ֖ל כְּכוֹכְבֵ֥י הַשָּׁמָֽיִם׃ | 23 |
داۋۇت ئىسرائىللار ئىچىدە يىگىرمە ياشتىن تۆۋەنلەرنى تىزىملىمىغان؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ سانىنى ئاسماندىكى يۇلتۇزدەك كۆپ قىلىمەن دېگەنىدى. |
יוֹאָ֨ב בֶּן־צְרוּיָ֜ה הֵחֵ֤ל לִמְנוֹת֙ וְלֹ֣א כִלָּ֔ה וַיְהִ֥י בָזֹ֛את קֶ֖צֶף עַל־יִשְׂרָאֵ֑ל וְלֹ֤א עָלָה֙ הַמִּסְפָּ֔ר בְּמִסְפַּ֥ר דִּבְרֵֽי־הַיָּמִ֖ים לַמֶּ֥לֶךְ דָּוִֽיד׃ ס | 24 |
زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب سانىنى ئېلىشقا كىرىشكەن، لېكىن تۈگىمىگەن؛ چۈنكى مۇشۇ ئىش ۋەجىدىن [خۇدانىڭ] غەزىپى ئىسرائىللارنىڭ بېشىغا ياغدۇرۇلغان؛ شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللارنىڭ سانى «داۋۇت پادىشاھنىڭ يىلنامىلىرى» دېگەن خاتىرىگە كىرگۈزۈلمىگەن. |
וְעַל֙ אֹצְר֣וֹת הַמֶּ֔לֶךְ עַזְמָ֖וֶת בֶּן־עֲדִיאֵ֑ל ס וְעַ֣ל הָֽאֹצָר֡וֹת בַּשָּׂדֶ֞ה בֶּעָרִ֤ים וּבַכְּפָרִים֙ וּבַמִּגְדָּל֔וֹת יְהוֹנָתָ֖ן בֶּן־עֻזִּיָּֽהוּ ׃ ס | 25 |
پادىشاھنىڭ ئامبار-خەزىنىلىرىنى باشقۇرغۇچى ئادىيەلنىڭ ئوغلى ئازماۋەت ئىدى؛ دالا، شەھەر، يېزا-كەنت ۋە مۇنارلاردىكى ئامبار-خەزىنىلەرنى باشقۇرغۇچى ئۇززىيانىڭ ئوغلى يوناتان ئىدى. |
וְעַ֗ל עֹשֵׂי֙ מְלֶ֣אכֶת הַשָּׂדֶ֔ה לַעֲבֹדַ֖ת הָאֲדָמָ֑ה עֶזְרִ֖י בֶּן־כְּלֽוּב׃ | 26 |
ئېتىز-ئېرىقلاردا تېرىقچىلىق قىلغۇچىلارنى باشقۇرغۇچى كېلۇبنىڭ ئوغلى ئەزرى ئىدى؛ |
וְעַל־הַ֨כְּרָמִ֔ים שִׁמְעִ֖י הָרָֽמָתִ֑י וְעַ֤ל שֶׁבַּכְּרָמִים֙ לְאֹצְר֣וֹת הַיַּ֔יִן זַבְדִּ֖י הַשִּׁפְמִֽי׃ ס | 27 |
ئۈزۈمزارلىقلارنى باشقۇرغۇچى راماھلىق شىمەي؛ ئۈزۈمزارلىقلاردىكى شاراب ئامبارلىرىنى باشقۇرغۇچى شىفمىلىق زابدى؛ |
וְעַל־הַזֵּיתִ֤ים וְהַשִּׁקְמִים֙ אֲשֶׁ֣ר בַּשְּׁפֵלָ֔ה בַּ֥עַל חָנָ֖ן הַגְּדֵרִ֑י ס וְעַל־אֹצְר֥וֹת הַשֶּׁ֖מֶן יוֹעָֽשׁ׃ ס | 28 |
شەفەلاھ تۈزلەڭلىكىدىكى زەيتۇن ۋە ئۈجمە دەرەخلىرىنى باشقۇرغۇچى گەدەرلىك بائال-ھانان ئىدى؛ ماي ئامبارلىرىنى باشقۇرغۇچى يوئاش؛ |
וְעַל־הַבָּקָר֙ הָרֹעִ֣ים בַּשָּׁר֔וֹן שטרי הַשָּׁרוֹנִ֑י וְעַל־הַבָּקָר֙ בָּֽעֲמָקִ֔ים שָׁפָ֖ט בֶּן־עַדְלָֽי׃ ס | 29 |
شاروندا بېقىلىدىغان كالا پادىلىرىنى باشقۇرغۇچى شارونلۇق سىتراي؛ جىلغىلاردىكى كالا پادىلىرىنى باشقۇرغۇچى ئادلاينىڭ ئوغلى شافات؛ |
וְעַל־הַ֨גְּמַלִּ֔ים אוֹבִ֖יל הַיִּשְׁמְעֵלִ֑י וְעַל־הָ֣אֲתֹנ֔וֹת יֶחְדְּיָ֖הוּ הַמֵּרֹנֹתִֽי׃ ס | 30 |
تۆگىلەرنى باشقۇرغۇچى ئىسمائىللاردىن ئوبىل؛ ئېشەكلەرنى باشقۇرغۇچى مىرونوتلۇق يەھدىيا؛ |
וְעַל־הַצֹּ֖אן יָזִ֣יז הַֽהַגְרִ֑י כָּל־אֵ֙לֶּה֙ שָׂרֵ֣י הָרְכ֔וּשׁ אֲשֶׁ֖ר לַמֶּ֥לֶךְ דָּוִֽיד׃ | 31 |
قوي پادىلىرىنى باشقۇرغۇچى خاگارلىق يازىز ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى داۋۇت پادىشاھنىڭ مال-مۈلكىنى باشقۇرغۇچى ئەمەلدارلار ئىدى. |
וִֽיהוֹנָתָ֤ן דּוֹד־דָּוִיד֙ יוֹעֵ֔ץ אִישׁ־מֵבִ֥ין וְסוֹפֵ֖ר ה֑וּא וִֽיחִיאֵ֥ל בֶּן־חַכְמוֹנִ֖י עִם־בְּנֵ֥י הַמֶּֽלֶךְ׃ | 32 |
داۋۇتنىڭ تاغىسى يوناتان مەسلىھەتچى بولۇپ، دانىشمەن ھەم تەۋرات خەتتاتچىسى ئىدى؛ خاقمونىنىڭ ئوغلى يەھىيەل پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۇستازى ئىدى. |
וַאֲחִיתֹ֖פֶל יוֹעֵ֣ץ לַמֶּ֑לֶךְ ס וְחוּשַׁ֥י הָאַרְכִּ֖י רֵ֥עַ הַמֶּֽלֶךְ׃ | 33 |
ئاھىتوفەلمۇ پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى؛ ئاركلىق ھۇشاي پادىشاھنىڭ جان دوستى ئىدى. |
וְאַחֲרֵ֣י אֲחִיתֹ֗פֶל יְהוֹיָדָ֤ע בֶּן־בְּנָיָ֙הוּ֙ וְאֶבְיָתָ֔ר וְשַׂר־צָבָ֥א לַמֶּ֖לֶךְ יוֹאָֽב׃ פ | 34 |
ئاھىتوفەلدىن كېيىن بىنايانىڭ ئوغلى يەھويادا بىلەن ئابىياتار ئۇنىڭ ئورنىغا مەسلىھەتچى بولدى؛ يوئاب پادىشاھنىڭ قوشۇن سەردارى ئىدى. |